A-A+

خېرىدار ھەممىدىن مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ

2015-يىل 28-ئىيۇن تەرجىمە كىتابلىرىمىز باھا يوقكەن زىيارەت: 280 قېتىم

ۋېنجو سودىگەرلىرىنىڭ ئۆزگىچە تەپەككۈرى

 3- باب 7- پارگىراف 

w0200707133487108540484

بېيىش تەپەككۇرى:

نامراتلار: بەزى خېرىدارلار ئادەمنى ناھايىتى زېرىكتۈرىدۇ، ھەمىشە بىز ئۇنىڭدىن بەك جىق پايدا ئېلىۋالغاندەك مۇئامىلە قىلىدۇ.

ۋېنجۇلۇقلار: خېرىدار ھەممىدىن مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ، بىز چوقۇم ئۇلارنى رازى قىلىشىمىز كېرەك. بىز ھەقىقەتەن

خېرىدارنىڭ پۇلىنى تاپىمىز،ئەمما بىز چۇقۇم خېرىدارنى خۇشاللىق بىلەن پۇل تۆلىگۈدەك دەرىجىدە رازى قىلىشىمىز،ئاندىن ئۇلارنى ئۆزىمىزنىڭ چۆپقىتىگە ئايلاندۇرىشىمىز لازىم.


   كاناسۇكى ماتسۇشىتا مۇنداق دېگەن:«بىز چوقۇم ھەممە ئىشتا خېرىدارنىڭ مەنپەتىنى چىقىش قىلىپ ئويلىنىشقا ئادەتلىنىشىمىز كې

رەك. تىجارەتنى چوقۇم ئوچۇق-ئاشكارە، ئادىل قىلىشىمىز ، خېرىدارنى چوقۇم ئەڭ مۇھىم بىلىشىمىز لازىم».

   ۋېنجۇلۇقلار بۇ نۇقتىنى بۇرۇنلا ھېس قىلغان، ئۇلارنىڭ قارىشىچە خېرىدار ھەممىدىن مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ. شۇڭا ئۇلار ھەممە ئىشتا  خېرىدارنى چىقىش قىلىدۇ، خېرىدار ئۈچۈن ئويلايدۇ.

   1991-يىلى، ھازىرقى جېجياڭ خېڭفېڭتەي سۈرئەت ئاستىلىتىش زاپچاسلىرىنى ياساش چەكلىك شىركىتىنىڭ لېدىرى ، قوشۇمچە مەسئۇلى يې شىڭكاڭ ۋېنجۇ شەھىرىدىن بىر كىچىك ئۆينى ئىجارە ئېلىپ، ئۆزىنىڭ ئىگىلىك تىكلەش ھاياتىنى باشلىغان. ئەينى ۋاقىتتا، ئۇنىڭ تۇن

جى قېتىم قوبۇل قىلغىنى  پەقەت نەچچە ئون يۈەنلىكلا زاكاس ئىدى. تېخىمۇ كۆپ زاكاس قوبۇل قىلىش ئۈچۈن، يې شىڭكاڭ دائىم ئاكتىپلىق بىلەن خېرىدارلارنىڭ قېشىغا باراتتى.

   ئادەتتە، ئۇ كەچ ۋاقىتلىرى ماشىنىغا ئولتۇرۇپ شەھەرمۇ-شەھەر مېڭىپ يۈرەتتى، كۈندۈزلىرى خېرىدارلارنىڭ ئۇچۇرلىرىنى توپلايىتتى، يەرلىكتىكى كارخانىلارنى زىيارەت قىلاتتى، ئالدىراشچىلىقتىن ھەمىشە تاماق يېگىدەكمۇ ۋاقىت چىقىرالمايىتتى.

   يې شىڭكاڭ ئۆز كەسپىدە خېرىدارلار ئۇچرىغان ھەر قانداق مەسىلىنى ھەل قىلىشنى ئۆزىنىڭ مۇھىم ۋەزىپىسى ۋە نىشانى قىلغان  ئىدى، ئەگەر ئۆزى چۈشەنمەيدىغان مەسىلىگە دۇچ كەلسە ئۆگىنىش ئارقىلىق ياكى مۇتەخەسسىسلەردىن مەسلىھەت سوراش ئارقىلىق بىلىۋالاتتى.

   بىر يىلدىن كېيىن، يې شىڭكاڭنىڭ تۆلىگەن بەدىلى ئاخىر جاۋابقا ئېرىشتى. ئۇ ئىلگىرى كۆرۈشكەن نۇرغۇنلىغان خېرىدارلار ئاكتىپلىق بىلەن ئۇنى ئىزدەيدىغان بولدى. گۇاڭشىدىكى بىر چوڭ كارخانىنىڭ خوجايىنى ئۆزى ۋېنجۇغا كېلىپ ئۇنىڭ ئەھۋالىنى تەكشۈردى ۋە نەق مەيداندا مال زاكاس قىلىدى. يې شىڭكاڭ بۇ خېرىدارنىڭ «كىچىك كەپە زاۋۇت» نى كۆرۈپ تۇرۇپمۇ يەنىلا مال زاكاس قىلغانلىقىنى-خېرىدارنىڭ  ئۆز مەھسۇلاتىنى سۈپەت ۋە تېخنىكا جەھەتتىن مۇئەييەنلەشتۈرگەنلىكى دەپ قارىدى.

  بۇ خېرىدار قايىتقاندىن كېيىن، يې شىڭكاڭغا يەنە نۇرغۇنلىغان خېرىدارلارنى تونۇشتۇرىدۇ، شۇنىڭدىن باشلاپ يې شىڭكاڭنىڭ سودىسى جانلىنىپ كېتىدۇ. نۆۋەتتە، ئۇنىڭ زاۋۇتىنىڭ يىللىق ئىشلەپچىقىرىش قىممىتى مىليارد يۈەنگە يېتىدۇ.

   «ئاپتوموبىل پادىشاھى» ھېنرى.فورد مۇنداق دېگەن: «خېرىدار ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىش ئىدىيەسىنى پايدا تېپىشتىن ئەۋزەل بىلىش كېرەك. پايدا نىشان ئەمەس، ئۇ پەقەت  خېرىدار ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىشنىڭ نەتىجىسى خالاس.» ساپ نىيەت بىلەن خېرىدارغا مۇلازىمەت قىلغاندىلا بايلىق ئۆزلۈكىدىن كېلىدۇ.

   ئەلۋەتتە، خېرىدارنىڭ ساداقەتمەنلىك دەرىجىسى ناھايىتى نازۇك مەسىلە. زۆرۈر بولمىغان ئىشلار بىلەن ئۇنى يوقىتىپ قويغاندا

ئۆزىگىمۇ، خېرىدارغىمۇ يۈز كەلگىلى بولمايدۇ. ئەگەر خېرىدار زىيان تارتسا، گەرچە ئۇلار دېمىگەن تەغدىردىمۇ شىركەتكە نىسبەتەن شەكىلسىز يوقىتىش ھېسابلىنىدۇ.

   ئاۋكاڭ گۇرۇھىنىڭ لېدىرى ۋاڭ جېنداۋ ئىلگىرى مۇنداق بىر ھېكايىنى ئېيتىپ بەرگەن:

   بىر مۇخبىر  ئاۋكاڭنىڭ مەخسۇس سېتىش دۇكىنىدىن ئاياغ سېتىۋېلىپ، ئۆيىگە قايتىپ كېلىپ ئاياغنى كىيگەندە بىر پېيى بوش، يەنە بىر پېيى ناھايىتى چىڭ كەلگەن. شۇنىڭ بىلەن  ئۇ ئوغۇل دوستىنى ئېلىپ ئاياغنى قايتۇرۇشقا بارغان.بۇ چاغدا  پىرېكازچىك ئاياغنىڭ ئوپمۇ-ئوخشاشلىقىنى كۆرۈپ «سىزنىڭ پۇتىڭىزدا مەسىلە بار ئىكەن، ئاياغدا مەسىلە يوق.» دېگەن. بۇ بىر ئېغىز گەپ ئىشنى تېخىمۇ چوڭايتىۋەتكەن. ئۇ : «سەن مېنى ئوغۇل دوستۇمنىڭ ئالدىدىلا پۇتىڭىزدا مەسىلە بار دەپ ھاقارەتلىدىڭ!» دەپ ناھايتى ئاچچىقلانغان.ھەم بۇ بىر ئېغىز گەپ ئۈچۈن ئاۋكاڭ گۇرۇھىنى ئۆزىدىن كەچۈرۈم سوراتماقچى، ۋە يىگىرمە مىڭ يۈەن تۆلەم تۆلەتمەكچى بولغان. دۇكاندىكىلەر ئۇنى مۇئاۋىن لېدىر بىلەن سۆھبەتلىشىشكە تەكلىپ قىلغان بولسىمۇ پايدىسى بولمىغان. ئىشنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ئاۋكاڭ شىركىتىدىكىلەر ئۇنى شىركەتكە تەكلىپ قىلىپ  ئۇنىڭ ئۈچۈن مەخسۇس بىر جۈپ ئاياغ تىكىپ بېرىدىغانلىقىنى، ئاياغقا ھېچقانداق پۇل ئالمايدىغانلىقىنى، ئۈچ كۈن ئىچىدە ئۆيىگىچە

يەتكۈزۈپ بېرىدىغانلىقىنى ئېيىتقان. بۇ گەپلەرنى ئاڭلىغاندىن كىيىن ئۇ خېرىدار ئاۋكاڭدىكىلەرنىڭ گېپىدە تۇرۇشى لازىملىقىنى ئېيتىپ خوشلاشقان. ئاۋكاڭدىكىلەر ئۈچ كۈندىن كېيىنلا ئاياغنى ئۇلارغا يەتكۈزۈپ بەرگەن. كېيىن ۋاڭ جېنداۋ ئۇ خېرىدار بىلەن دوست بولۇپ قالغان، ئۇ خېرىدار ئاۋكاڭ مەخسۇس سېتىش دۇكىنى ئاچقان.

 پەقەت بىر خېرىدار ئۈچۈن، ئاۋكاڭ مەخسۇس ئاياغ ئىشلىگەن، شىركەتنىڭ خېرىدارنى بىرىنچى ئورۇنغا قويىدىغان بۇ خىل روھى   خېرىدارنى تەسىرلەندۈرگەن، مۇنداق  كارخانا چوقۇم خېرىدارنىڭ ئىشەنچىسىگە ئېرىشىدۇ.

   بۈگۈنكى كۈندە تېخىمۇ كۆپلىگەن ۋېنجۇ سودىگەرلىرى خېرىدار بىلەن سودىگەر ئوتتۇرىسىدىكى دوستانە ھېسىياتنىڭ مۇھىملىقىغا كۆڭۈل بۆلۈپ، خېرىدارلارنى ئۆزلىرىنىڭ چۆپقىتىگە ئايلاندۇرۇشقا كۈچىمەكتە.

   ۋېنجۇ شەھىرىدىكى بىر كىيىم-كېچەك دۇكىنىنىڭ خوجايىنى جاڭ خېنىم «خاسلىقنىڭ جەلپكارلىقى» ناملىق بىر QQ توپىنى قۇرۇپ، بۇ ئارقىلىق خېرىدارلارغا تېخىمۇ ئەتراپلىق مۇلازىمەت قىلغان. خېرىدارلار يېڭى پاسوننىڭ بار-يوقلۇقىنى بىلىش ئۈچۈن QQ توپىغا خەت قالدۇرسىلا قانائەتلىنەرلىك جاۋابقا ئېرىشەلەيىتتى.

ۋېنجۇ شەھىرى ئىنىستىتۇت غەربىي يولىدا ئۈن-سىن بۇيۇملىرى دۇكىنى ئاچىدىغان لى خوجايىن «ئۈن-سىن بۇيۇملىرى ئائىلىسى» دەپ ئاتىلىدىغان QQ توپىنى قۇرۇپ خېرىدارلار بىلەن ئالاقىلىشىش ئۈچۈن ئىشلەتكەن. ئۇ ،QQ توپى ئارقىلىق خېرىدارلار دۇكاندىكى يېڭى ماللارنى ۋاقتىدا بىلىپ تۇرۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا، دۇكانمۇ خېرىدارلارنىڭ تەلەپ-پىكىرىنى ۋاقتىدا بىلىپ تۇرالايدىغانلىقىنى ئېيىتقان.

   گەرچە سودا خاراكتېرلىكQQ توپلىرىنى باشقۇرۇشقا ۋاقىت كەتسىمۇ، بىراق بۇ خىل ئۇسۇل دۇكاننىڭ خېرىدار مەنبەسىنى كۆپەيتەلەيتى، دۇكاندار بىلەن خېرىدار ئوتتۇرىسىدىكى ئالاقىنى كۈچەيتىپ سودىنى ئىلگىرى سۈرەلەيىتتى.

 پەقەت خېرىدارلارنى ھەممىدىن مۇھىم ئورۇنغا قويغاندىلا سىز ئاندىن خېرىدار تەرەپتە تۇرۇپ ئويلىيالايسىز،خېرىدارلارنى ئەڭ ياخشى تاۋار ۋە مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلىيەلەيسىز، شۇندىلا خېرىدارمۇ سىزنىڭ تاۋارىڭىز ۋە مۇلازىمىتىڭىزنى خۇشاللىق بىلەن قوبۇل قىلىدۇ. خۇددى شاڭخەي كەيچۈەن ئوقەتچىلىك گۇرۇھىنىڭ باش لېدىرى لىن كەيۋېننىڭ ئېيىتقىنىدەك: «كارخانىدىكى ئەڭ مۇھىم ئامىل قانداق قىلىپ خېرىدارلارنى تېخىمۇ ياخشى تاۋار بىلەن تەمىنلەش ۋە خېرىدارلار ئۈچۈن قىممەت يارىتىشتىن ئىبارەت، مانا بۇ كارخانىدىكى يادرولۇق ئامىل ھىساپلىنىدۇ ».

ۋېنجۇلۇقلارنىڭ بايانى:

 كارخانىدىكى ئەڭ مۇھىم ئامىل قانداق قىلىپ خېرىدارلارنى تېخىمۇ ياخشى تاۋار بىلەن تەمىنلەش ۋە خېرىدارلار ئۈچۈن قىممەت يارىتىشتىن ئىبارەت، مانا بۇ كارخانىدىكى يادرولۇق ئامىل ھىساپلىنىدۇ .

-شاڭخەي كەيچۈەن ئوقەتچىلىك گۇرۇھىنىڭ باش لېدىرى لىن كەيۋېن


مەنبە: 时事出版社   نەشىر قىلغان

<< 温州人想的和你不一样 >>ناملىق كىتاب

2014-يىلى 24-قېتىملىق نەشىرى

 ئەقىدە قاشگەرلىكى شىركىتى تەرجىمىسى 

تەرجىمان : ئابدۇللا ئۆمەر

تەرجىمە تەھرىرى : رەيھانگۈل نىزام

2015-يىلى 6-ئاينىڭ 28-كۈنى

كۆڭۈل سۆزلىرى

error: يۆتكىمەكچى بولسىڭىز بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ