A-A+

بايلار باش چۈكۈرۈپ ئىشلەيدۇ

2016-يىل 29-ئاپرېل مىليادىرلار باھا يوقكەن زىيارەت: 196 قېتىم

U3484P18DT20110601092723

سۈرەتتە : دۇنيادىكى ئەڭ باي ئايال ، دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ گىرىم بۇيۇملىرى كارخانىسى  L'OREAL گوروھىنىڭ قۇرغۇچىسى ، فىرانسىيە مىليادىرى لىبىيانا بېيدانگورد


ئەقىدە قاشگەرلىكى شىركىتى تەرجىمىسى

رېئال تۇرمۇشتا،نامراتلارنىڭ ئاغزىدا «ياخشى قىلالىغان ياخشى سۆزلىگەنگە يەتمەيدۇ» دەيدىغان بىرجۈملە سۆز ئېقىپ يۈرىدۇ. لىكىن بايلار بۇنى قوللىمايدۇ. بايلار غەلبە ئېغىزغا تايىنىپ بارلىققا كەلمەيدۇ، بەلكى ئەمەلىي ھەركەت ئارقىلىق بولىدۇ دەپ قارايدۇ.

ھەرقانداق ئىشتا چۇقۇم ئاۋال ھەركەت قىلىش كېرەك، ئاندىن ئۆزىنىڭ غايىسىنى غەلبىلىك ھالدا ئەمەلگە ئاشۇرالايدىغان - ئاشۇرالمايدىغانلىقىنى بىلگىلى بولىدۇ. چۈنكى پەقەت ئىش قىلىش جەريانىدا ئاندىن يۈزلىنىۋاتقان مەسلە ھەمدە بايقىغان مەسلىنى ئېنىق بىلگىلى بولىدۇ. بۇ ئارقىلىق ئاندىن قاراتمىلىقى بولغان ھالدا ھەل قىلىش ئۇسۇلىنى تاپقىلى، ئەڭ ئاخىرىدا باي بولغىلى بولىدۇ. شۇنداق بولۇپلا قالماي، ئاۋال ھەركەت قىلسا، ئاندىن بەكرەك سۆز قىلىش ھوقۇقى بولىدۇ. ئەكسىچە نامراتلار بايلارنىڭ باي بولۇش جەريانىدا زادى قانداق قىلغانلىقىنى، قانداق قىيىنچىلىقلارغا بەرداشلىق بىرىشى كېرەكلىكىنى بىلمەيدۇ. سۆزلىگىدەك تەجرىبە تېخىمۇ يوق، ئەگەر سۆزلىسىمۇ ھەممىسى قۇرۇق گەپ، ھېچقانداق ماھىيەتلىك مەزمۇن يوق.لىكىن مەلۇم ئىشنى بېشىدىن ئۆتكۈزگەندىن كىيىنكى ئەھۋال ئوخشاش بولمايدۇ. ئادەم مەلۇم بىر ئىشتا مۇئەييەن بىر جەرياننى باشتىن كەچۈرگەندە  تەجرىبە -ساۋاقلارغا ئىگە  بولۇپلا قالماي، بەلكى يەنە تېخى ھېس قىلغانلىرىنى يىغىنچاقلاپ چىققىلى بولىدۇ. بۇنداق بولغاندا ‹‹پەقەت قۇرۇق گەپ قىلىشنىلا بىلىدۇ ›› دەيدىغان سەلبىي نامىدىن ساقلانغىلى بولىدۇ. شۇنداق دىيىشكە بولىدۇكى، ئاۋال ئىش قىلىپ ئاندىن سۆزلەش  بىر خىل قەدىرلەشكە ئەرزىيدىغان ئالاھىدىلىك. ئەگەر بىر ئادەم بۇ خىل ئالاھىدىلىكنى ئۆزىدە يىتىلدۈرىدىكەن باشقىلارنى ھەۋەس قىلدۇرالىدىغىدەك بايلىققا ئېرىشىشى مۇقەررەر.ئەمەلىي خىزمەت مەيدانىنى مىسالغا ئالساق، بىر قىسىم كىشلەر نىمە ئاڭلىشىدىن قەتئىينەزەر ئۇلارنىڭ ئاغزىغا چىقسىلا، دەرھال باشقىچە تۈس ئېلىپ ھەممە ئادەم بىلىپ كېتىدۇ،ئۇلارنىڭ گېپى تولا. لېكىن دائىم ئىشنى ياخشى قىلمايدۇ ياكى قەتئىي قىلمايدۇ.بۇنداق كىشلەر خىزمەتتە باشقىلارنىڭ قارشى ئېلىشىغا ئېرىشەلمەيدۇ. ئاخىرى سۆزلەشنىلا بىلىدىغان، ئەمما قىلالمايدىغان «ناتىق»قا ئايلىنىدۇ. نەتىجىدە قۇرۇق گەپ قىپ ئولتۇرۇپ ئۆزىگە تەۋە بولغان بايلىققا ئېرىشەلمەيدۇ. باشقىچە نۇقتىدىن ئېيىتقاندا، پەقەتلا دىيىش، ئەمما قىلالماسلىق شۇ ئادەمنىڭ ئىقتىدارسىزلىقىنى ئىسپاتلايدۇ، خالاس. ئۇلار ئۆزى مەسلىنى ھەل قىلالمىغانلىقتىن ئۆزىنىڭ مەغلۇپ بولۇشىدىكى بارلىق ئامىللارنى سىرتقى ئوبىكتىپ سەۋەپلەرگە يۈكلەپ قويىدۇ.

لىيۇخەيمېي بېيجىڭدىكى مەلۇم بىر كومپىيوتېر شىركىتىنىڭ خىزمەتچىسى. ئۇ ياش، چىرايلىق بولۇپ، ئالىي مەكتەپتىكى ساۋاقداشلىرىنىڭ نەزىرىدە كىرىمى ناھايىتى يۇقىرى «باي خېنىم». لىكىن ئۇنىڭ بىردىنبىر كەمچىلىكى خىزمەت ۋاقتىدا كۆپ گەپ قىلشقا ئامراق ھەم گەپ قىلسىلا دائىم خىزمەتنى ئۇنتۇپ قالىدۇ. ھەر كۈنى ئىشخانىسىغا بېرىپلا ئاغزى ئېچىلىپ گېپى تۈگمەيدۇ. باشقا خىزمەتداشلىرى نىملا گەپ قىلمىسۇن، ئۆزى ئازراقمۇ چۈشەنمىگەن تەغدىردىمۇ يەنىلا گەپ قىستۇرىدۇ. ناھايىتى تىزلا لىيۇخەيمېينىڭ بۇ مىجەزى خىزمەتداشلىرىغا پىششىق بولۇپ كەتكەن.

دەسلەپتە ئىشخانىنىڭ كەيپىياتى ھەر ھالدا ئىناق بولسىمۇ، كىيىن چوڭ ئۆزگىرىش يۈز بېرىپ،خىزمەتداشلار ئارا گەپ قىلىشقا پىتىنالمايدىغان دەرىجىگە بېرىپ يەتكەن. لىيۇخەيمېي  گەپ قىلغانسېرى باشقا خىزمەتداشلار شۇنچە جىمىپ كەتكەن. چۈنكى ئۇلار باشلىقنىڭ بىلىپ قېلىپ مۇكاپاتلىرىنى تۇتۇۋېلىشىدىن قورقاتتى. كەسپىي ئىقتىدارى ئادەتتىكىچە بولغان لىيۇخەيمېينىڭ خىزمەتتە ئەڭ كۆپ دەيدىغان بىر جۈملە سۆزى «ئەگەر مەن بۆلۈم باشلىقى بولسام، شىركەتكە پايدا ئېلىپ كېلەتتىم» ئىدى. لىكىن باشلىق ئۇنىڭغا ۋەزىپە تاپشۇرغان چاغدا، ئېغىزدا ۋەدە قىلىپ ئەمەلىي ئىش قىلمايىتتى ھەم ھەر خىل باھانە -سەۋەب ئىزدەپ باشلىقنىڭ سۇئالىغا تاقابىل تۇراتتى. يىل ئاخىرىدىكى باھالاشتا باشقاخىزمەتداشلارنىڭ ھەممىسى بەلگىلىك دەرىجىدە مۇكاپاتقا ئېرىشىپ، پەقەت لىيۇخەيمېيلا ھىچنىمە ئالالمىغان. لېكىن ئۇ مەسلىنىڭ ئېغىرلىقىنى ھىس قىلماي، يېڭى بىر يىلدىكى خىزمەتتە  ئاۋالقىدەك پەقەتلا سۆزلەپ، ئىش قىلمايدىغان پېتى تۇرىۋەرگەچكە،ئاخىرى شىركەت ئۇنى ئىشتىن بوشاتقان.

ئەمەلىيەتتە، ھەرقانداق بىر شىركەتنىڭ رەھبىرى سەۋەب ئىزدىمەيدىغان، قىينچىلىقنى مۇستەقىل ھەل قىلالايدىغان خىزمەتچىلەرگە ئامراق. ئوخشاشلا ئۇلار خىزمەتچىلىرىدە يۇقىرى ئۈنۈمگە ئىگە ھەركەت قىلىش ئىقتىدارى بولۇشنى تېخىمۇ ئۈمىد قىلىدۇ.  رەھبەرلەر ئەتىۋارلايدىغان ئاشۇ خىزمەتچىلەر كۆپىنچە قانداق «دىيىش» كە ئەمەس ، قانداق «قىلىش» قا ئەھمىيەت بېرىدۇ، ئۇلار قارىماققا ناھايىتى ئاددى ھەم ئادەتتىكى ئىشلارنىمۇ ئوخشاشلا ئەستايىدىل قىلىدۇ. چۈنكى ھەركەت قىلىش ياكى قىلالماسلىق دەل بىر ئادەمنىڭ كەلگۈسى كەسپى ھاياتى ۋە كىشلىك تەرەققىيات يۈزلىنىشىنى ئەكىس ئەتتۈرۈپ بېرىدۇ.

بىر قىسىم كىشلەرخىزمەتنى پۇل تېپىش ئۈچۈن دەپ قارايدۇ. لىكىن يەنە بىر قىسىم كىشلەر بۇنىڭغا قارىتا باشقىچە قاراشتا. ئۇلار خىزمەت گەرچە مەلۇم جەھەتتە جان بېقىش ئۈچۈن قىلىنغان ئەمگەك بولسىمۇ، لىكىن ئۇ بىر شەخىسنىڭ ئۆسۈپ يىتىلىپ - تەرەققىي قىلىشىنىڭ ئاساسى. چۈنكى خىزمەتكە بولغان پوزىتسىيەنىڭ ئوخشاش بولماسلىقى، نۇرغۇن ۋاقىتتابىر ئادەمنىڭ تەغدىرىنى بەلگىلەيدۇ، تەلىيىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ دەپ قارايدۇ.

لىنتاڭ داڭلىق ئۇنىۋېرسىتىتنىڭ خەنزۇتىلى فاكۇلتىتىنى پۈتتۈرگەن ئىختىساسلىق خادىم بولۇپ،بېيجىڭدىكى بىر نەشىرىياتقا خىزمەت قىلىشقا تەقسىم قىلىنغان. ئۇ كۆڭلىدە كاتتا ئىش قىلىپ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشنى ئويلىغان. ئۇنىڭغا باشلىقى دەسلەپتە كورىكتورلۇق خىزمىتىنى ئورۇنلاشتۇرغان. ئەمەلىيەتتە بۇ ئۇنىڭ ئىرادىسىگە بولغان سىناق ئىدى.لىكىن لىنتاڭ كورىكتورلۇق خىزمىتى ئاددى، باشلىق مېنى ئۆز لايىقىدا ئىشلەتمىدى دەپ قاراپ خىزمەتتە سۇسلۇق قىلغان. ھەتتا كورىكتورلۇق خىزمىتى جەريانىدا نۇرغۇن خاتالىققا يول قويغان. باشلىقى ئۇنىڭ خىزمەتتىكى ئىپادىسىگە قاراپ، ئۇنى ئۆستۈرمىگەن.ئاۋالقىدەكلا ھەر ئايدا 3000 يۈەنلىك كورىكتورلۇق خىزمىتىدە داۋاملىق قويغان.لىنتاڭ بىلەن ئەھۋالى پۈتۈنلەي ئەكسىچە بولغىنى، ئۇنىڭ ئۇنىۋېرسىتىتتىكى ساۋاقدىشى لىيىڭ ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كىيىن بىر نەشىرىياتتا خىزمەت قىلغان بولۇپ، ئۇنىڭ قىلغىنىمۇ قارىماققا ناھايىتى ئاددى ھەمدە ھىچقانداق تېخنىكا تەلەپ قىلمايدىغان خىزمەت ئىدى. لېكىن لىيىڭ شۇ سەۋەبلىك ئۆزىنى لايىقىدا ئىشلەتمىدى دەپ قارىماي ئەكسىچە تولۇپ - تاشقان قىزغىنلىق بىلەن خىزمەتكە ئاتلانغان. لىيىڭنىڭ نەزىرىدە،خىزمەتتە نۇرغۇن نەرسىلەرنى ئۆگىنىش زۆرۈر ئىدى. لىيىڭ بىر يىلدىن كۆپرەك چېنىقىش ئارقىلىق شىركەت رەھبەرلىرى تەرپىدىن مۇھىم ۋەزىپىگە قويۇلۇپ، تارقىتىش بۈلۈمىنىڭ باش نازارەتچىلىكىگە تەيىنلەنگەن. ھەمدە يىلىغا 150 مىڭ يۈەنلىك مائاشقا ئېرىشكەن.

شۇنداق دىيشكە بولىدۇكى، مۇۋەپپەقىيەت ئېغىزدا دىيىش ئارقىلىق ئەمەس ،خىزمەت قىلىش ئارقىلىق كەلگەن.  پەقەت ئەستايىدىل خىزمەت قىلىشنى خالايدىغان كىشىلا ھامان بىر كۈنى ئۆزىنى يۈكسەلدۈرەلەيدۇ ھەمدە ئۇنىڭغا ئەگىشىپ كېلىدىغىنى بولسا بايلىقنىڭ پەيدىنپەي

ئېشىپ بېرىشى بولىدۇ.

بايلىقنىڭ بايانى:

نامراتلارنىڭ مەغلۇب بولۇشىنىڭ سەۋەبى شۈكى، نامراتلار ئۆزىدە بايلارغا ئوخشاش پەقەت قىلدىغان،دىمەيدىغان ئالاھىدىكىنى ھازىرلىمىغان. ئەكسىچە ئۇلار ۋاتىلداپ ئاغزى بېسىلمايدۇ.بايلار ھەمىشە پەقەت دىيىشنىلا بىلىپ قىلمايدىغان «ناتىقلار» دىن ئەمەس«ئەمەلىي ئىشلىگۈچىلەر» دىن مېھرىنى ئۈزەلمەيدۇ. . شۇڭىلاشقا باي بولۇشنى، بايلارنىڭ سېپىگە قەدەم تاشلاشنى ئويلايدىكەنسىز، ئىسمى - جىسمىغا لايىق «ئەمەلىي ئىشلىگۈچى»گە ئايلىنىشىڭىز لازىم.

<<نامراتلار قوي تەبىئەتلىك ، بايلار بۆرە تەبىئەتلىك >> ناملىق كىتابنىڭ 2-قىسمىدىن ئېلىندى

خەتكۈش :

كۆڭۈل سۆزلىرى

error: يۆتكىمەكچى بولسىڭىز بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ