A-A+

خېرىدارلارنىڭ ھورۇنلاردىن ئىكەنلىكىگە ئىشىنىش كېرەك

2015-يىل 8-ئاپرېل تەرجىمە كىتابلىرىمىز باھا يوقكەن زىيارەت: 218 قېتىم

مايۈننىڭ ئىگىلىك تىكلەش دەرسخانىسى

48cb3cfd-6653-4408-ab50-887c34a234ec

ئونىنچى دەرس

خېرىدارنىڭ ئېھتىياجىنى چۈشىنىش ھەممىدىن مۇھىم

10-دەرس 1-پارىگىراپ

خېرىدارلارنىڭ ھورۇنلاردىن ئىكەنلىكىگە ئىشىنىش كېرەك

ئالى بابانىڭ كارخانا مەدەنىيىتىدە بىر مۇھىم ئامىل بار: خىزمەتچىلەر چوقۇم خېرىدارلارنىڭ ھورۇنلاردىن ئىكەنلىكىگە ئىشىنىشى كېرەك. نېمىشقا بۇنداق قىلىش كېرەك؟ مايۈننىڭ ئۆزىگە خاس ئاساسى بار. ئۇنىڭ ئۆزىنى ئېلىپ ئېيىتقاندا، ئۇ كومپيۇتېردىن پايدىلىنىپ پەقەت ئېلخەت يوللىيالايدۇ، تاپشۇرۋالالايدۇ، تور بەتلەرگە كۆز يۈگۈرتەلەيدۇ، كىنولارنى كۆرەلمەيدۇ، مۇرەككەپ بولغان ئىنتېرنېت قوراللىرىنى ئىشلىتىشنى تېخىمۇ بىلمەيدۇ. ئۇ كۆپ قىسىم خېرىدارلارنىڭ ئۆزىگە ئوخشاش چۈشەندۈرۈش قوللانمىسىنى كۆرۈشنى خالىمايدىغانلىقىغا، باشقىلارنىڭ ئۆزىگە قانداق ئىشلىتىدىغانلىقىنى ئېيتىپ بېرىشكە قىزىقمايدىغانلىقىغا ئىشىنىدۇ. شۇ سەۋەبتىن، ئۇ ئالى بابانىڭ سودا ئىشلىرى تور بېكىتىنى قۇرغان دەسلەپكى مەزگىلدە تېخنىك خادىملارنى ئامالنىڭ بارىچە ئىشنى ئاسان قىلىشقا يېتەكلىگەن. ئۇ مۇنداق دېگەن: «ئاۋارىچىلىقلارنى چوقۇم ئۆزىمىزگە قالدۇرۇشىمىز كېرەك، خېرىدارلار پەقەت تور بېكەتتە مائوس ئىشلىتىشنى بىلسىلا بولىدۇ.»

ئالى بابا ياخۇ (جۇڭگو) گۇرۇھىنى سېتىۋالغاندىن كېيىن، ئالى بابانىڭ كارخانا مەدەنىيىتىنى ئەڭ تېز سۈرئەتتە ياخۇنىڭ ئەسلىدىكى خىزمەتچىلىرىگە يەتكۈزۈش ئۈچۈن، مايۈن ئۇلار بىلەن رەسمىي ھالدا كۆرۈشۈش يىغىنى ئاچقان.

مەزكۇر يىغىندا، مايۈن بارلىق خىزمەتچىلەرگە «خېرىدارلارنىڭ ھەممىسى ھورۇنلار» دېگەن ئىدىيەنى ئوتتۇرىغا قويغان، ھەمدە تەپسىلىي چۈشەنچە بەرگەن. كېيىن، مايۈننىڭ بۇ يىغىندىكى نۇتۇقى توردا تارقىلىپ كەتكەن.

خىزمەتچىلەرنىڭ ئۆزىنى ئېتىراپ قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، خۇشال خىزمەت قىلىش روھىنى داۋاملىق تارقىتىش ئۈچۈن، مايۈن دەسلەپكى قەدىمدە ۋە بۈگۈنكى كۈندە بولۇپ كەتكەن قايىل قىلىش كۈچى بار مىساللارنى ئىزدىگەن. شۇنداق قىلىپ ئۇ يۇمۇرىستىك ھالدا مۇنداق دېگەن: «بېل گەيتىس-دۇنيادىكى ئەڭ باي ئادەم، بىراق ئۇ كىتاب ئوقۇشقىمۇ ھورۇنلۇق قىلغاچقا ئوقۇشتىن چېكىنگەن. ئۇ پىروگراممىر بولغان ۋاقىتلىرىدا، ناھايىتى مۇرەككەپ بولغان DOS بۇيرۇقلىرىنى خاتىرىلەشتىن زېرىككەچكە، ئۇ رەسىم ھالەتتىكى كۆرۈنمە يۈزنى بارلىققا كەلتۈرگەن. شۇنداق قىلىپ دۇنيادىكى بارلىق كومپيۇتېرلار ئۇ خىل ئاددى كۆرۈنمە يۈزدىن پايدىلانغان، ئۇمۇ دۇنيادىكى بىرىنچى بايغا ئايلانغان. كوكا كولا دۇنيادىكى ئەڭ پۇلغا يارايدىغان ماركا، بىراق ئۇنىڭ خوجايىنى ناھايىتى ھورۇن، ئازراق شېكەر جەۋھىرى بىلەن سوغۇق سۇنى ئارلاشتۇرۇپلا «كوكا كولا ئىچىملىكى» قىلىپ ساتىدۇ. شۇنداق قىلىپ دۇنيادىكى ئادەم بارلىكى جايلاردا كۆپچىلىك ھەممەيلەن بۇ ئىچىملىكنى ئىچمەكتە، جۇڭگونىڭ چاي مەدەنىيىتى ناھايىتى ئۇزۇن تارىخقا ئىگە بولسىمۇ، بىرازىليەنىڭ قەھۋەلىرى ناھايىتى تەملىك بولسىمۇ كوكا كولاغا يېتەلمىدى. مەكدونالد دۇنيادىكى ئەڭ ياخشى يېمەك-ئىچمەك كارخانىسى، ئەمما ئۇنىڭ خوجايىنى ھورۇنلۇقتا داڭق چىقارغاچقا، فرانسىيەنىڭ مەززىلىك تائاملىرىنى ئۆگىنىش خۇشياقماي، ئىككى پارچە بولكىنىڭ قېتىغا كالا گۆشىنى قىستۇرۇپلا سېتىشنى باشلىغان، شۇنداق قىلىپ دۇنيادىكى بارلىق كىشىلەر M (مەكدونالدنىڭ ماركا بەلگىسى) دېگەن بەلگىنى كۆرەلەيدىغان بولغان. PIZZA HUT دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ پىسا قاتلىمى مەخسۇس سېتىش كارخانىسى بولۇپ، ئۇنىڭ خوجايىنى تېخىمۇ ھورۇن، ئۇ ھورۇنلۇقىدىن قىيمىنى ئارلاشتۇرۇپ پىسانىڭ ئىچىگە تىقىشمۇ خۇشياقمىغاچقا، قىيمىنى پىسانىڭ ئۈستىگە قويۇپلا ساتىدۇ، شۇڭا كۆپچىلىك ھەممەيلەن ئۇنى بىلىدۇ.»

مايۈننىڭ بۇنداق دېيىشىدىكى سەۋەب كۆپچىلىككە «ئەمەلىيەت ھەممىدىن ئەلا» دېگەن قاراشنى بىلدۈرۈپ قويۇش، ھەمدە ئۆزىنىڭ قالايمىقان بىلجىرلىمايۋاتقانلىقىنى ئىسپاتلاپ بېرىش ئىدى. مايۈن ئارقىدىن مۇنداق دېگەن: «ئەمەلىيەتتە دۇنيادا تېخىمۇ ھورۇن كىشىلەر بار. بەزىلەر يول مېڭىشتىن ھورۇنلۇق قىلغاچقا، ئاپتوموبىل، پويىز ۋە ئايروپىلانلارنى كەشپ قىلغان؛ بەزىلەر بىنالارغا قەۋەتتىن چىقىشقا ھورۇنلۇق قىلغاچقا، لېفىتنى بارلىققا كەلتۈرگەن؛ بەزىلەر مۇزىكا كېچىلىكىگە بېرىشقا ھورۇنلۇق قىلغاچقا، ئۈنتەخسە (پىلاستىنكا)، لېنتا ۋە CD لارنى كەشپ قىلغان. بۇنداق مىساللار ناھايىتى كۆپ، مەن سۆزلەشتىنمۇ ھورۇنلۇق قىلىۋاتىمەن. يەنە ھېلىقى بىر جۈملە ئەخلەت سۆزنىمۇ ئوتتۇرىغا قويۇپ قوياي: ھاياتلىق-ھەرىكەتتە، ئەمما سىز قايسى تەنھەرىكەتچىنىڭ ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرگەنلىكىنى كۆرۈپ باققان؟ دۇنيادىكى ئەڭ ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرىدىغان ھايۋانات تاشپاقا، ئۇلار ئاساسەن بىر ئۆمۈر ھەرىكەت قىلمايدۇ، مېڭىشقىمۇ ھورۇنلۇق قىلىدۇ، ئەمما 1000 يىل ياشىيالايدۇ.»

مايۈننىڭ يۇمۇرىستىكلىقى كۆپچىلىكنى كۈلدۈرىۋەتكەن، بىراق ھېچكىم مايۈننىڭ مەخسىتىنىڭ پەقەت كۆپچىلىكنى كۈلدۈرۈپلا قويۇش ئەمەسلىكىنى بىلمىگەن. مايۈن ناھايىتى تېزلا تېمىنى خىزمەتكە يۆتكىگەن. مايۈن مۇنداق دېگەن: «خىزمەت جەريانىغا نەزەر سالساق، شىركىتىڭىزدە ھەر كۈنى ناھايىتى ئالدىراش يۈرىدىغان، سەھەر كېلىپ ھەممىدىن كەچ قايتىدىغان خىزمەتچىنىڭ مائاشى ھەممىدىن ئازمۇ-ئەمەسمۇ؟ ھەر كۈنى بېكارچىلىقتىن قىلىدىغانغا ئىشى يوق ھاڭۋېقىپ قالغان خىزمەتچىنىڭ مائاشى ئەڭ يۇقىرىمۇ-ئەمەسمۇ؟ يەنە نۇرغۇنلىغان شىركەتلەرنىڭ پاي چېكىمۇ شۇنداق! مەن يۇقىرىدىكىلەرنى دېيىش ئارقىلىق بىر مەسىلىنى چۈشەندۈرۈپ ئۆتمەكچى: ئەمەلىيەتتە دۇنيانى ھورۇن كىشىلەر ئىدارە قىلىپ تۇرماقتا. دۇنيانىڭ شۇ دەرىجىدە گۈزەل بولۇشىمۇ ھورۇن كىشىلەرنىڭ تۆھپىسى. ھازىر مېنىڭچە كۆپچىلىك ئۆزلىرىنىڭ مۇۋەپپەقىيەت قازىنالماسلىقىدىكى ئاساسلىق سەۋەبنى بىلدى.»

مايۈن بۇ قېتىملىق نۇتۇقى ئارقىلىق ياخۇنىڭ ئەسلىدىكى خىزمەتچىلىرىگە بىر سائەتلىك دەرس ئۆتكەن، ئۇلارغا ئالى بابانىڭ كارخانا مەدەنىيىتىنى تونۇشتۇرغان. ئەسلىدە دۆلەت ھالقىغان كارخانا ياخۇنىڭ خىزمەتچىسىگە ئايلىنىش ناھايىتى شەرەپلىك ئىش ئىدى، ئەمما ئەينى ۋاقىتتىكى ياخۇ (جۇڭگو) گۇرۇھىنىڭ تېخى پېيى بازارغا سېلىنمىغان ئالى بابا تەرىپىدىن سېتىۋېلىنىشىنى ياخۇنىڭ نۇرغۇنلىغان خىزمەتچىلىرى ناھايىتى تەستە قوبۇل قىلغان. ياخۇ خىزمەتچىلىرىنىڭ بۇ خىل ھالىتىگە قارىتا، مايۈن ناھايىتى يۇمۇرىستىك ئۇسۇللار بىلەن ئۇلارغا كېيىنكى خىزمەت جەريانىدا خېرىدارنىڭ ئېھتىياجىغا ئاساسەن ئۇسۇلنى ئۆزگەرتىش لازىملىقىنى ئېيىتقان. ئالى بابا «خېرىدارلار ھورۇنلاردۇر» دەپ قارايدۇ، شۇڭا ئۇلار «خېرىدار بىرىنچى» نى ئوتتۇرىغا قويۇپ، خېرىدار تەرەپتە تۇرۇپ ئويلاش لازىملىقىنى تەكىتلىگەن، مانا بۇ ئالى بابانىڭ كارخانا مەدەنىيىتى. ياخۇ (جۇڭگو) گۇرۇھىنىڭ خىزمەتچىلىرى چوقۇم بۇ نوقتىنى ئايدىڭلاشتۇرىۋېلىشى، خېرىدارنى يۆنىلىش قىلىشى لازىم ئىدى.

ئۇنىڭ ئۈستىگە، مايۈن ئىزچىل بۇ خىل «ھورۇن ئادەم» روھىغا ئىشىنىدۇ. مايۈن بۇ دۇنيا ھورۇنلارغا تايىنىپ ئۆرە تۇرىدۇ دەپ قارايدۇ، ھورۇنلۇق ھەرگىزمۇ ئەخمىقانە ھورۇنلۇقنى كۆرسەتمەيدۇ، ئەگەر سىز ئازراق قىلىشنى ئويلىسىڭىز، چوقۇم ئۇسلۇب، ئىدىيە قاتلىمى توسالغۇسى قاتارلىقلاردىن چىقىشقا ھورۇنلۇق قىلماسلىقىڭىز كېرەك.

مايۈننىڭ «ھورۇن ئادەم نەزەرىيەسى» بىزگە  ھەر جايدا چوقۇم باشقىلار ئۈچۈن ئويلاش، خېرىدارلار قايسى ئىشنى قىلىشقا ھورۇنلۇق قىلىۋاتقان بولسا بىزنىڭ شۇنى قىلىشىمىز لازىملىقىنى، خېرىدارنىڭ ھورۇنلۇقى سەۋەبلىك كېلىپ چىققان ئېھتىياجىنى تولۇق قاندۇرۇشىمىز لازىملىقىنى ئېيتىپ بېرىدۇ.

مەسىلەن: بىز ئەمەلىيەت ئارقىلىق خېرىدارلارنى ئەڭ قولايلىق مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلىشىمىز لازىم. خېرىدار بىر قارارغا كېلەلمىگەن، سىز ئۇنىڭغا ياردەم قىلىشىڭىز زۆرۈر بولغاندا، سىز چوقۇم ئامالنىڭ بارىچە ئۇنىڭ ئېھتىياجىغا ماس كېلىدىغان نەرسىلەرنى تونۇشتۇرۇشىڭىز لازىم. مەسىلەن: ئالى بابا تور بېكىتىدە كۆپلىگەن ئۇلىنىشلار چىقىدۇ، ئەڭ ياخشىسى ھەر بىر ئۇلىنىشنىڭ ئارقىسىغا بۇ ئۇلىنىشنى تەۋسىيە قىلىشنىڭ سەۋەبى ۋە سۈپەتكە كاپالەتلىك قىلىشتىكى ئاساسىنى قوشۇمچە قىلىش لازىم.

مايۈن خىزمەت جەريانىدىمۇ «ھورۇنلۇق» روھىنى ئۆزىگە مۇجەسسەملىگەن. مايۈن ئۆزى كومپيۇتېر تېخنىكىسىنى چۈشەنمىگەچكە، ئۆگىنىشكىمۇ ھورۇنلۇق قىلغاچقا، ئۇ دائىم مۇنداق دەيدۇ: «مەن توردا كىنو كۆرەلمەيمەن، كومپيۇتېرنى ئاچقاندا مەن ناھايىتى بىئاراملىق ھېس قىلىمەن، كۆچۈرۈپ-چاپلاشنىمۇ بىلمەيمەن، مەن بىزنىڭ پىروگراممىرلارغا شۇنداق دەيمەن: تېخنىكا ئادەم ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىشى، ئادەم تېخنىكا ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلماسلىقى لازىم، ئەگەر ئەڭ ياخشى تېخنىكىنىمۇ ئىشلەتكىلى بولمىسا، ئۇنداقتا ئۇنى تاشلىۋېتىش كېرەك. مەن تەخمىنەن بىر يىل ئەتراپىدا سۈپەت تەكشۈرگۈچى بولۇپ ئىشلىدىم، پىروگراممىرلار تۈزگەن ھەر قانداق پىروگراممىنى مەن سىناپ كۆرۈشۈم كېرەك، ئەگەر مەن ئۇ پىروگراممىنى ئىشلىتەلمىسەم، مەن ئۇنى تاشلىۋېتىمەن، مەن %80 ئادەمنىڭ ماڭا ئوخشاشلا ئىشلىتەلمەيدىغانلىقىنى بىلىمەن.»

مايۈننىڭ قارىشىچە، بىر نەرسىنى ئىشلىتىش قانچە ئاسان بولسا شۇنچە ياخشى، خېرىدارلار ئاسانلا ئىشلىتەلىشى، ئىشلىتىشىگە قولايلىق بولۇشى كېرەك، بۇ خېرىدارلارنىڭ ئۇنى ئىشلىتىشنى ئۆگىنىشكە كەتكەن ۋاقتىنى تېجەپلا قالماستىن، يەنە ئۇلارغا ھوزۇر بېغىشلايدۇ.

شۇنىڭ ئۈچۈن، خېرىدارلارنىڭ تور سودىسى مەشغۇلاتىنى قىلىشىغا قولايلىق بولۇشى ئۈچۈن، مايۈن جۇڭگو پوچتىسى بىلەن ھەمكارلىشىپ، ئەشيا ئوبوروتى قۇرۇلۇشىنى تاماملىغان؛ بانكا بىلەن بىرلىشىپ ھەميان (ئالىپاي) نى ئوتتۇرىغا چىقىرىپ، مەبلەغنىڭ يۆتكىلىش مەسىلىسىنى بىر تەرەپ قىلغان.

مايۈن ئىنتېرنېت تېخنىكىسىنى چۈشەنمەيدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۆگىنىشكە ھورۇنلۇق قىلغاچقا، ئۇنىڭ پىروگراممىرلارغا قويغان تەلپى ئالى بابا تور بېكىتىدىكى ھەر خىل ئىقتىدارلارنىڭ ئىشلىتىش ئۇسۇلىنى زور دەرىجىدە ئاددىيلاشتۇرغان، بۇ ئالى بابانىڭ تېز سۈرئەتتە تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولغان.

*************

مەنبە : چىڭدۇ دەۋر نەشىرياتى 2014-يىلى 7-ئايلىق تۇنجى نەشىرى

<< مايۈننىڭ ئىگىلىك تىكلەش دەرسخانىسى >> ناملىق كىتاب

تەرجىمە قىلغۇچى : ئەقىدە قاشگەرلىكى  شىركىتى – ئۇيغۇر قاشتېشى تورى

WWW.UYHQT.CN

تەرجىمان : ئابدۇللا ئۆمەر

تەرجىمە تەھرىرى : رەيھانگۈل نىزام

2015-يىلى

كۆڭۈل سۆزلىرى

error: يۆتكىمەكچى بولسىڭىز بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ