A-A+

2016-يىللىق جاۋاھىرات بازىرىغا نەزەر

ئەقىدە شىركىتى مەرۋايىت زىننەتلىرى بۆلىمىدىن ئادالەت ئابلىكىم تەرجىمىسى

2016-يىلى ئۈنچە-مەرۋايىت كەسپىگە نىسپەتەن ناھايىتى ھەل قىلغۇچ بىر يىل بولۇپ ، مەۋجۇتلۇق ۋە يېڭىلىق يارىتىشقا

نىسپەتەن پۇرسەت ناھايىتى كۆپ،شۇڭلاشقا قارىغۇلارچە ساقلاشقا ، زىيادە ئۈمۈدۋار بولۇشقا بولمايدۇ. چۇقۇم تەشەببۇسكارلىق بىلەن بازار ئۆزگىرىشىگە ، تور سودىسىغا ، يات كەسىپتىكىلەرنىڭ بۇ كەسىپكە كىرىش ئەھۋالىغا ، چوڭ ئىقتىسادىي مۇھىتقا  ماسلىشىش  كېرەك . بازار ئۆزگىرىشىگە قارىتا ئىش تۇتۇپ ،ئۆزگىچە ئەۋزەللىكنى جارى قىلدۇرۇپ ئىدىتلىق بازار ئېچىش كېرەك. ئۇنداق بولمىغاندا چۇقۇم شاللىنىپ كېتىمىز.شۇنىڭ ئۈچۈن ئومۇمىي ۋەزىيەتكە ماسلىشىپ ، بازارنىڭ ئالاھىدىلىكىنى ئانالىز قىلىپ چىقىش يولى ئىزدەش -ھەر بىر ئۈنچە-مەرۋايىت سودىگىرى سالماقلىق بىلەن ئويلىشىشقا تېگىشلىك تېما.

6283_P_1341960884121

2016-يىللىق ئۈنچە-مەرۋايىت بازىرى تۆۋەندىكىدەك ئالاھىدىلىككە ئىگە :

1.ئوبرۇت ھالقىسىدىكى ئۆزگىرىش

ئۈنچە-مەرۋايىت كەسپىنىڭ ئوبرۇت ھالقىلىرىدا كەسكىن ئۆزگىرىش بولماقتا .نۇرغۇن ئىشلەپچىقىرىش كارخانىلىرى ، ھاۋالىگە مال ئىشلەيدىغان كىچىك زاۋۇتلار بىۋاستە پارچە سېتىش سودىگەرلىرىگە مال تەمىنلەشكە كىرىشتى.ھەتتا بىۋاستە ئۆزى پارچە سېتىشنى باشلىدى.بۇ ھال ناھايىتى كۈچلۈك باھا رىقابىتىنى شەكىللەندۈردى.بىر قىسىم توپ تارقاتقۇچى سودىگەرلەرمۇ پارچە سېتىش بىلەن شۇغىللىنىۋاتىدۇ.سېتىش يوللىرى سەرخىللاشتى . بىۋاستە سېتىش ، شاخلىتىپ سېتىش ، توردا سېتىش ، ئۈندىداردا سېتىش ... قاتارلىق سودا ئەندىزىلىرى  تەڭلا مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ.

509bbd84e744f90a3e000001

 

2.كۆپ خىللاشقان تىجارەت ئەندىزىسى

كۆپ خىللاشقان تىجارەت ئەندىزىسى شەكىللەندى.مەخسۇس ئۈنچە-مەرۋايىت ساتىدىغان چوڭ تىپتىكى سودا سارايلار كۆپەيدى.نۇرغۇن داڭلىق ماركىدىكى ماللارنى بىرلىكتە سېتىش ئەندىزىسى ئاساسىي ئېقىمغا ئايلاندى.داڭلىق ماركىلارنىڭ ئەۋزەللىكى تېخىمۇ گەۋدىلەندى.پەرقلىق،ئۆزگىچە ماركىلار جۇلالىنىشقا باشلىدى.خەلقئارادىكى داڭلىق ماركىلارمۇ جۇڭگۇ بازىرىغا كىرىشكە باشلىدى.تەقلىدى مەھسۇلاتلار كۆپەيدى.بۇنىڭدىن باشقا ئۈنچە-مەرۋايىت دۇكانلىرىنىڭ يېزا-بازارلارغا كىرىشى ،كىچىك دۇكانلارنى ئېچىشى ، سېتىش تور نۇقتىلىرىنى كۆپەيتىشى نەتىجىسىدە مەبلەغ سېلىشتا ئېھتىياتچان بولۇپ تور بايلىقىدىن ئورتاق پايدىلىنىش ئاساسىي ئېقىمغا ئايلاندى.

509bbd758ddf876e32000001

 

3.كارخانىلار كاپىتال بازىرىغا كىرىشكە باشلىدى

بانكىلارنىڭ ئۈنچە-مەرۋايىت كارخانىلىرىغا قەرز بېرىشنى توختىتىشى ياكى كېمەيتىشى نۇرغۇن كارخانىلارنى مەبلەغ قىيىنچىلىقىغا دۇچار قىلدى.بۇ كارخانىلار كەم مەبلەغنى كاپىتال بازىرىدىن ھەل قىلىشقا كىرىشتى ياكى مەبلەغ جۇغلاش ، قۇشۇۋېلىش شەكلى بىلەن مەبلەغ قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىشقا باشلىدى.چەت ئەلنىڭ مەبلىغىمۇ ئۈنچە-مەرۋايىت بازىرىغا كىرىشكە باشلىدى.

193066_185612395196_2

 

4.ئىستىمالچىلار توپى ئىككىگە ئايرىلدى

ئىستىمالچىلار توپى << داڭلىق ماركا ئىستىمالچىلىرى  >> ۋە << ئەرزان باھادىكى ئىستىمالچىلار >> دەپ ئىككىگە ئايرىلدى.باھاسى 5000 يۈەندىن تۆۋەن بولغان ئۈنچە-مەرۋايىت زىننەتلىرى مودا بولدى.بولۇپمۇ باھاسى 2000 يۈەندىن تۆۋەن زىننەتلەرنىڭ ئىستىمالى ئېشىشقا باشلىدى.توردا مال سېتىۋالدىغانلارنىڭ كۆپىيىشى ئۈنچە-مەرۋايىت باھاسىنىڭ ئاشكارىلىق دەرىجىسىنى ئاشۇرۇپ ، ئىجاتكارلىققا ئىگە ئۈنچە-مەرۋايىت كارخانىلىرىنى مەنپەئەتكە ئىگە قىلدى.

2324680_001321770180_2

 

5.كەسپ جەھەتتىكى رىقابەت كەسكىنلەشمەكتە

دۇكانلارنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش ۋە دۇكانلارنىڭ شەكلىنى ئۆزگەرتىش يۇقىرى پەللىگە چىقىشقا باشلىدى .بازار ئىنتايىن تەپسىلىي ئايرىلغان باسقۇچقا كىردى . خاسلىشىش ، ئىش تەقسىماتى كونكىرىتنى ئايرىلىش ، كەسىپلەر زەنجىرسىمان باغلىنىش ، ھەمكارلىشىش ئاساسىي ئېقىم بولماقتا.بۇرۇنقىغا ئوخشاش بىرلا كارخانا ئىشلەپچىقىرىشتىن تارتىپ سېتىشقىچە بارلىق ھالقىلارنى مونپول قىلىۋالىدىغان ھالەت ئۆزگەرمەكتە.مەخسۇسلاشقان مۇلازىمەت ۋە چوڭ تىپتىكى سودا سارايلار تەڭلا مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇش ھالىتى بىلەن، ئەمەلىي سودا بىلەن تور سودىسى بىرلا ۋاقىتتا خېرىدار تالىشىدىغان ھالەت كېڭەيمەكتە.

5447652_5447652_1286594502906_mthumb

 

6.ئېلان-تەشۋىقات رىقابىتى كەسكىنلەشمەكتە

ئۈنچە-مەرۋايىت كارخانىلىرى ناھايىتى زور مەبلەغ بىلەن مەركىزى تېلىۋىزىيە ئىستانىسى ۋە سۈنئىي ھەمرا تېلىۋىزىيەسىدە ئېلان رىقابىتى قىلماقتا.ئېلان-تەشۋىقاتتىكى بۇ رىقابەت ئۈنچە-مەرۋايىت ئىستىمالىنى ئىلگىرى سۈرگەن بولسىمۇ،بىراق ھەر قايسى كارخانىلارنىڭ ئېلان ئۈنۈمى  ئوخشاش بولمايۋاتىدۇ.بەزىلەر ناھايىتى يۇقىرى ئېلان خىراجىتى خەجلەپمۇ كۆڭۈلدىكىدەك ئۈنۈمگە ئېرىشەلمەيۋاتىدۇ.

59852200201211081609062313236401569_000

 

7.رەڭلىك گۆھەر زىننەتلەر ۋە K ئالتۇن زىننەتلىرىنىڭ ئىستىمالى ئاشماقتا

رەڭلىك گۆھەر زىننەتلەر ۋە K ( ساپلىق دەرىجىسى تۆۋەن ) ئالتۇن زىننەتلىرىنىڭ ئىستىمالى ناھايىتى تېز ئاشماقتا.ھەر خىل يېڭى مەھسۇلات ۋە مەدەنىيەت تۈسىدىكى مەھسۇلاتلار ، لاھىيلىنىشى ۋە ھۈنەر-تېخنىكىسى ئۆزگىچە مەھسۇلاتلار بازارنى ئىگەللىمەكتە.خاسلاشقان ۋە كۆپ خىللاشقان ئۈنچە-مەرۋايىت زىننەتلىرى 80-90-يىلللاردا تۇغۇلغانلارنىڭ تاللىشى بولماقتا.شەكلى غەلىتە ۋە كۆپتۈرمە مەھسۇتلارنىڭمۇ بازىرى ئېچىلماقتا.ھەر خىل ئېھتىياجدىكى ئىستىمالچىلار توپى شەكىللەنمەكتە.

猎豹截图20160212153323

 

8.باشقا كەسىپتىلەرمۇ ئۈنچە-مەرۋايىت ساھەسىگە كىرمەكتە

باشقا كەسىپتىلەرمۇ بۇ يىل  ئۈنچە-مەرۋايىت ساھەسىگە كىرىشكە باشلىدى. بۇ  ھال بىر تەرەپتىن مەبلەغ ، تىجارەت ئەندىزىسى ، سېىش تاكتىكىسى ، كاپىتالنىڭ ئايلىنىشى قاتارلىقلاردا ئۈنچە-مەرۋايىت كەسپىنىڭ تەرەققىياتى ۋە دەرىجىسىنىڭ كۆتۈرىلىشىگە تۈرتكە بولسا ،يەنە بىر تەرەپتىن بازار رىقابىتىنى ئىنتايىن كەسكىنلەشتۈرمەكتە.

شۇنداق دېيىشكە بولىدىكى 2016-يىلى ئۈنچە-مەرۋايىت ئىستىمالى ئاشىدۇ.ئەمما بازار رىقابىتى ئىنتايىن كەسكىن بولىدۇ.جۇڭگۇنىڭ ئۈنچە-مەرۋايىتچىلىقى يېڭى بىر دەۋىرگە قەدەم قۇيۇپ ، ئۈنچە-مەرۋايىت تاقاش بۇندىن كېيىن مودىغا ئايلىنىدۇ.

 

مەنبە : 阿克达和田玉市场 سالونى

 2016-يىلى 2-ئاينىڭ 13-كۈنى

خەتكۈش :

كۆڭۈل سۆزلىرى

error: يۆتكىمەكچى بولسىڭىز بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ