A-A+

مىجىت لېتىپ :(1) يېڭى ئىقتىسادى دەۋرىدىكى ھەمكارلىق توغرىسىدا

2016-يىل 2-مارت ھەمكارلىق ( تىجارەت ئەندىزىلىرى ) باھا يوقكەن زىيارەت: 1,119 قېتىم

2016-يىلى 2-ئاينىڭ 29-كۈنى . << بايبول بايلىق بۇلىقى >> ئۈندىدار توپىدا  سۆزلەنگەن لىكسىيە .

( مىجىت لېتىپ ئەپەندىنىڭ ماقۇللىقى بىلەن ئەقىدە قاشگەرلىكى شىركىتى تارقاتتى )

hezuo

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم بايبوللۇقلار !

ھەر بىر كۈنىڭلار خەيرىلىك بولسۇن ، كەمىنە مىجىت ئۆزىنىڭ لېكسىيەسىنى ھازىر باشلايدۇ . مېنىڭ بۇ لېكسىيەنى سۆزلەشتىكى ئاساسىم مېنىڭ ھايات تەجرىبەم ماڭا بىلدۈرگەن ھەقىقەتلەرنى كۆپچىلىك بىلەن ئورتاقلاقلىشىش .

مەن 63 ياشقا كىردىم . 46 يىل خىزمەت قىپتىمەن ھەم ھازىرمۇ خىزمەت قىلىۋاتىمەن . خىزمەت ھاياتىمنىڭ تەڭدىن تولىسىدا  كارخانا باشقۇرۇش بىلەن ئۆتۈپتىمەن . دېھقانچىلىق ، چارۋىچىلىق ۋە سانائەت  كارخانىلىرىدا ئىشلىدىم ۋە شۇ ھەقتە دۆلەتنىڭ ئالاھىدە تەربىيىسىدە تەربىيلەندىم . ھاياتىمىدىكى كارخانىچىلىق سەپىرىدە ئېرىشكەن بىر قىسىم نەتىجىلىرىمنى مىللىتىمىزنىڭ تەرەققىياتىدا مۇھىم نەتىجە ۋە بىلىم دەپ قارايمەن . شۇڭا ئۇنى كۆپچىلىك بىلەن ئورتاقلىشىپ ھازىرقى زامانىمىزنىڭ تەرەققىياتىدا ھەممىمىز ئۈچۈن بىر مەنپەئەتلىك نەتىجە چىقسا ئەجەپ ئەمەس دەپ ئويلايمەن .

مېنىڭ ھايات سەپىرىمدىن خۇلاسىلىگەندە جۇڭگۇدا بىز  ھازىرغىچە ئۈچ دەۋىرنى بېشىمىزدىن ئۆتكۈزۈپ كېلىۋاتىمىز . بىرىنچى دەۋىر- يېڭى جۇڭگۇ قۇرۇلغاندىن تارتىپ 1978-يىلىغىچە بولغان ۋاقىت . بۇ دەۋىر ئاسالىق پىلانلىق ئىگىلىك دەۋرى بولدى . ھەممە نەرسە دۆلەت تەرىپىدىن پىلانلاندى . بىز پەقەت ئۇنى ئىجرا قىلغۇچى بولدۇق خالاس. ئۇ ۋاقتىدا بازار ئېڭى ئاساسەن يوق دىيەرلىك ياكى بازار ئېڭى يېتىلدۈرۈشكە ئىمكانىيەتمۇ بېرىلمىگەن.بۇ دەۋىرنى بىز بىرىنچى دەۋر يەنى ماۋزىدۇڭ يېتەكچىلىكىدىكى پىلانلىق ئىگىلىك دەۋرى دەپ ئاتايمىز.

ئىككىنچى دەۋىر يەنى 1978-يىلىدىن كېيىن ، ئىسلاھات ئېچىۋېتىش 11-قۇرۇلتاي 3-ئومۇمىي يىغىنىدا ئوتتۇرىغا قۇيۇلدى. شۇندىن كېيىن دۆلىتىمىزدە ئالەمشۇمۇل زور ئۆزگىرىشلەر بولدى . دۆلىتىمىز دۇنيا بويىچە چوڭ ياساش سانائىتى  دۆلىتى ۋە  ئىقتىسادىي جەھەتتە ئىككىنچى چوڭ گەۋدىگە ئايلاندى.بىراق رايۇنىمىزغا نەزەر سالىدىغان بولساق رايۇنىمىزنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىدا دۆلەت ئىچىدىكى پەرق بىلەن تەرەققىي قىلغان رايۇنلاردىكى پەرق كېڭىيىپ كەتتى ۋە كېڭەيمەكتە. بۇنى ئۆزگەرتىش مەركىزى ھۆكىمەتمۇ كۆڭۈل بۆلىۋاتقان ۋە پرگراممىغا كىرگۈزىلگەن ئەھۋال . مۇشۇنداق ئەھۋالدا  بىز مۇشۇ جايدا ياشاۋاتقان خەلق بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن بۇنى ئۆزگەرتىشكە تىرىشىشىمىز كېرەك ھەم ھەققىمىز بار.

مەن يېقىندىن بۇيان مۇشۇ تەرەققىياتتىكى پەرقنىڭ كېڭىيىپ كېتىشى ھەققىدە ئازراق ئىزدىنىشتە بولدۇم.ئالدى بىلەن بىز نېمە ئۈچۈن دۇنيا تەرەققىياتىنىڭ كەينىدە قالدۇق دېگەن تېما ھەققىدە ئازراق ئىزدىنىپ باقتىم . مېنىڭ ئىزدەنگىنىمدە دۇنيا مەدەنىيىتى تارىخىدىن ئېيتقاندا غەرب مەدەنىيىتى دۇنيادا يېتەكچى ئورۇندا تۇرۇپ كېلىۋاتىدۇ . مىليارد نۇپۇسى بولغان جۇڭگۇمۇ ئىسلاھات ئېچىۋىتىشنىڭ ئالدىدا ناھايىتى قالاق ، باشقىلار تەرىپىدىن بوزەك قىلىنغان دۆلەت بولۇپ كەلگەن. نېمە ئۈچۈن غەرب شۇنداق كۈچىيىپ كېتەلىدى ؟ غەربىڭ شۇنداق كۈچىيىپ كېتىشىدىكى ئامىلنى ئىلىم - پەنگە ۋە يېڭىلىق يارىتىشقا ئەھمىيەت بەرگەنلىكىدە دەپ قارايمەن.

بىز بىلىمىز  ، غەرب سانائەت ئىنقىلابىنى ئېلىپ بارغاندىن كېيىنلا ئورنىدىن تۇرالىدى.ئۇلار سانائەت ئىنقىلابىدىكى ئىلىم - پەن نەتىجىلىرىنى سانائەت مەھسۇلاتلىرىغا ، قوراللارغا ئايلاندۇرالىدى.شۇنىڭغا تايىنىپ ئىشلەپچىقىرىشنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ دۇنياغا ھۆكىمران بولۇش ئورنىغا ئىلىم - پەن ۋە پەن-تېخنىكا بىلەن ئېرىشتى.

غەرب شۇنداق قەد كۆتۈرۈپ سانائەت ئىنقىلابى تەرەققىي قىلىپ باش كۆتىرىۋاتقان بىر قانچە ئەسىر جەريانىدا بولۇپمۇ مۇشۇ دەۋىردە بىز ناھايىتى بېكىنمىچىلىكتە خانلەيلۇننى توۋلاپ ياكى سوپىزىمغا ئېسىلىپ ئۆزىمىزنى زەھەرلەپ دۇنيادىن مەھكۇم ھالدا دۇنيانىڭ تەرەققىياتىدىن مەھكۇم ھالەتتە ياشىدۇق ھەم دۇنيا تەرەققىي قىلغان پۇرسەتنى قولدىن بېرىپ قويدۇق . بۇ بىزنىڭ تەرەققىياتىمىزنىڭ كەينىدە قېلىشىدىكى ئېچىنىشلىق بىر سەۋەب دەپ قارايمەن.

بىزدە تەرەققىيات ئۈستىدە ئىزدەنسە ئۆتكەن زامان ھەققىدە ئىزدىنىدىغانلار كۆپ لېكىن ھازىرقى ۋە كەلگۈسى زامان ھەققىدە ئىزدىنىدىغانلار بىزدە ناھايىتى ئاز . ئەگەر مۇشۇ پېتى كېتىۋەرسە ھالىمىز يەنىلا <<ۋاي >>بولىدۇ دەپ قارايمەن . ھازىر بولسا بىزدە ناھايىتى ياخشى پۇرسەتلەر بار . بىز بۇ پۇرسەتلەردىن ياخشى پايدىلىنىشىمىز كېرەك .

مۇشۇ سەۋەپتىن مەن بۈگۈن بايبول توپىدا لېكسىيە سۆزلەشنى قارار قىلدىم . بۈگۈن سۆزلەيدىغان لېكسىيەمنىڭ باش تېمىسى << يېڭى ئىقتىسادىي دەۋر >>

يېڭى ئىقتىسادىي دەۋر ئۇقۇمى 1990-يىلىدىن كېيىن دۇنياغا كەلگەن.

ھەممىمىزگە مەلۇم دۇنيا كومپىيوتىرلىشىپ كەتتى . يۇقىرى سۈرئەتلىك ئۇچۇرنىڭ يەتكۈزلىشى دۇنيانى قاپلىدى.بىز سىكونت ئىچىدە دۇنيانىڭ ھەر قانداق جايىدىكى ئۇچۇرغا ئېرىشەلەيمىز . ئۇچۇرنىڭ تىزلىكى ئەقلى تىزلىكىمىزدىن زور دەرىجىدە ئېشىپ كەتتى. بۇ خىل ئۇچۇر پارتىلىشى  سانائەت ئىنقىلابىدىن كېيىنكى  يەنە بىر قېتىملىق دۇنياۋى ئىنقىلابنى  ئېلىپ كەلدى .

ئىككىنچى جەھەتتىن يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول ، تېز پويىزنىڭ كېلىپ چىقىشى ۋە ئاۋئاتسىيەنىڭ تورلىشىشى دۇنيادىكى دۆلەتلەر ئارا بولىدىغان تېز يەتكۈزۈشنى يەنى قاتناش قورالى بىلەن تېز يەتكۈزۈشنى ئېلىپ كەلدى.ئۇچۇرغا ماسلاشقان ھالدا تېز يەتكۈزۈش دۇنيادىكى نۇرغۇن ئەنئەنىۋىي تىجارەتلەرگە خىرىس ئېلىپ كەلدى ھەم يېڭىچە سودا پۇرسەتلىرىنى ئېلىپ كەلدى.تېز يەتكۈزۈش بىلەن ئۇچۇرنىڭ بىرلىشىشى سودا ئەندىزىسىدىكى ئەنئەۋى پەرقىنى كىچىكلىتىپ ،  رىقابەتنى كەسكىنلەشتۈرۈپ ،  پۇرسەتنى ئازايتىۋەتتى .

ئۈچۈنچى جەھەتتىن دۇنيا سودا تەشكىلاتى قۇرۇلۇپ دۇنيادىكى نۇرغۇن دۆلەتلەر ئەزا بولدى.جۈملىدىن جۇڭگۇمۇ سودا تەشكىلاتىنىڭ ئەزاسى . بۇ تەشكىلاتقا ئەزا بولغانلار چۇقۇم تەشكىلاتنىڭ قائىدىسى بويىچە نورمال تىجارىتىنى قىلىدۇ.تەشكىلاتنىڭ ۋۇجۇدقا كېلىشى ئەسلىدىكى تاموژنا قاتارلىق سەۋەبلەردىن كېلىپ چىقىدىغان تەنەرخنىڭ كۆتۈرۈلۈپ كېتىشىنى  ئازايتتى . بۇ خىل پۇرسەت سودىنى تېزلەتتى ۋە سودا قىلىشنىڭ قىيىنلىق دەرىجىسىنى چوڭايتتى.

تۆتىنچىدىن سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشىغا خاتىمە بېرىلدى. سابىق سوۋىت ئىتتىپاقىنىڭ پارچىلىنىشى بىلەن ئەسلىدىكى دۇنيادىكى ئىككى قۇتۇبقا بۆلىنىش ئاخىرلاشتۇرۇلۇپ دۆلەتلەرنىڭ ئاساسىي نەزىرىنى ئىقتىسادقا قويىشىغا ئىمكانىيەت يارىتىپ بېرىلدى. بۇ ھالدا بازار ، مۇھىت تالىشىدىغان دۇنياۋى ئىقتىساد مۇھىتى بارلىققا كەلدى.

78-يىلىدىن كېيىن جۇڭگۇ كىشىنى ھەيران قالدۇرغىدەك دەرىجىدە تەرەققىي قىلىپ يىزا-ئىگىلىك دۆلىتىدىن زامانىۋى سانائەت دۆلىتىگە ئايلاندى . بۇنى دۇنيامۇ ئېتراپ قىلىدۇ ھەم مۆجىزە دەپ قاراپ كېلىۋاتىدۇ.

جۇڭگۇدەك نۇپۇسى كۆپ ھەم تىرتوريەسى كەڭ بىر دۆلەتنىڭ ناھايىتى تېز سۈرئەتتە تەرەققىي قىلىپ دۇنيا ئىقتىسادىي سەھنىسىگە چىقىشى  دۇنيانى تاڭ قالدۇرىدۇ ۋە ئەنسىرىتىدۇ . 2008-يىلى غەربتە يۈز بەرگەن پۇل مۇئامىلە كىرزىسى غەربنىڭ ئىقتىسادى تەرەققىياتىغا ناھايىتى چوڭ كىرزىسلارنى ئېلىپ كەلدى ھەم بۇ كىرزىسنىڭ ئاخىرلاشقىنى ھەققىدە بىشارەتلەر يوق . بۇ ئىقتىسادىي كىرزىس يەنىلا دۇنيا ئىقتىسادىغا تەسىر كۆرسىتىۋاتىدۇ دەپ قارايمەن.

ئالتۇن ، پاي-چېكى ، خام-ئەشيا باھاسى توختىماي چۈشىۋاتىدۇ . ئىقتىسادنىڭ بۇ خىل چۈشىشى ئادەمنى ئەنسىرتىدۇ . بۇ ھال جۇڭگۇغىمۇ ناھايىتى ئىغىر بېسىم ئەكىلىۋاتىدۇ.

دۆلىتىمىز دۇنيادىكى پولات - تۆمۈرنىڭ  57 % نى ، سىمنوتنىڭ  69  % نى ئىشلەپ چىقىرىدۇ . بۇلارنىڭ ھەممىسى ئۇل-مۇئەسسەسە ئىشلىرىغا ئىشلىتىلىدىغان خام ئەشيادىن ئىبارەت. بۇ خىل ئىشلەپچىقرىشنىڭ ئاساسىي خام ئەشيالىرىنىڭ تولا قىسىمىنى بىز چەت ئەلدىن ئىمپورت قىلىمىز .مەسىلەن بىز تۆمۈر رودىسىنى برازىلىيە ۋە ئاۋىستىرالىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىن ئەكىللەتتۇق .ئەينى ۋاقىتتا تۆمۈر رودىلىرىنىڭ باھاسى  دەسلەپ 80 نەچچە دوللار بولسا كېيىن 120 دوللارغا كۆتۈرۈلۈپ ئۇ ۋاقىتتا بىزگە بىر قىيىنچىلىق قىلىش ئارقىلىق دۆلىتىمىز ئىچىدىكى مۇشۇ خىل ئىشلەپچىقىرىغان مەھسۇلاتلارنىڭ تەنەرخىنى كۆتۈرۈپ باھانىڭ

ئۆسىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان .  ھازىر بولسا ئۇ نەچچە ھەسسىلەپ تۆۋەنلەپ تۆكمە قىلىپ ساتسىمۇ ئالىدىغان ئادەم چىقمايۋاتىدۇ . بۇ خىل ھالەتنىڭ شەككىللىنىشى ، باھانىڭ تۆۋەنلىشى دۆلىتىمىزدىكى چوڭ ئىشلەپچىقىرىش كارخانىلىرىغا ئېغىر بېسىم ئەكىلىۋاتىدۇ.پولات-تۆمۈر كارخانىلىرى ئىشتىن توختاۋاتىدۇ . كۆمۈر كانلىرىغىمۇ زىيان تارتىدىنغان ھالەتنى شەكىللەندۈرۈپ قويدى.

ئۇنىڭدىن باشقا ئەمدى مۇشۇ دۆلىتىمىز ئىچىدىكى يۇقىرقى ئىشلەپچىقىرىشنىڭكى ئۇشۇق مەھسۇلاتلارنى ھەزىم قىلىشى ئۈچۈن دۆلىتىمىز ئىچىدە ناھايىتى زور دەرىجىدە قۇرۇلۇش ئېلىپ باردۇق . شۇ خىل ئۇسۇل ئارقىلىق بىز ئۆزىمىز ئىشلەپچىقارغان مەھسۇلاتنى ئۆزىمىز ھەزىم قىلماقچى بولدۇق . لېكىن بۇ يەنىلا تۈپكى مەسىلىنى ھەل قىلىپ كېتەلمىدى ھەم ھەل قىلىپ كېتەلمەيدىغانلىقىمۇ ئىسپاتلىنىپ كېلىۋاتىدۇ.بۇنداق ئەھۋالدا دۆلىتىمىز ئەلۋەتتە شۇنىڭغا مۇۋاپىق تەدبىر قوللىنىشى كېرەك.شۇنىڭغا مۇناسىپ كېلىدىغان دۆلىتىمىز ئەمدى مۇشۇ ئاسىيا ئۇل مۇئاسسە بانكىسىنى قۇردۇق.ئۇندىن بېرسى بۇ ئاسىيا ئۇل مۇئاسسە بانكىسىغا ماس كېلىدىغان چاقىرىقنى يەنى يىپەك يولى ئىقتىساد بەلۋىغى ۋە بىريول ئىستىراتىگىيەسىنى دۆلەت ئىستىراتىگىيەسى نۇقتىسىدىن ئوتتۇرىغا قويدۇق.

ئەمدى يىپەك يولى ئىقتىساد بەلۋىغى 2008-يىلى 9-ئايدا قازاقىستان ئاستانا ئۇنىۋېرسىتىدا يولداش شىن جىنپىڭ تەرىپىدىن ئوتتۇرىغا قۇيۇلغان.ھازىر بۇ رەسمىي دۆلەت ئىستىراتىگىيەسى بولۇپ يولغا قۇيۇلۇشقا باشلاندى.مەسىلەن دۆلىتىمىز قەشقەر بىلەن پاكىستان ئوتتۇرىسىدىكى تۆمۈر يولنىڭ تۇتاشتۇرىلىشى ۋە پاكىستان پورتىنىڭ ئىشقا كىرىشتۈرۈلۈشكە باشلىشى ۋە دېڭىز ياقىسىدىكى ھىندونىزىيە بىلەن بولغان ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتنىڭ كېڭىيىشى ... بۇنىڭ ھەممىسى يىپەك يولى ئىقتىساد بەلۋىنىڭ تەرەققىياتى. بۇ بىر پۇرسەت ، بۇ بىر غەنىمەت ، گەپ بىزنىڭ ئۇنى قانچىلىك تۇتۇپ قالالىشىمىزدا دەپ قارايمەن.ئەمدى ھازىر كارخانىچىلىقىمىزغا نەزەر ئاغدۇرساق كارخانىچىلىقىمىز تولىمۇ قالاق ، تارقاق ، تەجرىبىسى كام ، تېخنىكىسى تۆۋەن ، ئىقتىسادىي كۈچى ئاجىز ، باشقۇرغۇچى خادىملىرى كەمچىل ۋە ئاڭدىكى بۆسۈش تولىمۇ يىتەرسىز. بولىۋاتقان بۇ خىل ھالەتتە تېخى ئۆمىلەۋاتقان ئورنىدىن تۇرۇش ھالىتىدە تۇرىۋاتقان ئىپتىدائىي ھالەتتە ھەرىكەت قىلىۋاتقان بىر ھالەتتە تۇرىۋاتىدۇ دەپ قارايمەن .چۈنكى بىز كارخانىچىلىق تارىخىمىزغا نەزەر ئاغدۇرساق بىز تولىمۇ ئېچىنغان ھالدا ئۆزىمىزنىڭ مۇشۇ بىر ئەسىردىكى كارخانىچىلىق تارىخىمىزنى تولىمۇ ئېچىنغان ھالدا ئەسلەپ ئۆتىشىمىزگە توغرا كېلىدۇ.بۇنى سۆزلەپ كەلسەك تولىمۇ كېڭىيىپ كېتىدۇ.قىسقىسى ئاكا-ئۇكا مۇسابايۇفلار دەۋرىنى بىزنىڭ مىللى سانائىتىمىزنىڭ باشلانغان دەۋرى دەپ قارىساق مېنىڭچە مۇۋاپىق. ئەمدى ئاكا-ئۇكا مۇسابايۇفلارنى ئېلىپ ئېيتساق 1904-يىلى گىرمانىيە بىلەن توختام تۈزدى . 1909-يىلى ئىلى كۆن خۇرۇم زاۋۇتىنى ئىسقا چۈشۈرەلىدى.ئەمدى شۇنى ئىشقا چۈشۈرەلىگەن دەۋىرگە قارىغان ۋاقتىمىزدا شۇ ۋاقىتتىكى ئاپتۇنۇم رايۇنىمىزنىڭ ئىجتىمائىي ، ئىقتىسادىي ۋە مۇھىتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا بۇ خىل زامانىۋى زاۋۇتنى قۇرۇشنىڭ مۇھىتى ھازىرلانمىغان.بىراق بىزنىڭكى ئاكا-ئۇكا موسابايۇفلاردەك ئەجدادلىرىمىزدا بىر خىل غايىۋانە دىگۈدەك ، بىر خىل پەخىرلەنگۈدەك ئاشۇ ھەقىقىي كارخانچىلارغا خاس يىراقنى كۆرەرلىك بىلەن قورقماستىن شۇ ئۈسكىنىلەرنى دىيارىمىزغا ئېلىپ كېلىپ شۇنى قۇرۇپ بەرگىنىدەك بىر ياخشى ئەندىزە بار.ئەمدى شۇ ياخشى ئەندىزە ئۈستىدە بىزنىڭ ھازىرغىچە يىتەرلىك تەتقىقاتىمىز كەمچىل.بۇ ھەقتە ئىزدەنگەن ئادەملىرىمىزمۇ ئانچە كۆپ ئەمەس. ئەمدى ئاكا-ئۇكا مۇسابايۇفلارنىڭ شۇ ئەندىزىسىنى ھازىرمۇ ئۆزىمىزگە يىتەكچى قىلساق تامامەن بولىدۇ دەپ قارايمەن.

شۇ ۋاقىتتا توكمۇ يوق ، ئىشچىمۇ يوق ، باشقۇرغۇچىمۇ يوق ، نۇرغۇن قىيىنچىلىقلارنىڭ ھەممىسى ئۇلارنىڭ ئالدىدا تۇرىۋاتقان ۋاقىتتا ئەنە شۇنداق زامانىۋى زاۋۇتنى ئەكىلىپ قۇرالىدى ، ماڭغۇزالىدى.بۇ زاۋۇتنىڭ مۇسرىسى 1909-يىلى ئىس چىقارغان بولسا 2009-يىلىغىچە ئۇ مەۋجۇت بولدى، 100 يىل ئۆز جايىدا قەد كۆتۈرۈپ تۇردى.بۇ بىزگە روھى جەھەتتە ئىلھام-مەدەت بېرىدۇ دەپ قارايمەن.ئەمدى ئاكا-ئۇكا موسابايۇفلارنىڭ شۇ ۋاقىتتىكى زاۋۇتنى تاللىشىدىكى تۈپكى ئىدىيەسى نىمىدۇ ؟ بەزىلەر ئويلىشى مۇمكىن .بەلكىم پۇل تېپىشتا دەپ ، ئەلۋەتتە توغرا.ھەر قانداق بىر كارخانىچى ئالدىن پۇل تېپىشنى ئۆزىنىڭ تۈپ مەۋقەسى قىلىپ ئىگىلىك تىكلىمەيدىكەن مۇنداق كارخانىلارنىڭ مەغلۇب بۇلۇشى ھەممىمىزگە ئايان.ئۇنى سۆزلەپ ئولتۇرۇشنىڭ ھاجىتى يوق.ئۇلارمۇ ئەلۋەتتە شۇ ۋاقىتتا ئىقتىسادىي ئۈنۈمنى توغرا تاللىغان ، كۆرگەن ، ئىقتىسادىي ئۈنۈم قوغلاشمىسا بومايدىغانلىقىنى بىلگەن.

ئەمدى شۇ ئىقتىسادىي ئۈنۈمنى قوغلاش ئۈچۈن ئۇلار شۇ زامانىۋى تېخنىكىنى ئېلىپ كەلدى . بۇ يەردىكى تەۋەككۈلچىلىك بولسا  ھەممە ئادەمدە يوق.ئۇلار شۇنداق زور تەۋەككۈلچىلىك بىلەن ئۇنى ئېلىپ كەلدى.ئۇلارنىڭ بىزگە قۇرۇپ بەرگىنى ، ئېلىپ كەلگىنى بىر زاۋۇت ئەمەس ، بىزگە بىر سانائەتنىڭ گۈدىكىنى چېلىپ بەردى.بىزگە سانائەتنىڭ بىر ئەندىزىسىنى تىكلەپ بەردى.ئۇ ۋاقىتلاردا مەلىكلىك ئىشچىلار يوق.ئۇلار 500 بالىنى تەربىيلەپ شۇلارنىڭ ئىچىدىن 200 بالىنى تاللاپ ئىشلىتەتتى، بىزدىكى تۇنجى كارخانا مائارىپى دىسە بىز  ئاكا-ئۇكا مۇسابايۇفلاردىن باشلايمىز.تۇنجى ئىلىكتىر لامپۇچكىسىنى يۇرۇتتى دېسە شۇلاردىن  باشلايمىز.زامانىۋى كارخانا باشقۇرۇشنىڭ تۇنجى ئۆرنىكىنى تىكلەپ بەردى دېسە بىز ئاكا-ئۇكا موسابايۇفلاردىن باشلايمىز.چۈنكى شۇلار شۇ ۋاقىتتا شۇنى قىلالىغان.بىزگە شۇ ئۆرنەكنى تىكلەپ بەردى.

ئەينى ۋاقىتتىكى شۇنداق مۇھىتتا شۇنى قىلالىغان ۋاقىتقا ھازىرقى مۇھىتىمىزنى سېلىشتۇرساق بىزدە پۇرسەت ئىنتايىن جىق ۋە ئىنتايىن كەڭ . مۇشۇ جەھەتتە  بىزدە كەم بولىۋاتقان نەرسە ئەڭ ئاۋۋال بىزدىكى  ئەڭ مۇھىم نەرسە ئىدىيە ، روھ.بىزدىكى ئىدىيە ، روھنى ھازىرقى ھالىتىمىزدە داۋاملاشتۇرىۋەرسەك بىزنىڭكى بۇ ئاكا-ئۇكا موسابايۇفلارنى دوراش ئەمەس ھازىرقى زاماندىمۇ بىز بازار تەرىپىدىن چەكلىنىپ ، يەكلىنىپ ، شاللىنىپ كېتىشىمىز بىزگە ئېنىق.ھازىر بىزدە بىزگە پايدىلىق پۇرسەتلەر بار.

لىكىن بىز ئالدى بىلەن ئۆزىمىزدىكى يىتەرسىزلىكلەرنى تولۇق ئانالىز قىلىشىمىز ۋە بىلىشىمىز كېرەك.بىزدە ھازىرقى پايدىلىق پۇرسەتلەردىن ئېلىپ ئېيتقاندا دۆلەت يىپەك يولى ئىقتىسادىي بەلۋىغى قىلىپ شىنجاڭنى تاللىدى.شىنجاڭ ئەمدى دۇنياغا ئېچىۋېتىلگەن رايۇن بولدى.بۇ بىر ئۆتەڭ بولدى.ئۆتەڭ بولغان ئىكەن شەرىقتىنمۇ كېلدۇ غەربتىنمۇ كېلىدۇ.ھەممىسى مۇشۇ ئۆتەڭدىن ئۆتىدۇ.

مۇشۇ ئۆتەڭدىن ئىبارەت بۇ پۇرسەتنىڭ ئېچىلىشى بىزگە بىر تارىخى پۇرسەت دەپ تۇنۇيدىغان بىر ئىديەنى بىز ئۆزىمىزگە سىڭدۈرىشىمىز كېرەك.بىز چۇقۇم ئىلىم-پەن ۋە زامانىۋى پەن-تېخنىكا باشقۇرۇشقا مۇراجەت قىلىش ئارقىلىق بىزمۇ بازارغا كىرىپ ئۆزىمىزنىڭ شۇ يەردىكى ئۈلىشىمىزنى ئېلىشىمىز كېرەك.دۆلىتىمىز دەسلەپ ئېچىۋېتىلگەن ۋاقىتتا بىزنىڭ ئېچىۋېتىشتىن ئىلگىرىكى دېڭىز ياقىسىدىكى رايۇنلارغا سېلىشتۇرساق بىزدە ھېچقانچە پەرق يوق ئىدى،بىراق ئۇلار نېمە ئۈچۈن شۇنچە تېز تەرەققىي قىلىپ كېتەلىدى.چۈنكى ئىسلاھات ئېچىۋېتىشتىن ئىبارەت سىياسەت دۆلىتىمىزنىڭ چىگرا رايۇنىدىن باشلاپ ئېلىپ بېرىلدى.دۆلەتنىڭ سىياسىتى شۇ تەرەپكە ئاغدى.شۇ سەۋەپتىن ئۇ يەرنىڭ تەرەققىياتى تېز بولدى.لېكىن ئۇ يەردە تەرەققىي قىلغىنى بىرسى چەت ئەلنىڭ كاپىتالى ، يېڭى تېخنىكىسى بولسا ئەڭ مۇھىمى شۇ يەردىكى خەلقىنىڭ ئىسلاھات ئېچىۋېتىشكە ماسلىشىپ ، بازارنىڭ ئېھتىياجىغا ماسلاشقان ھالدا يېڭى ئاڭنى قۇبۇل قىلىپ يېڭى زامانىۋى ئۈسكىنلەرنى كىرگۈزۈپ بازارنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرۇشتىن ئىبارەت بۇ نۇقتىنى تۇتتى.

ھازىر شىنجاڭدىن ئېلىپ ئېيتقاندا سەككىز دۆلەتكە چېگرىداش ، ئىقتىسادىي ئەھۋالىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا ئەمدى ئىچكىرىدىكى تەرەققىي قىلغان رايۇنلارغا سېلىشتۇرغاندا ئاجىزراق.لېكىن ئۆزىمىزدە يەنە نۇرغۇن ئەۋزەللىكلەر بار.بىرى ، بىزنىڭ خەلقىمىزمۇ ناھايىتى تىرىشچان ، ئىشچان خەلق . ئىككىنچى بىر تەرەپتىن ئېيتقاندا بىزنىڭ مەدەنىيىتىمىز ، تىلىمىز ، ئېتقادىمىز ئوتتۇرا ئاسىيا ، غەربىي ئاسىيادىكى نۇرغۇن دۆلەتلەر ، خەلقلەر بىلەن ئورتاقلىقىمىز بار.بۇ بىزدىكى بىر يۇقىرى پۇرسەت.ھازىر دۆلىتىمىزنىڭمۇ قوللاش سىياسىتىنى زور دەرىجىدە ئاشۇرىۋاتقان پۇرسەت بار.بۇ نىمە دىگەندە 2020-يىلىغا بارغاندا دۆلىتىمىزدىكى ھەممە ئادەمنى ھاللىق سەۋىيەگە يەتكۈزىمىز بىرمۇ ئادەم قالمايدۇ ، دىگەن بۇ سۆزنى يولداش شى جىنپىڭ ئېيتقان ئىكەنشۇنىڭغا مۇناسىپ يۆلەش سىياسىتى ئوتتۇرىغا چىقىرىلىدۇ ھەم چىقىرىلىۋاتىدۇ،بىراق بۇنى بىزنىڭ تۇنىۋاتقانلىرىمىز ئانچە كۆپ ئەمەس.

بۇ يىل ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق پارتىكۇمغا بىر ھۆججەت چۈشتى .يەنى دۆلەت ئىگىلىكىدە بولمىغان ئىقتىسادنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇش ھەققىدىكى ھۆججەت چۈشتى.ئۇ ئەمىلىلىشىۋاتقان باسقۇچتا مۇشۇ جەھەتتە دۆلەتنىڭ سىياسىتى شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە ناھايىتى زور ئىمتىيازلارنى ۋە سىياسەتنى بەردى ھەم بېرىۋاتىدۇ.ئەمدى بىزدىكى كارخانىچىلاردىكى ھازىرقى كام نەرسە يۇقاردا مەن دەپ ئۆتكەندەك نۇرغۇن تەرەپتە بار ، بىراق بۇ تەرەپلەرنى بىزدە كام دىسەك ھېچكىم كېلىپ بىزگە ئورنىنى تولدۇرۇپ بېرەلمەيدۇ.بىز پەقەت بىرلىشىپ ئولتۇرۇپ ئۆزىمىزدىكى كەمچىلىكنى ئارتۇقچىلىققا ئايلاندۇرىشىمىز كېرەك.ئۆزىمىزدىكى ئارتۇقچىلىقنى تېخىمۇ زور كۈچكە ئايلاندۇرىشىمىز كېرەك.بۇنىڭ ئۈچۈن بىز نېمە قىلىشىمىز كېرەك؟ مۇھىمى بىز ھەمكارلىق روھىنى ئورنىتىشىمىز كېرەك. ھەمكارلىق بولغاندا بىز نۇرغۇن مەسلىنى ھەل قىلىپ كېتەلەيمىز.

ھەمكارلىق بۇ ناھايىتى چوڭ بىر تېما . ھەمكارلىق مەقسەت ئەمەس.ھەمكارلىق ئۇ بىر ۋاستە.ئەمدى ۋاستىنىڭنىڭ تۈرى ناھايىتى جىق . قايسى خىل تۈردە ھەمكارلىشىمىز ؟ بۇنى بىز تۇنۇشتىن ئىلگىرى ئالدى بىلەن بىز ئۆزىمىزدىكى مۇشۇ ھازىرقى تەخىرسىزلىك ۋە خىيىم - خەتەر تۇيغۇسىنى ئاشۇرۇشنى بىلىشىمىز ، ئاندىن كېيىن ھەمكارلىشىشىمىز كېرەك.شۇ ۋاقىتتا بىزدىكى پۇرسەت ۋە خىرىس دىگەندە مەن نىمىنى قارايمەن. بىزدىكى پۇرسەت دىگىنىمىزدە مەن يۇقاردا دەپ ئۆتكىنىمدەك دۆلەتنىڭ سىياسىتىنىڭ يىپەك يولى ئىقتىسادىي بەلۋىغىنى بەرپا قىلىشتىن ئىبارەت بۇ بىر چوڭ پۇرسەت.ئىككىنچىسى خەلقنى ھاللىق سەۋىيەگە يەتكۈزۈشنى ئىلگىرى سۈرۈشتىن ئىبارەت . سىياسەتنىڭ شىنجاڭغا ئېغىشى ئىككىنچى چوڭ بىر پۇرسەت. ئەمدى پەقەتلا شىنجاڭنىڭ يىپەك يولى ئىقتىسادىي بەلۋىغىدىكى يادرۇلۇق ئورنىنى قۇرۇپ چىقىشقا شىنجاڭلىقلارنىڭ قاتنىشىشى يەنى كېلىپ دۆلىتىمىزنىڭ مۇشۇ تەرەپتىكى سىياسەتلىرىنىڭ شىنجاڭدىكى يەرلىك ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا ئېغىشىدىن ئىبارەت مۇشۇ خىل پۇرسەتلەر تەبىئىيكى بۇ يەرگە باشقا قىزىققۇچىلارنىمۇ زور دەرىجىدە جەلپ قىلىدۇ.ئەمدى چىگرا ئېچىلىدىكەن ، يول راۋانلىشىدىكەن بۇ يەرگە كېلىدىغىنىمۇ كۆپ كېتىدىغىنىمۇ كۆپ .ئەمدى مۇشۇنداق ۋاقىتتا بىز نېمىگە نەزەر ئاغدۇرىشىمىز كېرەك.ئەڭ ئاۋۋال بىز مۇشۇ بولىدىغان پۇرسەتلەرنىڭ قايسى تەرەپتىن ئۆزىمىزگە پايدىلىق ، قايسى تەرەپتىن ئۆزىمىزگە زىيانلىق ئىكەنلىكىنى بىلىشىمىز كېرەك.شۇنىڭ بىلەن بىرگە دۆلىتىمىزنىڭ مۇشۇ يەردىكى سىياسىتىنى توغرا ئىگەللىشىمىز كېرەك.ئەڭ چوڭ ئىقتىساد دۆلەتتە ،  دۆلەتنىڭ ئىقتىسادىنىڭ يۈزلىنىشى چاقىرىقىنى توغرا چۈشىنىش كارخانىچىلارنىڭ پۇل تېپىشى ياكى تەرەققىي قىلىشىدىكى ئەڭ مۇھىم ئۆتكەل.دۆلەتنىڭ ئىقتىسادىي ۋە سىياسىي جەھەتتىكى ماركرولۇق تەڭشىشىگە نەزەر ئاغدۇرمىغان كارخانىچىلاردا بۇ پۇرسەتنى تۇتۇپ قېلىش ئىمكانىيىتى بولمايدۇ.

بىز شۇڭا كۆز ئالدىمىزدىكى ئۆزىمىزنىڭ ئېڭىكى ئۈستىدىلا نەزەر ئاغدۇرماي ئالدى بىلەن بىز خىرىسىنى توغرا ھېس قىلىمەن دەيدىكەنمىز ئۆزىمىزنى ئوراپ تۇرغان مۇھىتنىڭ ھەممە تەرىپىگە يىتەرلىك نەزەر ئاغدۇرىشىمىز كېرەك.يىتەرلىك نەزەر ئاغدۇرۇپ ماكرو ئىقتىسادنىڭ يىتەكلىشى نىمە بولىۋاتىدۇ ، بىز نېمە قىلىشىمىز كېرەك ، قانداق قىلساق بىز نەتىجىگە ئېرىشەلەيمىز دىگەننى بىز دۆلەتنىڭ سىياسىتىنىڭ ، ئارزۇسىنىڭ تەرەققىياتىغا ماسلاشتۇرىشىمىز كېرەك. شۇ چاغدىلا بىز زامانىۋى ئاڭغا ئىگە بولۇشنىڭ ئىشىكىنى ئاچالايمىز . بىز زامانىۋى ئاڭغا ئىگە بولمىغان ۋاقىتتا بىز ھەمكارلىشىمىز دەيدىكەنمىز ئوخشاشلا مەغلۇب بولۇپ كېتىمىز . ھەمكارلىق بۇ زامانىۋىلىقنى تەلەپ قىلىدۇ.چۈنكى بىز زامان ۋە ماكان جەھەتتىن ئالغاندا 19-ئەسىردە ئەمەس 21-ئەسىردە ياشاۋاتىمىز . شۇڭا بىز تەپەككۇر ئەندىزىمىزنى ئۆزگەرتىشىمىز ، ئۆزىمىزدە يېڭى بىر ئىدىيەنى تۇرغۇزىشىمىز ھەممىدىن زۆرۈر.

مىللى كارخانىچىلىقىمىزدىن ئېلىپ ئېيتقاندا ھازىر كۆزگە كۆرۈنگەن مىللى كارخانىچىلىقىمىز يوق ئەمەس ، بار . بىراق زامانىۋى پەن-تېىنىكا تەركىبىدىن ئېيتقاندا بىزدە يۇقىرى پەن-تېخنىكا بىلەن قوراللانغان ، يۇقىرى پەن-تېخنىكا بىلەن تەرەققىياتقا يۈزلەنگەن كارخانىلىرىمىز ناھايىتى ئاز.بارماق بىلەن سانىساقمۇ بارماق ئېشىپ قالغۇدەك.ئىككىنچى بۇ كارخانىنىڭ ئىچكى قۇرۇلمىسىنى ئېلىپ ئېيتقاندا تولىسى ئائىلىۋى ئىگىلىكنى ئاساس قىلغان يەككە ئىگىلىكنى ئاساس قىلغاندىن ئىبارەت . زامانىۋى كارخانا ئەندىزىسى بەرپا قىلغانلارمۇ يوق دىيەرلىك . گەرچە بەزى كارخانىلىرىمىز خېلە تۇنۇلغان ، نام ئالغان ، شۇنداق ئابرۇيلۇق ، خەلق قەلبىدىن ئورۇن ئالغان ، ئىشلەپچىقارغان مەھسۇلاتلىرىنى خەلق ياقتۇرغان بىلەن ئىچكى باشقۇرۇش قۇرۇلمىسىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا يىتەرسىزلىك خېلىلا بار . كارخانىلارنىڭ باشقۇرۇش جەھەتتىكى بۇ يىتەرسىزلىكى تېخى ھەل قىلىنغىنى يوق.

ئەمدى مۇشۇ مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنىڭ ئالدىنقى شەرتى يەنىلا ئىدىيە . زامانىۋى باشقۇرۇشنىڭ پەقەت بىر ئائىلە ئىگىلىكى بىلەن ياكى بىر ئىككى شەخىسنىڭ ئۆزىنىڭ مەبلىغى بىلەن ۋۇجۇدقا چىقمايدىغانلىقىنى بىلىشىمىز كېرەك. ئاشۇنى بىز توغرا تۇنۇپ يەتكەن ۋاقتىمىزدا ھەمكارلىشىش ئىدىيەسىنىڭ ھەقىقەتەن زۆرۈرلىكىنى بىلگەن ۋاقتىمىزدا ئاندىن بىز قانداق ھەمكارلىشىمىز دىگەن مەسىلە ئۈستىدە ئويلىشىمىز كېرەك . ئەمدى ھەمكارلىشىشنىڭ تۈرلىرى ناھايىتى كۆپ . ئۇنى بىر-ئىككى ئېغىز سۆز بىلەن بايان قىلىپ ئاخىرلاشتۇرغىلى بولمايدۇ.شۇنىڭ ئۈچۈن ھەمكارلىشىش توغرىسىدا مەن ئايرىم توختىلىمەن . بۈگۈنكى سۆزۈم مۇشۇ يەردە توختايدۇ. داۋامىنى ئۆگۈنلىككە داۋاملاشتۇرۇپ كۆپچىلىك بىلەن پىكىر ئورتاقلىشىمەن.كۆپچىلىكنىڭ كۆڭۈل قۇيۇپ ئاڭلاپ بەرگىنىگە رەھمەت.

2016-يىلى 2-ئاينىڭ 29-كۈنى

خەتكۈش :

كۆڭۈل سۆزلىرى

error: يۆتكىمەكچى بولسىڭىز بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ