A-A+

‹‹قوشماق››خوتەن قاش ئويما

2015-يىل 15-ئاۋغۇست ئەقىدە قاش ئىنىستىتۇتى باھا يوقكەن زىيارەت: 430 قېتىم

ئەقىدە شىركىتى مەرۋايىت زىننەتلىرى بۆلىمىدىن ئادالەت ئابلىكىم تەرجىمىسى

<< قوشماق ئاداش >> بولۇپ قېلىش ئۆسۈملۈكلەر دۇنياسىغا تەۋە ئىش ئىدى .بىراق زامانىمىزدىكى بىر قىسىم خوتەن قاش سودىگەرلىرىنىڭ << قالتىس >> لىقى  سەۋەبلىك خوتەن قاشلىرىمۇ << قوشماق ئاداش >>بولۇپ قېلىۋاتىدۇ .

mp21385292_1436155130566_1

5 - ئاينىڭ 19 - كۈنى ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق خوتەن قاشلىرىنىڭ سۈپىتىنى باھالاپ بېكىتىش مەركىزىنىڭ ئۈنچە - مەرۋايتىلارنىڭ سۈپىتىنى باھالاپ بېكىتىش تارمىقىغا ئۈرۈمچىلىك بىر قاش سودىگىرى ئىككى دانە خوتەن قاش ئويمىنى تەكشۈرۈپ  باھالاتقىلى ئەكەلگەن . تەكشۈرۈش مەركىزىدىكى چېن زوڭجېڭ بۇ ئويمىلارنىڭ بىرىگە ناھايىتى قىزىقىپ  قولىغا ئېلىپ كۆرۈپ بىنورماللىق ھېس قىلىپ قالغان . تەكشۈرۈش نەتىجىسى

دە بۇ ئويمىنىڭ  ئەسلى تەبىئىي ئىككى خىل رەڭدىن تەركىب تاپقان قاش ئويما بولماستىن ،بەلكى باشقىلار تەرىپىدىن ئاق قاش بىلەن قارا قاشنى  چاپلاپ ئاندىن ناھايىتى ئۇستىلىق بىلەن ئۇيۇلۇپ بازارغا سېلىنغان خوتەن قاش ئويمىسى ئىكەنلىكى ئېنىقلانغان  .

شىنجاڭ ئۈنچە - مەرۋايىت جەمىئىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ، خوتەن قاشلىرىنى باھالات بېكىتىش ئۇستىسى كې چاڭلىن بۇ ئىشقا ئىپادە بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى: <<  ئىككى يىلدىن بۇيان خوتەن قاشلىرى بازىرى كۆڭۈلدىكىدەك بولمايۋاتقان بولسىمۇ  ، بىراق كەڭ خوتەن قاش مەستانىلىرىنىڭ يارىلىشىدىنلا تەبەئى ئىككى خىل رەڭدىن تۈزۈلگەن خوتەن قاشلىرىغا بولغان تەلپۈنىشى ناھايىتى كۈچلۈك ئىدى . بىراق بۇ خىل قاشلار ناھايىتى ئاز ، خېرىدارلارنىڭ تەلەپ - ئېھتىياجىنى قاندۇرۇپ بولالمايدۇ . شۇنىڭ بىلەن بىر قىسىم مەككار سودىگەرلەر بۇ بوشلۇقتىن پايدىلىنىپ ئوخشىمايدىغان ئىككى خىل رەڭدىكىكى قاشلارنى سۈنئىي ئۇسۇلدا تېخنىكىلىق بىرلەشتۈرۈپ ئويۇپ خېرىدارلارنى غەپلەتتە قالدۇرۋاتىدۇ . بۇ خىلدىكى < قوشماق > قاشتىن ئويۇل

غان ئويمىلارنىڭ باھاسىمۇ ناھايىتى يۇقىرى بولىۋاتىدۇ  >>.

ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق ئۈنچە - مەرۋايىت جەمىئىتىنىڭ ئالىي باھالىغۇچىسى سوڭ جىيەنجوڭ بۇ ئىشقا ئىپادە بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى: << ھازىر بۇ خىل < قوشماق > قاش ئويمىنى ياساش تېخنىكىسى ناھايىتى يۇقۇرلاپ كەتتى . بولۇپمۇ قاشلارنى بىرىكتۈرۈپ چاپلاش تېخنىكىسى ناھايىتى قالتىس . شۇڭا كەڭ خوتەن قاش مەستانىلىرىنىڭ بۇ خىلدىكى خوتەن قاش ئويمىلىرىنى ئۇچراتقاندا سېتىۋېلىشقا ئالدىرىماي ئاۋۋال دۆلەت ئېتراپ قىلغان تەكشۈرۈش ئورۇنلىرىغا ئاپىرىپ تەكشۈرتۈپ سۈپىتى ، تەبىئىيلىكىنى جەزىملەشتۈرگەندىن كېيىن پۇل خەجلىشىنى تەۋسىيە قىلىمەن >>.

مەنبە : 中国和田玉鉴赏网

خەتكۈش :

كۆڭۈل سۆزلىرى

error: يۆتكىمەكچى بولسىڭىز بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ