A-A+

قاش-تاش بازىرىنىڭ كەلگۈسى بەش يىلى

2016-يىل 10-ئىيۇل ئەقىدە قاش ئىنىستىتۇتى باھا يوقكەن زىيارەت: 2,066 قېتىم

玉石爱好者要知道 : 未来五年 , 九大趋势

ئەقىدە شىركىتى مەرۋايىت زىننەتلىرى بۆلىمىدىن ئادالەت ئابلىكىم تەرجىمىسى

كەلگۈسى بەش يىلدا  قاشتېشى  بازىرى ۋە ئاسارە-ئەتىقە بازىرىدا قانداق ئۆزگىرىشلەر بولىدۇ ؟ بازار قايسى تەرەپكە قاراپ يۈزلىنىدۇ ؟ ......

20126495647964  1 . 2016-يىلى ئاسارە-ئەتىقە بازىرى خارابلىشىشقا يۈزلىنىپ ، پەقەت 10 % تىجارەتچىنىڭلا بۇ قىيىنچىلىقتىن ساق-سالامەت ئۆتۈپ كېتىشى مۆلچەرلەنمەكتە.نۇرغۇن ئاسارە-ئەتىقە بۇيۇملارنىڭ باھاسى بۇرۇنقىدىن 30 % چۈشۈپ كەتتى . ئەمما 2017-2018-يىلىدىن باشلاپ بازار قايتىدىن جانلىنىپ ، يىغىپ ساقلىغۇچىلار مەبلەغ سېلىشقا باشلايدۇ.2019-يىلى بازار ئېچىلىپ 2020-يىلى يېڭى بىر گۈللىنىش باسقۇچىغا كىرىدۇ.

2. بازار داۋالغۇچ مەزگىلدە 80 % كۆپرەك قاش دۇكانلىرى ئىشىك تاقايدۇ. ئەنئەنىۋى سودا ئۇسۇلى بويىچە سودا قىلىدىغان دۇكانلارمۇ ئىشتىن توختايدۇ.كەلگۈسىدە ئېسىل يارام قاشلىرى بار سارايلار ۋە تۆۋەن دەرىجىك قاشلارنىڭ بازىرى ئوبدان بولىدۇ.

3 . كىشىلەرنىڭ خوتەن قاشقا بولغان قىزغىنلىقى كۈنسىرى ئېشىپ ماڭىدۇ.روسىيە ۋە چىڭخەي قاشلىرى قاش بازىرىنى قاپلاپ گۈزەل-سەنئەت بۇيۇملىرى ئويۇشقا ئىشلىتىلىدۇ ، باھاسىمۇ ئۆسۈپ ماڭىدۇ . ماس قەدەمدە  خوتەن زىرە قاشلىرىنىڭ باھاسىمۇ كۈنسايىن ئۆرلەپ ، يارام زىرە قاشلار ئازىيىپ ماڭىدۇ.

54561427425326

4 . ئۈندىدار توپلىرى ، ئۈندىدار شەھەرچىسى ۋە ئەپ قاتارلىق سودا سۇپىلىرى تېخىمۇ سەرخىللىشىپ ، 70 % ئارتۇق قاش سودىسى توردا پۈتىدۇ.ئاقسۆڭەكلەر ۋە بايلار يىغىپ ساقلاش دەرىجىسىدىكى قاش بۇيۇملارنى ؛ جەمىئەتنىڭ ئوتتۇرا قىسمىدىكىلەر ئادەتتىكى قاش بۇيۇملارنى ؛ جەمىئەتنىڭ تۆۋەن قىسمىدىكىلەر ساختا ھەم ئەرزان قاش بۇيۇملارنى سېتىۋالىدۇ.

5 . خوتەن قاشلىرىنىڭ سۈپىتىنى تەكشۈرۈپ ، بېكىتىش تېخىمۇ قېلىپلىشىدۇ.يىغىپ ساقلاش دەرىجىسىدىكى قاش ئويمىلارنىڭ دەرىجىسىمۇ كۈندىن-كۈنگە ئېشىپ ماڭىدۇ.ئادەتتىكى قاشلارنىڭ باھاسىمۇ ئۆسىدۇ ، بىراق ناچار مەھسۇلاتنىڭ باھاسىدا كۆپ ئۆزگىرىش بولمايدۇ.

6 . يىغىپ ساقلىغۇچىلار توپى كۈندىن-كۈنگە كېڭىيىپ ماڭىدۇ.يىغىپ ساقلانغان ۋاقتى 50 يىلدىن ئاشقان قاش ئويمىلار ئەتىۋارلىق گۆھەر ھېسابلىنىدۇ.

26

7 . دۆلەت ئاسارە-ئەتىقە بازىرىغا ئىشىكىنى تېخىمۇ كەڭرى ئېچىپ بېرىدۇ.ئاسارە-ئەتىقە سودىسى شىركەتلىرى ئېسىل بۇيۇملارغا مەخسۇس ئارخىپ تۇرغۇزىدۇ.يېقىن كەلگۈسىدە ئېسىل ۋە ئوتتۇرھال ئاسارە-ئەتىقە بۇيۇملارنىڭ ھەممىسىنىڭ كىملىكى بولىدۇ.

8 . 2020-يىلى خوتەن قاش بازىرى يەنە بىر گۈللىنىش دەۋرىنى كۈتىۋالىدۇ ، مەبلەغ سالغۇچىلار كۆپىيىپ ئېسىل يارام بۇيۇملارنىڭ باھاسى 50 ~ 100 ھەسسىگىچە ، ئوتتۇرھال بۇيۇملارنىڭ باھاسىمۇ 10 ~ 30 ھەسسىگىچە ئۆرلەيدۇ.

9 . خوتەن قاشلىرىنى يىغىپ ساقلاش ئومۇملىشىپ ، ناچار سۈپەتسىز قاشلارنى سېتىش تەسلىشىدۇ.ئادەتتىكى يىغىپ ساقلىغۇچىلار ئېسىل قاش بۇيۇملارنى سېتىۋالاي دەپمۇ سېتىۋالالمايدۇ.كەلگۈسىدىكى ئەڭ باي كىشىلەر دەل ئېسىل ، يارام  ، نەپىس بۇيۇملارنى يىغىپ ساقلىغۇچىلاردۇر.

مەنبە : 阿克达和田玉市场 سالۇنى

2016-يىلى 7-ئاينىڭ 10-كۈنى

خەتكۈش :

كۆڭۈل سۆزلىرى

error: يۆتكىمەكچى بولسىڭىز بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ