A-A+

ئالتۇن ھەققىدە دەسلەپكى بىلىملەر

2015-يىل 1-ئاپرېل جاۋاھىراتلار دۇنياسى باھا يوقكەن زىيارەت: 342 قېتىم

 

20150302084057774  ئالتۇن ئىنگىلىزچە يىزىلىشى gold، خىمىيەلىك بەلگىسى  AU ، ئاتۇم رەت نۇمۇرى 79. ئالتۇن بىر خىل قىزغۇچ سېرىق رەڭلىك مىتال ماددىسى ، تەبىئەت دۇنياسىدا ئالتۇن ئادەتتە يەككە ماددا شەكلىدە مەۋجۇت. ئالتۇننىڭ زىچلىقى ئىنتايىن يۇقىرى ، نۇرمال تېمپىراتۇرا ۋە نورمال بېسىم ئاستىدا ئالتۇننىڭ زىچلىقى 19.32 كۇپ سانتېمىتىر ،تەخمىنەن سۇنىڭ زىچلىقىنىڭ 20 ھەسسىگە ،تۆمۇر زىچلىقىنڭ 3 ھەسسىگە توغرا كىلىدۇ .ئالتۇننىڭ ئېرىش ،قايناش نوقتىسى ئىنتايىن يۇقىرى بولۇپ ، ئېرىش نوقتىسى 1064.43 ، قايناش نۇقتىسى 2808 سىلسىيە گرادۇس.ئالتۇننىڭ ئەۋرىشىمچانلىقى ،سوزۇلىشچانلىقى ياخشى .بىر گرام ساپ ئالتۇننى ئۇزارتىپ 3000مىتىر ئۇزۇنلىقتا ئىنچىكە تور ھاسىل قىلغىلى بولىدۇ .
2004813_165953967000_2
ئالتۇننىڭ ئاساسلىق كىلىش مەنبەسى :
  1.ھەرقايسى ئالتۇن ئىشلەپ چىقارغۇچى دۆلەتلەرنىڭ ئالتۇن كانلىرى
  2.ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ مەركىزى بانكىلىرى
  3.(IMF(دۇنيا پۇل فۇندى تەشكىلاتى قاتارلىق ئورگانلار سىتىپ چىقاغان زاپاس ئالتۇن
  4.ئىشلىتىپ قايتا ھاسىل بولغاندىن كىيىن يىغىۋىلىنغان ئالتۇن
  5.ئىشلەپ چىقارغۇچىلارنىڭ قىممەت ساقلاش ئۈچۈن ئىلىپ بارغان ھەركىتى
دۇنيا ئالتۇن بازىرىنىڭ ئاساسلىق تەلەپ-ئىھتىياج مۇناسىۋىتى:
  1.دائىملىق تەمىنلەش مۇناسىۋىتى
  2.تەڭشەش خارەكتىرلىك تەمىنلەش مۇناسىۋىتى
  3.قىزىقتۇرۇش خارەكتىرلىك تەمىنلەش مۇناسىۋىتى
ئالتۇننىڭ ئاساسلىق ئىشلىتىش يوللىرى :
  1.دۆلەتنىڭ خەلقئارالىق زاپاس يوللىرى
  2.قىممەت ساقلاش ۋە ئاشۇرۇش قۇرالى
  3.ئىنسانلارنىڭ ئۆزىنى گۈزەللەشتۈرۈش زىننەت بۇيىمى
  4.سانائەت ۋە داۋالاش ساھەسىدىكى خام ماتېرىيال
ئالتۇن باھاسىغا تەسىر كۆرسىتىدىغان ئاساسلىق ئامىللار :
  1.پۇل پاخاللىقىنىڭ تەسىرى
  2.ئۆسۈم پىرسەنتى
  3.سىياسى ئامىللار
  4.ئامرىكا دوللار پرۋوت نىسبىتىنىڭ ئۆگىرىش ئەھۋالى
  5.دۆلەت ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىيات ئەھۋالى
دۇنيادىكى ئاساسلىق ئالتۇن بازارلىرى:
  1.لوندۇن ئالتۇن بازىرى: 1919-يىلى قۇرۇلغان ،دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ نەق مال سودىسى مەركىزى
  2.زۇرىچ ئالتۇن بازىرى : 2-دۇنيا ئۇرۇشىدىن كىيىن تەرەققى قىلىپ چىققان خەلقئارا ئالتۇن بازىرى ،شىۋىتسارىيەگە جايلاشقان.
  3.ئامېرىكا ئالتۇن بازىرى: ئامېرىكا نىيۇرك سودا بىرژىسى(COMEX) ۋە چىكاكو تاۋار سودا بىرژىسى(IMM)بولسا دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ئالتۇن قەرەللىك مال  سودا مەركىزى ، دۇنيادىكى ئالتۇن قەرەللىك مال سودىسى ئەڭ جانلىق،سودا مىقدارى ئەڭ چوڭ بولغان بازار .
  4.شىياڭگاڭ ئالتۇن بازىرى: شىياڭگاڭ ئالتۇن سودا بىرژىسى 90 يىلدىن ئارتۇق تارىخقا ئىگە.
  5.شاڭخەي ئالتۇن سودا بىرژىسى: 2002يىلى10-ئاينىڭ 30- كۈنى قۇرۇلغان بولۇپ ،جوڭگۇ ئالتۇن باشقۇرۇش تۈزۈلمىسىدە ئىسلاھات ئىلىپ بىرىش،بازارلاشتۇرۇشنىڭ مۇھىم ئىپادىسى.
ئالتۇنغا مەبلەغ سىلىشنىڭ ئالاھىدىلىكى:
ئالتۇن بولسا پاي چىكى ، تاشقى پرۋوت قاتارلىق مەبلەغ سىلىش تۈرلىرىنىڭ يۈزلىنىشىگە تەتۈر تاناسىپلىق مۇناسىۋەتكە ئىگە بولىدۇ. خەلقئارا مەبلەغ سىلىش بازىرىدا كۆپ ساندىكى مەبلەغ بولسا ھەمىشە پاي چىكى، تاشقى پىرۋۇت، قەرەللىك مال،ئالتۇن ئارىسىدا توختىماستىن ئالمىشىپ ئىقىپ تۇرىدۇ .تاشقى پىرۋۇت بىلەن ئالتۇن مۇناسىۋىتىنى ئىلىپ ئېيىتساق ، ئىككىسى تەتۈر تاناسىپلىق مۇناسىۋەتكە ئىگە . ئادەتتە ئامېرىكا دوللىرى ئۆسسە  ئالتۇن چۈشىدۇ، ئەكسىچە بولغاندا ئۆسىدۇ.

مەنبە : باغداش تورى

خەتكۈش :

كۆڭۈل سۆزلىرى

error: يۆتكىمەكچى بولسىڭىز بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ