نىشان ۋە ھەرىكەت «قوش كېزەك»
سۈرەتتە : بولقا پەن-تېخنىكا شىركىتى (锤子手机) ،نىيۇۋبو تورىنىڭ قۇرغۇچىسى ، مىليادىرلو يوڭخاۋ
ئەقىدە قاشگەرلىكى شىركىتى تەرجىمىسى
نېمە ئۈچۈن نىشان بىلەن ھەرىكەتنى «قوش كېزەك
ئاكا-ئۇكىلار» دەيمىز
بايلار بىلەن نامراتلار ئارىسىدا زادى قانداق پەرقلەر مەۋجۇت؟ ئاددى قىلىپ ئېيتقاندا نىشان بىلەن ھەرىكەتنى زىچ باغلاش ياكى باغلىيالماسلىقتىمۇ بايلار بىلەن نامراتلارنىڭ ئارىسىدا روشەن پەرىقلەر مەۋجۇت .ھەركەت بىلەن نىشاننى زىچ باغلاش ياكى باغلىيالماسلىق كىشىلەرنىڭ باي ياكى نامرات بولۇشنى بەلگىلەيدۇ . نىشان بىلەن ھەرىكەت بىر جۈپ قوشكېزەك ئاكا-ئۇكىلار . ئۇ ئىككىسىنى بىرلەشتۈرگەن ۋاقىتتا ھاسىل بولغان كۈچ ئىنتايىن چوڭ.
ئىرادىلىك كىشىلەر ئىشىدا غەلىبە قازىنىدۇ. ئىرادىلىكلەر نىشانى ۋە ئارزۇسى بولغان كىشىلەردۇر . ئارزۇ بولسا نىشاننى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچى . غەلىبىنىڭ باشلىنىش نۇقتىسى.
20-ئەسىرنىڭ دەسلىپىدە، ئېدۋارد.بارنىس تېخى نامى يوق بىر كىشى ئىدى. لىكىن ئۇنىڭدا ئۇلۇغ كەشپىياتچى ئېدىسون بىلەن ھەمكارلىشىشتىن ئىبارەت ئۇلۇغۋار نىشان بار ئىدى. بىراق غايە بىلەن رىئاللىقنىڭ پەرقى ئىنتايىن چوڭ بولۇپ، بارنىسنىڭ ئالدىدا مۇنداق ئىككى چوڭ مەسىلە تۇراتتى. بىرىنچىسى، ئېدىسون ئۇنى تونۇمايتى. ئىككىنچىسى، ئۇنىڭ تۇرمۇشى قىيىنچىلىق ئىچىدە بولۇپ، ئېدىسوننى ئىزدەپ بارىدىغان كىرا ھەققىگە چىقىشالمايتى. بىراق بۇ قىيىنچىلىقلار ئۇنى توسۇپ قالالمىدى .بېلەت ئالىدىغانغا پۇلى يوق بارنىس يول بويى يۈك پويىزىغا ئولتۇرۇپ، پىيادە مېڭىپ يۇرۇپ ئاخىر ئېدىسوننىڭ ئىشخانىسىغا كەلدى . كۆزلىگەن يېرىگە كەلگەن ۋاقىتتا ئۇنىڭ قىياپىتى تىلەمچىدىن قېلىشمايتى. لىكىن ئۇنىڭدا ئىرادىلىك قەيسەر يۈرەك بار ئىدى. دەسلەپتە ئېدىسون بارنىسقا كىرىمى ناھايتى تۆۋەن ئۇششاق - چۈششەك ئىشلارنى تاپشۇردى . قەتئىي ئىرادىلىك بارنىسقا نىسپەتەن ئەگەر ئېدىسوننىڭ كەسپى قورغىنىدىكى بىر پارچە خىش نەگە ئېھتىياجلىق بولسا ،ئۇنى شۇ يەرگە يۆتكەش چاغلىق ئىش بولسىمۇ ئۇ خاپا بولمايتى. ئۇ بۇنى نىشاننى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتا بېسىپ ئۆتۈشكە تېگىشلىك يول دەپ قارايتى. دەسلەپتە ئېدىسوننىڭ قۇشۇمچە يۈگۈر-يىتىم ئىشلىرىنى قىلغان بارنىس ئىزچىل ئۆزىنىڭ نىشانىدا چىڭ تۇرۇپ، ئۇنى پۈتۈن ئۆمرىدىكى قوغلىشىش نوقتىسىغا ئايلاندۇرغانىدى. شۇڭا ئۇ ئىجتىھات بىلەن ئېدىسوننىڭ ئىشخانىسىدا خىزمەت قىلاتتى . ئېدىسون ئۆزىگە ئىتىبار قىلمىغان تەقدىردىمۇ، بارنىس ئەزەلدىن ئۆزىنىڭ نىشانىدىن ۋاز كەچمىدى. ئاخىرى 5 يىلدىن كېيىن بارنىس ئېدىسون بىلەن رەسمى كۆرۈشۈش پۇرسىتىگە ئېرىشتى. ئەمما ئۇ بۇ قېتىم ئىلگىرىكى قەلەندەر سىياقىدا ئەمەس ئىدى . مۇۋاپىقەيەت قازانغان كىشىلەرگە خاس كىيىنگەن بارنىس نىشانىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش پۇرسىتىنى چىڭ تۇتۇپ، ئاخىرى ئېدىسوننىڭ كەسپى ھەمكارلاشقۇچىسىغا ئايلاندى.
بارنىس نىشاننى ئەمەلگە ئاشۇرۇش جەريانىدا ئۆزىگە چىكىنىش يولى قالدۇرمىدى . ئۇ ئېدىسوننىڭ ئىشخانىسىغا كەلگەندىن باشلاپ ئۆزىنىڭ چىكىنىش يولىنى ئۈزۈپ تاشلىغانىدى . ئۇنىڭ نىشانى ئېدىسوننى كۆرۈش ئەمەس، ئۇنىڭدىن بىر كىشلىك خىزمەت تەلەپ قىلىشمۇ ئەمەس، بەلكى ئېدىسون تاپشۇرغان ئىشنى ياخشى قىلىش، ئەڭ ئاخىرىدا ئۇنىڭ ھەمكارلاشقۇچىسىغا ئايلىنىش بولۇپ، بۇ ئۇنىڭ بىردىنبىر نىشانى ئىدى . ئۆزىنىڭ نىشانىدا چىك تۇرۇش ، قەتئىي ۋاز كەچمەسلىكتىن ئىبارەت ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ ئۇنى ئاخىرى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇردى.
نۇرغۇن ئادەم بىر كېچىدىلا باي بولۇشنى ئويلايدۇ. بۇنىڭ مۇمكىنچىلىكى بولسىمۇ لىكىن ئۇنداق تەلەيلىك كىشىلەر كۆپ ئەمەس . نۇرغۇنلىغان بايلار يەنىلا ئاۋالقىدەك ئۆزىنىڭ تىرىشچانلىقى بىلەن بايلىق توپلايدۇ. ئامېرىكا پەن-تەتقىقات ئورنىنىڭ بىر قېتىملىق تەكشۈرۈشىدە كۆرسىتىلىشىچە، ئامېرىكىدىكى 100مىڭ باينىڭ ئىچىدە %80 تىن كۆپرەكى 50 ياش ئەتراپىدا بولۇپ، ئۇلارنىڭ بايلىقى نىشاننى بەلگىلىگەندىن كىيىنكى ئاكتىپ ھەرىكەتتىن كەلگەن.
نىشان بىلەن ھەرىكەتنى بىرلەشتۈرۈپ غەلىبە قىلىشنىڭ مۇھىم ئىككى نۇقتىسى بار:
بىرىنچىسى، پۇرسەتنى تۇتۇشقا ماھىر بولۇش. ياخشى پۇرسەتنى ئۆتكۈزۋەتمەسلىك، قاراملىق قىلماسلىق كېرەك. لىڭتاسمىلىق ۋە قاراملىق قىلىش بىر خىل ھاماقەتلىك. بۇنداق ئەھۋالدا ھەرىكەت قىلىش مەغلۇبىيەت ۋە ئوڭۇشسىزلىقتىن دېرەك بېرىدۇ. باي بولۇشنى ئويلايدىغان ئادەم پۇرسەتنى كۆزۈتۈشكە ھەمدە ئۇنى تۇتۇشقا ماھىر بولۇشى، ئەڭ ياخشى پۇرسەتتە ئەڭ مۇۋاپىق ھەرىكەت قىلىشى كېرەك.
ئىككىنچىسى، ئىككىلەنمەسلىك كېرەك. بىر قىسىم چوڭ مەسىلىلەردە، بولۇپمۇ ھالقىلىق پەيتتە ئىككىلىنىشتىنمۇ يامان ئىش يوق. ئىككىلىنىش پۇرسەتنى كەتكۈزۋېتىپلا قالماستىن، ھەرىكەتلەندۈرۈش كۈچىنى ئاجىزلاشتۇرىدۇ. شۇڭا سىز مەلۇم ئىش قىلغان ۋاقىتتا ئەگەر پىلانىڭىز ئەتراپلىق بولسا، پۇرسەت پىشىپ يىتىلسە ھەرگىز ئىككىلەنمەڭ . ئىككىلىنىش پۇرسەتنى كەتكۈزۈپ قويىدۇ ھەمدە ھەرگىزمۇ غەلىبە قىلغىلى بولمايدۇ.
بايلىقنىڭ بايانى:
بېيىشنى ئويلايدىغان ئادەم نىشان تىكلەش ئالدىنقى شەرتى ئاستىدا ھەرىكەت قىلىشى كېرەك . نىشان بىلەن ھەرىكەتنى «قوش كېزەك ئاكا-ئۇكا» غا ئايلاندۇرغاندا ئاندىن ئورتاق رول ئويناپ بايلىققا ئېرىشىش مۇمكىن.
<<نامراتلار قوي تەبىئەتلىك ، بايلار بۆرە تەبىئەتلىك >> ناملىق كىتابنىڭ 2-قىسمىدىن ئېلىندى