خېرىدارلار ئەڭ رازى بولىدىغان شىركەتكە ئايلىنىش كېرەك
مايۈننىڭ ئىگىلىك تىكلەش دەرسخانىسى
10-دەرس 8-پارىگىراپ
خېرىدارلار ئەڭ رازى بولىدىغان شىركەتكە ئايلىنىش كېرەك
نۇرغۇنلىغان ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەر ئىگىلىك تىكلەشكە باشلىغان كۈندىن تارتىپ خېرىدارلار ئەڭ رازى بولىدىغان شىركەتكە ئايلىنىش ئۈچۈن كۈچەيدۇ. بىراق بۇنى دېيىش ئاسان بولغان بىلەن، قىلىش ناھايىتى تەس، بۇ كارخانىدىكى ھەر بىر خىزمەتچىدىن بۇنى ئۆزلىرىگە باشلامچى ئىدىيە قىلىشنى، مەھسۇلات تەننەرخى، سۈپىتى ۋە مەھسۇلات تەمىنلەشنىڭ ۋاقىتچانلىقى قاتارلىقلاردىكى يوشۇرۇن كۈچنى ئەڭ يۇقىرى چەكتە جارى قىلدۇرۇشنى تەلەپ قىلىدۇ.
ئۇنىڭدىن باشقا، سىزنىڭ خېرىدارلارغا قانداق مۇئامىلە قىلىشىڭىز، سەمىمىيىتىڭىزنى قانداق ئىپادىلىشىڭىزمۇ ناھايىتى ئاچقۇچلۇق مەسىلىلەرنىڭ بىرى.
ئاۋال، سىزنىڭ خېرىدارلارنىڭ ئېھتىياجىنى ئىزچىل جۇغلىيالايدىغان ۋە تەتقىق قىلالايدىغانلىقىڭىزغا، ھەمدە خېرىدارنىڭ تەلپىگە ئاساسەن ئىش قىلالايدىغان ياكى قىلالمايدىغانلىقىڭىزغا قاراش كېرەك.
كارخانا ئوتتۇرا-ئۇزۇن مەزگىللىك تەرەققىياتنى ئەمەلگە ئاشۇرماقچى بولىدىكەن، چوقۇم نىشانلىق خېرىدارلار توپىنىڭ مەھسۇلات ۋە مۇلازىمەت ئېھتىياجىنى جۇغلىشى ۋە تەتقىق قىلىشى كېرەك، ھەمدە ئۇچۇرلاردىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىپ، مەھسۇلات ۋە تەشۋىقات ئىستىراتېگىيەسى بىلەن بىرىكتۈرۈش لازىم. پەقەت شۇنداق قىلالىغاندىلا ئاندىن كەسكىن بازار رىقابىتىدە خېرىدارلارنىڭ رازىمەنلىك دەرىجىسىنى ئۆستۈرەلەيدۇ ۋە يېڭى خېرىدارلارنى جەلپ قىلالايدۇ.
ئاندىن، سىزنىڭ خېرىدارلار بىلەن ياخشى مۇناسىۋەت ئورنىتالىشىڭىز، ئوخشىمىغان خېرىدارلارنىڭ ئوخشىمىغان تەلپىگە ئاساسەن مۇلازىمەت قىلالايدىغان ياكى قىلالمايدىغانلىقىڭىزغا قاراش كېرەك.
بىر كارخانا خىزمەتچىلىرىگە < سېتىشتا خېرىدارلارنىڭ نوقتىسىدا تۇرۇپ ئۇلارنى قانداق مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلىسە بولىدىغانلىقى >ھەققىدە ئويلىنىشقا ئىلھام بېرىشى كېرەك. خېرىدار بىلەن بولغان ئالاقە جەريانىدا، خېرىدارنىڭ پىكىر-تەكلىپلىرىنى ئاڭلاشقا ماھىر بولۇشى، بۇ ئارقىلىق خېرىدارغا بولغان ھۆرمەت ۋە چۈشىنىشنى ئىپادىلەش، خېرىدارلارغا كارخانىنىڭ ئۇلارنىڭ تەلپىگە ناھايىتى كۆڭۈل بۆلۈۋاتقانلىقىنى ھېس قىلدۇرۇش كېرەك.
ئاخىردا، خېرىدارلارنىڭ ئاغرىنىشىنى ئاكتىپلىق بىلەن ھەل قىلىش لازىم.
ئىستاتسىتىكىلارغا ئاساسلانغاندا، زور كۆپ قىسىم شىركەتلەردە، %10 خېرىدارنىڭ ئاغرىنىشى ئۈنۈملۈك ھەل بولىدىكەن، ئەمما قالغان %90 خېرىدارنىڭ ئاغرىنىشى ھەل بولمىغانلىق سەۋەبلىك كارخانىغا مەلۇم پاسسىپ تەسىرلەرنى پەيدا قىلىدىكەن. مۇقىم تەرەققىي قىلىشنى خالايدىغان بىر كارخانا چوقۇم بۇنداق مەسىلىلەرنى ئاكتىپ ھەل قىلىشى كېرەك. مەسىلەن: خېرىدارلارنىڭ ھال-ئەھۋالىنى ئاڭلاش، خېرىدارنىڭ ئاغرىنىشىغا ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلىش كېرەك، كارخانىنىڭ ئىچكى قىسىمىدا خېرىدارلارنىڭ ئاغرىنىشىنى ھەل قىلىشقا دائىر تۈزۈم ۋە تەرتىپلەرنى بېكىتىش كېرەك، مەسىلەن: خېرىدارلارنىڭ ئاغرىنىشىغا ئىنكاس قايتۇرىدىغان ۋاقىت، بىر تەرەپ قىلىش ئۇسۇلى قاتارلىقلارنى بېكىتىش، ھەمدە ئاغرىىش يۈزلىنىشىگە قارىتا تەھلىل يۈرگۈزۈش كېرەك.
ئالى بابادا مايۈن دائىم خېرىدار قىياپىتىدە ياسىنىپ، ئاغرىنغۇچىنىڭ رولىنى ئالىدۇ: مېنىڭ چۈشەندۈرۈش قوللانمىسىنى ئوقۇغۇم يوق، يەنە سىزنىڭ ماڭا ئۇنى قانداق ئىشلىتىشنى ئۆگىتىپ قويۇشىڭىزنى ئۈمىد قىلمايمەن. مەن پەقەت مائوسنى چېكىپ تور بېكەتنى زىيارەت قىلالايمەن، ئېھتىياجلىق نەرسەمنى كۆرسەم چېكىپ كۆرۈپ باقىمەن. ئەگەر سىز ماڭا بۇنداق قىلىپ بەرمىسىڭىز، سىز چوقۇم ئاۋارىچىلىققا ئۇچرايسىز.
كېيىن تاۋباۋ ۋە ئالىپاي (چىقىمدان) تور بېكەتلىرىنى ئىشلىتىشكە باشلىغان ۋاقىتتىمۇ، مايۈن تور بېكەتلەرنى سىناق قىلىشقا مەسئۇل ئىدى. ئۇ تاۋباۋ تور بېكىتىنىڭ مەسئۇلى بىلەن مۇنداق تىكىشكەن: ئۇلار كوچىدىن 10 ئادەمنى خالىغانچە تاللىۋالغان، ئەگەر ھەر قانداق ئادەم تاۋباۋ تورىنى ئىشلىتىشنى بىلمىسە، تاۋباۋنىڭ مەسئۇلى جەرىمانە تۆلىمەكچى بولغان، ئەگەر كۆپچىلىك ھەممىسى ئىشلىتەلىسە، ئۇ مۇكاپات ئالماقچى بولغان. بۇ سىناق ھەر بىر ئاددى ئاۋامنىڭ تور بېكەتنى ئىشلىتەلىشى، ھېچقانداق تېخنىكىلىق مەسىلىگە ئۇچرىماسلىقى، مائوسنى چېكىش ئارقىلىقلا ئۆزىنىڭ مەخسىتىگە يېتەلىشى ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلغان.
مايۈن مۇنداق دېگەن: «مېنىڭ دېگەنلىرىم دۇنيادىكى تېخنىكىنى چۈشەنمەيدىغان %80 ئادەمگە ۋەكىللىك قىلالايدۇ. ئۇلار سىناقنى تۈگەتكەندە مەن ئىشلىتىپ باقىمەن، مېنىڭ چۈشەندۈرۈش قوللانمىسىنى ئوقۇغۇم يوق، ئەگەر ئىشلىتەلمسەم تاشلىۋېتىمەن.»
مايۈننىڭ بۇ خىل ئۇسۇلى ئۇنىڭ ئەقىل-پاراسىتىنى ئىپادىلەپ بەرگەن، ئۇ مەھسۇلات بازارغا چىقىشتىن بۇرۇنلا خېرىدارلاردا ئاغرىنىش كەلتۈرۈپ چىقىرىشنىڭ ئالدىنى ئالغان. ھازىر چەتئەللەردە «مەھسۇلات سىناق قىلغۇچى» دېگەن خىزمەتنىڭ مودا بولۇشىمۇ دەل مۇشۇ سەۋەبتىن ئىدى.
خېرىدارنىڭ ئاغرىنىشى كارخانىغا نىسبەتەن ناھايىتى ئېغىر ئاگاھلاندۇرۇش بولسىمۇ، بىراق كارخانىنىڭ بىردەمدىلا بۇلارنى قىلالىشى، بارلىق خېرىدارلارنى رازى قىلالىشى مۇمكىن ئەمەس. ئەگەر خېرىدارلارنىڭ ئاغرىنىۋاتقانلىقىنى بايقىساق، بىز چوقۇم سەمىمىيلىك بىلەن ئۇلارنىڭ مەسىلىسىنى ھەل قىلىشىمىز ۋە ئۇلارنىڭ رازىمەنلىكىنى قولغا كەلتۈرۈشىمىز كېرەك.
سۇڭشيا سودا جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى ۋە رەئىسلىك ۋەزىپىسىنى ئۆز ئۈستىگە ئالغان ۋاقىتتا ئۇنىڭ شىركىتى دائىم خېرىدارلارنىڭ ئاغرىنىش خەتلىرىنى تاپشۇرۋالاتتى. بىر قېتىم بىر ئالىي مەكتەپ پىروفېسسورى ئۇنىڭغا خەت يېزىپ، ئۇلارنىڭ مەكتىپى سېتىۋالغان مەھسۇلاتتىن كاشىلا كۆرۈلگەنلىكىنى ئېيىتقان. سۇڭشيا دەرھال بۇ ئىشقا مەسئۇل يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارنى بۇ ئىشنى بىر تەرەپ قىلىشقا ئەۋەتكەن. دەسلەپتە، قارىشى تەرەپ مەھسۇلاتتىن كاشىلا كۆرۈلگەچكە ناھايىتى خاپىغان كۆرۈنگەن، ئەمما بۇ ئەمەلدار ئۇنىڭغا سەمىمىيلىك بىلەن چۈشەندۈرۈپ بۇ ئىشنى مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلغان. نەتىجىدە خېرىدار بۇنىڭدىن رازى بولۇپلا قالماستىن، يەنە باشقا مەكتەپلەرگە بېرىپ بۇ خىل مەھسۇلاتنى سېتىش تەكلىپىنى بەرگەن. سەمىمىيلىك بىلەن خېرىدارنىڭ ئاغرىنىشىنى ھەل قىلىش ئۇلارنى بىر قېتىملىق سودا قىلىش پۇرسىتىگە ئىگە قىلغان.
شۇڭا سۇڭشيا دائىم ئىلگىرى ئۆزلىرىدىن ئاغرىنغان خېرىدارلارغا رەھمەت ئېيتىدۇ. خېرىدارلارنىڭ ئاغرىنىشىدىن پايدىلىنىپ خېرىدار بىلەن باشقىچە يېڭى مۇناسىۋەت ئورنىتىدۇ. ئاغرىنىشنى ئىپادىلىگەن ئادەمگە نىسبەتەن، «ئۇلارنىڭ نەرسىسىنى ئىككىنچى سېتىۋالمايمەن» دېيىشتىن ئارتۇق ئاغرىنىش يوق. بىراق سۇڭشيا شىركىتى ئاغرىنغان خېرىدارلارغا، ھەتتا «ئەمدى سىلەرنىڭ نەرسەڭلارنى سېتىۋالمايمەن» دېگۈچىلەرگىمۇ ناھايىتى قىزغىنلىق بىلەن مۇئامىلە قىلغان.
شۇڭا خېرىدارلار ئۇلارنىڭ كەلگەنلىكىنى كۆرسىلا «ئاتايىتەن كېلىپسىلەر-ھە» دەيتى، بۇ سۆز خېرىدارلارنىڭ سۇڭشيا شىركىتىنىڭ ئۇلارغا بولغان كۆڭۈل بۆلۈۋاتقانلىقىنى ھېس قىلغانلىقىنى بىلدۈرەتتى. شۇڭا سەمىمىيلىك بىلەن خېرىدارنىڭ ئاغرىنىشىنى ھەل قىلىش ناھايىتى مۇھىم.
ئەگەر ئىگىلىك تىكلىگۈچى خېرىدارلارنىڭ ئاغرىنىش ۋە ئەرزلىرىنى تاپشۇرۋالغاندا، ياخشى ھەل قىلالمىسا چوقۇم خېرىدارىدىن ئايرىلىپ قېلىشى مۇمكىن. شۇڭا سىزنىڭ مەھسۇلاتىڭىز ۋە تۈرىڭىز ئاغرىنىشقا ئۇچرىغاندا، سىز ئاۋال بۇنىڭ خېرىدارغا ئېرىشىدىغان پۇرسەت ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىشىڭىز كېرەك. ئاندىن بۇ مەسىلىگە ئەستايىدىل قاراپ، خېرىدارلارنىڭ رازى بولماسلىق سەۋەبىنى تېپىپ چىقىپ مەسىلىنى ھەل قىلىش ۋە خېرىدار ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىش كېرەك.
ئۇنىڭدىن سىرت، كارخانىنىڭ مەسئۇلى ياكى كارخانىنىڭ خىزمەتچىسى بولۇش سۈپىتىڭىز بىلەن، خېرىدارلارنىڭ ئورنىدا تۇرۇپ ئۇلار ئويلاپ باقمىغان تەرەپلەرنى ئويلاش خېرىدارلارنىڭ رازىمەنلىكىنى قولغا كەلتۈرۈشتىكى يەنە بىر مۇھىم شەرت. خېرىدارلارنىڭ ھەممىسى مەھسۇلات ۋە ئۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەرنىڭ مۇتەخەسسىسى ئەمەس، ئەگەر سىز كارخانىنىڭ بازار خادىمى بولسىڭىز، نۇرغۇنلىغان مەسىلىلەردە سىزنىڭ بىلدىغانلىرىڭىز ۋە تەجرىبىڭىز خېرىدارنىڭكىدىن كۆپ بولىدۇ. شۇڭا بۇ مەسىلىدە سىز خېرىدارغا ۋاكالىتەن ئۇلار ئويلىمىغاننى ئويلىشىڭىز، قىلالمىغاننى قىلىشىڭىز كېرەك، بۇنداقتا خېرىدار تېخىمۇ رازى بولىدۇ.
مايۈن ئىلگىرى مۇنداق بىر ھېكايىنى بايان قىلغان : خاڭجۇدا ناھايىتى داڭلىق بىر ئاشپۇزۇل بولۇپ، بىر قېتىم بىر مېھمان دوستىنى بۇ ئاشخانىغا كېلىپ تاماق يېيىشكە تەكلىپ قىپتۇ ۋە تاماقلارنى بۇيرۇتۇپ بولغاندىن كېيىن ئولتۇرۇپ تاماقنىڭ چىقىشىنى كۈتۈپتۇ. تەخمىنەن بەش مېنۇت ئۆتكەندىن كېيىن، ئاشخانا مەسئۇلى ئۇلارنىڭ ئالدىغا كېلىپ: «ئەپەندىم، سىز تاماقلارنى قايتىدىن بۇيرۇتۇڭ!» دەپتۇ. خېرىدار بۇنى ئاڭلاپ ھېچنىمىنى ئاڭقىرالماپتۇ. ئاشخانا مەسئۇلى يەنە: «سىز تاماقلارنى خاتا بۇيرۇتۇپسىز! سىز تۆت قاچا شورپا ۋە بىر قاچا قورۇما بۇيرۇتۇپسىز. سىز قايتىپ كەتكەندىن كېيىن چوقۇم بۇ ئاشخانا ياخشى ئەمەس، تاماقلىرى مەززىلىك ئەمەسكەن دەيسىز، ئەمەلىيەتتە سىز تاماقلارنى ياخشى بۇيرۇتالماپسىز. بىزدە نۇرغۇنلىغان ياخشى قورۇمىلار بار، سىز تۆت قاچا قورۇما ۋە بىر قاچا شورپا بۇيرۇتۇڭ.» دەپتۇ. مېھمان بۇ ئاشخانىنىڭ ناھايىتى ئۆزگىچە ئىكەنلىكىنى، ئادەمگە ناھايىتى ياقىدىغانلىقىنى ۋە خېرىدارلار ئۈچۈن ئويلىيالايدىغانلىقىنى ھېس قىپتۇ. ئاخىرىدا خېرىدار قايتا قورۇما بۇيرۇتىدىغان ۋاقىتتا، ئاشخانا مەسئۇلى يەنە مۇنداق دەپتۇ: «بۇنچە كۆپ بۇيرۇتۇشىڭلارنىڭ ھاجىتى يوق، ئىككىڭلار شۇنچىلىك بۇيرۇتساڭلارلا بولدى، يەتمىسە يەنە قايتا بۇيرۇتساڭلار بولىدۇ.»
مايۈن بۇنىڭغا نىسبەتەن مۇنداق دەيدۇ: «بۇ ھېكايىدىن بىز خېرىدارغا مۇلازىمەت قىلىشتىكى سەمىمىيلىكنى ھېس قىلدۇق.كارخانا چۇقۇم خېرىدار ئۈچۈن ئويلىنىش كېرەك، خېرىدار رازى بولغاندىلا كارخانا ئاندىن مۇۋەپپەقىيەت قازىنالايدۇ.»
بىر كارخانا ئىزچىل تەرەققىي قىلىشنى ئويلىسا، چوقۇم «خېرىدارلارنىڭ رازىمەنلىك دەرىجىسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش» نى تىجارەتتە يېتەكچى ئورۇنغا قويۇشى، خېرىدارلارنى قانداق قولغا كەلتۈرۈش، ئۇلارنى ساقلاپ قېلىش، بىر قېتىملىق خېرىدارنى قانداق قىلىپ چۆپقەت (ئۇزۇن مەزگىللىك خېرىدار) كە ئايلاندۇرۇش، چۆپقەتنى قانداق قىلىپ ئۆمۈرلۈك خېرىدارغا ئايلاندۇرۇشنى كارخانا رىقابىتىنىڭ مۇھىم نوقتىسى قىلىش كېرەك.
****************
مەنبە : چىڭدۇ دەۋر نەشىرياتى 2014-يىلى 7-ئايلىق تۇنجى نەشىرى
<< مايۈننىڭ ئىگىلىك تىكلەش دەرسخانىسى >> ناملىق كىتاب
تەرجىمە قىلغۇچى : ئەقىدە قاشگەرلىكى شىركىتى – ئۇيغۇر قاشتېشى تورى
WWW.UYHQT.CN
تەرجىمان : ئابدۇللا ئۆمەر
تەرجىمە تەھرىرى : رەيھانگۈل نىزام
2015-يىلى