A-A+

ھەرقانداق سودىنى باشلامچى بولۇپ قىلغانلار كۆپ پايدىغا ئىرىشىدۇ

2015-يىل 31-ماي تەرجىمە كىتابلىرىمىز باھا يوقكەن زىيارەت: 391 قېتىم

ۋېنجو سودىگەرلىرىنىڭ ئۆزگىچە تەپەككۈرى

2-باپ 1-پارگىراپ

w0200707133487108540484

بېيىش تەپەككۈرى:

نامراتلار: باشقىلار بۇ ئىشنى قىلىپ باقمىغان، تەجىربە -ساۋاق يوق تاسادىبي مەغلۇب بولسام قانداق قىلىمەن؟

ۋىنجۇلىقلار: باشقىلار قىلىپ باقمىغان بولسا نېمە بوپتۇ؟ شۇنداق بولغاندا باشقىلار ئاندىن سەندىن بازار تالاشمايدۇ، يېڭى شورپا ئەڭ تەملىك بولىدۇ، باشقىلاردىن بىر قەدەم ئالدىدا ماڭغان سودىدىن ئەڭ ياخشى پۇل تاپقىلى بولىدۇ، پۈتۈن بىر ناننى يالغۇز يېسەكئەلۋەتتە ياخشى ئەمەسمۇ!


يېڭى شورپا ھەممىدىن تەملىك بولىدۇ، باشقىلادىن بىر قەدەم ئالدىدا ماڭغاندا سودىدا كۆپ پۇل تاپقىلى بولىدۇ. باشلامچى بولۇشقا جۈرئەت قىلىدىغان جاسارەت ھەر بىر ۋىنجۇلۇقتا ھازىرلانغان ئالاھىدىلىك.

ۋىنجۇلىق سودىگەر جاڭ خۇامېي جۇڭگودىكى تۇنجى يەككە تىجارەتچى تىجارەت كىنىشكىسى ئالغان كىشى بولۇپ تېجارەت نومۇرى 10101، كېنىشكىدە مۇنۇلار يېزىلغان:
ئىسم- فامىلىسى: جاڭ خۇامېي

ئادرىسى: شىمالى ئازادلىق يولى 83-نۇمۇر

ئىشلەپچىقىرىش تىجارەت دائىرىسى: تۈرلۈك ماللار

ۋىنجۇدا ئۇنىڭدىن باشقا يەنە نۇرغۇن « تۇنجى» بار مەسىلەن :

جۇڭگودىكى تۇنجى ئۆسۈم  پىرسەنتى ئىسلاھ قىلىنغان يېزا ئامانەت كوپراتىپى

جۇڭگودىكى تۇنجى دېھقانلار شەھەرچىسى

جۇڭگودىكى تۇنجى تاۋار شەھەرچىسى

جۇڭگودىكى  تۇنجى دېھقانلار مەخسۇس بازىرى

جۇڭگودىكى تۇنجى پاي ھەمكارلىقىدىكى شەھەر ئامانەت-قەرىز كوپراتىپى

جۇڭگودىكى تۇنجى پاي ھەمكارلىقى تۈزۈمىدىكى كارخانا

جۇڭگودىكى تۇنجى يەككە ئىگىلىك يەرلىك قانۇنى

جۇڭگودىكى تۇنجى پاي ھەمكارلىقىدىكى كارخانىلار يەرلىك قانۇنى

جۇڭگودىكى تۇنجى چەت ئەل شىرىكچىلىكدىكى يېزا ئىگىلىك شىركىتى

جۇڭگودىكى تۇنجى شەخسى ئايروپىلان ھۆددىگە ئالغان شىركەت

جۇڭگودىكى تۇنجى « سۈپەت ئارقىلىق شەھەر بەرپا قىلىش» يەرلىك قانۇنىنى بېكىتكەن شەھەر

جۇڭگودىكى تۇنجى ئىناۋات سېستىمىسى قۇرغان شەھەر

......

ۋىنجۇدا يەنە ئايرۇپىلاننى، تاغنى، دېڭىزنى،ئارالنى كۆتۈرەگە ئېلىۋالغانلار بار.

«ئايرۇپىلان كۆتۈرەگە ئالغۇچى»  ــــ  ۋاڭ جۈنياۋ

1991-يىلى باھار بايرىمى كېلىش ئالدىدا ۋاڭ جۈنياۋ ۋە بىر نەچچە يۇرتداش خۇنەندىن ئاپتۇبۇس كۆتىرە ئېلىپ ئۆيگە قايىتتى. تاغ- داۋانلىق بۇ  1200 كىلومېترلىق مۇساپىدە ۋاڭ جۈنياۋ ‹ ماشىنا بەك ئاستا ماڭىدىكەن › دېگىنىدە ئۇنىڭ بىر يۇرتدىشى :« ئايروپىلان

تىز ماڭىدۇ، ئەمسە سەن ئايروپىلانغا ئولتۇرۇپ قايىت» دەپ چاقچاق قىلدى. ئويلىمىغان يەردىن بۇ چاقچاق ۋاڭ جۈنياۋنىڭ كۆڭلىدە :« توغرا، مەن نېمىشقا ئايرۇپىلان كۆتۈرەگە ئالمايمەن؟» دېگەن ئىستەكنى قوزغاپ قويدى.

ئۇ شۇ ھامان ھەركەتكە ئۆتتى. ئۇ دەرھال تەپسىلى تەكشۈرۈش ئېلىپ باردى ۋە خۇنەن خەلق ئاۋىئاتسىيىسىگە ئەتراپلىق مۇلاھىزە قىلىنغان، مەلۇماتلىرى ئىشەنچىلىك دوكلاتنى تاپشۇرۇپ ئۆزىنىڭ چاڭشادىن ۋىنجۇغىچە بولغان ھاۋا لىنىيەسىنى كۆتۈرەگە ئالماقچى

ئىكەنلىكىنى ئېيتتى. خەلق ئاۋىئاتسىيە ئىدارىسىدىكىلەر بۇ ئىشقا ئىنتايىن ھەيران قالغان، ئولار ۋاڭ جۈنياۋنى خام خىيال قىلۋاتىدۇ دەپ ئويلىغان.

بىراق ۋاڭ جۈنياۋ خادىملارغا قەتئىيلىك بىلەن :« سىلەرنىڭ ئەنسىرەيدىغىنىڭلار خەتەر مەسىلىسى، بۇنىڭغا مەن ئىگە بولاي. مەن ئاۋۋال نەچچە يۈزمىڭ يۈەن پۇلنى رەنىگە قوياي، ھەر قېتىم ئالدىن پۇل تاپشۇرغاندىن كېيىن سىلەر ئاندىن ئۇچۇڭلار بۇ ‹ ئالدىن كاپالەت › پۇلى

بولسۇن» دېدى. ۋاڭ جۈن ياۋنىڭ پىكرى خەلق ئاۋىئاتسىيە ئىدارىسىنى تەسىرلەندۇردى ۋە ئىككى تەرەپ « ئاۋۋال پۇل تۆلەپ ئاندىن ئۇچۇش» توغرىسدا سۆھبەتلىشىپ  ئورتاق تونۇشقا كەلدى. بۇنىڭ ئۈچۈن ۋاڭ جۈنياۋ سانسىزلىغان ئىشىكلەرگە قاتراپ،قۇلىدىكى ئىلتىماسقا

 سانسىزلىغان تامغىلارنى باستۇردى.

1991-يىلى 7-ئايدا چاڭشادىن ۋىنجۇغا بارىدىغان ئاۋىئاتسىيە لىنىيەسى ئاخىر ئېچىۋېتىلدى. « ئامانلىق 24» (安24) نومۇرلۇق ئايرۇپىلان چاڭشادىن قوزغۇلۇپ ئاستا-ئاستا ۋىنجۇ ئايرىدرومىغا قوندى. بۇ مەملىكەت ئىچىدىكى تۇنجى شەخىسلەر كۆتۈرەگە ئالغان ئۇچۇش لېنىيسى بولۇپ ،ۋاڭ جۈنياۋ « قاپ يۈرەكلىك بىلەن ئايرۇپىلان كۆتۈرەگە ئالغان» تۇنجى ئادەم

دەپ ئاتالدى.

بۇ ئىش توغرۇلۇق ۋاڭ جۈنياۋ :« ئۇ مېنىڭ ھاياتىمدىكى ئەڭ مۇھىم بىر كۈن، مېنىڭ كىشلىك ئوبرازىم، ھاياتلىق يولۇمنى بەلگىلىگەن بىركۈن بولدى. ئەگەر ھاياتلىق بىر سەھنە دېيىلسە بىر ئارتىس بولۇش سۈپىتىم بىلەن ئۇ كۈنى يۈزتۇرانە ئىمتىھاندىن ئۆتۈپ سەھنىگە چىقالىدىم

دېيىشكە بولىدۇ.» دەپ ئۆزىگە باھا بەردى.

ئايروپىلان كۆتۈرە ئېلىش ئۈچۈن ۋاڭ جۈنياۋ يەنە جۇڭگودىكى تۇنجى خەلق ئىگىلىكىدىكى ئايروپىلان كۆتۈرە شىركىتى ــــــ ۋىنجۇ تيەنلوڭ ئايرۇپىلان كۆتۈرە ئېلىش شىركىتىنى قۇردى. 1992-يىلى بۇ شىركەت 50دىن ئارتۇق ھاۋا لىنىيىسىنى ئاچتى.

2002-يىلى 8-ئاينىڭ 18-كۈنى ۋاڭ جۈنياۋنىڭ جۈن ياۋ گوروھى جۇڭگو شەرق ئاۋىئاتسىيەسى ۋۇخەن مەسئۇلىيەت چەكلىك شىركىتىنىڭ  پايچىكى بولدى. بۇ مەملىكەت ئىچىدىكى شەخسى ئىگىلىكنىڭ دۆلەت ئىگىدىكى ئاۋىتئاتسىيە لېنىيىسىگە تۇنجى بولۇپ

پېيىنى قاتناشتۇرىشى ئىدى. شۇ يىلى 35 ياشقا كىرگەن ۋاڭ جۈنياۋ « خەلق ئىگىلىكىنى ئاۋىئاتسىيە ساھەسىگە باشلاپ كىرگەن تۇنجى شەخىس » دەپ ئاتالدى.

2003-يىلى جۈن ياۋ گوروھىنىڭ يىچاڭ ئايرىدىرومىنى سېتىۋېلىش ئىلتىماسى تەستىقلاندى. جۈن ياۋ گوروھى ئايردرومنى رىمونت قىلىش ۋە سېتىۋېلىش ئۈچۈن 600مىليون چىقىم قىلغان بولۇپ، بۇ جۇڭگودىكى تۇنجى خەلق ئىگىلىكىدىكى كارخانىنىڭ ئايردروم سېتىۋېلىشى ھېسابلىنىدۇ.

ئامرىكا «نيۇيورك ۋاقىت گېزىتى» نىڭ مۇخبىرى نىكولاي.د.كىرىستوف ۋاڭ جۈنياۋغا :« ئادەتتىن ھالقىغان جاسارات ۋە شىجائەتلىك ۋاڭ جۈنياۋ ۋە باشقا جۇڭگولۇق ئېچىش ۋە ئىگىلىك يارىتىش روھىغا ئىگە كارخانىچىلار جۇڭگونىڭ خەلق ئىگلىكى ئىقتىسادىنى ئۇچقاندەك

تىزلىتەلەيدۇ» دەپ باھا بەردى.

«تاغنى كۆتۈرە ئالغۇچى» ـــــ  جىن جوڭسۇ .

1992-يىلىدىن بۇيان ۋىنجۇ يەنداڭشەن تېغى «زۈي شيەن راۋىقى» نىڭ خوجايىنى جىن جوڭسۇ يەنداڭشەن  تېغىنى كۆتۈرەگە ئېلىپ بۇ يەردە غار ئىچى مەنزىرىسى، جىڭ يۈەن يازلىق ئارامگاھى قاتارلىق ساياھەت تۈرلىرىنى ئېچىپ، يەنداڭشەن  تېغىدا ساياھەت تۈرىنى  ئاچقان تۇنجى پۇقرا كارخانىچى بولۇپ قالدى. «دېڭىزنى كۆتۈرە ئالغۇچى» ــــ جاڭ ليېچېڭ، لى جەنمىڭ .

1995-يىلى 10-ئايدا ۋىنجۇ پىڭياڭ يۈتيەن گوروھىنىڭ لېدىرى جاڭ ليېچېڭ 58مىليون مەبلەغ سېلىپ نەنلۇ ئارىلىنى ئېچىش تەرەققىيات چەكلىك شىركىتىنى قۇرۇپ، نەنلۇ ئارىلىنىڭ 1750 مو يېرىنى ئىشلىتىش ھوقۇقى ۋە 10089 مو دېڭىز دائىرىسىنىڭ

پايدىلىنىش ھوقۇقىنى سېتىۋېلىپ جۇڭگودىكى « دېڭىزنى كۆتۈرەگە ئالغان» تۇنجى كىشىگە ئايلاندى.

« ئىگىلىك تىكلەپ پۇل تېپىشنىڭ نەدە خەتىرى بولمىسۇن؟ مۇشۇنداق كەڭرى دېڭىز، مۇشۇنداق كەڭرى ئارال ئېچىلسا دۆلەتمۇ، پۇقرالارمۇ، بىزمۇ ھەم نەپكە ئېرىشىمىز ئەمەسمۇ »،« نەنلۇ ئارىلى چوقۇم يۈتيەن گوروھىنىڭ تىللا تۈكۈلىدىغان دەرىخىگە ئايلىنىدۇ» دېدى،-جاڭ

ليېچىڭ تولۇق مۇئەييەنلەشتۈرۈپ. 1998-يىلى كۈزدە  يۇڭجيا ناھىيىلىك يېزا ئىگىلىك ئىدارىسى « نەنشى دەرياسى بېلىقچىلىق كەسپى تىجارەت ھوقۇقىغا

ئاشكارە خېرىدار چاقىرىش» ئېلانىنى تارقاتتى. ئېلاندا يوڭجيا ناھىيىسى شاتوۋ بازىرىنىڭ يۇقىرىسىدىكى دېڭىز يۈزىدىن 200 مېتىر تۆۋەن بولغان نەنشى دەرياسى بېلىقچىلىق رايونى كەڭ جەمئىيەتتىن ئاشكارا خېرىدار چاقىرىدىغان ئىدى.

9-ئاينىىڭ 18-كۈنى جى جېنمىڭ 5مىليون 180 مىڭ يۈەن خەجلەپ نەنشى دەرياسنىڭ 12يىللىق بېلىقچىلىق تىجارىتىنى كۆتۈرەگە ئالدى. ئۇلاپلا جى جېنمىڭ نەنشى دەرياسى بېلىقچىلىق  تەرەققىيات شىركىتىنى قۇرۇپ مۇتەخەسىسىس تەكلىپ قىلىپ شىركەتنىڭ

تىجارەت ئومومىي پىلانىنى تۈزۈپ چىقتى. 400 مىڭ يۈەندىن كۆپرەك مەبلەغ سېلىنىپ نەنشى دەرياسىغا 60 مىڭ تال قىسقۇچپاقا ، 500مىڭ تال  قىزىل قۇيرۇقلۇق بېلىجان ۋە نەچچە مىڭ تال يىراق شەرق تاشپاقىسى  تاشلاندى.

« ئارال كۆتۈرە ئالغۇچى» ــــ شا خۇادوڭ، ۋۇ بوۋىن .

2002-يىلى 5-ئايدا خۇسۇسىي تىجارەتچى شا خۇادوڭ، ۋۇ بوۋىنلار بىلەن كۇرىل ئورمان باغچە تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى ئارالنى ئېچىشتا ھەمكارلاشتى.

ۋىنجۇلىقلار :« دۇنيادا مۇمكىن بولمايدىغان ئىش يوق ، بەلكى بىز ئويلاشقا ،قىلىشقا جۈرئەت قىلالمايدىغان ئىش بار» دەيدۇ. دەل مانا

مۇشۇنداق قاپ  يۈرەكلىك نۇرغۇنلىغان ۋىنجۇلىقلارنى ئەڭ بۇرۇن پۇلغا ئىرىشتۈرگەن ھەم  تېز سۈرئەتتە مەبلەغ توپلاپ بېيىش يولىغان ئاتلانغان باشلامچىلارغا -كارخانىچىلارغا ئايلاندۇردى.

ۋىنجۇ ئۈزۈندىسى: 

نەزىرىڭنى يىراقلارغا قارات، باشقىلار قىلىپ باقمىغان، ئاسان غەلبە قىلغىلى بولمايدىغان ئىشلارنى قىل.

ـــ بېيجىڭ ۋۇفۇ چايخانىسى لېدىرى، بېيجىڭ فوللىت جۇڭگو چاي شەھەرچىسىنىڭ باش دېرىكتورى   دۈەن يۈنسوڭ


مەنبە: 时事出版社   نەشىر قىلغان

<< 温州人想的和你不一样 >>ناملىق كىتاب

2014-يىلى 24-قېتىملىق نەشىرى

ئەقىدە قاشگەرلىكى شىركىتى تەرجىمىسى

تەرجىمان : ئابدۇللا ئۆمەر

تەرجىمە تەھرىرى : رەيھانگۈل نىزام

2015-يىلى 5-ئاينىڭ 31-كۈنى

كۆڭۈل سۆزلىرى

error: يۆتكىمەكچى بولسىڭىز بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ