A-A+

جەزمەن مەھسۇلاتنىڭ داڭقىنى چىقىرىشقا كۈچەش كېرەك

2015-يىل 9-ئىيۇل تەرجىمە كىتابلىرىمىز باھا يوقكەن زىيارەت: 267 قېتىم

ۋېنجو سودىگەرلىرىنىڭ ئۆزگىچە تەپەككۈرى

 4 - باب 6 - پارگىراف

w0200707133487108540484

   بېيىش تەپەككۇرى:

   نامراتلار:ئېلان-تەشۋىقات ھەققى بەك قىممەت، بولۇپمۇ چولپانلارنى تەكلىپ قىلىپ ئېلان ئىشلىسەك تېخىمۇ قىممەت.

   ۋېنجۇلۇقلار: مەھسۇلاتنىڭ داڭقىنى چىقىرىشتا ئېلان ئىشلەش زۆرۈر، شۇنداقلا ئېلاننى جەزمەن ياخشى ئىشلەش كېرەك. ھازىرقى زامان كىشىلىرى چولپانلارنى ياختۇرىدۇ، ئىشىنىدۇ ۋە ئۇلارغا چوقۇنىدۇ، چولپانلارنى دورايدىغانلارمۇ ئاز ئەمەس، شۇڭا «چولپانلار ئېففىكتى» نىڭ مەھسۇلاتنىڭ سېتىلىشىغا بولغان تەسىرى ناھايىتى چوڭ، پەقەت ئۇلاردىن مۇۋاپىق پايدىلىنالىسىلاقلا مەھسۇلاتىمىز «چولپانلار» دەك داڭق چىقىرىدۇ.


چولپانلارنى تەكلىپ قىلىپ ئوبراز ۋەكىلى قىلىشنىڭ مەھسۇلاتنىڭ داڭقىنى چىقىرىشقا نىسبەتەن پايدىسى زور، ئىستېمالچىلارنىڭ دېققەت-ئېتىبارىنى جەلپ قىلىشقىمۇ پايدىلىق. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، چولپانلارنىڭ شەخسىي ئوبرازىنى مەھسۇلات ماركىسىغا سىڭدۈرىۋەتكەندە،

ماركىنى ئىستېمالچىلار ئۈچۈن تېخىمۇ يېقىشلىق ۋە جەلپ قىلارلىق قىلغىلى بولىدۇ. بولۇپمۇ كىيىم-كېچەك، ئاياغ تۈرىدىكىلەر ھەمىشە

بىر ئادەمنىڭ كۆرگەن تەربىيەسى ۋە ساپاسىنى گەۋدىلەندۈرۈپ بەرگەچكە، ماركىنىڭ جەلپ قىلىش كۈچى تېخىمۇ چوڭ رول ئوينايدۇ.

   ۋېنجۇ سودىگەرلىرى بۇ جەھەتتە ئۆزىگە خاس يول تۇتقان بولۇپ، ئۇلار ماركا ئوبراز ۋەكىلىنىڭ ماركا تەشۋىقاتى ۋە ماركىنى يۈكسەلدۈرۈش جەھەتتىكى رولىدىن تولۇق پايدىلانغان ۋە نىشانلىق ھالدا ئۆز ماركىسىنىڭ ئوبرازىنى تىكلىگەن.

   1998-يىلى باۋ شىنياۋ كىيىم-كېچەكلىرى رېن داخۇانى ئوبراز ۋەكىلى بولۇشقا تەكلىپ قىلىدۇ. ئىگىلىنىشىچە ئۇ ۋاقىتتا باۋ شىنياۋنىڭ باش دىرېكتورى ۋۇ جىزې كاماندىروپكىدا بولۇپ،ئۇ رېن داخۇانىڭ ۋېنجۇدا ئىكەنلىكىنى بىلگەندىن كېيىن دەرھال تېلېفون ئارقىلىق رېن داخۇانى باۋ شىنياۋنىڭ ئوبراز ۋەكىلى بولۇشقا تەكلىپ قىلىشنى قارار قىلغان. شۇنىڭدىن كېيىن باۋ شىنياۋ كىيىم-كېچەكلىرىنىڭ «باھارى» يېتىپ كەلگەن.

   2000-يىلى ۋېنجۇ شەھىرىنىڭ شەھەر باشلىقى دۇنياغا داڭلىق مودىل كىرىستىنا.شېفنى ۋېنجۇ كىيىم-كېچەك كۆرگەزمىسىنىڭ ئوبراز ۋەكىلى بولۇشقا تەكلىپ قىلغان. شۇنىڭدىن باشلاپ ۋېنجۇ كىيىم-كېچەك ماركىسى تارىخىدا داڭلىق چولپانلارنى ئوبراز ۋەكىلى قىلىش تارىخى باشلانغان.

   2000-يىلى 9-ئايدا، جۇ خۇاجيەن جۇاڭجى كىيىم-كېچەكلىرىنىڭ ئوبراز ۋەكىلى بولغان. ئۇ كۈلگىنىچە مۇنداق دېگەن: «مەن ‹جۇاڭجى› نى 40 يىل ساقلىدىم.» جۇ خۇاجيەن خەلقئاراغا داڭلىق نۇرغۇنلىغان ماركىلارنىڭ ئوبراز ۋەكىلى بولغان، بىراق بۇ ئۇنىڭ تۇنجى قېتىم كاستىيۇملار ئۈچۈن ئوبراز ۋەكىلى بولۇشى ئىدى. ئۇنىڭ قارىشىچە، جۇاڭجى ماركىسىدىكى كاستىيۇملار ئىنتايىن لاتاپەتلىك، ئاقسۆڭەكلەرچە خاسلىققا ئىگە بولۇپ،  ئادەمنى ناھايىتى روھلۇق كۆرسەتكەچكە، ئۇنىڭ ئوبرازىغا ناھايىتى ماس كېلەتتى.

   2001-يىلى 6-ئايدا، گو فۇچېڭ مېيتىس.باڭۋېينىڭ ئوبراز ۋەكىللىكىنى ئۈستىگە ئالغان.

   ئۇ ئۆزىنىڭ مېيتىس.باڭۋېينى تاللىشىدىكى سەۋەبنىڭ ئۇلارنىڭ ئۆزىگە خاس يول تۇتۇۋاتقانلىقى ئىكەنلىكىنى ئېيىتقان. مېيتىس.باڭۋېي ئازادە كىيىم-كېچەك ماركىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، دەرىجە، سۈپەت، رەڭ، ئۆزگىچىلىك قاتارلىقلاردا بىر ئادەمنىڭ خاسلىقىنى ئەكىس ئەتتۈرۈپ بېرەلەيىتتى، بۇ گو فۇچېڭنىڭ ئىككىلەنمەستىن مېيتىس.باڭۋېينى تاللىشىغا تۈرتكە بولغان. بۇنىڭغا نىسبەتەن، گو فۇچېڭ يەنە «خاسلىق» تېمىسىدا MTV  ئىشلىگەن.

   2001-يىلى 6-ئايدا، گۇ تيەنلې فرەنس.شېردۈننىڭ ئوبراز ۋەكىللىكىنى ئۈستىگە ئالغان.

   شۇ يىلى 9-ئايدا، لياۋ جياخۇي ۋە جاڭ پەيفېن ئايرىم ھالدا فاپەي كىيىملىرىنىڭ ئوبراز ۋەكىللىكىنى ئۈستىگە ئالغان.

  2001-يىلى 8-ئايدا، دۇنيا ئېغىر دەرىجىلىكلەر بوكس چېمپيونى ۋولفېرد تيەنجىن يىڭدا زامانىۋى كۆن-خۇرۇم كىيىم-كېچەك چەكلىك شىركىتىنىڭ ئوبراز ۋەكىللىكىنى ئۈستىگە ئالغان. مەزكۇر شىركەتنىڭ قۇرغۇچىسى ۋېنجۇلۇق خوجايىن-يىڭ زېسۇڭ ئىدى. 1999-يىلى يىڭدا شىركىتى «جۇڭگو مەدەنىيىتى ئامېرىكىدا» پائالىيىتىگە قاتناشقان، ھەمدە باشقىلار ئارقىلىق ۋولفېرد بىلەن تونۇشۇپ قالغان، ئۈچ يىل

جەريانىدا كۆپ قېتىم سۆھبەتلىشىش ئارقىلىق ئاخىرى رەسمىي توختام تۈزىگەن. 2003-يىلى 3-ئايدا، ۋولفېرد «يىڭدا» نىڭ ئوبراز ۋەكىلى سۈپىتىدە بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلگەن جۇڭگو خەلقئارالىق كىيىم-كېچەك كۆرگەزمىسىگە قاتناشقان. ئۇ يەنە «يىڭدا» شىركىتىگە ماسلىشىپ مودا كىيم ئەۋرىشكىسى ۋە ئېلان فىلىمىنىڭ ئىشلىنىش، تەشۋىق قىلىنىش جەريانىغا قاتناشقان.

   بۇ ھەقتىكى باشقا مىساللاردىن: جۇڭ جېنتاۋ «جۇاڭدىڭ» غا، خۇاڭرى «جوردان» غا، ۋېن جيالۈن «سىدونا» غا، سۈي زۇڭلى «جيادۈن» غا، خۇ دۇڭ «جىنۋەنلى» گە، لى جياشىن «مېيلى جيارېن» غا، گۇەن جىلىن «ئاۋلۈن» غا، فېي شياڭ «شېنگاڭ» غا، لى ياپىڭ «جيېخاۋ» غا، يۈ رۇڭگۇاڭ «ئۆمۈچۈك پادىشاھى»غا، لۇ يى «خۇيتې» غا، فاڭ جۇڭشىن «دۇئېركاڭ» غا ئوبراز ۋەكىلى بولغان. «بالى» بولسا بوي ئېگىزلىكى 2.45 مېتر كېلىدىغان دۇنياغا داڭلىق گگانت ئادەم-ۋاڭ جۈنفېڭنى ئوبراز ۋەكىلى بولۇشقا تەكلىپ قىلغان.

  ھەر بىر سودىگەر مەھسۇلاتىنىڭ خۇددى چولپانلاردەك نام چىقىرىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ. ئەمما بۇنىڭدا چوقۇم بىر نەچچە نۇقتىغا دېققەت قىلىش كېرەك:

   بىرىنچى، تاللىغان چولپان بىلەن مەھسۇلات ماس كېلىشى كېرەك.

   قانداق چولپاننى تەكلىپ قىلغاندا مەھسۇلاتقا تېخىمۇ ماس كېلىدۇ؟ مەسىلەن: غەربچە كاستۇم-بۇرۇلكا تۈرىدىكىلەرگە كارخانا قۇرۇپ ئىگىلىك تىكلەپ مۇۋەپپەقىيەت قازانغاندەك سۆلەت بېرىدىغان چولپانلارنى تەكلىپ قىلىش كېرەك؛ تەنتەربىيە تۈرىدىكى مەھسۇلاتلارغا جانلىق، روھلۇق تىپتىكى چولپانلارنى تەكلىپ قىلىش كېرەك.

  «ئاۋكاڭ» نىڭ ئىگىلىكىدىكى «مېيلى جيارېن» لى جياشىننى ماركا ئوبراز ۋەكىلى بولۇشقا تەكلىپ قىلغان. لى جياشىننىڭ ئوبرازى بىلەن «مېيلى جيارېن» ناھايىتى ماس كەلگەچكە، «مېيلى جيارېن» نىڭ يېڭى مەھسۇلاتى بىردەمدىلا داڭق چىقارغان.

   ئەگەر چولپانلارنىڭ ئوبرازى بىلەن مەھسۇلات ماس كەلمىسە، ئۇنداقتا كۆڭۈلدىكىدەك تەشۋىقات ئۈنۈمىگە يەتكىلى بولمايدۇ، ھەتتا ئىستېمالچىدا قارىشىلىشىش پىسخىكىسى شەكىللەندۈرۈپ قويىدۇ. مەسىلەن: قىزلارغا خاس لاتاپەتكە ماس كېلىدىغان مەھسۇلاتقا تەۋەككۈلچى، قارام تىپتىكى چولپانلارنى ئوبراز ۋەكىلى قىلغاندا ئېنىقلا ماس كەلمەيدۇ.

   ئىككىنچى، ئېلان-تەشۋىقاتنى پىلانلاش خىزمىتىنى ياخشى قىلىش كېرەك.

  چولپانلارنى ماركا ئوبراز ۋەكىلى قىلىشنىڭ ئۆزىلا ماھىيەت جەھەتتىن ئېلان-تەشۋىقات قىلىشقا كىرىدۇ، بۇنىڭدا چوقۇم پىلانلاش، لايىھەلەش خىزمىتىگە ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. ھەرگىزمۇ چولپانلار مەھسۇلاتىمىزغا ئوبراز ۋەكىلى بولسىلا سودىمىز يۈرۈشىدۇ، دەپ قارىماسلىق كېرەك. بەزىدە ياخشى پىلان ۋە لايىھە چولپانلارنى تەكلىپ قىلىشتىنمۇ مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ.

   مەسىلەن: «مېيلىجيارېن» لى جياشىننى ئوبراز ۋەكىلى قىلغاندىن كېيىن بىر قاتار ئېلان-تەشۋىقاتلارنى پىلانلىغان. ئاۋال، ئاۋكاڭ گۇرۇھى ھەر قايسى ئاخبارات ۋاستىلىرىدا ئېلان بېرىپ، ‹‹مېيلى جيارېن» غا ۋەكىللىك قىلىدىغان «ئەڭ گۈزەل ئادەم» نىڭ ۋېنجۇغا كېلىدىغانلىقىنى ئېيىتقان، ئارقىدىن تۆۋەندىكىدەك بىر نەچچە تېمىدىكى ئېلانلارنى ئوتتۇرىغا چىقارغان: «بۇ ‹ ئەڭ گۈزەل ئادەم› زادى كىم؟»، «ئۇ كىمنى ياختۇرىدۇ؟»... بۇلار ئىستېمالچىلارنىڭ دېققەت-ئېتىبارىنى قوزغىتشىتا مۇھىم رول ئوينىغان. ئاخىرىدا ئاۋكاڭ گۇرۇھى لى جياشىن بىلەن «مېيلىجيارېن» ماركىسىنى بىرلىكتە تەشۋىق قىلىشنى باشلىغان، ئىستېمالچىلارنىڭ قەلبىدىكى «ئەڭ گۈزەل ئادەم» گە ئائىت سىرلارمۇ ئېچىلغان. لى جياشىنمۇ «مېيلى جيارېن» نىڭ ۋۇما يولىدىكى مەخسۇس سېتىش دۇكىنىنىڭ لېنتا كىسىش مۇراسىمىدا پەيدا بولۇپ ئېلان-تەشۋىقاتنى تېخىمۇ يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرگەن.

   ئۈچىنچى، چولپانلارنىڭ ئوبراز ۋەكىللىكىنىڭ ئەكىس تەسىرىگە سەل قارىماسلىق كېرەك.

   چولپانلارنىڭ ئوبراز ۋەكىللىكى قوش بىسلىق شەمشەرگە ئوخشايدۇ، جايىدا پايدىلانسا ئۈنۈمى ياخشى بولىدۇ. ئەمما تاللىغان چولپاننىڭ ئەگەشكۈچىلىرى ئارىسىدىكى داڭقى چۈشۈپ كەتسە ياكى باشقا تۇيۇقسىز مەسىلىلەر كۆرۈلۈپ چولپاننىڭ ئوبرازى تۆۋەنلەپ كەتسە، ئۇ ئوبراز ۋەكىلى بولغان ماركىمۇ ئوخشاشلا زەربىگە ئۇچرايدۇ. شۇڭا چولپانلارنى تەكلىپ قىلىشتا چوقۇم چولپاننىڭ ئوبرازى ۋە ئادىمىيلىك ئەخلاقى قاتارلىقلارغا دېققەت قىلىش، بىر قىسىم ئەكىس تەسىرلەرنى پەيدا قىلىشتىن ساقلىنىش كېرەك.

ۋېنجۇلۇقلارنىڭ بايانى:

   ئادەمنىڭ نامى چىقمىسا ھېچقىسى يوق، ئەمما كارخانىنىڭ داڭقى چىقىشى كېرەك.

-يۈتيەن گۇرۇھىنىڭ باش دىرېكتورى جاڭ ليېچېڭ


مەنبە: 时事出版社   نەشىر قىلغان

<< 温州人想的和你不一样 >>ناملىق كىتاب

2014-يىلى 24-قېتىملىق نەشىرى 

ئەقىدە قاشگەرلىكى شىركىتى تەرجىمىسى 

تەرجىمان : ئابدۇللا ئۆمەر

تەرجىمە تەھرىرى : رەيھانگۈل نىزام

2015-يىلى 7-ئاينىڭ 9-كۈنى

كۆڭۈل سۆزلىرى

error: يۆتكىمەكچى بولسىڭىز بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ