ئالماستىن تەركىب تاپقان تاشقى پىلانت
ئالەمدىكى ئەڭ «باي» يۇلتۇز ـــ دەرىجىدىن تاشقىرى ئالماس يۇلتۇز
UFO ئىزدەش تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:
پەن-تېخنىكىنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ، ئىنسانلار ئالەم ئۈستىدە ئىزدىنىپ يېڭى باسقۇچلارغا قەدەم قويدى. يۇقىرى ئېنېرگىيەلىك تېلېسكوپ بارلىققا كېلىپ، تېخىمۇ ھەقىقىي ۋە كەڭ دائىرىلىك ئالەم بوشلۇقىدىكى يۇلتۇزلارنى كۆزىتىش شارائىتى ھازىرلاندى. ئالەمنىڭ چوڭ پارتلىشىدىن تارتىپ قارا ئۆڭكۈرگىچە، ئالەملىك تارتىشىش كۈچىدىن تارتىپ ئىنسانلارنىڭ ئالەمگە چىقىشىغىچە بولغان جەريانلار بۇ سىرلىق نامەلۇم ساھەسىدىكى ئىزدىنىشنىڭ نەتىجىسىنى كۆرسىتىپ بەردى. پەقەت سامانيولى سىستېمىسىدىكى تۇرغۇن يۇلتۇزلارنىڭ سانىلا 100 مىلياردتىن ئاشىدۇ، بۇنىڭغا يەنە پىلانېتا، يۇلتۇز تۇمانلىرى، ئاقار يۇلتۇز قاتارلىقلارنى قوشۇپ كەلسەك، ئالەمنىڭ قانچىلىك چوڭ ئىكەنلىكىنى پەرەز قىلالايمىز. ئەمدى ھازىر تونۇشتۇرىدىغان پىلانېتا بولسا ئالەمدىكى ئەڭ «باي» يۇلتۇز ـــ دەرىجىدىن تاشقىرى ئالماس يۇلتۇز.
دەرىجىدىن تاشقىرى ئالماس يۇلتۇز دېگەن ئىسىمغا قاراپلا ئاساسلىق تەركىبى ئالماس بولغان پىلانېتا ئىكەنلىكىنى بىلەلەيمىز. 2011-يىلى ئەنگلىيە ئالىملىرى سەرەتان يۇلتۇز تۈركۈمىگە جايلاشقان بۇ پىلانېتانى تەكشۈرۈپ ئېنىقلاپ چىقتى. ئۇ يەر شارىدىن تەخمىنەن 400 يورۇقلۇق يىلى يىراقلىقتا، يەر شارىنىڭ سەككىزدىن بىرىچىلىك كېلىدۇ، لېكىن ئەسكەرتىشكە تېگىشلىك يېرى بولسا بۇ پىلانېتا ئاساسەن ئالماستىن تەركىب تاپقان.
پەرەز قىلىپ باقايلى، ئەگەر سىز مۇشۇ جايغا بارالىسىڭىز ھەم ئاشۇ جاينىڭ «تېشى» دىن كۆپرەك ئېلىپ كەلسىڭىز، ئۇ چاغدا پۈتۈن يەر شارىنىڭ ئالماس بازىرى تەۋرەپ كېتىدۇ، سىز ئاتامان بولىسىز، بۇلارنى ئويلىسىمۇ ئادەم خۇشال بولىدۇ.
بۇنىڭدىن باشقا يەنە، ئالىملار يەنە ئاكۇئايىرۇس يۇلتۇز تۈركۈمىدىكى بىر دانە ئالماس پىلانېتىنى بايقىغان. ئۇنىڭ چوڭ كىچىكلىكى يەر شارى بىلەن تەڭ دېمەتلىك كېلىدۇ. ئۇ ھازىرغىچە بايقالغان ئالماس پىلانېتىلار ئىچىدىكى ئەڭ چوڭى. پىلانېتانىڭ ھەممە جايلىرى ئاساسەن ئالماس، پىلانېتىنىڭ يېشىمۇ چوڭ ھەم ئەڭ خىرەسى ئاق پەتەك يۇلتۇزدۇر. ئۇنىڭ سىرتقى يۈزىنىڭ تېمپېراتۇرىسى ناھايىتى تۆۋەن بولۇپ، ئاساسەن كۆرگىلى بولمايدۇ.
بۇ يۇلتۇز ھازىرچە ئىنسانلارغا نىسبەتەن پەقەت بايقاش باسقۇچىدىلا توختاپ قالدى، لېكىن پەن تېخنىكا تەرەققىي قىلسا چوقۇم ئۇ يۇلتۇزنىڭمۇ سىرىنى ئاچقىلى بولىدۇ. تېخىمۇ ھەيران قالارلىق يېرى، بۇ يۇلتۇز يالغۇز بولماستىن يەنە بىر دانە ئىمپۇلسلىق يۇلتۇز ھەمراھى بار ئىكەن. يەر شارىدىن 900 يورۇقلۇق يىلى يىراقلىقتا بولۇپ، قوش يۇلتۇز سىستېمىسى شەكىللەندۈرىدىكەن.