قاشتېشى مەدەنىيىتى دۇنيا غەيرى ماددى مەدەنىيەت مىراسلىرىغا يوللاندى(خوتەن قاش مەدەنىيىتى جەمگاھى 95)
ئەقىدە قاشگەرلىكى شىركىتىدىن ئابلىكىم ئاۋۇت يازمىسى
خوتەن قاشلىرىنى ئىنسانلار نېمە ئۈچۈن نەچچە مىڭ يىللاردىن بىرى ئارزۇلاپ ،ئەتىۋالاپ ئىشلىتىپ كەلدى؟ئۇنىڭدىكى قانداق سېھرى كۈچ ئۇنى تارىم ۋادىسىدىن دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا تارقاتتى؟نېمە ئۈچۈن خوتەن قاشلىرىنىڭ باھاسى يىلدىن يىلغا ئۆرلەپ ،ئىستىمالچىلار توپى توختاۋسىز كۆپۈيۈپ مېڭىۋاتىدۇ؟كىشىلەر خوتەن قاشلىرىنى نېمە مەخسەت-مۇدىئالار بىلەن سېتىۋالىدۇ؟ئۇنىڭ ئىنسان ماددىيىتى ۋە مەنىۋىيىتىگە ئېلىپ كېلىدىغان تەسىرى نېمە؟؟؟...
يۇقارقىدەك نۇرغۇن سۇئاللارغا خوتەن قاشتېشىنىڭ ئۆزىدىن قانائەتلىنەرلىك جاۋاپ تېپىش مۈمكىنچىلىكى يوق.چۈنكى ئۇ گۈھەر تاشلارغا خاس ئاددىي بىر قېزىلما بايلىق،خالاس...
يۇقارقى سۇئاللارغا توغرا جاۋاپ بېرىش ئۈچۈن چۇقۇم ئۇزاق تارىخ جەريانىدا شەكىللەنگەن كۆپ قاتلاملىق ،كۆپ مەنبەلىك خوتەن قاش مەدەنىيىتىنى ئەتراپلىق چۈشۈنۈشكە توغرا كېلىدۇ.
ئەقىدە قاشگەرلىكىمىز <<خوتەن قاش مەدەنىيىتى جەمگاھى >>سەھىپىمىز ئارقىلىق خوتەن قاش مەدەنىيىتىنى رەتلەپ ،توپلاپ ،تەرجىمە قىلىپ ھوزۇرۇڭلارغا سۇندۇق.
قاشتېشى مەدەنىيىتى دۇنيا غەيرى ماددى مەدەنىيەت مىراسلىرىغا يوللاندى
ئەقىدە قاشگەرلىكى شىركىتىدىن ئابلىكىم ئاۋۇت تەرجىمىسى
جۇڭگۇنىڭ دۇنيا غەيرى ماددى مەدەنىيەت مىراسلىرى ۋە دۇنيا ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداشنى كۈچەيتىش ھەم جۇڭگۇنىڭ دۇنيا غەيرى ماددى مەدەنىيەت مىراسلىرى ۋە دۇنيا ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت مىراسلىرىنى دۇنياغا تۇنۇشتۇرۇپ ئىنسانىيەتكە بەخت يارىتىش ، بىربەلۋاغ بىريول ئىستىراتىگىيەسىدىكى خەلقئارا بازارنى ئېچىش بولسا بۈيۈك جۇڭگۇ ئارزۇسىدۇر.يۇقارقى مەقسەتكە يېتىش ئۈچۈن << جۇڭگۇ قاشتېشى مەدەنىيىتى دۇنيا غەيرى ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش مەركىزى >> ۋە << جۇڭگۇ قاشتېشى مەدەنىيىتى دۇنيا ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش مەركىزى >> قۇرۇلدى ھەم 2016-يىلى 2-ئاينىڭ 15-كۈنى
<< جۇڭگۇنىڭ قاشتېشى مەدەنىيىتى دۇنيا غەيرى ماددى مەدەنىيەت مىراسلىرى >> ۋە << جۇڭگۇنىڭ قاشتېشى مەدەنىيىتى دۇنيا ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت مىراسلىرى >> تۈرى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى دۇنيا مەدەنىيىتىنى تىزىملاش كوممىتىتىغا مۇۋاپپىقىيەتلىك يوللاندى.
جۇڭگۇ قاشتېشى مەدەنىيىتىنىڭ دۇنيا غەيرى مەدەنىيەت مىراسلىرى ۋە ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت مىراسلىرى بولۇپ يوللىنىشى جۇڭگۇنىڭ قاشتېشى ھۈنەر-سەنئەت بۇيۇملىرىنىڭ دۇنيا بازىرىدىكى ئىناۋىتىنى تىكلەپ قاشتېشى مەدەنىيىتىنىڭ خەلقئارالىشىش قەدىمىنى تېزلىتىدۇ.
( تەرجىماندىن : قاشتېشى مەدەنىيتىنىڭ دۇنياۋىلىشىشى دىيارىمىزنىڭ قاشتېشى بايلىقىنى ئىقتىسادىي ئەۋزەللىككە ئۆزگەرتىش ، كەسىپلەشتۈرۈش ، قاشتېشى ھۈنەر-سەنئەت بۇيۇملىرىنى ئىشلەپچىقىرىش ، سېتىش قاتارلىقلارغا ناھايىتى چوڭ ئاكتىپ تەسىرلەرنى ئېلىپ كەلگۈسى.............
شۇڭا مەزكۇر ماقالە قىسقارتىلىپ تەرجىمە قىلىنىپ ئاۋامغا سۇنۇلدى.)
مەنبە : 青海新闻网 تورى