ئامرىكا كارخانىچىلار خىتاپنامىسى
مەن ئاددىي ئادەم بولۇشنى تاللىمايمەن، ئەگەر قولۇمدىن كەلسە، مەشھۇر ئادەم
بولۇشقا تىرىشىمەن.
ئىزدەيدىغىنىم خاتىرجەملىك ئەمەس، پۇرسەتتۇر. مېنىڭ دۆلەتنىڭ بېقىشىغا بېقىنىپ
قالىدىغان تۆمۈر تاۋاق ئىگىسى بولغۇم يوق.
شۇنداق بىر تەۋەككۈلگە ھەر ۋاقىت تەييارمەنكى، ئۇنى ئارزۇلايمەن، ئۇنى بەرپا
قىلىمەن، ئۇنىڭ ئۈچۈن بەزىدە مەغلۇپ بولىمەن ھەم شۇنداقلا غەلىبە قىلىمەن.
مەن ھېسداشلىقنى رەت قىلىمەن، تاللىشىم ـ توختام سۇدەك جىمجىت ھالدا باشقىلار
ئۈچۈن ياشاپ بېرىش ئەمەس، بەلكى تۇرمۇش بىلەن رىقابەتكە چۈشۈپ ياشاشتۇر.
مەن ئەركىنلىكىمنى ھېسداشلىققا، غورۇرۇمنى «سەدىقە»گە تىگىشمەيمەن. مەن
ھەر قانداق ھوقۇقدارلار ئالدىدا قورقۇپ تىترىمەيمەن، ھەيۋە، دەرد-بېسىملاردىن
قورقۇپ ئىگىلمەيمەن. مەيدىنى تىك تۇتۇپ پەخىرلىنىپ، قورقۇمسىز، مەردانە ياشاش
مېنىڭ خاراكتېرىم. مەن ئارزۇيۇم ئۈچۈن توختىماي كۈرەش قىلىپ، ئەمگىكىمنىڭ
مېۋىسىدىن ھوزۇرلىنىمەن. ھامان بىر كۈنى خەلقىئالەمگە پەخىرلىنىپ تۇرۇپ شۇنداق خىتاب قىلىمەنكى: «ئىگەمنىڭ ياردىمى بىلەن مەن ئارزۇيۇمغا يەتتىم!»...
مەنبە:ئىزدىنىش تورى