A-A+

مەرۋايىتنى پەرقلەندۈرۈش ئۇسۇللىرى

مەرۋايىت ھەققىدە دەسلەپكى چۈشەنچىلەر ( 11 )

ئەقىدە شىركىتى مەرۋايىت زىننەتلىرى بۆلىمىدىن ئادالەت ئابلىكىم يازمىسى

650f16c9ef974fab8b27ed6d2389e9eb

 مەرۋايىت - ئېسىل ھەم يارىشىملىق زىننەت بويۇمى بولۇش سۈپىتى بىلەن خەلقىمىزگە ناھايىتى تۇنۇشلۇق  ، ئۇ ئېسىل زىننەت بۇيۇمى بولۇپلا قالماستىن بەلكى يەنە قىممەتلىك دورا ماتىريالى ، تۈرلۈك ساغلاملىق يىمەكلىكلىرى ۋە گىرىم بۇيۇملىرىنىڭمۇ كەم تېپىلىدىغان خام ئەشياسى . مەرۋايىت - تاتلىق سۇ مەرۋايىتى ۋە تۇزلۇق سۇ مەرۋايىتى ( دېڭىز مەرۋايىتى ) دەپ ئىككى تۈرگە بۆلىنىدىغان بولۇپ ،ھەر ئىككى خىلى زىننەت بۇيۇملىرى ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ. باھاسى جەھەتتىن تۇزلۇق سۇ مەرۋايىتى قىممەترەك ، تاتلىق سۇ مەرۋايىتى ئەرزانراق بولىدۇ.
3847831_120751406000_2
 مەرۋايىتنىڭ ھەقىقىي ياكى ساختىلىقىنى ئايرىشنىڭ ئەل ئارىسىدا ساقلىنىۋاتقان مۇنداق بىرنەچچە خىل ئۇسۇلى بار :
8783620_140821492115_2
1. ھەقىقىي مەرۋايىتنى قىرسا ئۇندەك مەرۋايىت تالقىنى چىقىدۇ . قىرغان يەردە ئىز قالمايدۇ .قىرىۋېلىنغان ئورۇنمۇ سىرتقى ئورنىغا ئوخشاشلا پارقىراق بولىدۇ . قىرغاندا چىققان مەرۋايىت قىرىندىلىرىنى قولىڭىزغا سۈركىسىڭىز خۇددى ماي سۈرتكەندەك سىڭىپ كېتىدۇ . ئەگەر مەرۋايىت ساختا بولسا تىغ بىلەن قىرسىڭىز سىرتقى پوستى ئاجرىغاندىن كېيىن سىرتقى يۈزى بىلەن ئوخشىمايدىغان تۇتۇق ئىچكى قەۋەتنى كۆرىسىز . چىققان قېرىندىلىرى خۇددى ئۇششاق سۇلياۋ پارچىلىرىدەك يىرىك بولۇپ ،ئۇندەك يۇمشاق بولمايدۇ ، تېرىگىمۇ يېپىشمايدۇ .
1264U615094X0-42409 2. ھەقىقى مەرۋايىتنى ئوتتا كۆيدۈرسە كۆيمەيدۇ . بۇنىڭ سىناش ئۇسۇلى مۇنداق : بىر دانە ھەقىقى مەرۋايىتنى قولىمىزدا تۇتۇپ تۇرۇپ ئۇنى چاقماق ئۇتى بىلەن كۆيدۈرسەك مەرۋايىتنىڭ ئوتقا قاقلانغان قىسمى قارىدايدۇ ، ئەمما بۇ جاينى قولىمىز بىلەن سۈرتىۋەتسەك مەرۋايىتنىڭ ھېچقانداق زەخمىنەلمەي ئەسلى ھالىتى بويىچە پارقىراپ تۇرغانلىقىنى كۆرىمىز . ئەگەر مەرۋايىت ساختا بولسا ئوت بىلەن ئۇچراشقان ھامان كۆيىدۇ ، ئەلۋەتتە .
猎豹截图20150619151709 3. ساختا مەرۋايىتنى چىشلىسە  ئۈستىدە مۇدۇر - چۇقۇر ئىزى قالىدۇ . مەرۋايىتنىڭ ئۆزىدىن ئېغىزغا غەيرى پۇراق تاراپ كىشىنى بىئارام قىلىدۇ . ھەقىقىي مەرۋايىتنى چىشلىسە چىشلىگەن ئىزى قالمايدۇ . ھېچقانداق غەلىتە پۇرىقىمۇ بولمايدۇ .
猎豹截图20150619152037
 4. ھەقىقىي بىر جۈپ مەرۋايىتنى بىر - بىرىگە سۈركىسە تەستە سۈركىلىدۇ ھەم ناھايىتى ئاز مىقتاردا مەرۋايىت تالقىنى چىقىدۇ . ساختا بىر جۈپ مەرۋايىتنى بىر - بىرىگە سۈركىسە ناھايىتى ئاسان سۈركىلىدۇ ، كۈچەپراق سۈرتكەندە ساختا مەرۋايىتنىڭ ئۈستىدىكى بىر قەۋەت ئاق چاپىنى چۈشۈپ كېتىدۇ .
a35229b034b4b43e8e6ba780fcc4_800_800
 5. بىر تىزىق مەرۋايىتنى ئىنچىكىلىك بىلەن كۈزەتسەك ئەگەر ئۇ ھەقىقى مەرۋايىت بولسا ئۇ چاغدا بۇ بىر تىزىق مەرۋايىتنىڭ چوڭ-كىچىكلىكى  شەكلى ۋە سىرىتقى يۈزىنىڭ سىلىقلىق دەرىجىسىنىڭ  بىر-بىرىگە ئانچە ئوخشاپ كەتمەيدىغانلىقىنى بايقايمىز.ئەگەر ئۇ زاۋۇتىن چىققان ساختا مال بولسا بىر قېلىپتىن چىققاشقا ھەممە جەھەتتىن ئوپ-ئوخشاش بولىدۇ،ئەلۋەتتە.ئۇنىڭدىن باشقا تەبىئى مەرۋايىتتىن تارقالغان نۇر ناھايتى جۇلالىق،يېقىشلىق،جانلىق بولسا،ساختا مەرۋايىتتىن تارقىغىنى بىر خىل ئۈلۈك،خۇنىك رەڭدىن ئىبارەت.ھەقىقى ئىسىل مەرۋايىت بىلەن زاۋۇتتىن چىققان ساختا ‹‹مەرۋايىت››نى بىر يەرگە قۇيۇپ كۈزەتسىڭىز بىرسى گويا تىرىك جان بولسا،يەنە بىرسى خۇددى ئۈلۈك مۇردىغا ئوخشايدۇ.
猎豹截图20150619152643
 6.مەرۋايىتنى پەرىقلەندۈرۈشنىڭ گەرچە يۇقارقىدەك ئۇسۇللىرى بولسىمۇ،لېكىن سىز ‹‹ كۈزى پىشقان ››كەسىپ ئەھلى بولمىغان ئەھۋال ئاستىدا ئەڭ ياخشىسى يەنىلا  مەۋرايىتنى ئۆلچەملىك ئۈنچە- مەرۋايىت پىريوم ( تەكشۈرۈش ) مەركىزىگە ئاپىرىپ پىريوم قىلغۇزۇڭ . ياكى ئىشەنچىلىك ، كەسىپلەشكەن شىركەت ۋە مەخسۇس سېتىش دۇكانلىرىدىن سېتىۋېلىڭ . سېتىۋالغان ماللىرىڭىز سىزگە خوشاللىق،خاتىرجەملىك،ساغلاملىق ۋە سالاپەت ئاتا قىلسۇن.
133391_3_l
 2015 - يىلى  6-ئاينىڭ 19-كۈنى
خەتكۈش :

كۆڭۈل سۆزلىرى

error: يۆتكىمەكچى بولسىڭىز بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ