ئالتۇندىن قىرىق ھەسسە قىممەت گۆھەر(خوتەن قاش مەدەنىيىتى جەمگاھى 86)
ئەقىدە شىركىتى مەرۋايىت زىننەتلىرى بۆلىمىدىن ئادالەت ئابلىكىم تەرجىمىسى
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان بازاردا نۇرغۇن نەرسىلەرنىڭ باھاسى شىددەت بىلەن ئۆسۈپ يېڭى - يېڭى رىكورتلار بارلىققا كەلدى . بۇنىڭ ئىچىدە خوتەن قاشلىرى ياراتقان رىكورت قالتىس بولۇپ ،بۇ ئىسىل گۈھەرلەر باھا ئۆسۈشنىڭ ئەڭ يۇقىرى پەللىسىنى يارىتىپ ، ھەر گرامىنىڭ باھاسى ئون مىڭ يۈەندىن ئېشىپ ھەقىقىي <<قىممەتلىك گۆھەر >> گە ئايلاندى .
بىر گرام خوتەن قاشنىڭ باھاسى ئالتۇندىن نەچچە ئون ھەسسە قىممەت تۇرسا كىشىلەر خوتەن قاشلىرى ئۈچۈن ئەسەبىيلەشمەي تۇرالىسۇنمۇ ؟
تىيەنخۇاڭ تېشى ۋە كۆكتارغاق قاش ( فېيسۈي ) قىزغىنلىقىدىن كېيىن پۈتۈن جۇڭگۇنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا كەڭ كۆلەمدە خوتەن قاش قىزغىنلىقى كۆتۈرۈلدى . خوتەن قاشلىرى بېيجىڭ ، شاڭخەي ، گۇاڭجۇ قاتارلىق مەركىزى شەھەرلەردە توختىماستىن كىمئارتۇق قىلىپ سېتىلىشقا باشلىدى.ھازىر جۇڭگۇنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى قاش - تاش بازارلىرى ، يايمىلار ۋە ئاسارە - ئەتىقە بازارلىرىدا خوتەن قاشلىرىنىڭ سېتىلىشى ئۈنچە - مەرۋايىت ، ساپال بۇيۇملار ۋە رەسىم - ھۆسىنخەتلەرنىڭ سېتىلىشىدىن نەچچە ھەسسە ياخشى بولماقتا .
قاراقۇرۇم تاغلىرىنىڭ دېڭىز يۈزىدىن 5000 مېتىر ئېگىزلىكتىكى تاغ چوققىلىرىغا ماكانلىشىپ ئۇزۇن زامانلارنى ئۆتكۈزگەن گۈمۈرۈلمە تاش قاتلىمى قاتتىق قار -شىۋىرغاننىڭ تەسىرىدىن دومىلاپ چۈشۈپ دەريا سۇلىرىغا قوشۇلۇپ كېتىدۇ . رىسقى قۇشۇلغان كۈنى كىشلەر دەريادىن سىلىقلىنىپ ،پاقىراپ كەتكەن بۇ تاش قاتلىمىلىرىنى سۈزىۋېلىپ ساتىدۇ . مانا بۇ بۈگۈنكى قىممەت باھالىق خوتەن قاشلىرىدۇر .
مۇخپىرىمىز خوتەندىكى بىر قاش دۇكىنىدا يۈرۈڭقاش دەرياسىدىن سۈزىۋېلىنغان بىر نەچچە پارچە زىرە قاشلارغا قىزىقىپ ئارىسىدىن باشمالتاقچىلىك كېلىدىغان بىر زىرە قاشنىڭ باھاسىنى سورىغاندا دۇكاندار 120 مىڭ سوم باھا قويۇپ مۇخپىرىمىزنى ھەيران قالدۇرغان .
15.8 گرام خوتەن زىرە قاشنىڭ باھاسى 120 مىڭ سوم دىگەنلىك ،خوتەن قاشلىرىنىڭ باھاسى ئالتۇندىن قىرىق ھەسسە قىممەت دىگەنلىك بولۇپ، 20 نەچچە يىلنىڭ ئالدىدا ئەڭ يارام خوتەن زىرە قاشلىرىنىڭ بىر كىلوسى ئاران نەچچە يۈز يۈەن ئىدى .
خوتەن قاشلىرىنىڭ باھاسىنىڭ قىممەت بولۇشىدا ئۇنىڭ قايتا پەيدا بولماسلىقى مۇھىم سەۋەب بولغىنىدەك ، سودىگەرلەرنىڭ نەپسىنىڭ يوغانلىقى تۈپەيلى قولدىن - قولدىن ئۆتۈش جەريانىدا نۇرغۇن باھانىڭ قوشۇلىشىمۇ ناھايىتى مۇھىم بىر سەۋەبتۇر .
2003 - يىلىدىن 2007 - يىلىغىچە بولغان بۇ تۆت يىل جەريانىدا خوتەن قاشلىرىنىڭ باھاسى ئون ھەسسە ئۆرلىگەن . زىرە قاشلارنىڭ باھاسىنىڭ ئۆرلەش سۈرئىتى تېخىمۇ تېز بولغان . ئۇ چاغلاردا ئالىي دەرىجىلىك خوتەن زىرە قاشلىرىنىڭ كىلوسى يۈز مىڭ يۈەن بولغان بولسا ھازىر بىر مىليون . باشمالتاقچىلىك بىر زىرە قاشنى نەچچە مىليونغا سېتىۋالسىڭىزمۇ ھېچكىم سىزنى ساراڭ دىمەيدۇ .
خوتەن قاشلىرى ئەرزانچىلىق زامانلاردا جۇڭگۇدا مىڭ ،چىڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى قاش ئويمىلارنى ساقلاش مودا بولغان .ئەينى چاغدا شىياڭگاڭدىكى بىر قېتىملىق كىمئارتۇق قىلىپ سېتىش پائالىيىتىدە چىيەنلوڭ زامانىسىدىكى بىر خوتەن ئاق قاشتىن ئۇيۇلغان تاغ -دەريا ئويمىسى 9 مىليون 560 مىڭ سومغا سېتىلىپ شۇ چاغدىكى بازار ئىستىمالىدا ئەڭ يۇقىرى باھادا سېتىلغان خوتەن قاش ئويما بولۇپ قالغان ئىدى .
<< خوتەن قاشلىرى ئۆزىگە جۇڭگۇنىڭ ئۇزاق تارىخى ۋە مەدەنىيىتىنى مۇجەسسەملىگەن،شۇڭا خوتەن قاشلىرىنىڭ باھاسىنىڭ توختىماي ئۆسۈشى نورمال ئەھۋالدۇر >> ،دېدى جۇڭگۇ ئۈنچە - مەرۋايىتلارنىڭ سۈپىتىنى تەكشۈرۈپ بېكىتىش ئورنىنىڭ مۇتەخەسسىى شېن زوڭخۇي .ئۇ خوتەن قاشلىرىغا باھا بېرىپ يەنە مۇنداق دېدى : << كۆكتارغاق قاش بېرمىدىن چىقىدۇ ، خوتەن قاشلىرى بولسا جۇڭگۇنىڭ < يەرلىك >قاشلىرى . كۆكتارغاق قاشنىڭ باھاسى شۇنچە ئۆسكەن يەردە خوتەن قاشلىرىنىڭ باھاسى ئۆسسە نىمىشقا بولمىغۇدەك ؟ باھانىڭ ئۆسىشىنىڭ
تېز بولۇشى ناھايىتى نورمال ئەھۋال ، مۇشۇنداق بولغاندىلا كىشىلەر خوتەن قاشلىرىنىڭ قەدرىگە يېتىپ قىممىتىنى ھەقىقى ھېس قىلىدۇ >> .
2002 - يىلى جۇڭگۇدا كۆكتارغاق قاشلارنى يىغىپ ساقلاش مودا بولغاندىن باشلاپ بېيجىڭ ، شاڭخەي ، گۇاڭجۇ قاتارلىق چوڭ شەھەرلەرنىڭ ئۈنچە - مەرۋايىت بازارلىرى تېخىمۇ قىزىپ ، پىشىپ يېتىلدى . كۆكتارغاق قاشنىڭ تەسىرىدە بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە خوتەن قاشلىرىنىڭ بازىرىمۇ ئېچىلىپ قىزىشقا باشلىدى .
مەنبە:شاڭخەي ئىقتىساد گېزىتىنىڭ 2015-يىل 4 - ئايلىق سانىدىن ئېلىندى
2015-يىلى 8-ئاينىڭ 27-كۈنى