بايلار دائىم ھەر بىر مۇمكىن بولغان پۇرسەتنى كەتكۈزۈپ قويمايدۇ
سۈرەتتە : دۇنياغا داڭلىق رىياسەتچى ، مىليادىر ، سانسىز سەبىيلەرنىڭ ئانىسى ئوپراھ ۋىنفىرىي
ئەقىدە قاشگەرلىكى شىركىتى تەرجىمىسى
بايلار دائىم ھەر بىر مۇمكىن بولغان پۇرسەتنى
كەتكۈزۈپ قويمايدۇ
پۇرسەت بايلىققا قاتنايدىغان كۆۋرۈك. لىكىن پۇرسەت ئۆزگۈرشىچان بولۇپ،ئاسان تۇتقىلى بولمايدۇ. ئاچقۇچلۇق پەيىتتە پۇرسەت دائىم پايدىلىق شارائىت ۋە مۇھىت دەپ چۈشىنىلىدۇ. ئۇنى يەنە تۇيۇقسىز ئۇچۇرغان ئامەت ۋە تەلەي دەپ چۈشىنىشكە بولىدۇ. ئادەتتە پۇرسەت بەلگىلىك بىر ۋاقىت چىكى بىلەن كۈچىگە ئىگە .چەكتىن ئۆتكەندىن كىيىن ئۇنىڭغا قايتا ئېرىشكىلى بولمايدۇ. شۇڭا ھەر بىر ھەقىقى باي پۇرسەتنى تۇنۇشنى ،تاللاشنى بىلىدۇ. ئادەتتىكىچە ئۈتىۋاتقان بۈگۈنىنى گۇزەل كەلگۈسىگە ئۆزگەرتەلەيدىغان پۇرسەتنى قەتئى قولدىن بەرمەيدۇ. پۇرسەت ئىلاھى پەقەت تەييالىقى بارلارغىلا نەزەر سالىدۇ. ھەرگىزمۇ كۆز يېشىغا ئىشەنمەيدۇ. ئۇ ئاجىز، ھۇرۇن كىشلەر بىلەن بىر يولدا ئەمەس.
بۈگۈنكى كىشلەر پۇرسەتكە تولغان دەۋىردە ياشاۋاتىدۇ. پۇرسەت ھەر ۋاقىت كىشلەرنىڭ كۆز ئالىدىدا ئەگىپ يۈرۈيدۇ. پەقەت سىز ئۇنى بايقىسىڭىزلا، تۇتسىڭىزلا بايلىق خۇددى ئېرىقتا ئېقىۋاتقان سۇغا ئوخشاش يانچۇقىڭىزغا كىرىدۇ. بايلار ھەر بىر بېيىش پۇرسىتىنى ئاسانلىقچە قۇيىۋەتمەيدۇ. چۈنكى بايلار بىر قېتىملىق پۇرسەت بولىسمۇ كەتكۈزۈپ قويسا، بەلكىم ئۆمۈرلۈك پۇشايمانغا قېلىشى مۇمكىنلىكىنى بىلىدۇ. پۇرسەتنى بايقىغاندىن كىيىن ئۇنىڭدىن پايدىلىنىشنى بىلىشى كېرەك. چۈنكى پەقەت پۇرسەتتىن ياخشى پايدىلانسا، ئاندىن ھەركەتلەندۈرگۈچ كۈچ پەيدا قىلىدۇ. پەقەت ھەركەنلەندۈرگۈچ كۈچ بولسىلا ئاندىن بايلىق ياراتقىلى بولىدۇ.
1921-يىلى پولشانىڭ چوڭ كوچىلىرىدا قارىماققا ئىشى يوقتەك كۈرىنىدىغان بىر ئەر لاغايلاپ يۈرەتتى. ئۇزاق ئوتمەي بۇ ئەر بىر چىرايلىق مەدىنيەت بۇيۇملىرى دۇكىنىنى كۆردى ۋە تۇيۇقسز قەلەم سېتىۋېىلپ كۇندىلىلك خاتىرە يېزىشنى ئويلاپ قالدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ دۇكانغا كىرىپ ئۆزى ياقتۇرغان قەلەمنىڭ باھاسىنى سورىدى،ئەمما باھا ئۇنى ھەيران قالدۇرۇدى. چۈنكى ئەنگىلىيەدە ئۇچ سېنىتلىق قەلەم بۇ يەردە 26 سېنىتقا سېتىلاتتى.
بۇ ئەر ھەيران قېلىپ سەۋەبىنى سۈرۈشتۈرۈپ نىمە ئۈچۈن قىممەت سېتىلدىغانلىقىنى بىلدى. ئەسلىدە بۇ قەلەم گىرمانىيەدىن ئىمپورت قىلىنغان بۇلۇپ، سانى ئاز، كەم ئۇچىرايدىغان بولغاچقا باھاسىمۇ تەبئىيلا قىممەت بولغان.
قەلەمنى سېتىۋالغاندىن كىيىن ئۇ ناھايىتى تىزلا پولشا بازىرىدا تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان. نەتىنجە ئۇنى ئىنتايىن ھاياجانلاندۈرۇغان. قەلەم باھاسىنىڭ قىممەت بۇلۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئاساسلىق سەۋەب- ئەينى چاغدا پولشادا بىرلا قەلەم زاۋۇتى بۇلۇپ، ئۇرۇشنىڭ تەسىرىدىن ئىشلەپچىقىرىش ياخشى ئەمەس ئىكەن.
ئەھۋالىنى بىلگەندىن كىيىن، ئۇ دەرھال پولشاغا قەلەم زاۋۇتى قۇرۇشنى قارار قىلغان ھەم كەسپى تېخنىكا خادىملىرىنى يۇقىرى ئىش ھەققى بىلەن تەكلىپ قىلىپ ئىشلەتكەن.
بۇ ئىقتىسادى كاللىسى بار ئەر ئولىۋېر بۇلۇپ، ئۇ تىجارەتكە ماھىرلىقىدىن پۈتۈن دۇنياغا نامى چىققان تىجارەتچى. ئۇنىڭ قەلەم زاۋۇتى قۇرۇلغاندىن كىيىن، شۇ يىلدىكى پايدىسى بىر مىليۇن ئامېركا دوللىرىغا يەتكەن. 1926-يىلىغا كەلگەندە، ئۇنىڭ مەسھۇلاتلىرى دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا سېتىلىپ، خەلىقئارالىق داڭلىق ماركىغا ئايلانغان.
شۇنىڭ ئۈچۈن بايلار ھەر قانداق باي بۇلۇش پۇرسىتىدىن ۋاز كەچمەيدۇ. ھىكايىدىكى ئولىۋېر دەل مۇشۇ خىل روھىنى ھازىرلىغان. شۇڭا كىچىككىنە قەلەمدىنمۇ چوڭ سودا پۇرسىتىنى قېزىپ چىققان. ئەينى چاغدا قەلەم ئالىدىغان ئادەم پەقەت ئولىۋېر بىر ئادەملا بۇلۇشى، قەلەمنىڭ قىممەت ئىكەنلىكىنى بايقىغان ئادەممۇ پەقەت ئولىۋېرلا بۇلۇشى ناتايىن. لىكىن قەلەمنى بايقاپ، بېيىش يۇلىنى تاپقان ئادەم پەقەتلا ئولىۋېر. بۇ نىمە ئۈچۈن؟
جاۋابى: پۇرسەتنى بايقاش، پۇرسەتنى تۇنۇش، ھەر قانداق باي بۇلۇش مۇمكىنچىلىكى بولغان پۇرسەتنى بوش قۇيۋەتمەسلىك.
گەرچە ئەتراپىدىكى كىشلەر بۇ ئىشتىن سودا پۇرسىتىنى كۆرەلىسىمۇ سىز بايقىيالىسىڭىزلا ئۆزىڭىزنىڭ قارىشىدا چىڭ تۇرىشىڭىز، ئىككىلەنمەسلىكىڭىز كېرەك. چۈنكى دەل سىز ئىككىلىنىۋاتقان شۇ پەيىتتە پۇرسەتنى كەتكۈزۈپ قۇيىشىڭىز مۇمكىن.
پۇرسەت غەلبە قىلىشتا كەم بولسا بولمايدىغان شەرت. پۇرسەت كەلگەندە بىز ئەقلىمىزنى ئىشلىتىپ، ئۇنى تۇتالامدۇق-يوق؟ ھەقىقى بايلار ھەر قانداق بىر پۇرسەتنى ئۆتكۈزۋەتمەيدۇ. ناھايىتى كىچىك پۇرسەت بولسىمۇ، «ھەر قانداق پۇرسەتنى قەتئى ئوتكۈزۋەتمەسلىك» روھى ھالىتىدە تۇرۇپ، بارلىق مۇمكىنچىلىكنى چىڭ تۇتىدۇ. بايلاردا بۇ خىل ئىرادە بولغاچقا، زۆر مىقداردىكى بايلىققا ئېرىشىدۇ، غەلبە قىلالايدۇ.
نامراتلار ھەمىشە بايلارنىڭ مۇۋاپىقيىتىگە ھەۋەس قىلىدۇ. قارىماققا خەجلىسە تۈگمەيدىغان پۇلىغا ھەۋەس قىلىدۇ. قانچە ھەۋە قىلسىمۇ يەنىلا نامرات پېتى تۈرىۋېرىدۇ. لىكىن بايلار تېخىمۇ باي بولىدۇ. پۇرسەت ھەر ۋاقىت مەۋجۇت. لىكىن نىمىشقا پۇرسەتنى تۇتالايدىغانلار دائىم بايلار؟ ئەمىليەتتە ھېكايىدىكىگە ئوخشاش بايلارنىڭ كاللىسى ئۆتكۈر، قارىماققا پۇرسەت يوقتەك قىلغان ئشلاردىنمۇ پۇرسەت تاپالايدۇ. ھەر بىر پۇرسەتنى ئۆتكۈزۋەتمەيدۇ.
بايلىقنىڭ بايانى:
ھەر بىر قېتىملىق پۇرسەت بەلكىم غايەت زور بايلىق يارتىشى مۇمكىن. شۇنىڭ ئۈچۈن ئەگەر نامراتلار باي بۇلۇشنى ئويلىسا، مۇۋاپپىقيەت قازىنىدىغان ھەر بىر پۇرسەتنى ئوتكۈزۋەتمەسلىكى كېرەك. ھەر قانداق پۇرسەتنى ئۆتكۈزۋەتمەسلىك ئۈچۈن پۇرسەتنى بايقاشنى، تۇتۇشنى ئۆگىنىش كېرەك. پەقەت شۇندىلا پۇرسەت ياراتقان غايەت زور بايلىق سىزگە تەۋە بولىدۇ.
<<نامراتلار قوي تەبىئەتلىك ، بايلار بۆرە تەبىئەتلىك >> ناملىق كىتابنىڭ 2-قىسمىدىن ئېلىندى