A-A+

بايلار كىرزىس ئىچىدىمۇ پۇرسەت تاپالايدۇ

2016-يىل 19-ماي مىليادىرلار باھا يوقكەن زىيارەت: 158 قېتىم

aec379310a55b319e257479841a98226cefc17b4

سۈرەتتە : ئاۋمىن قىمار شاھى ، ئاۋمىندىكى ئەڭ تالانتلىق كارخانىچى ، مىليادىر خې خوڭشېن


ئەقىدە قاشگەرلىكى شىركىتى تەرجىمىسى

بايلار كىرزىس ئىچىدىمۇ پۇرسەت تاپالايدۇ

كىشلەر بىر مەيدان جەڭ ياكى كىرزىسقا يۈزلەنگەندە، دائىم بىر خىل ئۈمۈدسىز روھى ھالەتنى ئىپادىلەيدۇ. بۇ خىل پوزىتسىيە بىر خىل زەھەرلىك پىچاققا ئوخشاش ئۇلارنىڭ يۈرىكىگە قادىلىپ، ئۇلارنى يار-يۈلەكسىزلىك ۋە ئازاپ دېڭېزىغا غەرىق قىلىدۇ. پۇرسەتنى ئۆتكۈزۋېتىدىغان ياكى ئەزەلدىن پۇرسەتنى تاپالمايدىغان ئادەم ئىلگىرى بۇ خىل ئازاپنى ھىس قىلىپ باققان. پۇرسەتنى ئۆتكۈزۋەتسە ئادەم پۇشايمان قىلىدۇ، قايغۇرىدۇ. ئەزەلدىن پۇرسەتكە ئىرىشىپ باقمىغان ئادەملەر ئارىسىغا كىرىپ قالغاندەك ۋاقتىنى ئىزدەش بىلەن ئىسراپ قىلۋېتىدۇ.

ئەمىليەتتە رىقابەت ،كىرزىس ئىچىدىمۇ پۇرسەت تولا. بايلار ئوڭۈشسىزلىققا ۋە كىرزىسقا ئۇچۇرسىمۇ ھەرگىز چۈشكۈنلەشمەيدۇ. چۈنكى ئۇلار بۇ خىل كىرزىستا كۈرەش ئىدىيەسىنى تاۋلايدۇ. كىرزىس پەيدا بولغاندىن كىيىنمۇ، كىرزىسنى پۇرسەت ئىزدەيدىغان مەيدانغا  ئايلاندۈرىدۇ. ئەگەر ئۇنىڭغا ئامالسىز بولسا ئۆزىنىڭ ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىدۇ. چۈنكى ئۇلار پۇرسەتنى ۋاقچىراق تېپىشتىن قورقمايدۇ. پۇرسەت ھەر ۋاقىت ھەر يەردە بار. ئەمما باشقىلار بايقاپ ئېلىپ كەتسىلا ھىچنىمە قالمايدۇ. ئۇ مۇقىم بىر يەردىكى گوھەر ئەمەس.

كىرزىس -ئۆزگىرىش، ئۈسۈپ يىتىلىش، ئۆگۇنۇش، ئويلىشىشتىكى بىر خىل پۇرسەت .بەلكىم ئۇ ئىشنى ياخشى تەرەپكە بۇرۇشى مۇمكىن. كىرزىس ئىچىدە بىز ئاندىن ھەقىقى ئۆزىمىزنى تاپىمىز. ئىلگىرى ئويلاپمۇ باقمىغان يېڭى يولنى تاپىمىز. كىرزىس بىزگە چىداملىق بۇلۇشنى، يېڭى پۇرسەت ۋە ئۈمۈدنى بايقاشنى ئۆگىتىدۇ.

1984-يىلى ئامېرىكا ئىچىملىك شىركىتى ئىچىدىكى ئىككى چوڭ ماگنات كوكاكولا شىركىتى بىلەن بەيشى كولا شىركىتى ئارسىدىكى پۈت تىپىشىش بارغانسېرى كەسكىنلەشتى. بەيشى كولا شىركىتى بىلەن بولغان رىقابەتتىكى پايدىسىز ئەھۋالنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن كوكاكولا شىركىتى مۇھىم ۋەزىپىنى سەيجىنوغا تاپشۇردى. بەيشى كولا شىركىتى بىلەن ئامېركىدىكى ئەڭ چوڭ ئىچىملىك بازىسىنى تالىشىش ئۈچۈن ئۇ يۈرەكلىك ھالدا شىركىتىدىكى ئىچىملىكلەرگە قارىتا يېڭىلاش ئېلىپ باردى.يەنى

ئۇ ئەسلىدىكى رىستىپ ئاساسىدا تەمى سەل تاتلىقاراق بولغان يېڭى كوكاكولانى بازارغا سالدى ھەمدە كەڭ تەشۋىقات ئېلىپ باردى. شۇنىڭ بىلەن يېڭى كوكاكولا ئامېركا ئىچىملىك بازىسىنى ئېگىلەپ، رەقىبى بەيشى كولا شىركىتىنى ئامالسىز قالدۇردى.

نامراتلار كىرزىسقا ئۇچۇرسا تەمتىرەپ قالىدۇ. كىرزىس ئەكەلگەن قىينچىلىق ۋە ئۇڭۈشسىزلىققا ئۇچۇرسىلا ئورنىدىن تۇرالمايدۇ. ئۇلار كىرزىسنى ئاپەت ھىس قىلىدۇ. كىرزىس ئۇلارنى خاتىرجەم تۇرمۇش ئىچىدىن قورقۇنۇشلۇق كۈننىڭ ئىچىگە ئەكىرىپ قويىدۇ. ئۇلار ئامالسىزلىقتىن ئۈلۈمىنى ساقلاپ ئولتۈرىدۇ. باشقىچە نوقتىدىن ئويلاپ باقمايدۇ .كىرزىسنىڭ ياخشى تەرىپىنى كورەلمەيدۇ. ئۇلار بايلارغا ئوخشاش كىرزىس ئىچىدىن پۇرسەت تاپالمايدۇ. پۇرسەت ۋە كىرزىس تەڭلا مەۋجۇت. پۇرسەتنى تۇتۇش ياكى تۇتۇلماسلىقىمىزدا ئۇنىڭغا قانداق مۇئامىلە قىلغانلىقىمىزغا قاراش كېرەك.

دېھقان ئېشىكىگە بىرئاز يۈك ئارتىپ سەپەرگە چىقىپتۇ. يولدا كىتىپ بارغاندا، تۇيۇقسىز ئېشىكى يول بويىدىكى تاشقا پۇتلىشىپ، شال ئېتىزىنىڭ يېنىدىكى چوڭقۇر ئازگالغا چۈشۈپ كىتىپتۇ. ئۆرەك بەك چوڭقۇر بۇلۇپ، دېھقاننىڭ قولىدا ئىشەكنى تارتىپ چىقارغۇدەك قورال-سايمان ،ئەتراپىدا ياردەم قىلغۇدەك ئادەم يوق ئىكەن. دېھقان ھەر قانچە قىلىپمۇ ئېشەكنى چىقرالماپتۇ. لىكىن دېھقان كۆپ يىل جاپا تارتىپ باققان ئېشىكنىڭ مۇشۇ ئازگالدا ئېچىنىشلىق ئۈلۈپ كىتىشىگە ھەقىقەتەنمۇ چىدىيالماپتۇ.

شۇنىڭ بىلەن دېھقان ئېشىكىنى مۇشۇ ئازگالغا كۈمىۋېتىشنى ئويلاپتۇ ۋە كۇرجەك بىلەن ئازگالغا توختىماي توپا تاشلاپتۇ. دېھقان تۇيۇقسىز ھەر قېتىم ئۆزى ئازگالغا توپا تاشلىسا، ئېشەكنىڭ ئۈستىدىكى توپىنى قېقىۋاتقانلىقىنى بايقاپتۇ. شۇنداق قىلىپ دېھقان تاشلىغان توپا ئاستىغا چۈشۈپتۇ ھەمدە توپىنىڭ كۆيىشىگە ئەگىىشپ، ئازگال ئاستى بارغانسېرى ئېگىزلەپتۇ. شۇنىڭ بىلەن دېھقان پۇرسەتنى توغرا تاللاپ ئېشەكنى ئازگالدىن قۇتۇلدۇرۇپ چىقىپتۇ.

بۇ مىسال گەرچە قىسقا بولسىمۇ، كىرزىسقا چوڭقۇر پېتىپ قالغان ئادەم ئۈچۈن چوڭقۇر ئىلھام بېرىدۇ. ھەر بىر قېتىملىق كىرزىسنىڭ ھەممىسى تەقدىر-پىشانىمىزگە پۈتۈلگەن بىر مەيدان بالايى ئاپەتتىن دېرەك بەرمەيدۇ. پەقەت تاقابىل تۇرۇش تەدبىرى مۇۋاپىق ئەسقاتسا بەلكىم كىرزىسنى تەرەققى قىلىشنىڭ ئاچقۇچىغا ئايلاندۇرالشى، بارلىق يامان ئشلار ياخشى ئشلارغا ئايلىنالىشى مۇمكىن. بۇ دەل بىزدىكى «يۈتكەن ئات ئىككى بۇلۇپ كەپتۇ. يامان ئىش ياخشىغا ئايلىنپتۇ» دىگەن بىر جۈملە سۆزگە ماس كېلىدۇ. ھەر بىر كىرزىستە بەلگىلىك پۇرسەت بار. پەقەت پۇرسەتنى بايقىسىڭىز، چىڭ تۇتالىسىڭىزلا كىرزىسنى پۇرسەتكە ئايلاندۇرالايسىز.

بايلار ھەر قېتىملىق كىرزىسنىڭ مەغلۇبىيەتنىڭ مەنبەسى ئىكەنلىكىنى بىلىش بىلەن بىرگە ،مۇۋاپىقيەتنىڭ ئۇرۇقى ئىكەنلىكىنىمۇ بىلىدۇ. پەقەت بۇ ئۇرۇقنى بايقىسا ،ياخشى پەرۋىش قىلالىسا يۇشۇرۇنغان مۇۋاپپىقيەت پۇرسىتىگە ئېرشەلەيدۇ.

بايلىقنىڭ بايانى:

كىشلەر كىرزىسقا ئاكتىپ يۈزلىنىش كېرەك. كىرزستىن پۇرسەت تېپىش خەۋىپ-خەتەرنى ئامان –ئىسەنلىككە ئۆزگەرتىش بىلەن بىرگە كىرزىسنى بىر خىل پۇرسەتكە ئۆزگەرتىشنى بىلىش ھەم چىڭ تۇتۇش كېرەك. شۇندىلا ئۇ سزنى بېيىش يولىغا ماڭدۇرۇپ، ھەقىقى بىر بايغا

ئايلاندۈرىدۇ.

<<نامراتلار قوي تەبىئەتلىك ، بايلار بۆرە تەبىئەتلىك >> ناملىق كىتابنىڭ 2-قىسمىدىن ئېلىندى

خەتكۈش :

كۆڭۈل سۆزلىرى

error: يۆتكىمەكچى بولسىڭىز بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ