A-A+

ئالتۇن قانچە خىل بولىدۇ؟

2015-يىل 28-ئاپرېل جاۋاھىراتلار دۇنياسى باھا يوقكەن زىيارەت: 471 قېتىم

u=1695047978,1675511495&fm=21&gp=0

ئالتۇن دېگەن بۇ ئۇقۇم ھەممىمىزگە تونۇشلۇق بولسىمۇ، ئەمما ئالتۇننىڭ زادى قانچە خىلغا ئايرىلىدىغانلىقىنى بەلكىم كۆپىنچە كىشىلەر تازا بىلىپ كەتمەسلىكى مۈمكىن. ئالتۇن ئادەتتە خام ئالتۇن، پىششىق ئالتۇن، قارا ئالتۇن، ئارلاشما ئالتۇن قاتارلىق تۈرلەرگە ئايرىلىدۇ.

خام ئالتۇن : پىششىقلانمىغان تەبىئىي ئالتۇن بولۇپ، بۇ خىل ئالتۇن كان ياكى دەريا تىندۇرما قاتلىمىدىن كولاپ ئېلىنغان ياكى چايقىۋېلىنغان بولۇپ، پىششىقلاپ ئىشلەنمىگەن بولىدۇ.

پىششىق ئالتۇن : خام ئالتۇننى تازىلاپ ئېرىتىپ، مۇئەييەن شەكىلگە كەلتۈرگەندىن كېيىن پىششىق ئالتۇنغا ئايلىنىدۇ.تۇرمۇشتا دائىم

ئۇچرايدىغان زىقچە ئالتۇن، كېسەك ئالتۇن ۋە زىننەت بويۇملىرىغا ئىشلىتىدىغان ئالتۇن - پىششىق ئالتۇن ھېسابلىنىدۇ.

قارا ئالتۇن : ئالتۇنغا ئاز مىقتاردا كۆمۈش ئارلاشتۇرۇلغان ئالتۇن قارا ئالتۇن، دەپ ئاتىلىدۇ.

ئارلاشما ئالتۇن : ئالتۇنغا كۆمۈشتىن باشقا يەنە ئاز مىقداردا مىتال ئارلاشتۇرۇلغان ئالتۇن ئارلاشما ئالتۇن، دەپ ئاتىلىدۇ. ئارلاشما ئالتۇن ئازراق ئارلاشما ئالتۇن، كۆپرەك ئارلاشما ئالتۇن ۋە زالتاي ئالتۇن دەپ ئۈچ خىلغا ئايرىلىدۇ.

ئازراق ئارلاشما ئالتۇن : ئالتۇننىڭ تەركىبىدە كۆمۈشتىن باشقا يەنە ئاز مىقداردا مىس بولغان،ئادەتتە كۆمۈش بىلەن مىسنىڭ مىقدارى

%10تىن ئېشىپ كەتمىگەن ئالتۇننى كۆرسىتىدۇ.

كۆپرەك ئارلاشما ئالتۇن : تەركىبىدىكى مىسنىڭ مىقدارى ئارلاشما ئالتۇننىڭكىدىن كۆپرەك بولغان ئالتۇننى كۆرسىتىدۇ. بۇ خىل

ئالتۇننىڭ رەڭگى قىزغۇچ بولىدۇ. ئوتتا كۆيدۈرسە قارىداپ كېتىدۇ. ئۆزى قاتتىق، چۈرۈك بولىدۇ. چەكسە تەكشى ئاۋاز چىقىدۇ. ئەگسە

ئېلاستىكىلىقى بولىدۇ.

زالتاي ئالتۇن : ئالتۇنغا مەلۇم نىسبەتتىكى كۆمۈش بىلەن

مىسنى قوشۇپ. 24 كاراتلىق ساپ ئالتۇننىڭ فورمۇلىسى بويىچە راسلاپ ياسالغان ئالتۇن، كۆمۈش، مىسنىڭ بىرىكمىسىنى كۆرسىتىدۇ.ئادەتتە زالتاي ئالتۇننىڭ تەركىبىدە كۆمۈشنىڭ مىقدارى قانچە كۆپ بولسا بۇ خىل ئالتۇن كۆكۈش بولىدۇ. مىسنىڭ مىقدارى قانچە كۆپ بولسا رەڭگى قىزغۇچ بولىدۇ.

مەنبە : بايلىق تورى

خەتكۈش :

كۆڭۈل سۆزلىرى

error: يۆتكىمەكچى بولسىڭىز بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ