A-A+

تەقلىد قىلىش—يېڭى ئىش باشلىغانلارنىڭ بىر تۈرلۈك تاللىشى

2015-يىل 6-ئىيۇل تەرجىمە كىتابلىرىمىز باھا يوقكەن زىيارەت: 326 قېتىم

ۋېنجو سودىگەرلىرىنىڭ ئۆزگىچە تەپەككۈرى

 4- باب  2- پارگىراف

w0200707133487108540484

بېيىش تەپەككۇرى:

 نامراتلار: تىجارەتتە ئەڭ مۇھىمى ئۆزىمىزنىڭ خاسلىقى بولۇشى كېرەك، بولمىسا قانداقمۇ غەلبە قىلغىلى بولسۇن؟

   ۋېنجۇلۇقلار: تىجارەتنىڭ دەسلىپىدە بازارنىڭ نېمىگە ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكىنى ھېچكىم بىلمەيدۇ، بۇ چاغدا بىز پەقەت بازاردا مودا بولۇۋاتقان نەرسىلەرنى تەقلىد قىلساقلا بولدى، ئۇنىڭدىن كېيىن ئۇ نەرسىلەرگە مۇئەييەن ئۆزگەرتىش كىرگۈزسەك تىجارىتىمىز تېخىمۇ روناق تاپىدۇ.


   ئەگەر سىز تىجارىتىڭىزنى ئەمدىلا باشلىغان بولسىڭىز ۋە ئۆزىڭىزگە خاس تېخنىكىڭىز بولمىسا، ئۇنداقتا بىرىنچى قەدەمنى قانداق ئالىسىز؟

   ۋېنجۇلۇقلارنىڭ قارىشىچە، تەقلىد قىلىش، دوراش ئەڭ ياخشى ئۇسۇل.

   تەقلىد قىلىش تىلغا ئېلىنسا كىشىلەر دەرھال «دورامچىلىق قىلىمەن دەپ كۈلكىگە قېلىش» دېگەن ئىبارىنى ئويلايدۇ.

   ئەمىنىيە دەۋرىدىكى گۈزەل قىز شىشىنىڭ كۆڭلى يېرىم بولغاچقا قاپىقىنى تۈرۈۋالىدىغان بولۇپ قاپتۇ، بۇ ئۇنىڭ گۈزەل رۇخسارىنى تېخىمۇ جۇلالاندۇرۇپ كىشىلەر ئۇنى تېخىمۇ ياختۇرىدىغان بوپتۇ. دۇڭشى بۇ ئەھۋالنى كۆرگەندىن كېيىن شىشىنى دوراپ كۈن بويى قاپىقىنى تۈرۈپ يۈرۈيدىغان بۇلىۋاپتۇ ۋە بۇ ئارقىلىق باشقىلارنىڭ ياختۇرۇشىغا ئېرىشمەكچى بوپتۇ، ئەمما ئۇ نۇرغۇنلىغان كىشىلەرنىڭ كۈلكىسىگە قاپتۇ. (بۇ يۇقىرىدىكى «دورامچىلىق قىلىمەن دەپ كۈلكىگە قېلىش» دېگەن خەنزۇچە ئىبارىگە مۇناسىۋەتلىك ھېكايە)

   بۇ ھېكايەتتىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، دوراش كىشىلەرنىڭ نەزىرىدە ھەرگىزمۇ ياخشى ئىش ئەمەس.

   ئەمەلىيەتتە، دوراش-كىشىلەرنىڭ ئۆگىنىشىدىكى تۇنجى قەدەم. بىر ئادەم تۇغۇلغاندىن تارتىپ ئەتراپىدىكى كىشىلەرنى دوراشقا باشلايدۇ، ئائىلىدە ئاتا-ئانا ئۇنىڭ دوراش ئوبيېكتىغا ئايلىنىدۇ، مەكتەپلەردە بولسا ئوقۇتقۇچى ئۇنىڭ دوراش ئوبيېكتى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئادەم توختىماستىن باشقىلارنى دوراش داۋامىدا پىشىپ يېتىلىدۇ، ھەمدە بۇ ئارقىلىق باشقىلارنى دوراشنىلا ئەمەس، چوقۇم ئۆزىگە خاس خاراكتېر، ئۇسلۇب يېتىلدۈرۈش لازىملىقىنى ھېس قىلالايدۇ.

   ئىنسانىيەت ئۆز-ئارا دوراشنى ياختۇرۇپ قالماستىن، يەنە تەبىئەت دۇنياسىدىكى تۈرلۈك-تۈمەن شەيئىلەرنى دوراشقا ھېرىسمەن كېلىدۇ. دوراش ئىلمى دەل ئىنسانىيەتنىڭ تەبىئەت دۇنياسىدىن دوراپ ئۆگەنگەنلىكىنىڭ ئىسپاتى. بۇنىڭدىن شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، دوراش بىر ئادەمگە تەسىر قىلىپلا قالماستىن، يەنە جەمئىيەت تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

   كىشىلەر «ۋېنجۇلۇقلار دوراشقا ماھىر» دېيىشىدۇ. ۋېنجۇلۇقلار دوراشقا ماھىر بولغاچقا «كۆچۈرۈپ تەقلىد قىلىشنىڭ ئەمەلىيەتچىلىرى» دەپ تەرىپلىنىدۇ. تۈگمە، چاقماق قاتارلىق كىچىك تاۋارلاردىن تارتىپ خۇرۇم ئاياغ، كىيىم-كېچەك قاتارلىقلارغىچە ئۇلار تەقلىد قىلىپ ئۆگىنەلەيدۇ ۋە دوراپ پايدىلىنالايدۇ.

بەزى كىشىلەر تەئەددى قىلىپ مۇنداق دېيىشىدۇ: ئىلگىرىكى ۋاقىتلاردا، سىز بۈگۈن تېلېۋېزوردا كۆرگەن چەتئەل مودا ھەپتىلىكىدىكى ئەڭ مودا كىيىملەرگە ئىنتايىن ئوخشىشىدىغان كىيىملەر كۆپ ئۆتمەستىنلا ۋېنجۇدا پەيدا بولاتتى، ھەمدە مەملىكىتىمىزنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا سېتىلىشقا باشلايتى.

   بىر داڭلىق كارخانىچى ئىلگىرى مۇنداق دېگەن: «ئۈزۈل-كېسىل تەقلىد قىلىپ ئۆگىنىش مۇۋەپپەقىيەت قازانغۇچىنىڭ ئالاھىدىلىكى بولۇپلا قالماستىن، يەنە مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشنىڭ قائىدىسى. ۋېنجۇلۇقلار ئىگىلىك تىكلەش جەريانىدا باشقىلارنىڭ ئۇسۇلىدىن يېتەرلىك دوراپ پايدىلىنىدۇ. ئۇلار مۇنداق ئۇسۇل قوللىنىدۇ: ئاۋال چەتئەللەردىكى ئۇرۇغ-تۇغقانلىرى ئارقىلىق كىيىم-كېچەك ھەپتىلىكلىرىدىكى يېڭى مەھسۇلاتلارنى يۇقىرى باھادا سېتىۋالىدۇ، ئاندىن ئۇنى ۋېنجۇغا ئېلىپ كېلىپ، ھەتتا تۈگمىسىگىچە ئىنچىكىلىك بىلەن تەتقىق قىلىدۇ، ئاندىن ئۇستاملار ئارقىلىق بۇ خىل پاسوننى تۈركۈملەپ ئىشلەپچىقىرىدۇ.

   ۋېنجۇنىڭ كۆزئەينەكچىلىك كەسپىمۇ ئەنە شۇنداق دوراش ئارقىلىق گۈللىنىپ تەرەققىي قىلغان.

   ۋېنجۇ‹ يىراق ئوكيان › كۆزئەينەكچىلىك شىركىتى توپلاشتۇرۇلغان قۇياش نۇرى ئەينىكى تېخنىكىسىنى تەتقىق قىلىپ ئېچىش ۋە سېتىش بىر گەۋدىلەشتۈرۈلگەن شىركەت بولۇپ، يىللىق سېتىش سوممىسى 100 مىليون يۈەندىن ئاشىدۇ. بۇ كارخانىنىڭ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش سىرى دەل دوراشتۇر.

 1982-يىللىرى بالقاق پىششىقلاپ ئىشلەپ زاۋۇتىدا ئىشلەۋاتقان يې زىجيەن  بازارلاردا ئالتۇن رەڭ مېتالدىن ياسالغان كۆزئەينەكلەرنىڭ ناھايىتى مودا بولۇۋاتقانلىقىنى بايقايدۇ. شۇنداق قىلىپ ئۇ بىر ئايلىق مۇئاشىنى خەجلەپ بىر دانە كۆزئەينەك سېتىۋالىدۇ.

   ئۆيىگە قايىتقاندىن كېيىن ئۇ كۆزئەينەكنى چۇۋۇپ، ھەربىر زاپچاسلىرىغىچە ئەستايىدىل كۈزىتىدۇ، ئاندىن زاپچاس ئىشلەپچىقىرىدىغان    زاۋۇتلارغا بېرىپ ئۇ خىل كۆزئەينەكنىڭ زاپچاسلىرىغا ئوخشىشىپ كېتىدىغان زاپچاسلارنى ئىزدەيدۇ،ئاندىن ئۆزى سۇلياۋدىن ئىشلەپچىقىرىلغان زاپچاسلارنى قوراشتۇرۇپ كۆزئەينەك  ياساشقا باشلايدۇ ۋە ئاخىرىدا 100 دانە كۆزئەينەكنى پۈتتۈرۈپ چىقىدۇ.

   يې زىجيەن بۇ كۆزئەينەكلەرنى سىناپ بېقىش ھېسىياتى بىلەن بازارغا ئېلىپ چىقىدۇ. كىم بىلسۇن، دانىسى ئۈچ يۈەنلىك بۇ كۆزئەينەكلەر بىردەمدىلا سېتىلىپ تۈگەيدۇ.

   بۇنىڭ پايدىسىنى كۆرگەن يې زىجيەن خىزمىتىدىن ئىستىپا بېرىپ، بىر نەچچە دوستلىرى بىلەن كۆپ مىقداردا كۆزئەينەك ئىشلەپچىقىرىشنى باشلايدۇ. ئۇنىڭ مەھسۇلاتلىرىنىڭ تەننەرخى تۆۋەن، مەھسۇلاتلىرىنىڭ يېڭىلىنىشى تېز بولۇپ 1000 خىلدىن كۆپ پاسوندىكى كۆزئەينەكلەرنى ئۆزلىرى مۇستەقىل تەتقىق قىلىپ چىققاچقا، ئۇلارنىڭ سېتىش مىقدارى بارغانسېرى ئاشىدۇ-دە، ئاخىرىدا يىللىق كۆزئەينەك ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى 24 مىليون دانىگە دانىگە يېتىدىغان كارخانىغا ئايلىنىدۇ.

 جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى جەمئىيەتشۇناسلىق پەنلىرى تەتقىقات ئورنىنىڭ خىزمەتچىسى ۋاڭ چۈنگۇاڭ دوراشنى بىر خىل يېڭىلىق يارىتىش دەپ قارايدۇ. ئۇنىڭ قارىشىچە، دوراش-يېڭىلىق يارىتىشنىڭ بىرىنچى قەدىمى. ۋېنجۇلۇقلارنىڭ نۇرغۇنلىغان كەشپىياتلىرى باشقىلارنى دوراش ئەمەلىيىتى جەريانىدا كېلىپ چىققان. ۋېنجۇلۇقلار بىر خىل مەھسۇلاتنى ئىشلەپچىقىرىشنىڭ دەسلىپىدە باشقىلارنى دورايدۇ، تەقلىد قىلىدۇ، كۆچۈرىدۇ، ئەمما مۇئەييەن ۋاقىتتىن كېيىن ئۆزلىرىنىڭ ماركىسىنى يارىتىشقا باشلايدۇ. كۆپىنچە ۋېنجۇلۇقلار سىرتلاردا تىجارەت   قىلغان پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ بازارلاردىكى يېڭى مەھسۇلاتلارنى كۈزىتىدۇ. بازاردا يېڭى مەھسۇلات بارلىققا كەلگەن ھامان ئۇلار ئىشلەپچىقىرىشنى باشلايدۇ.

   ۋاڭ چۈنگۇاڭ ۋېنجۇلۇق ئادەم، ئەمما ئۇمۇ ۋېنجۇلۇقلارنىڭ «ئالدام خالتىسى» غا چۈشۈپ باققان.

   1986-يىلى ئۇ بىر جۈپ چىرايلىق ۋېنجۇ خۇرۇم ئايىغى سېتىۋالغان، ئەمما ئاياغ بىر ھەپتىدىن كېيىنلا كاردىن چىققان.

   «ئەينى ۋاقىتتا بازارلار تەرتىپسىز بولۇپ، تېخنىكىسى بولمىغان ۋېنجۇلۇقلارنىڭ مەلۇم خىل مەھسۇلاتنى مۇستەقىل تەتقىق قىلىپ ئېچىشقا قۇربى يەتمەيىتتى. بۇ خىل ئەھۋالدا ئەڭ تۆۋەن تەننەرخ بىلەن يۇقىرى پايدىغا ئېرىشىش ئۈچۈن، ۋېنجۇلۇقلار ساختا مەھسۇلات ئىشلەپچىقىرىش يولىنى تاللىغان.»

 «ۋېنجۇلۇقلار ئاخىرىدا تەجرىبە-ساۋاقلار ئارقىلىق تىجارەتتە سەمىمىيلىكنىڭ مۇھىملىقىنى، ئىستېمالچىلارنى جەلپ قىلىش ئۈچۈن چوقۇم مەھسۇلات سۈپىتى ۋە مۇلازىمەت سۈپىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش لازىملىقىنى ھېس قىلغان.»

   ۋاڭ چۈنگۇاڭ مۇنداق دېگەن: «باشقىلارنى پۈتۈنلەي دورىغاندا مۇۋەپپەقىيەت قازانغىلى بولمايدۇ. دوراش بىر جەريان، ۋېنجۇلۇقلار بۇ جەرياندا نۇرغۇنلىغان پۇرسەتلەرگە ئۇچرايتتى، ئەمما بۇ پۇرسەتلەر ھەرگىزمۇ قايتا پەيدا بولمايىتتى.»

   ئەلۋەتتە باشقىلارنى دوراشتىن بۇرۇن ئۆزىمىزنىڭ شارائىتىغا سەل قارىماسلىقىمىز كېرەك.ھەر قانداق نەرسىنىڭ ماھىيىتى ئۆزگەرمەيدۇ، ھەر قانداق نەرسىگە قارىتا ئۆزىمىزنىڭ كۆز-قارىشى بولۇشى، باشقىلارنىڭ بۇرنىمىزدىن يىتىلەپ مېڭىشىغا يول قويماسلىقىمىز كېرەك.

   ئەقىللىق تىجارەتچىلەر چوقۇم ئۆزلىرىنىڭ ئىقتىدارىغا تايىنىپ تەقلىد قىلىشى، بازار ئېھتىياجلىق بولغان مۇۋاپىق ۋاقىتتا يېڭىلىق يارىتىشقا ئەھمىيەت بېرىشى، مەھسۇلاتنى بازارغا تېخىمۇ لايىقلاشتۇرۇشى لازىم.

 بۈگۈنكى كۈندە تەرەققىياتنى قولغا كەلتۈرگەن ۋېنجۇلۇقلار ئاللىقاچان «دوراش باسقۇچى» دىن ئۆتۈپ كەتتى، ئۇلار يېڭىلىق يارىتىشنىڭ ئۇلارنىڭ تەرەققىياتىنى يەنە بىر قەدەم ئىلگىرى سۈرىدىغان ئاچقۇچلۇق ئامىلغا ئايلانغانلىقىنى ھېس قىلدى.

   ئەمەلىيەتتە ھەر قانداق سودا شەكلىنى بەلگىلىك دەرىجىدە «كۆچۈرۈش» كە بولىدۇ، ئەمما مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش ۋە مەغلۇب بولۇشنىڭ پەرقى «ساددىلارچە دوراش» ياكى «دوراش ئارقىلىق يېڭىلىق يارىتىش» تا ئىپادىلىنىدۇ. تىجارەتكە ماھىر ۋېنجۇلۇقلار بۇ قائىدىنى چوڭقۇر ھېس قىلغان. ۋېنجۇلۇقلار باشقىلارنى دوراشقا ماھىر بولۇپلا قالماستىن، يەنە ۋاقتى كەلگەندە دوراشتىن ۋاز كېچىشنىمۇ، بۇ ئارقىلىق نەزىرىنى «دوراش ئارقىلىق يېڭىلىق يارىتىش ۋە غەلبە قىلىش» قا قارىتىشنىمۇ بىلىدۇ. ئەگەر ئۇلار تەقلىد قىلىپ ياسىغان مەھسۇلاتنىڭ بازاردىكى يېڭىلىنىشى ئۇلارنىڭ سۈرئىتىدىن ئېشىپ كەتكەندە، ئۇلار ئىككىلەنمەستىن كونا مەھسۇلاتنى داۋاملىق تەقلىد قىلىشتىن ۋاز كېچىدۇ-دە، مەھسۇلاتقا توختىماستىن ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈپ يېڭىلىق يارىتىدۇ ۋە بازارغا تېخىمۇ لايىقلاشتۇرىدۇ. ئۇلار دوراش داۋامىدا ھالقىشنى ئەمەلگە ئاشۇرىدۇ، دوراش داۋامىدا بۆسۈپ چىقىشنى ئىزدەيدۇ، بۇ ئارقىلىق ئىگىلىك تىكلەشنىڭ غەلبە مېۋىسىنى قولغا كەلتۈرىدۇ.

ۋېنجۇلۇقلارنىڭ بايانى:

   مەن تېخى بىر ئىزدەنگۈچى، شۇڭا ئىگىلىك تىكلەش مەزگىلىدىن ئۆتەلمىگەن بولۇشۇم مۇمكىن؛ مەن تېخى بىر رەھبەرگە ئايلانمىدىم، ئەمما مەن ئىزچىل بىر كۈنلەردە«ئالدىنقى سەپتە ئۆزۈم ئۇرۇش قىلىش نىڭ ھاجىتى قالمىغان ››ئادەمگە ئايلىنىشنى ئارزۇ قىلىپ كەلدىم.

-شاڭخەي ئەنشىن تاختاي ( پول )ئىشلەپچىقىرىش چەكلىك شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى لۈ ۋېيگۇاڭ


مەنبە: 时事出版社   نەشىر قىلغان

<< 温州人想的和你不一样 >>ناملىق كىتاب

2014-يىلى 24-قېتىملىق نەشىرى 

ئەقىدە قاشگەرلىكى شىركىتى تەرجىمىسى 

تەرجىمان : ئابدۇللا ئۆمەر

تەرجىمە تەھرىرى : رەيھانگۈل نىزام

2015-يىلى 7-ئاينىڭ 6-كۈنى

كۆڭۈل سۆزلىرى

error: يۆتكىمەكچى بولسىڭىز بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ