ئەل ئارىسىدىكى خوتەن قاشلىرىنى پەرىقلەندۈرۈش ئۇسۇللىرى
ئەقىدە قاشگەرلىكى شىركىتىدىن ئابلىكىم ئاۋۇت تەرجىمىسى
خەلقىمىز ئارىسىدا خوتەن قاشلىرىنى پەرىقلەندۈرۈشنىڭ ناھايتى كۆپ ئۇسۇللىرى بار بولۇپ،بۇ چارە-ئاماللارنى ئاتاش ئۇسۇلىمۇ ئوخشىمايدۇ.ئەمما ئاساسىي ئۇسۇل يەنىلا بىردەك.تۆۋەندە خوتەن قاشلىرىنى پەرىقلەندۈرۈشنىڭ بىر نەچچە تۈرلۈك ئۇسۇلىنى تۇنۇشتۇرىمىز :
1 . سۈزۈك سۇ بىلەن پەرىقلەندۈرۈش ئۇسۇلى
بىر تامچە سۇنى قاشتېشىنىڭ ئۈستىگە تېمىتىمىز.ئەگەر سۇ شارچە ھالەتتە سىڭمەي ئۇزۇن تۇرسا قاشتېشىنىڭ سۈپىتى ياخشى بولىدۇ.ئەكسىچە سۇ ناھايتى تىزلا سىڭىپ كەتسە بۇ سۈپەتسىز قاشتېشى ياكى باشقا تاش ھىساپلىنىدۇ.چۈنكى قاشتېشىنىڭ جۈملىدىن خوتەن قاشلىرىنىڭ زىچلىقى ئىنتايىن يۇقۇرى بولۇپ،سۇنى ئاسان شۈمۈرمەيدۇ.ئادەتتىكى تاشلارنىڭ زىچلىقى شالاڭ بولغاچقا سۇنى تېز شۈمۈرىدۇ.
2 . قولغا ئېلىپ دىتلاش ئۇسۇلى
خوتەن قاشلىرىنى قولغا ئېلىپ ئېغىرلىقىنى دىتلىغاندا قولنى باسىدۇ.چۈنكى خوتەن قاشلىرىنىڭ زىچلىقى ئىنتايىن يۇقۇرى بولۇپ،ئوخشاش چوڭلۇقتىكى خوتەن قاش بىلەن ئادەتتىكى تاشنى سېلىشتۇرغاندا ،ئادەتتىكى تاشقا نىسپەتەن خوتەن قاش ئېغىر بىلىنىدۇ.سۈپەتلىك قاشتېشىنى قولدا ھىمىرىپ سىلىغاندا ياكى يۈزگە سۈرتكەندە سوغاق،سىلىق بىلىنىدۇ.ئادەتتىكى تاشلار سوغاق بىلىنمەيدۇ.
3.يۇرۇقلۇق ( نۇر ) ئارقىلىق پەرىقلەندۈرۈش ئۇسۇلى
ھىچقانداق تەجىربە بولمىغان ئەھۋال ئاستىدا خوتەن قاشلىرىنى يۇرۇقلۇققا تۇتۇپ پەرىقلەندۈرىمىز.قۇياش نۇرى،چىراق نۇرى ياكى نۇرى كۈچلۈك بولغان قول چىراق بىلەن تەپسىلى قارايمىز.ئەگەر قاشتېشى نۇر ئۆتكۈزۈشچان بولۇپ،ھەممە يېرى تەكشى يۇرىسا ،ئىچكى قىسىمىدا ئاق-قارا داغلار بولمىسا ئاساسەن سۈپەتلىك قاشتېشى ھىساپلىنىدۇ.
( نۇرنىڭ ياردىمىگە تايىنىش -قاشتېشىنىڭ سۈپىتىنى پەرىقلەندۈرۈشتە چۇقۇم بېسىپ ئۈتىدىغان بىر جەريان.ئەمما سۈپەتلىك ،ھەقىقىي قارا قاش نۇر ئۆتكۈزمەيدۇ،ئەكسىچە قاشتېشى ئائىلىسىگە تەۋە بولمىغان بىر قىسىم پاقىراق تاشلار ئىنتايىن كۈچلۈك نۇر ئۆتكۈزىدۇ.شۇڭا نۇر ئارقىلىق پەرىقلەندۈرۈشتە نۇر ئۆتكۈزسىلا قاشتېشى دەپ جەزىم قىلىشقا بولمايدۇ.-تەرجىماندىن )
4 . يالاش ئۇسۇلى
تىل بىلەن خوتەن قاشلىرىىنى يالىغاندا قاشتېشى تىلنى قۇرۇيدۇ.ئادەتتىكى تاشلار تىلنى قۇرىمايدۇ.
5 . چوڭايتىش ئەينىكى بىلەن كۈرۈش ئۇسۇلى
چوڭايتىش ئەينىكى بىلەن كۈزەتكەندە قاشتېشىدا يېرىقچە،دەز،چاكلارنىڭ بار يوقلىقىغا قاراش كېرەك.يۇقارقىلار بولمىغان قاشتېشى سۈپەتلىك قاشتېشى ھىساپلىنىدۇ.يۇقارقى ئالامەتلەردىن بىرەرسى بولسا سۈپەتسىز قاشتېشى ھىساپلىنىدۇ.يېرىقچە،چاك بار قاشتاشلىرىنىڭ بازار باھاسى ياخشى بولمايدۇ.يېرىق،چاك چوڭ بولغانسىرى باھاسىمۇ شۇنچە تۆۋەن بولىدۇ.
مەنبە: 中国新疆和田玉收藏与鉴赏 ناملىق كىتاپ