شېرىكلەشكەندە ئېھتىياتچان بولۇش كېرەك
جېجىياڭ سودىگەرلىرىنى غەلبىگە باشلىغان 22 تۈرلۈك سودا قائىدىسى
توققۇزىنچى باب
ھەمكارلاشقۇچى شېرىك ناھايىتى مۇھىم، شۇڭا تاللىغاندا
ئېھتىياتچان بولۇش كېرەك
*سىز بىلەن ھەمكارلاشقان ئادەمگە ئاسانلىقچە ئىشىنىشكە بولمايدۇ
جېجىياڭ ۋەنتوڭ گورۇھى مۇدىرىيەت رەئىسى مالۈن ئىلگىرى مۇنداق دىگەن: «خەلق باشقۇرۇشىدىكى كارخانىلار ياڭشەندىكى تەشكىلاتلارغا ناھايىتى ئوخشىشىدۇ، كۆپچىلىكنىڭ مەقسىتى بىر يەردىن چىققاندىن كىيىن ئىش باشلىغاندىن كىينلا، دەرىجە ئايرىشقا، تىجارەتنى بۆلۈشۈشكە ۋە شەرەپ – نومۇسنى مۇھاكىمە قىلشىقا باشلايدۇ. سودا مەيدانلىرىدا مۇقىم دوستلۇق بولمايدۇ، پەقەت مۇستەھكەم مۇداپىئە قىلىنىدىغان قائىدە بولىدۇ، ياڭشەن ‹ئەزىمەتلىرى›نىڭ ئېچىنىشلىق مەغلۇب بولىدىغىنى ئېنىق، ئۇلارنىڭ ئەڭ چوڭ مەغلۇبىيىتى بولسا دوستلۇق ھېسىياتىنى سودىنى تۇتۇپ تۇرىدىغان تۈگۈن قىلىۋالىدۇ. بىر ياخشى كارخانىچى بازار ئېھتىياجىغا ماس كېلىدىغان تاۋار ئىشلەپچىقىرىپلا قالماستىن، ئەڭ مۇھىمى كارخانىنى ماڭدۇرىدىغان بىر يۈرۈش قائىدە تۈزۈشى كېرەك.» دېگەن.
ۋېنجۇدىكى بىر كارخانىچى: «سودىدا باشقىلارغا ئاسانلا ئىشىنىپ كېتىشتىن ھەزەر ئەيلەش كېرەك، ئەڭ يېقىن ئادەملىرىڭىزنىڭ سىزگە بولغان زىيانكەشلىكى ئەڭ چوڭقۇر بولىدۇ. سىز ئۆز بۇدەرلىرىڭىزنىمۇ دەڭسەپ بېقىشىڭىز كېرەك. چۈنكى باشقىلارغا ئېيتىپ بەرگىلى بولمايدىغان سىر ھەمىشە سىزنىڭ ھايات – ماماتىڭىزغا ياكى بىر كارخانىنىڭ جان تومۇرىغا باغلىنىشلىق بولىدۇ.» دېگەن.
سودا پۇرسىتىنى خۇددى تەبئىي قانۇنىيەتلەرنى ئاشكارىلاشقا بولمىغاندەك ئاشكارىلاشقا بولمايدۇ. مەقسەتسىز ياكى مەقسەتلىك ئاشكارىلىۋەتكۈچىلەرنىڭ ھەممىسى جازاغا ئۇچرايدۇ. ئەگەر تۇرمۇشتىكى ئىشلار ئاشكارىلىنىپ كەتكەن بولسا، ئېھتىمال مەلۇم ئادەمنىڭ ئىناۋىتى ياكى ئابرويىغا تەسىر قىلىشى مۇمكىن، ئەمما ئاشكارىلىنىپ كەتكىنى سودىدىكى يادرولۇق مەخپىيەتلىك بولسا، ئۇ ھالدا زىيان تارتىدىغىنى بىر كارخانا ھەتتا كۆپلىگەن شىركەتلەرنىڭ جانىجان مەنپەئەتى بولىشى مۇمكىن.
بىر سودىگەر بولۇش سۈپىتىڭىز بىلەن چوقۇم سودا مەخپىيىتىنى ياخشى قوغدىشىڭىز كېرەك، بۇمۇ رەھىمسىز رىقابەت ئىچىدە ھايات قېلىش ئۈچۈن بىلىش لازىم بولغان ئاساسىي ساۋات. رەھىمسىز رىقابەت نۇرغۇنلىغان كىشىلەرگە بەدەل تۆلەشكە قارىماستىن غەلبىنى قولغا كەتۈرۈشنى ئۆگىتىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن، كارخانا تىجارەتچىلىرى ئۆزلىرىنىڭ ئېھتىياتسىزلىقتىن سودا مەخپىيىتىنى ئاشكارلىۋېتىشتىن ساقلىنىشى، ھەمدە ھەر ۋاقىت ئۆزىنىڭ سودا مەخپىيىتىنىڭ ئاشۇ يامان نىيەتلىك كىشىلەر تەرىپىدىن ئوغرىلىنىپ كېتىشىدىن مۇداپىئەلىنىشى كېرەك.
لى جىنەن جېجىياڭ تەيجۇدىكى يۇرتىدا بىر كۈندىلىك تۇرمۇش بويۇملىرى دۇكىنى ئاچىدۇ.
بىر كۈنى ئۇنىڭ بىر دوستى كېلىپ ئۇنىڭدىن بىر تۈركۈم مەدەنىيەت بويۇملىرىنى زاكاس قىلماقچى ئىكەنلىكىنى، بىراق ھازىر قولىنىڭ ئازراق قىسقا بولغاچقا، ۋاقتىنچە پۇلنى تولۇق تۆلىيەلمەيدىغانلىقىنى، پۇل كەلگەندىن كىيىن پۇلنى تولۇق تۆلىۋىتىدىغانلىقىنى ئېيتىپتۇ.
ھېسىياتقا مايىل لى جىنەن بۇنى ئاڭلاپ دوستى قىيىنچىلىققا ئۇچرىسا ياندا ئويۇن كۆرسە بولمايدىغانلىقىنى ھېس قىپتۇ. شۇنداق قىلىپ مەرتلىك بىلەن: «ھەممىمىز دوست تۇرساق، تۈزۈت قىلىشنىڭ ھاجىتى يوق. سەن ئاۋۋال مالنى ئېلىپ كەت، قولۇڭغا پۇل كىرگەندە پۇلنى بېرىۋەت!» دەيدۇ. ئۇنىڭ دوستى: «بولىدۇ! پۇل كەلگەن ھامان ساڭا ئەكىلىپ بېرىمەن.» دەيدۇ. شۇنداق قىلىپ، لى جىنەن دوستىغا قەرز ھۆججىتىمۇ يازدۇرماستىن، مالنى تۇتقۇزۇپ قويىدۇ. ئۇ ئۆيگە قايتقاندىن كىيىن بۇ ئىشنى خوتۇنىغا ئېيتىپ بېرىدۇ، خوتۇنى: «سىز نېمىشقا ئۇنىڭغا قەرز ھۆججىتى يازدۇرمايسىز؟ ئەگەر كىيىن...» ئۇ خوتۇنىنىڭ سۆزىنىڭ ئاياغلىشىشىنى كۈتمەستىنلا قوپاللىق بىلەن: «سەن نېمىنى بىلەتتىڭ؟ ھەممىمىز دوست، ئۇ مېنىڭ پۇلۇمنى بەرمەي قالاتتىمۇ؟» دەيدۇ.
ئەمما ئەمەلىيەت لى جىنەننىڭ ئايالى پەرەز قىلغان بىلەن ئوخشاش چىقىپتۇ. ئۇنىڭ ھېلىقى دوستىنىڭ شىركىتى تىجارەت باشلاپ يېرىم يىل بولغىچە پۇلنى ئەكىلىپ بەرمەپتۇ.
نەچچە يىل ۋاقىت ئۆتۈپ كېتىپتۇ. دوستىنىڭ شىركىتى بارغانسىرى روناق تېپىپ پايدىسىمۇ كۆپىيىپتۇ. بۇ ئارلىقتا لى جىنەن بىر نەچچە قېتىم تېلفۇن قىلىپ ۋە دوستىنىڭ قېشىغا بىۋاستە بېرىپ پۇلنى سۈيلەپتۇ، دەسلەپتە دوستى قەرز پۇلىنىڭ تېخى كەلمىگەنلىكىنى، ئۆزىنىڭ قىيىنچىلىقىنىڭ ئېغىر ئىكەنلىكىنى ئېيتىپتۇ. بىراق كىيىن ھېچ ئىش بولمىغاندەك: «مەندە پۇل يوق، پۇلۇڭنى قايتۇرۇشقا ئامالسىزمەن!» دەيدىغان بوپتۇ.
ئۇ پۇل ئۆزىگە نىسبەتەن ئاز پۇل بولمىغاچقا، لى جىنەن قانۇن ئارقىلىق ھەل قىلىشنى ئويلاپتۇ. بىراق دەسلەپتە دوستىغا ئىشەنگەچكە، قەرز ھۆججىتى قىلدۇرمىغان بولۇپ، ھېچقانداق ئىسپات يوق ئىكەن؛ ئۇ ئىككىسى «دوست» بولغاچقا، قانۇنىي جەھەتتىن يەڭسىمۇ، ئۆزىنىڭ ئەخلاقىي جەھەتتىن «يولدىن چىقىپ كەتكەن» ئاتىقىغا قېلىشنى خالىمايىتتى.
سودا دۇنياسىنىڭ ئۆزىگە خاس ئويۇن قائىدىلىرى بار، «سودا دېگەن سودا» پىرىنسىپى ئاستىدا ھېلىغۇ دوستكەن، بىر قورساق بۇرادەرلەرمۇ ھېسابنى ئېنىق قىلىش كېرەك. شۇنىڭ ئۈچۈن ھەرقانچە ياخشى دوست بولغان تەقدىردىمۇ، ھېسىياتنى پايدا – مەنپەئەت مەيدانىغا سۆرەپ كىرىشكە بولمايدۇ.
ئېگىزدە تۇرغان بىر بالا خۇشاللىق بىلەن دادىسىغا قولىنى سۇنۇپ ئىنتىلىدىكەن، بىراق نەتىجىدە ھەر قېتىم قۇلى بوشلۇقتا قۇرۇق قالىدىكەن، بۇ ئەھۋال بىر نەچچە قېتىم تەكرارلانغاندىن كىيىن، بالا ھەرقانداق ئادەمگە ئاسانلىقچە ئىشەنمەيدىغان بوپتۇ. بۇ دەل يەھۇدىيلارنىڭ ئائىلىدىكى بالا تەربىيىسى. يەھۇدىي سودىگەرلىرى سودىدا پەقەت ئەمەلىيەتنى چىقىش قىلىپ چىقىرىلغان ھۆكۈمگىلا ئىشىنىدۇ، سودا مەيدانى جەڭ مەيدانىغا ئوخشايدۇ. يەھۇدىي سودىگەرلىرى ئەزەلدىن باشقىلارغا ئاسانلىقچە ئىشەنمىگەچكە، نۇرغۇنلىغان شەيئىلەرنىڭ يۈزەكى ھادىسىلىرى تەرىپىدىن مەپتۇن بولمايدۇ، شۇڭا سودا مەيدانلىرىدا قەد كۆتۈرۈپ تۇرالايدۇ.
«تامۇد» تا: «مېھمان بېلىققا ئوخشايدۇ، بېلىق يېڭى چاغدا ناھايىتى خۇشپۇراق بولىدۇ، بىراق بىر نەچچە كۈن ئۆتۈپلا سېسىق پۇرىقىنى چىقىرىشقا باشلايدۇ.» دېيىلگەن. جېجىياڭلىقلارنىڭ قارىشىچە مەڭگۈلۈك مۇناسىۋەت يوق، پەقەت مەڭگۈلۈك كېلىشىم بولىدۇ. سودا مەيدانلىرىدا دوست بولمايدۇ، سودا دېڭىزىدە چوقۇم ئەقلىيلىك بىلەن مەسىلىنى تەھلىل قىلىش، ئۆزىنى ئاسراش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈشنى بىلىش كېرەك، شۇندىلا مەغلۇبىيەتتىن ساقلانغىلى بولىدۇ.
**ئوخشاش كەسىپتىكىلەر بىلەن ھەمكارلىشىپ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش كېرەك
بىر سودىگەرگە نىسبەتەن ئېيىتقاندا، ئېھتىمال سىزمۇ «ئوخشاش كەسپىداشلار رەقىبكە ئوخشاش» دەپ قارىشىڭىز مۇمكىن، شۇنىڭ ئۈچۈن دائىم ئوخشاش كەسىپتىكىلەرگە دۈشمەنلىك نەزىرىدە قاراپ، ئۇنىڭ بىلەن ئەپ ئۆتمەسلىكىڭىز مۇمكىن. ئەمەلىيەتتە، ئوخشاش كەسىپتىكىلەر سىزنىڭ پايدىلىنىش ئۈلگىڭىز بولۇشى مۇمكىن، كەسىپداشلار بىلەن كۆپرەك پىكىر ئالماشتۇرۇشنىڭ سىزنىڭ سودىڭىزغا نىسبەتەن ھېچقانداق زىيانلىق تەرىپى يوق بولۇپلا قالماستىن، يەنە نۇرغۇن نەرسىلەرنى ئۆگىنىۋالغىلى بولىدۇ.
جېجىياڭلىقلارغا نىسبەتەن ئېيىتقاندا، ئوخشاش كەسىپتىكىلەر بىلەن ھەمكارلىشىش نىكاھقا ئوخشايدۇ، ياخشى نىكاھ ئادەمنى بەختلىك قىلىدۇ، ياخشى بولغان ھەمكارلىقمۇ ئادەمنى يۈكسەلدۈرىدۇ. جېجىياڭلىقلاردا شۇنداق بىر تەمسىل بار، ئۇلار ھەمكارلىقنى بىر ماشىنىنىڭ ئوخشاش بولمىغان زاپچاسلىرىغا ئوخشىتىدۇ، ھەمكارلىقنىڭ ھەرقايسى تەرەپلىرى ماشىنىنىڭ ئوخشىمىغان سايمانلىرىغا ئوخشىشىدۇ. بىر مۇنەۋۋەر ھەمكارلىق كوللىكتىپى ھەمكارلاشقۇچىلارنىڭ ئىقتىدارىنى جارى قىلدۇرىدىغان ياخشى شارائىت ھازىرلاپلا قالماستىن، يەنە ھەمكارلاشقۇچىلارنى ئىلگىرى ئىگە بولۇپ باقمىغان ئىنىرگىيەگە ئىگە قىلىپ، كوللىكتىپنىڭ كۈچىنى يۇقىرى چەكتە جارى قىلدۇرىدۇ.
ۋېنجۇدىكى بىر كارخانىچى: «سودىدا رىقابەتلىشىش كېرەك، ئەمما ئوخشاش كەسىپتىكىلەر رەقىب ئەمەس.» دىگەن. بىراق رىقابەتتە ماھىيەتتىن پايدىلىنىپ غەلبىنى قولغا كەلتۈرۈش كېرەك، مۇۋاپىق رىقابەت ئوخشاش كەسىپتىكىلەر بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى كۈچەيتىدۇ، كۆپچىلىك بىرلەشكەندە، ئۆز – ئارا ياردەمدە بولغاندا، سودىنى تېخىمۇ چوڭ قىلغىلى بولىدۇ.
2004 – يىلى 9 – ئانىڭ 17 – كۈنى، ئىسپانىيەنىڭ ئېرىچ شەھرىدە يۈز بەرگەن بىر قېتىملىق چوڭ ئوت ئاپىتى جېجىياڭ ۋېنجۇدا ئىشلەپچىقىرىلغان سەككىز مىليوندىن كۆپرەك قىممەتتىكى ئاياغلارنى نابۇت قىلدى. بۇنىڭ بىلەن، مەزكۇر جايدىكى ۋېنجۇلۇقلارنىڭ ئوبرازى ناھايىتى چوڭ تەسىرگە ئۇچىرىدى. ۋېنجۇ ئاياغلىرىنىڭ سېتىلىش باھاسىنىڭ يەرلىكنىڭكىدىن تۆۋەن بولۇشى، ھەمدە سۈپىتىنىڭمۇ يەرلىكتە ئىشلەپچىقىرىلغان ئاياغلاردىن ياخشى بولۇشى سەۋەبىدىن يۇقارقىدەك ئەھۋال كېلىپ چىققان ئىدى. ئەرزان ئەمگەك كۈچى ۋە تېخنىكىغا ئەھمىيەت بېرىش ئارقىلىق، ۋېنجۇ ئاياغچىلىقى دۇنيا ئاياغچىلىق بازىرىدا نىسبەتەن كۆپ ئۈلۈشنى ئىگەللىدى، بۇ يەرلىكتىكى بىر قىسىم ئاياغچىلىق كارخانىلىرىنى جان ساقلاشقا ئامالسىز قالدۇرغاچقا، چىقىش يولى تېپىشقا ئامالسىز قالغان يەرلىكتىكى ئاياغچىلىق كارخانىلىرى ئوت قويۇپ ئاياغ كۆيدۈرۈشتىن ئىبارەت بۇ شەكىلنى تاللىغان ئىدى.
ۋېنجۇ ئاياغچىلىق جەمئىيىتىنىڭ باش كاتىپى جۇ فېڭدۈي مۇخبېرغا: «ئىلگىرى ۋېنجۇلۇقلار ئىسپانىيەدە ئاياغنى بىۋاستە ساتاتتى، دۆلەت ئىچىدىن مال تارقىتىلىپ، بازاردىكى توپ تارقىتىش، پارچە سېتىش ھەممىنى ۋېنجۇلۇقلار ‹كۆتۈرە ئالاتتى›، ئېكىسپورت سودىگىرى، ئىمپورت سودىگىرى، سېتىش سودىگىرى، تىجاەتچى قاتارلىقلار ھەممىسى ۋېنجۇلۇقلاردىن بولۇپ، بارلىق ھالقىلاردىن كېلىدىغان كىرىمنى ۋېنجۇلۇقلار ‹يالغۇز ئىگەللەيىتتى.›» دېگەن.
جېجىياڭ سودىگەرلىرى بۇ خىلدىكى پۈتۈن كۈچى بىلەن بازار ئىگەللەيدىغان رىقابەت شەكلىنىڭ ئۇلارنى ھەممىلا يەردە دۈشمەنلىك قىلىپ، ئوزۇنغىچە پۇت دەسسەپ تۇرىشىغا تەسىر كۆرسىتىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلدى. شۇ سەۋەبتىن، ۋېنجۇ باراۋەرلىك سودا جەمئىيىتى ۋە ۋېنجۇ ئاياغچىلىق جەمئىيىتى بىرلىكتە ئېرىچ شەھىرىدە ئۆز – ئارا ھەمكارلىق ئورنىتىپ پايدا ئېلىش توغرىسىدىكى ئىزدىنىشىنى باشلىغان. ئەڭ ئاخىرىدا، ۋېنجۇ ئاياغچىلىق كارخانىلىرى ۋە ئېرىچ شەھەرلىك ئاياغچىلىق كارخانىلىرى ئۆزئارا كىلىشىپ، ھەمكارلىق شەكىلىدىكى رىقابەتنى قايتىدىن يولغا قويغان.
جېجىياڭ سودىگەرلىرىنىڭ جان ساقلاش ئەڭگۈشتىرى ناھايىتى كۆپ، ئىتتىپاقلىشىپ ئۆز – ئارا ياردەم بېرىدىغان ھەمكارلىق قارىشى بۇ ئەڭگۈشتەرلەرنىڭ ئىچىدىكى بىرى، بۇ ئۇلارنىڭ بازاردا تېخىمۇ كۆپ پايدا تېپىشىغا پايدىلىق. ئۇلار كەسىپداشلىرىنىڭ ئېغىزىدىن مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارغا ئېرىشىشنىڭ ئاسان ئەمەسلىكىنى، قارشى تەرەپنىڭ سودا ئۇچۇرلىرىنى مەخپىي تۇتىدىغانلىقىنى بىلىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، ئوخشاش كەسىپتىكىلەر بىلەن قانداق ھەمكارلىشىش ناھايىتى مۇھىم. كەسىپداشلارنى دۈشمەن ئورۇندا كۆرۈش خاتا، ئۇلارنى ئىستىراتىگىيىلىك ھەمكارلاشقۇچى قاتارىدا كۆرۈش، ئېھتىياجلىق ۋاقىتلاردا ھەمكارلىشىش، بازاردىن ئورتاق پايدىلىنىش كېرەك. بازار رىقابىتى جەھەتتە، سۈپەت، مۇلازىمەتتىن پايدىلىنىپ غەلبىنى قولغا كەلتۈرۈش، ئۆز – ئارا دۈشمەنلىشىش، رىقابەتلىشىپ باھاسىنى چۈشۈرۈش قاتارلىق زۆرۈرىيىتى يوق يامان خاراكتېرلىك رىقابەت شەكىللىرىنى قوللىنىشتىن ساقلىنىش كېرەك. شۇنداق قىلغاندىلا ھەممە تەرەپ ئورتاق غەلبىنى قولغا كەلتۈرەلەيدۇ.
جېجىياڭنىڭ مەلۇم بىر جايىدا، خوجايىنلار سودا قىلىشقا ماھايىتى ماھىر كېلىدۇ. بۇ جاي كۈندۈزلىرى ئاۋات بازارغا، كەچلىرى ھەر خىل يايمىلارغا تويۇنۇپ كېتىدۇ، ھەرخىل يىمەك – ئىچمەكلەرنىڭ تۈرى ناھايىتى كۆپ. سىز بىر قاقلىما كاۋاپ يايمىسىنىڭ ئالدىدا ئولتۇرۇپ كاۋاپ يىگەندىن كىيىن يەنىلا قانائەت ھاسىل قىلمىدىڭىز، سىز باشقا يايمىلارغا بېرىپ باشقا خىلدىكى ئۆزگىچە يىمەكلىكلەرنى يىمەكچى بولسىڭىز، خوجايىن سىز يىمەكچى بولغان نەرسىلەرنى يېزىۋېلىپ، ئاندىن ئادەم ئەۋەتىپ سىزگە ئەكەلتۈرۈپ بېرىدۇ، پۇلنى ئۇلارغا بەرسىڭىزلا كۇپايە قىلىدۇ.
بۇ خىلدىكى تىجارەت شەكلىدە ئوخشاش كەسىپتىكىلەر ئوتتۇرىسىدا زىددىيەت كۆرۈلمەيلا قالماستىن، يەنە ناھايىتى ماسلىشىدۇ. خېرىدارلارغا قولايلىق يارىتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، يايما خوجايىنلىرى ئوتتۇرىسىدىكى ھەمكارلىقنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۆزىنىڭ پايدىسىغا كاپالەتلىك قىلىپلا قالماستىن، يەنە ئوخشاش كەسىپتىكىلەرنىڭ پايدا ئېلىشىغىمۇ شارائىت ياراتتى.
مېيتىس. باڭۋېي گورۇھىنىڭ باش مۇدىرى قوشۇمچە باش دىرېكتورى جوۋ چېڭجىيەن ئىلگىرى: «رىقابەت بولغاندىلا تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرگىلى بولىدۇ، رىقابەت بولمىسا، تەرەققىياتمۇ بولمايدۇ. ئوخشاش كەسىپتىكىلەر رەقىب ئەمەس، بەلكى رىقابەتچى. رىقابەتچى ئەينەككە ئوخشايدۇ، دائىم قاراپ بەرگەندە، ئۆزىنىڭ تەرەققىياتى ۋە ئۆسۈپ يېتىلىشىگە پايدىسى بار.» دېگەن.
جېجىياڭلىقلارنىڭ نەزىرىدە، قايسى ئىشنى قىلىشتىن قەتئىينەزەر كەڭ قورساق بولۇش كېرەك. جېجىياڭلىقلار ئەگەر باشقىلار بىلەن كۆڭۈللۈك ماسلىشالمىسا، بىراق ئازراق بەدەل تۆلەشكە ئەرزىسىلا، ئۇلار ئاكتىپ ھالدا قارشى تەرەپ بىلەن مۇناسىۋەتنى ياخشىلاشقا تىرىشىدۇ. ئېھتىمال بەزىلەر ئاكتىپ ھالدا مۇناسىۋەتلىشىش ئاجىزلىقنىڭ ئىپادىسى دەپ قارىشى مۇمكىن. بىراق، قول چىقىرىپ ياردەم قىلالايدىغان، قۇربى يېتىدىغان ۋاقىتتا بۇ ھەرگىز ئىرادىنىڭ كەمچىل بولۇشىنىڭ بەلگىسى ئەمەس، ئۇ بىر خىل ئەقىل – پاراسەت.
شۇنىڭ ئۈچۈن، كارخانا تىجارەتچىلىرى چوقۇم ئوخشاش كەسىپتىكىلەرنىڭ رىقابەتچىسى ئىكەنلىكىنى، ئەمما رەقىب ئەمەسلىكىنى، دۈشمەن بولۇشىنىڭ تېخىمۇ مۇمكىن بولمايدىغانلىقىنى بىلىشى كېرەك. گەرچە بەزىدە رىقابەتتىن ساقلىنىش تەس بولسىمۇ، بىراق ئۆز – ئارا پايدا يەتكۈزگەن ئاساستا ھەمكارلىق ئېلىپ بارغاندا چوقۇم ھەممەيلەن خۇش بولىدۇ.
***پايدىنى باراۋەر تەقسىملەپ، دوستلىشىشقا ماھىر بولۇش كېرەك
جېجىياڭ خاشەن گورۇھىنىڭ باش لېدىرى ۋاڭ جىيەنپىڭ: «سودىگەرلەر نەزەر – دائىرىسىنى ئۈستۈن قىلىشى، كىمنىڭ ھەقىقىي دوست ئىكەنلىكىنى بىلەلىشى ھەمدە تېگىشلىك ھۆرمەت قىلالىشى كېرەك. دوستنى ھۆرمەتلەش ئۆزىنى ھۆرمەتلىگەن بىلەن باراۋەر، بۇنداق قىلساق بولمايدىغان نەرى بولسۇن؟» دېگەن.
سودا مەيدانىدا، ھەمكارلاشقان دوستىنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن ئۆزىنىڭ كۆز – ئالدىدىكى مەنپەئەتىنى قۇربان قىلالايدىغان كىشىلەر كۆپ ئەمەس، بىراق جېجىياڭلىقلارنىڭ قارىشىچە تىجارەتتە پۇل تېپىش كېرەك، بىراق قانداق پۇل تېپىشقا ناھايىتى ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. «مەن ياخشى بولسام، سەنمۇ ياخشى» دېگەن پىرىنسىپ بۇيىچە پايدىنى باراۋەر بۆلگەندە ئۆزىمۇ ئىزچىل پۇل تېپىش مەقسىتىگە يىتەلەيدۇ.
شۇنىڭ ئۈچۈن، «پايدىنى باراۋەر بۆلىشىش پىرىنسىپى» بولسا جېجىياڭ سودىگەرلىرىنىڭ ئادەم بولۇش، تىجارەت قىلىپ بېيىشتىكى مۇھىم يولى. ئەقىللىق جېجىياڭ سودىگەرلىرى بۇنى باشتىن – ئاخىر كۆڭلىگە پۈككەچكە، سودا مەيدانلىرىدا ھەممە ئىشىنى راۋان يۈرۈشتۈرەلىگەن.
خېفېيدىكى ۋېنجۇ سودىگەرلەر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى شاۋ ۋۇيۆ مۇنداق دەيدۇ:<<ئىلگىرى ئۇلار سودىگەرلەر جەمئىيىتىنىڭ نامىدىن پايدىلىنىپ بىر مەبلەغ سېلىش ئاپپاراتى تەسىس قىلدى، ئەزالار جەمئىيەتكە كىرگەندە ئۆزى خالاپ 5 – 3 تۈمەنگىچە، كۆپ بولغاندا 10 مىليوندىن ئارتۇق مەبلەغنى تاپشۇرۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۆزىنىڭ كۆزى يەتكەن تۈرلەرنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ، كوللىكتىپ كېڭىشىش ئارقىلىق قايسى تۈرلەرگە مەبلەغ سېلىش بېكىتىلىدۇ، بۇ كۆپچىلىك ئوتتۇرىسىدىكى ئىشەنچنى ئەڭ يۇقىرى چەكتىكى پايدىغا ئايلاندۇردى>>.
جېجىياڭ ئۇنىۋېرسىتىتى ۋاڭشىن لەندې پەن – تېخنىكا پاي چەكلىك شىركىتىنىڭ باش لېدىرى چېنپىڭ: «مېنىڭ ئەڭ چوڭ ئالاھىدىلىكىم بولسا، ھەرگىزمۇ ئۆزۈمنىڭ شەخسىي مەنپەئەتىنى دەپ باشقىلار بىلەن زىددىيەتلەشمەيمەن؛ پەقەت شىركەتكە نىسبەتەن تۆھپىسى بارلا بولسا، مەن ئۇلار بىلەن غەلبە مېۋىسىدىن تەڭ بەھرىمان بولىمەن. مەسىلەن: شىركەت يېڭى قۇرۇلغاندا، مەن كۆپ قىسىم پاي ھوقۇقىغا ئىگە ئىدىم. كارخانىنىڭ بارغانسىرى چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ، مەن كۆپ قىسىم پاي ھوقۇقىنى باشقىلارغا بۆلۈپ بەردىم. ھازىر مېنىڭ شەخسىي پاي ھوقۇقۇم پەقەتلا %10. مەن ئىزچىل ئوچۇق، باراۋەرلىك ھېسىياتى بۇيىچە ھەمكارلاشقۇچىلارغا مۇئامىلە قىلىمەن. بەزى دوستلىرىم چاقچاق قىلىپ مېنى ھەممە ئىشقا ماقۇل دەيسەن دېيىشىدۇ. ئەلۋەتتە كىيىن مەن بۇ سەۋەبتىن مەغلۇب بولۇشۇم مۇمكىن، بىراق مەن يەنىلا خۇشال بولىمەن.» دېگەن.
چېنپىڭنىڭ قارىشىچە: «خوجايىننىڭ پېيى قانچە ئازلاپ بارسا، كارخانا شۇنچە چوڭىيىپ بارىدۇ؛ بىزنىڭ پاي ئۈلۈشىمىز كىچىكلىسە، پايدىمىزمۇ، كارخانىمۇ چوڭىيىپ بارىدۇ.» دېگەن.
تىجارەتتە ئادەمگەرچىلىك لازىم، ئەگەر باشقىلار بىلەن ئەمدىلا ھەمكارلاشقان ۋاقتىڭىزدا ھەمىشە پايدا ئېلىشنى ئويلىسىڭىز، ئۇنداقتا ئۆز – ئارا ئىشەنچكە تەسىر يىتىشى مۇمكىن. ئەلۋەتتە، باشقىلارمۇ سىز بىلەن ھەمكارلىشىشنى، بېرىش – كېلىش قىلىشنى ياختۇرمايدۇ. ئەگەر سىز باشقىلار بىلەن ئەپ ئۆتۈش جەريانىدا، جېجىياڭ سودىگەرلىرىگە ئوخشاش باشقىلارنى ئويلىسىڭىز، ئۇلارغا ياردەم قىلسىڭىز، ئۇلارغا ۋەدە قىلغان پايدىنى بىر پۇڭنىمۇ ئېلىپ قالماي بېرەلىسىڭىز، باشقىلارمۇ سىز بىلەن بىرلىكتە ئىش قىلسا پايدا ئالالايدىغانلىقىغا كۆزى يېتىدۇ، سىزنى كەڭ – قورساق ئادەم دەپ قارايدۇ، بۇنداقتا، سودا – تىجارەت جەريانىدا ئەۋزەل ئورۇندا تۇرالايسىز.
نەزەر – دائىرىسى تار ئادەم پەقەت كۆز ئالدىدىكى مەنپەئەتنى كۆرىدۇ، سودا قىلغاندا دائىم ئۆزىگە پايدىلىق تەرەپتە تۇرۇشنى ئويلايدۇ، نەتىجىدە دائىم ۋاقىتلىق پايدا كۆرسىمۇ، ئوزۇن مەزگىللىك پايدىدىن قۇرۇق قالىدۇ، يەنى «قوغۇندىن ئايرىلىپ شاپاق يەپتۇ.» دېگەندەك ئىش بولىدۇ.
****سودىگەرلەر جەمئىيىتى – بىر مۇھىم كۈچ
سودىگەرلەر جەمئىيىتى - نۇرغۇن يىللار ئىلگىرى، دائىم سىرتلاردا يۈرۈيدىغان سودىگەرلەر ئۆز – ئارا ئالاقىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن، باشقا جايلاردىكى سودىگەرلەرگە ئوخشاش ھەرقايسى جايلاردا قۇرۇپ چىققان يۇرتداشلار ئۇيۇشمىسىنى كۆرسىتىدۇ. ئادەتتە بوزەك قىلىنىشقا ئۇچىرىدىغان سودىگەرلەر ئىتتىپاقلىشىپ سودىگەرلەر توپىنى شەكىللەندۈرۈپ، ئۆزلىرىنى «كەسپىي ئۇيۇشما»، توپ خوجايىنىنى «باشلامچى»، «سەردار» ياكى «ئاتامان» دەپ ئاتىشىدۇ. «كەسپىي ئۇيۇشما» دەل ھازىرقى زاماندىكى سودىگەرلەر جەمئىيىتىنىڭ ئەڭ بۇرۇنقى ئىپادىسى. 1917 – يىلى جېجىياڭ نىڭبولۇق سودىگەر شاڭخەيدە تۇنجى يۇرتداشلار بىرلەشمىسى بولغان «سىمىڭ ئاممىۋى ئورنى» نى قۇرۇپ چىقتى؛ 1919 – يىلى نىڭبولۇق سودىگەر ۋە كېمە باشلىقى شاڭخەيدە «جېجىياڭ نىڭبو سارىيى» نى قۇرۇپ چىقتى. سىرتلاردا ئېقىپ يۈرگەن جېجىياڭلىق سودىگەرلەرگە نىسبەتەن ئېيىتقاندا، سودىگەرلەر جەمئىيىتى يۇرتداشلارنى ئۆز – ئارا باغلاپ تۇرىدىغان تۈگۈن بولۇپلا قالماستىن، تېخىمۇ مۇھىمى بولسا تەرەققىي قىلىش، جان ساقلاشتىكى ئېھتىياج بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئۇلار پەقەت ئىتتىپاقلاشقاندىلا ھەر خىل قىيىنچىلىق ئۈستىدىن غالب كەلگىلى بولىدىغانلىقىنى، ھەممەيلەننىڭ ئورتاق گۈللىنەلەيدىغانلىقىنى بىلىدۇ.
سودىگەرلەر جەمئيىتى بولسا جېجىياڭلىق سودىگەرلەرنىڭ يەر يۈزىدىكى قورالى، كەسپىي ۋاكالەتچىسى. ھۆكۈمەت باشقۇرالمايدىغاننى سودىگەرلەر جەمئىيىتى باشقۇرىدۇ، كارخانا ھەل قىلالمىغاننى سودىگەرلەر جەمئىيىتى ھەل قىلىدۇ، سودىگەرلەر جەمئىيىتىنىڭ ھەرقايسى دۆلەتلەر بىلەن بولغان ئالاقىسى قويۇق.
2006 – يىلى، خەلقئارا كۆزئەينەك كۆرگەزمىسى مىلاندا ئۆتكۈزۈلدى، ۋېنجۇ سودىگەرلەر ئۇيۇشمىسى ئۆمەك تەشكىللەپ قاتناشتى. 80 دىن ئارتۇق كۆرگەزمە ئورنى ناھايىتى ياخشى جايغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، جەمئىي 40 مىليون ئامېرىكا دوللىرىدىن كۆپرەك زاكاس قوبۇل قىلغان ئىدى. بۇ ئوخشاش كەسىپتىكىلەرنى ئىنتايىن قايىل قىلىپ، كۆپچىلىك ھەممىسى ۋېنجۇ كۆرگەزمە ئۆمىكىگە كىرىشنى ئارزۇ قىلدى.
جېجىياڭ سودىگەرلەر ئۇيۇشمىسىنىڭ بەلگىلىمىسىدە: قايسى جايغا ئادەم كەلسە، شۇ جايدىكى مەسئۇل ئەزا كۈتۈۋالىدۇ. ئەگەر ۋەيران بولۇپ ھېچنىمىسى قالمىغان يۇرتداش بولسا، سودىگەرلەر جەمئىيىتى ياتاق – تامىقىنى كۆتۈرە ئالىدۇ، بېلەت ئېلىپ ئۇنى ئۆيىگە يولغا سېلىپ قويىدۇ ياكى ئامال قىلىپ ئۇنىڭ قايتا باش كۆتۈرۈشىگە ياردەم قىلىدۇ، دېيىلگەن.
جېجىياڭلىق سودىگەر چېنمىڭ: «جەمئىيەت رەئىسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، ھەرخىل كارخانا ۋە جامائەتنىڭ پايدىسىدىن سىرت، مەنمۇ بىر خىل نەتىجە ھېسىياتىنى قوغلىشىمەن. مەن ھەمىشە ئۆزۈمنى بىر كارخانىنى ئېلىپ مېڭىپلا قالماستىن، يەنە بىر كەسىپنى يىتەكلەۋاتقاندەك ھېس قىلىمەن.» دېگەن.
جېجىياڭ تەتقىقاتنى ئىلگىرى سۈرۈش جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى ۋاڭ مۇگۇاڭ: «بىزنىڭ سودىگەرلەر جەمئىيىتىگە سەل قاراشقا بولمايدۇ، چۈنكى ئۇ ناھايىتى مۇستەھكەم تىرەك.» دېگەن.
جېجىياڭنىڭ ئۆزىدە، پەقەت ۋېنجۇدىلا 130 دىن ئارتۇق سودىگەرلەر جەمئىيىتى ۋە كەسىپ كېڭىشىش ئۇيۇشمىسى بار. پۈتۈن مەملىكەت ھەتتا چەتئەللەردە تىجارەت قىلىۋاتقان 500 دىن ئارتۇق جېجىياڭ سودىگىرى سودىگەرلەر ئۇيۇشمىسىنى پۈتۈن مەملىكەتتىكى چوڭ – ئوتتۇرا شەھەرلەرگە تارقاتقان. نۆۋەتتە ياۋروپا ئىتىپاقى، ئامېرىكا ۋە ئارگىنتىنا قاتارلىق جايلاردا جېجىياڭ سودىگەرلەر ئۇيۇشمىسىنى كۆرگىلى بولىدۇ، جېجىياڭ سودىگەرلەر ئۇيۇشمىسىنى دۆلەت ئىچى – سىرتىغا ئومۇميۈزلۈك تارقالغان دېسەك ئارتۇق كەتمەيدۇ.
2004 – يىلى، نەنجىڭدە قۇرۇلغان نەنجىڭ شەھەرلىك سودا – سانائەت بىرلەشمىسى جېجىياڭ سودىگەرلەر ئۇيۇشمىسى بولسا ئىتىپاقلىشىشقا ماھىر جېجىياڭ سودىگەرلىرىنىڭ يەنە بىر ۋەكىللىك ئورنى. بۇ ئۇيۇشما نەنجىڭ – نىڭبو ئىقتىسادىي قۇرۇلۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش جەمئىيىتى، نەنجىڭ – ۋېنجۇ ئىقتىسادىي قۇرۇلۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش جەمئىيىتىدىن كىيىنكى نەنجىڭدە جېجىياڭلىقلار تەرىپىدىن قۇرۇلغان، جېجىياڭلىقلارنىڭ ھوقۇق – مەنپەئەتىنى قوغداشنى ئاساس قىلىدىغان ئۈچىنچى يۇرتداشلار بىرلەشمىسى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
ئىلگىرى ئالىي مەكتەپ پروفېسسورى بولغان نەنجىڭ يىۋۇ ئۇششاق تاۋارلار بازىرىنىڭ باش لېدىرى، ھازىر نەنجىڭ جېجىياڭ سودىگەرلەر ئۇيۇشمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقلىق قوشۇمچە باش كاتىپلىق ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان جاڭ گوئەن ئىلگىرى: «جېجىياڭ سودىگەرلىرىنىڭ سىرتلاردىكى تەرەققىياتى ۋە كۈچىيىشى جېجىياڭلىقلارغا خاس بولغان بىر «ھاياتلىق زەنجىرى» - يۇرتداشلار ئوتتۇرىسىدىكى ياردەم، ئىتتىپاقلىشىپ ھەمكارلىشىش، خەتەرگە بىرلىكتە تاقابىل تۇرۇش روھى – دىن ئايرىلالمايدۇ.» دېگەن.
جېجىياڭ سودىگەرلىرىنىڭ سودا دېڭىزىدىكى «گگانىت» قا ئايلىنىشىنىڭ مەخپىيىتى دەل «ئىتتىپاقلىشىپ جەڭ قىلىش». ئۇلارنىڭ سودىگەرلەر جەمئىيىتى كارخانىنىڭ سەمىمىيلىكى قاتارلىق جەھەتلەردە بىر قەدەر كۈچلۈك چەكلەش كۈچىگە ئىگە. ئەگەر جېجىياڭدىكى قايسى كارخانا ساختىلىق ئىشلەتسە، ئىناۋەتكە ئەھمىيەت بەرمىسە، سودىگەرلەر ئۇيۇشمىسى بۇنى ئاشكارلىۋەتسىلا، بۇ كارخانىنىڭ مەزكۇر جايدىكى تەرەققىياتى ناھايىتى تەسكە توختايدۇ.
بىر جېجىياڭلىق سودىگەر: «جېجىياڭ سودىگەرلەر ئۇيۇشمىسى ئىزچىل ‹بەش ئۆز›پىرىنسىپىنى قوللىنىۋاتىدۇ، يەنى ئۆزىنى باشقۇرۇش، ئۆزىگە مۇلازىمەت قىلىش، ئۆزىنى تەڭشەش، ئۆزىنى چەكلەش ۋە ئۆزىنى تەربىيلەش. ھەمدە ئالتە چوڭ ۋەزىپىنى ئۈستىگە ئالغان، يەنى كەسىپنى قائىدىگە سېلىش، ھوقۇقنى قوغداش، ھەمكارلىشىپ تەرەققىي قىلىش، مۇلازىمەت قىلىش، تەڭشەش ۋە باشقۇرۇش.» دېگەن.
ھازىرقى سودىگەرلەر ئۇيۇشمىسى ئاللىقاچان يىتەكلەش خاراكتېرلىك رول ئوينايدىغان مۇھىم كۈچكە ئايلاندى. سودىگەرلەر ئۇيۇشمىسى تۈزۈلمىسىنىڭ كېلىپ چىقىشى ۋە چوڭىيىشى جېجىياڭلىق سودىگەرلەرنى سودىگەرلەر ئۇيۇشمىسىنىڭ نازارەتچىلىكى ئاستىدا ناھايىتى كەڭ تەرەققىيات يولىدا مېڭىشقا يىتەكلىدى.
*********************************
تەرجىمە قىلغۇچى:ئەقىدە قاشگەرلىكى شىركىتى
تەرجىمان:ئابدۇللا ئۆمەر
تەرجىمە تەھرىرى:رەيھانگۈل نىزام
مەنبە:بېيجىڭ سانائەت پەنلىرى ئۇنىۋىرستىتى2013-يىلى 6-ئايدا نەشىر قىلغان خەنچە ‹‹ جېجاڭ سودىگەرلىرىنى غەلبىگە باشلىغان 22 تۈرلۈك سودا قائىدىسى››ناملىق كىتاب
2014-يىلى 4-ئاي