A-A+

نامراتلار بايلارنىڭ تۇرمۇش شەكلىنى دورايدۇ،بايلار بولسا نامراتلارنىڭ تۇرمۇش شەكلى بۇيىچە ياشايدۇ

2015-يىل 3-ئاپرېل تەرجىمە كىتابلىرىمىز باھا يوقكەن زىيارەت: 420 قېتىم

نامراتلار قوي تەبىئەتلىك،بايلار بۆرە تەبىئەتلىك بولىدۇtimg

 بىرىنچى كىتاپ

ئۈچىنچى باپ ئۈچىنچى پارىگىراپ

نامراتلار بايلارنىڭ تۇرمۇش شەكلىنى دورايدۇ، بايلار بولسا

نامراتلارنىڭ تۇرمۇش شەكلى بۇيىچە ياشايدۇ


«ئۇلارنىڭ ئائىلىسى ھەقىقەتەن پۇلدار ئىكەن،  مەن مۇشۇنداق بىر ئائىلىدە توغۇلۇپ قالغان بولسان نېمىدىگەن ياخشى بولاتتى – ھە!»

«ئادەم باي بولسا بەك ياخشىكەن، نېمە سېتىۋالغۇسى كەلسە شۇنى سېتىۋالىدىكەن، پۇلنىڭ يىتىشمەسلىكىدىن ئازراقمۇ غەم قىلمايدىكەن!»

«ئەگەرمېنىڭ پۇلۇم بولغان بولسا، مەن چوقۇم ئىسىل ماشىنا، داڭلىق ھاراق سېتىۋېلىپ ئاقسۆڭەكلەرچە تۇرمۇشتىن بەھرە ئالغان بولاتتىم. ھاھا ھا...، بۇنداقتا ئادەم ئۆزىنى ناھايىتى بەختىيار ھېس قىلىدۇ.»

....

ئازراقلا دىققەت قىلسىڭىز، سىز ئىجتىمائىي تۇرمۇشتا بۇنىڭدەك سۆزلەرنىڭ كۆپ ئۇچرايدىغانلىقىنى بايقايسىز. نۇرغۇنلىغان كىشىلەر بايلارنىڭ باياشات ھالىتىنى ياختۇرىدۇ ۋە ھەۋەس قىلىدۇ. ئۇلار توختىماستىن بايلارنىڭ تۇرمۇشىنى كۆز ئالدىغاكەلتۈرىدۇ، ئۆزلىرىنىڭ كۈنلەرنىڭ بىرىدە بىر بايغا ئايلىنىپ، باشقىلارنى ھەيران قالدۇردىغان باياشات تۇرمۇشقا ئىگە بولىشىنى خام – خىيال قىلىدۇ.

بۇنداق پىسخىكىنىڭ پەيدا بولۇشىدىكى سەۋەب، كۆپ قىسىم كىشىلەر بايلار راھەت – پاراغەتلىك تۇرمۇش كەچۈرىدۇ ،دەپ ئويلايدۇ. بۇ نۇقتا نۇرغۇنلىغان كىشىلەرگە نىسبەتەن ئەڭ چوڭ جەلىپ قىلىش كۈچىگە ئىگە.

ھالبۇكى بۇخىل ھۆكۈم تۈپتىن توغرا ئەمەس. ئەمەلىيەتتە بىر ھەقىقىي باي ھەرگىزمۇ بۇزۇپ –چېچىپ ئىسراپخورلۇق قىلمايدۇ. ئۇلار بايلىقتىن مۇۋاپىق پايدىلىنىشنى، پۇلنى ئەڭ ئېھتىياجلىق ئورۇنلارغا خەجلەشنى بىلىدۇ. ئۇلارنىڭ تۇرمۇشى تېخىمۇ «نامراتلارچە»،ئاددى – ساددا، ئىقتىسادچىل بولىدۇ.

بۇ جايدا بىز بىرلىكتە بىر ھېكىمەتلىك ھېكايىدىن ھوزۇر ئالايلى:

بىر كۈنى،بىر نامرات ئادەم تەڭرىگە يولۇقۇپ قاپتۇ، ئۇ تەڭرىگە ئۆزىنىڭ نامرات تۇرمۇشىدىن قاخشاپ بېرىپ ئۆزىنىڭ بايلارنىڭ تۇرمۇشىغا بولغان ھەۋىسىنى ئىپادىلەپ بېرىپتۇ،تەڭرى بۇنى ئاڭلاپ چۈشەنمەستىن: «سەن نېمىشقا ئۆزۈڭنىڭ نامرات ئىكەنلىكىڭنى بىلەمسەن؟» دەپ سوراپتۇ. نامرات ئادەم ئويلانماستىنلا: «چۈنكى مەندە پۇل يوق!» دەپ جاۋاب بېرىپتۇ. «پۇلۇڭ بولسىلا باي بولالامسەن؟» دەپ سوراپتۇ تەڭرى. «ئەلۋەتتە!پۇلۇم بولسىلا مەن باي بولالايمەن.» دەپتۇ نامرات ئادەم.

تەڭرى ئۇنىڭ جاۋابىنى ئاڭلىغاندىن كىيىن: «ئۇنداقتا ياخشى، مەن ساڭا ھازىر بىر مىليون فوندېستىرلىڭ بېرىپ سېنى بايغا ئايلاندۇرۇپ قوياي. ئەگەر بەش يىلدىن كىيىن سەن يەنىلا باي ھالىتىڭدە بولساڭ، مەن ساڭا يەنە بىر مىليون فوندېستىرلىڭ بېرىمەن »دەپتۇ. نامرات ئادەم  ئۆزىنىڭ  بۇنداق ياخشى ئىشقا يولۇقۇپ قالغانلىقىدىن ناھايىتى خۇشال بوپتۇ – دە،تەڭرىنىڭ تەلپىگە قوشۇلۇپتۇ.

نامرات ئادەم ئۆزىنىڭ ئاللىقاچان باي بولغانلىقىنى، شۇڭا چوقۇم بايلاردەك ياشىشى لازىملىقىنى ھېس قىپتۇ. شۇنداق قىلىپ ئۇ تەڭرى ئۆزىگە بەرگەن بىر مىليون فوندېستىرلىڭنى ئېلىپ بايلار ئولتۇراق رايونىدىن بىر يۈرۈش ئالىي دەرىجىلىك داچا سېتىۋاپتۇ، ھەمدە يەنە بىر ئىسىل ماشىنا سېتىۋېلىپ شوپۇر ياللاپتۇ. ئارقىدىن سودا مەيدانلىرىغا بېرىپ داڭلىق ماركىلىق كاستۇم، كۆڭلەڭ سېتىۋاپتۇ، ھەمدە ئەمگەكچىلەربازىرىغا بېرىپ ياللانما خادىم ۋە ئاشپەز ياللاپتۇ، شۇنداق قىلىپ ئۇ ئۆزىنىڭ نەزىرىدىكى بايلارنىڭ تۇرمۇشىنى ئۆتكۈزۈشكە باشلاپتۇ.

ئىككى يىلغا يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە، بۇ بەتخەج ئادەم بىر مىليون فوندېستىرلىڭنى خەجلەپ تۈگىتىپتۇ. ئۇنىڭ قول ئاستىدىكىلىرىنىڭ مائاشىنى تارقاتقىدەك پۇلىسى بولمىغاچقا،ئىشلەتكەن ئادەملىرىنىڭ ھەممىسى كېتىپ قاپتۇ. كىيىنكى قېتىملىق بىرمىليون فوندېستىرلىڭنى ئېلىش ئۈچۈن، نامرات ئادەم ئۆزىنىڭ يەنە بايلارچە تۇرمۇش كەچۈرۈشى لازىملىقىنى ھېس قىپتۇ. شۇنداق قىلىپ ئۇ ئالىي دەرىجىلىك ماشىنىنى سېتىۋېتىپ ئوتتۇراھال ماشىنىدىن بىرنى سېتىۋاپتۇ.ئاشقان پۇلغا يەنە خادىم ۋە شوپۇر ياللاپ،ئالىي دەرىجىلىك كۆڭۈل ئېچىش سورۇنلىرىغا پۇل خەجلەشكە باشلاپتۇ.

ئىككى يىلدىن كىيىن، ئەيىش – ئىشرەتلىك تۇرمۇش يەنە ئۇنى قۇرۇق قول ھالەتكە كەلتۈرۈپ قويۇپتۇ. نامرات ئادەم ئامالسىزلىقتىن داچىسىنى سېتىۋېتىپ مېھمانخانىدا تۇرۇپتۇ.ھەم يەنىلا ئۆزىنىڭ بايلارچە تۇرمۇشىنى داۋاملاشتۇرۇپتۇ.

تەڭرى بىلەن كۆرۈشىدىغان كۈنى نامرات ئادەم يەنە بەش يىل ئاۋۋالقى ھالىتى بۇيىچە تەڭرىنىڭ ئالدىدا زاھىر بوپتۇ. ئۇ تەڭرىگە پۇشايمان بىلەن: «تەڭرىم، ماڭا يەنە بىر قېتىم پۇرسەت بېرىڭ، مەن چوقۇم بۇ بىر مىليوننى قەدىرلەپ، تىجەشچانلىق بىلەن ياشايمەن »دەپتۇ.

تەڭرى بېشىنى چايقاپ: ‹‹ ئەگەر بەش يىلدىن كىيىن سەن يەنە باي ھالىتىڭنى ساقلىيالىساڭ مەن ساڭا بىر مىليون فوندېستىرلىڭ بېرىمەن،دەپ ۋەدە قىلغان. ناھايىتى ئەپسۇس، سەن يەنىلا نامرات پېتى تۇرۇپسەن.» دەپتۇ.

نامرات ئادەم يىغلاپ نالە قىلىپ تۇرۇپ: «باي بولۇش شۇنداق تەسمۇ؟» دەپتۇ.

تەڭرى ئۇنىڭغا «ئەگەر سەن ھەقىقىي باي بولغان بولساڭ، ئەينى ۋاقىتتا مەن ساڭا بەرگەن بىر مىليون فوندېستىرلىڭنى بەش يىلدىن كىيىن ناھايىتى رازىمەنلىك بىلەن ماڭا قايتۇرۇپ بەرگەن بولاتتىڭ. سەن ھەقىقىي باي بولمىغاچقا، ئەينى ۋاقىتتا مەن ساڭا بىر مىليون فوندستىرلىڭ بەرگەن بولساممۇ بەش يىلدىن كىيىن يەنىلا مەندىن بىر مىليون فوندېستىرلىڭ تەلەپ قىلدىڭ. نامراتلارھەمىشە بايلارنىڭ تۇرمۇشىنى خىيال قىلىدۇ، بىراق بايلارنىڭ ئەزەلدىن ئىسراپ قىلمايدىغانلىقىنى، ‹نامراتلارچە› تۇرمۇش كەچۈرىدىغانلىقىنى بىلمەيدۇ »،- دەپتۇ ۋە كېتىپ قاپتۇ.

قەدىمكىلەردە مۇنداق ھېكىمەت بار: «بېلىقنىڭ ئالدىغا كېلىشىگە تەلمۈرۈپ تۇرغاندىن تور تەييارلىغان ياخشى». يەنى، دەريا بويىدا جىددىيلىشىپ بېلىقنىڭ كېلىشىنى كۈتۈپ تۇرغاندىن كۆرە، ئاۋۋال ئۆيگە قايتىپ تورتەييارلىغان ياخشى. بۇنىڭدا بېلىق تۇتالماسلىقتىن غەم قىلىشنىڭ ھاجىتى يوق.شۇنداق، «بېلىق تۇتۇش» نىلا ئارزۇ قىلىپ «تور تەييارلىمىغاندا»، مەڭگۈ بېلىق تۇتقىلى بولمايدۇ.

خۇددى ھېكايىدىكى نامرات ئادەمگە ئوخشاش، بايلارنىڭ تۇرمۇش شەكلىگە قىزىقىپ،  تومپاي يانچۇقىغا ھەۋەس قىلىپ ئۇلارنى دورىغان بىلەن  نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ باي بولۇش ئۈچۈن تىرىشمىغاندا يەنىلا نامراتلىقتىن قۇتۇلغىلى بولمايدۇ. ھېكايىدىكى ئۇ ئادەم ئۆزىنىڭ نامرات تۇرمۇشىدىن قاخشايدۇ، بايلارنىڭ بايلىقىغا ھەۋەس قىلىدۇ، ھەمىشە بايلارنى راھەت – پاراغەتلىك تۇرمۇش كەچۈرىدۇ دەپ قارايدۇ .شۇڭلاشقا ئۇ تەڭرى ئۆزىگە بەرگەن بىر مىليون فوندېستىرلىڭ پۇلنى بۇزۇپ – چېچىپ تۈگەتكەن. ئۇ مۇشۇنداق ياشىسام بايلاردەك ياشىغان بولىمەن ،دەپ قارىغان .بىراق بەش يىلدىن كىيىن يەنىلا نامراتلىقنىڭ پاتقىقىغا پېتىپ قالغان.

بۇنىڭدىن كۆرۈۋالغىلى بولىدۇكى، ئىسراپ قىلىش، راھەت – پاراغەت ھەرگىزمۇ بايلارنىڭ بەلگىسى ئەمەس. بىر ئادەمدە ھەر قانچە كۆپ پۇل بولسىمۇ، ئۇ ئەگەر بۇزۇپ – چېچىپ خەجلىسە پۇل ھامان تۈگەيدۇ. ھەقىقىي بايلار بۇ قائىدىنى بىلىدۇ، شۇڭا ئۇلار ھەرۋاقىت پۇلغا قارىتا پىلانلىق ،تېجەشلىك بولۇپ، ئىزچىل «نامراتلارچە» تۇرمۇش كەچۈرىدۇ. كورىيە «زامانىۋى»ئاپتوموبىل شىركىتىنىڭ قۇرغۇچىسى جېن جوۋيوڭ  بۇ خىلدىكى بايلارنىڭ تىپىك ۋەكىلى.

جېن جوۋيوڭ 1915 – يىلى چاۋشىيەندىكى بىر نامرات دېھقان ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. ئۇ ئائىلىدىكى چوڭ بالا بولغانلىقى سەۋەبلىك، ئاتا – ئانىسىنىڭ ئۇنىڭغا بولغان تەلپى ناھايىتى قاتتىق بولۇپ، ئۇنىڭدىن ئۆزلىرىنى ئۈلگە قىلىپ تۇرۇپ بىر جاپاكەش دېھقان بولۇشىنى، ئىنى – سىڭىللىرىغا بىر ياخشى نەمۇنە تىكلەپ بېرىشىنى ئۈمىد قىلىدىكەن.

1931 – يىلى باشلانغۇچ مەكتەپنى پۈتتۈرگەندىن كىيىن، جېن جوۋيوڭ يېزىدىن چىقىپ سىرتقى دۇنيانى كۆرۈشنى ناھايىتى ئارزۇ قىپتۇ. ئۇ ئۆزىنىڭ سىرىتلارغا چىقىپ جاھاندارچىلىق قىلىش ئارزۇسىنى ئاتا – ئانىسىغا ئېيىتقاندا، ئۇلار بۇنىڭغا قەتئىي قارشى تۇرۇپتۇ.جېن جوۋيوڭ ئامالسىزلىقتىن كۆپ قېتىم ئۆيدىن چىقىپ كەتكەندە، ئاتىسى ئۇنى قايتۇرۇپ كەپتۇ.

1935 –جېن جوۋيوڭ ئۆيدىن 4 – قېتىم چىقىپ كېتىپتۇ. بۇ ئۇنىڭ ھاياتىدىكى بىر بۇرۇلۇش نۇقتىسىغا ئايلىنىپتۇ. ئۆيدىن مۇۋەپپەقىيەتلىك ئايرىلغان جېن جوۋيوڭ ئاۋال پىرىستانغا بېرىپ ئېغىر ئەمگەك قىپتۇ، ئاندىن خەنچېڭدا بىر يىلغا يېقىن ئىشچى بوپتۇ، كىيىن يەنە گۈرۈچ دۇكىنىدا ئىشلەيدىغان ئىشنى تېپىپ مۇقىملىشىپتۇ.

خىزمەتتە ناھايىتى ئەستايىدىل، تىرىشچان بولغاچقا، جېن جوۋيوڭ خوجايىننىڭ مۇئەييەنلەشتۈرۈشىگە ئېرىشىپتۇ. خوجايىن ئاغرىپ قالغاندا، ئۇ دۇكىنىنى جېن جوۋيوڭغا ھەقسىز ئۆتكۈزۈپ بېرىپتۇ. بۇنىڭ بىلەن جېن جوۋيوڭمۇ بىر ئاددى ئىشچىدىن دۇكان خوجاينىغا ئايلىنىپتۇ.

بەلگىلىك ئىقتىسادىي بولغاندىن كىيىن، جېن جوۋيوڭ 1940 – يىلى مەخسۇس ماشىنا رېمونت قىلىدىغان «ئاداۋ ماشىنا رېمونت قىلىش زاۋۇتى» نى قۇرۇپ چىقىپتۇ. ئۇنىڭ ئاقىلانە يىتەكچىلىك قىلىشى ۋە كۆڭۈل قويۇپ تىجارەت قىلىشى ئارقىسىدا زاۋۇت كۈنسىرى چوڭىيىپتۇ. كۆلەمنى كېڭەيتىش ئۈچۈن، جېن جوۋيوڭ 1945 – يىلى خەنچېڭدا «زامانىۋى ئاپتوماتىك ئاپتوموبىلچىلىق ئىشلىرى ئۇيۇشمىسى» نى قۇرۇپ چىقىپتۇ. ئىككى يىلدىن كىيىن، جېن جوۋيوڭ يەنە «زامانىۋى قۇرۇلۇش جەمئىيىتى» نى قۇرۇپ، قۇرۇلۇش كەسپىگە كىرىشىپتۇ، ھەمدە بۇ ئارقىلىق بايلاردىن بولۇپ قاپتۇ.

1967 –يىلى، ئىزچىل ماشىنا چۈشىنى كۆرۈۋاتقان جېن جوۋيوڭ «زامانىۋى ئاپتوموبىل شىركىتى»نى قۇرۇپ چىقىپتۇ.ئۇنىڭ توختاۋسىز تىرىشچانلىق كۆرسىتىش ئارقىلىق «زامانىۋى» ماركىلىق ئاپتوموبىللار دۆلەت ئىچى بازىرىدا يىتەكچى ئورۇنغا ئېرىشىپ، پۈتۈن دۇنيا بازىرىغا تەسىر كۆرسىتىشكە باشلاپتۇ. جېن جوۋيوڭ ئۆزىمۇ غايەت زور بايلىققا ئېرىشىپ، كورىيەدىكى داڭلىق بايغا ئايلىنىپتۇ.

كاتتا زەردارغا ئايلانغان جېن جوۋيوڭنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشى ھېچقانچە ئۆزگەرمىگەن .ئۇ يەنىلا ئۆزىنىڭ ئىلگىرىكى نامرات ۋاقتىدىكىدەك تۇرمۇش كەچۈرگەن: بىر ئىشتاننى نەچچە يىل كىيگەن؛ كۆڭلەكنىڭ ياقىسى، يەڭلىرى كونىراپ يىرتىلغاندىلا ئاندىن يېڭىسىغا ئالماشتۇرغان؛ بىر دانە ساياھەت سومكىسىنى 10 نەچچە يىل ئىشلىتىپمۇ ئالماشتۇرمىغان.

زامانىۋى كارخانا گورۇھىنىڭ باش سەردارى بولۇپ تۇرۇقلۇقمۇ، جېن جوۋيوڭنىڭ مەخسۇس ئاشخانىسى يوق،ئۇ دائىم خىزمەتچىلەر ئاشخانىسىدا خىزمەتچىلەر بىلەن بىرگە غىزالىنىدۇ.جېن جوۋيوڭنىڭ ئىشخانىسىنىڭ بېزىلىشىمۇ ناھايىتى ئاددى، تامغا بىر پارچە گۈلنىڭ رەسىمى ۋە «نام – ئاتاققا قىزىقماسلىق ئاقىللىقتۇر» دىگەن خەتلەر يۇپۇشتۇرۇلغان .بۇنىڭلىق بىلەنلا قالماي، جېن جوۋيوڭ يەنە ئۆزىنىڭ ئىنى – سىڭىللىرى ۋە بالىلىرىدىن ئۆزىگە ئوخشاش ئاددى – ساددا تۇرمۇش كەچۈرۈشنى تەلەپ قىلىدۇ.

نۇرغۇنلىغان كىشىلەرگە نىسبەتەن ئېيىتقاندا، ئەگەر ئۇلاردا جېن جوۋيوڭنىڭ بايلىقىنىڭ ئازغىنە بىر قىسىمى بولسىلا ئۆزىنىڭ تۇرمۇشىنى بەتخەجلىك بىلەن ئۆتكۈزۈشكە باشلاپ، ئۆزىنىڭ ماددى ئىستىكىنى قاندۇرىدۇ. بىراق 512 مىلياردلىق مال – مۈلۈككە ئىگە بولغان جېن جوۋيوڭ ھەرگىز ئۇنداق قىلمىغان. دۇنيادىكى داڭلىق زەردار بولۇپ تۇرۇقلۇقمۇ،جېن جوۋيوڭنىڭ ئاددى – ساددا بولغان «نامراتلارچە» تۇرمۇش كەچۈرىشى  كىشىلەرنى چوڭقۇر تەپەككۇر قىلىشقا ئۈندىمەي قالمايدۇ.

بايلىقنىڭ بايانى:

نامراتلار بايلارنىڭ تۇرمۇشىغا قىزىقىدۇ، ئۇلارنىڭ تۇرمۇش شەكلىنى قوغلىشىدۇ. بىراق ھەقىقىي بايلاردا ئاددى – ساددىلىقنى قەدىرلەيدىغان روھ بولىدۇ، ئۇلار ھەرگىزمۇ راھەت –پاراغەتنىڭ پاتقىقىغا پېتىپ قالمايدۇ، ھەمدە پۇلنىمۇ خەجلىمەسلىككە تېگىشلىك جايلارغا ئىسراپ قىلمايدۇ. نامراتلارغا نىسبەتەن ئېيىتقاندا، بايلارغا شەكىل جەھەتتىن قىزىقىپ يۈرگەندىن كۆرە، دەرھال ھەركەت قوللىنىپ، تىرىشچانلىق بىلەن بايلىق يارىتىپ، تىجەشچانلىق ئادىتىنى يىتىلدۈرۈش ئەۋزەلدۇر.


خاربىن نەشىرياتى 2011-يىلى نەشىر قىلغان

نامراتلار قوي تەبىئەتلىك، بايلار بۆرە تەبىئەتلىك ناملىق كىتاب

2014-يىلى ئەقىدە شىركىتى تەرجىمە قىلدى

تەرجىمان:ئابدۇللا ئۆمەر

 تەرجىمە تەھرىرى: رەيھانگۈل نىزام

كۆڭۈل سۆزلىرى

error: يۆتكىمەكچى بولسىڭىز بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ