بايلار ھەمكارلىشىشقا ماھىر
سۈرەتتە : جۇڭگۇ مىليادىرلىرىنىڭ بىرى ، ۋەنشىياڭ گوروھىنىڭ قۇرغۇچىسى
لۇ گۇەنچۇيۇۋ
ئەقىدە قاشگەرلىكى شىركىتى تەرجىمىسى
نامراتلار ئۆزىنىڭ پايدىسىنى زىغىرلايدۇ، بايلار
ھەمكارلىشىشقا ماھىر بولۇپ قوش ئۈنۈم يارىتىدۇ
بۇ ماقالىنى كۆرۈشتىن بۇرۇن، بىز ئاۋۋال مۇنداق بىر ئېبىرەتلىك ھېكايىنى كۆرۈپ
باقايلى:
ئوزۇن زامانلار ئىلگىرى، ناھايىتى ئېچىرقاپ كەتكەن ئىككى كىشى بىر ئاق كۆڭۈل ئادەمگە يولۇقۇپ قاپتۇ. ئاق كۆڭۈل ئادەم ئۇلارنىڭ بىرسىگە بىر دانە تۆمۈر قازان ،يەنە بىرسىگە كىچىك بىر خالتا ئۇن بېرىپتۇ. بۇ ئىككەيلەن ئۆزىنىڭ نەرسىلىرىنى ئالغاندىن كىيىن بىر – بىرىدىن ئايرىلىپتۇ.
قازاننى ئالغان ئادەم ئېغىر قازاننى كۆتۈرۈپ ئاچلىق ئازابىغا بەرداشلىق بېرىپ مېڭىپتۇ، ئۇبىر قەدەم – بىر قەدەمدىن بازارغا قاراپ مېڭىپ، ئۇ يەرگە بارغاندا قازاننى سېتىپ يەيدىغان نەرسە ئېلىشنى ئويلاپتۇ. بىراق ئۇ بازارغا بېرىپ ئالارمەن –ساتارمەنلەرنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىغاندا ئاخىرقى ماغدۇرىدىنمۇ ئايرىلىپتۇ – دە، چەكسىزپۇشايماننى ئۆزىگە ھەمرا قىلىپ بۇ ئالەمدىن ئايرىلىپتۇ.
ئۇننى ئالغان يەنە بىر ئادەم قۇرۇق ئوتۇن تىرىپ، ئۇننى سۇغا ئارلاشتۇرۇپ كىچىك بولكا قىلىپ پىشۇرۇپ يەپتۇ. بىراق بۇ ئادەم ناھايىتى ئېچىرقاپ كەتكەچكە، ئاچكۆزلۈك بىلەن بولكىنىڭ تەمىنىمۇ تېتىماستىن يەپ تۈگىتىپتۇ. ئوزۇن ئۆتمەستىن، ئۇمۇ قۇرۇق ئۇن خالتىسىنىڭ يېنىدا ئۆلۈپتۇ.
ئۇنىڭدىن كىيىن، يەنە ئېچىرقاپ كەتكەن ئىككى كىشى ئاق كۆڭۈل ئادەمنىڭ ياردىمىگە ئېرىشىپ، بىركىچىك خالتا ئۇن ۋە تۆمۈر قازانغا ئىگە بوپتۇ. ئالدىنقى ئىككەيلەنگە ئوخشىمايدىغان يىرى، بۇ نەرسىلەرنى ئالغان كىشىلەر ھەرگىزمۇ ئايرىلىپ كەتمەپتۇ، ئەكسىچە بىرلىكتە بۇ نەرسىلەردىن قانداق پايدىلىنىشنى مەسلىھەتلىشىپتۇ.
مەسلىھەتلەشكەندىن كىيىن، ئىككەيلەن ئازراق ئۇن بىلەن قورسىقىنى توقلاپتۇ،ئاندىن بازارغا كېلىپ ئۇن ئالغان ئادەم ئۇندىن پىچىنە ياساشقا مەسئۇل بوپتۇ، قازان ئالغان يەنە بىر ئادەم ئوت يېقىپ، تەييار بولغان پىچىنىنى پىشۇرۇپ سېتىشقا مەسئۇل بوپتۇ. ئۇلار پىچىنە سېتىپ تاپقان پۇلىغا يەنە ئۇن ئېلىپ پىچىنە ياساپتۇ. مۇشۇ تەرىقىدە، ئىككەيلەن ئۆزلىرىنىڭ پىچىنە تىجارىتىنى باشلاپتۇ. نەچچە يىلدىن كىيىن ئۇلار بازاردا پىچىنە دۇكىنى ئېچىپ، تۇرمۇشىنى ناھايىتى خاتىرجەم ئۆتكۈزۈپتۇ.
يۇقىرىدىكى بۇ ھېكىمەتلىك ھېكايىدىن كۆرۈۋالالايمىزكى، بىر ئادەمنىڭ ئەقىل – پاراسىتى ۋە ئىقتىدارى ناھايىتى چەكلىك بولىدۇ، ئادەملەر ئوتتۇرىسىدا ھەمكارلىق بولغاندىلا ئاندىن نەتىجە قازانغىلى بولىدۇ.
ھېكايىدىكى قازان بىلەن ئۇننى ئېلىپلا ئايرىلىپ كەتكەن ئادەملەر ئېنىقلا ئەخمەق، ئۇلار پەقەت كۆز ئالدىدىكى مەنپەئەتكە كۆڭۈل بۆلۈپ ھەمكارلىق بولغاندىلا مۇۋەپپەقىيەت قازانغىلى بولىدىغانلىقىدەك قائىدىنى ئۇنتۇپ قالغان، نەتىجىدە ئۆلۈم يولىغا ماڭغان. رېئال تۇرمۇشتا، بۇنداق ئەخمەق ئادەملەر ناھايىتى كۆپ ئۇچرايدۇ، ئۇلارھەمىشە ئۆز مەنپەئەتىنى زىغىرلاپ ھېسابلاپ، ئازراق مەنپەئەت ئۈچۈن تالاش – تارتىش قىلىدۇ، يامان غەرەزلىك رىقابەتكە پېتىپ قالىدۇ. بۇ خىل ئادەملەر ياخشى كۈن كۆرمەيدۇ، ھەتتا ئۆلگىچە نامراتلىقتىن قۇتۇلالمايدۇ.
ھېكايىدىكى كىيىنكى ئىككەيلەن ناھايىتى ئەقىللىق، ئۇلار «يالغۇز ئاتنىڭ چېڭى چىقمايدىغان» لىقىنى بىلىدۇ، شۇڭا ھەمكارلىقنى تاللاپ ئاخىرىدا ھەر ئىككىلىسى بەختلىك تۇرمۇش كەچۈرگەن.
شۇنىڭ ئۈچۈن، مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشتا شەخسىي كۈچكە تايىنىش يىتەرلىك ئەمەس، يەنە باشقىلار بىلەن ھەمكارلىشىش، ئۇلار بىلەن ئىتتىپاقلىشىپ، باشقىلارنىڭ كۈچىدىن پايدىلىنىشنى بىلىش كېرەك. بايلىق رىقابىتىدىمۇ، ئەڭ ئاخىرىدا مۇۋەپپەقىيەت قازىنىپ باي بولالايدىغان ئادەم جەزمەن باشقىلار بىلەن ھەمكارلىشىشنى بىلىدىغان ئادەم.
شىنجىن خۇيدا ئوقەتچىلىك چەكلىك شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى جىن شۇاڭخۇي بۇلارنىڭ تىپىك ۋەكىلى.
جىن شۇاڭخۇي1957 – يىلى فۇجىيەندىكى بىر نامرات ئائىلىدە دۇنياغا كەلگەن. ئائىلە شارائىتى ناچار بولغاچقا، ئۇ بالىلىق دەۋرىدە ئوقۇشتىن چېكىنىپ تۇرمۇشىنى ئەگرى – توقايلىق ئىچىدە ئۆتكۈزگەن.
1979 –يىلى، 22 ياشلىق جىن شۇاڭخۇي شىنجىنغا كېلىپ ئۆزىنىڭ جاھاندارچىلىق تۇرمۇشىنى باشلىغان. ئالتە يىللىق ئىشلەمچىلىك ۋە سەرگەردانلىق تۇرمۇشى ئارقىلىق، 1985 –يىلى جىن شۇاڭخۇينىڭ تۇرمۇشىدا مۇھىم بۇرۇلۇش يۈز بەرگەن. بىر خوجايىن ئۇنىڭ تالانتىنى بايقاپ، ئۇنى قۇرۇلۇش ئورنىغا ئىش بېشى قىلىپ تەيىنلىگەن. خىزمەتتىكى ئىپادىسى ياخشى بولغاچقا، جىن شۇاڭخۇي خوجايىن ۋە ئىشداشلارنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشكەن. جىن شۇاڭخۇي قەدەممۇ – قەدەم قۇرۇلۇش ساھەسىدە ئۆزىنىڭ ئوبرازىنى تىكلىگەن.بىر نەچچە تۈرنى كۆتۈرە ئېلىش ئارقىلىق، جىن شۇاڭخۇي ئۆزىنىڭ دەسلەپكى قەدەمدىكىمەبلەغ ئاساسىنى سالغان.
1990 –يىلى، زور مىقداردىكى چەتئەل سودىگەرلىرى شىنجىنغا كېلىپ مەبلەغ سالغان،جىن شۇاڭخۇي ئۆزىنىڭ سەمىمىيلىكىگە تايىنىپ ئەمەلىي كۈچى ناھايىتى زور بولغان خەلقئارالىق قۇرۇلۇش شىركىتىنى مەغلۇب قىلىپ، تەيۋەنلىك سودىگەر ۋۇنىڭمىڭ بىلەن ھەمكارلىشىش پۇرسىتىگە ئېرىشكەن. ھەمكارلىشىش جەريانىدا، جىن شۇاڭخۇي ۋۇنىڭمىڭنىڭ ئىشەنچىسىگە ئېرىشكەن. كىيىنكى ئون يىل جەريانىدا، ۋۇنىڭمىڭ ئۆزىنىڭ بارلىق قۇرۇلۇش تۈرلىرىنى جىن شۇاڭخۇيغا قىلدۇرغان، ھەمدە نۇرغۇنلىغان دوستلىرىنىڭ قۇرۇلۇش تۈرلىرىنى جىن شۇاڭخۇيغا تونۇشتۇرغان.
ۋۇنىڭمىڭ بىلەن زىچ ھەمكارلىشىش ئارقىلىق، جىن شۇاڭخۇي 1995 – يىلى 10 مىليوندىن ئاشىدىغان مال – مۈلۈككە ئىگە بولغان، ھەمدە شىنجىن خۇيدا ئوقەتچىلىك شىركىتىنى قۇرۇپ چىقىپ،قۇرۇلۇش، رەڭلىك ئوراپ – قاچىلاش ۋە بەش خىل مېتال تىجارىتى بىلەن شۇغۇللانغان.
ئىشلىرى كۈنسىرى يۈكسىلىۋاتقان بولسىمۇ، بىراق جىن شۇاڭخۇي ئەمگەك زىچلىقى يۇقىرى كەسىپلەردە تەرەققىي قىلىشدىن قانائەتلەنمىگەن. ئۇنىڭ قارىشىچە، بۇنداق كەسىپلەرنىڭ دەسمىسى كۆپ، پايدىسى ئاز ئىدى. شۇنداق قىلىپ ئۇ يۇقىرى تېخنىكىلىق كەسىپلەرگە كىرىشنى قارار قىلىپ، بۇنىڭغا ماس كېلىدىغان تۈرنى ئىزدىگەن. 1999 –يىلى، جىن شۇاڭخۇي شىنجىندىكى تۇنجى نۆۋەتلىك يۇقىرى تېخنىىلىق كەسىپلەر ھەمكارلىق يىغىنىدا دۆلەت ئىچىدىكى داڭلىق تىببىي مۇتەخەسسىس لى جىمىڭ بىلەن تونۇشقان.جىن شۇاڭخۇي لى جىمىڭنىڭ تەتقىق قىلىۋاتقىنىنىڭ كېلىنكىلىق مېدىتسىنا تەكشۈرۈش ئەسۋابلىرى بولۇپ، تېخنىكا سەۋىيىسىنىڭ دۇنيادا ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغانلىقىنى ۋە مۇستەقىل بىلىم – مۈلۈك پاتنېت ھوقۇقىغا ئىگە ئىكەنلىكىنى بىلگەندىن كىيىن، بۇنىڭدىكى كەڭرى بازار ۋە سودا پۇرسىتىنى بايقاپتۇ، ھەمدە لى جىمىڭ بىلەن ھەمكارلىشىپ ئىگىلىك تىكلەشنى ئويلاپتۇ.
بىر يىللىق سۆھبەت، ئىستىراتىگىيە تۈزۈش ۋە تەييارلىق قىلىش ئارقىلىق جىن شۇاڭخۇي بىلەن لى جىمىڭ ئاخىرى شىنجىن خۇيدا يۇقىرى پەن – تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتىنى قۇرۇپ چىقىپ، مەخسۇس ھېچقانداق ئەكىس تەسىرى بولمىغان بالدۇر بايقاپ تەكشۈرۈش ئەسۋابلىرى تەتقىقاتى ۋە ئىشلەپچىقىرىشى بىلەن شۇغۇللىنىپتۇ، جىن شۇاڭخۇي مەبلەغ،لى جىمىڭ تېخنىكا چىقىرىدىغان بوپتۇ.
2003 –يىلى، خۇيدا شىركىتى ئىشلەپچىقارغان ئۆتكۈزۈشچان مەھسۇلاتلار جۇڭخۇا تىببىي ئىلىم جەمئىيتى تەرىپىدىن نۇقتىلىق تەۋسىيە قىلىنغان مەھسۇلاتلار قاتارىغا كىرىپتۇ.
بىرسەرگەرداندىن قۇرۇلۇش شىركىتىنىڭ باشلىقىغىچە، بۈگۈنكى نەچچە مىليارد مەبلىغى بار«مېدىتسىنادىكى ئۆتكۈزۈشچان ماتېرىياللار پادىشاھى» غىچە بولغان ئارلىقتا،جىن شۇاڭخۇي 20 يىل ۋاقىت سەرپ قىلىپ ئۆزىگە تەۋە بولغان بايلىقىغا ئېرىشكەن.بۇنداق زور نەتىجىنى قولغا كەلتۈرەلىشىدىكى سەۋەبنى ئۇنىڭ باشقىلار بىلەن ھەمكارلىشىشقا ماھىر بولۇشىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ.
ئويلاپ باقايلى، ئەگەر جىن شۇاڭخۇي پەقەت ئۆزىنىڭلا مەنپەئەتىنى ئويلاپ، باشقىلارنىڭ ئۆزىنىڭ پۇلىنى تېپىپ باي بولۇپ كېتىشىدىن قورقسا، ئۇنداقتا، ئۇ يەنە ۋۇنىڭمىڭ بىلەن ھەمكارلىشىپ مىليونلاپ پۇل تاپالامدۇ؟ ئۇ يەنە لى جىمىڭ بىلەن ھەمكارلىشىپ خۇيدا يۇقىرى پەن – تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتىنى قۇرۇپ چىقىپ، لى جىمىڭنىڭ كەسپىي تېخنىكىسىغا تايىنىپ « مېدىتسىنادىكى ئۆتكۈزۈشچان ماتېرىياللار پادىشاھى»غا ئايلىنالامدۇ؟
جاۋابى ئەلۋەتتە«ياق.» بىر ئادەمنىڭ بايلىقى ۋە ئىقتىدارى چەكلىك بولىدۇ، بايلاردىن بولۇشنى ئويلايدىغان ئادەم ھەرگىزمۇ ئۆزىنىڭ كىچىككىنە مەنپەئەتىنى زىغىرلاپ ئولتۇرسا بولمايدۇ، ئەكسىچە باشقىلار بىلەن ھەمكارلىشىشقا ماھىر بولۇشى، باشقىلارنىڭ ئۆزىدە بولمىغان تېخنىكىسى ۋە ئىقتىدارىنى ئۆزىنىڭ ئارتۇقچىلىقى ۋە ئەۋزەللىكى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ ئۆزى يالغۇز ئەمەلگە ئاشۇرۇش مۇمكىن بولمىغان بايلىق نىشانىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشى كېرەك.
قەدىمدىن –ھازىرغىچە بولغان تارىخقا نەزەر سالىدىغان بولساق، ھەممە بايلار باشقىلار بىلەن ھەمكارلىشىشقا ماھىر بولغان. دەل باشقىلار بىلەن ھەمكارلىشىپ قوش ئۈنۈم يارىتىشقا ماھىر بولغاچقا، پولات – تۆمۈر تېخنىكىسىنى چۈشەنمەيدىغان ئاندىرۇ.كارنىگ «پولات –تۆمۈر پادىشاھى» غا ئايلانغان؛ دەل باشقىلار بىلەن ھەمكارلىشىپ قوش ئۈنۈم يارىتىشقا ماھىر بولغاچقا، ھېچنىمىسى يوق لىيۇگوجۈن قۇرۇق قول ئىگىلىك تىكلەپ مىڭگو دەۋرىدىكى «توقۇمىچىلىق پادىشاھى» غا ئايلانغان؛ دەل باشقىلار بىلەن ھەمكارلىشىپ قوش ئۈنۈم يارىتىشقا ماھىر بولغاچقا، كالا باقمىچىلىقى كەسپىنى چۈشەنمەيدىغان يامېن.ھام كالا باقمىچىلىقىنىڭ سەركىسىگە ئايلانغان؛ دەل باشقىلاربىلەن ھەمكارلىشىپ قوش ئۈنۈم يارىتىشقا ماھىر بولغاچقا، دېخۇينىڭ مال كىرگۈزگۈچىسى دىڭ مىڭلىياڭ ئۆزىنىڭ ئىشلىرىدا مۇۋەپپەقىيەت قازانغان.
شۇنىڭ ئۈچۈن، نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ باي بولماقچى بولغان دوستۇم، ھازىردىن باشلاپ تەپەككۇرىڭىزنى ئۆزگەرتىڭ، ئىلگىرىكى كونا «سەن ئۆلسەڭ، مەن ياشايمەن» دىگەن رىقابەت ئەندىزىسىنى تاشلاڭ، «مەن» دىگەندىن «بىز» گە بولغان يۈكسىلىشنى قولغا كەلتۈرۈڭ، يەككە – يىگانە كۆرەش قىلىشتىن كۆرە ھەمكارلىشىپ غەلبىنى قولغا كەلتۈرۈڭ.
بايلىقنىڭ بايانى:
ماقال –تەمسىللەردە: «يالغۇز ئاتنىڭ چېڭى چىقماس، چېڭى چىقسىمۇ دېڭى چىقماس» دىيىلگەن.بۈگۈنكى رىقابەت كەسكىن بولۇۋاتقان دەۋردە، بىر ئادەمنىڭ كۈچىگە تايىنىپلا غەلبەقازىنىش تەس، بولۇپمۇ بايلىقنى قوغلىشىش يولىدا چوقۇم باشقىلار بىلەن ھەمكارلىشىشنى ئۆگىنىۋېلىش، مۇۋاپىق ھەمكارلاشقۇچى تېپىشقا ماھىر بولۇش كېرەك.باشقىلارنىڭ كۈچىدىن پايدىلىنىپ ئۆزى قىلالمايدىغان ئىشلارنى قىلغاندا، ھەممەيلەن ئويلاپمۇ باقمىغان غەلبە ۋە بايلىققا
ئېرىشكىلى بولىدۇ.
<<نامراتلار قوي تەبىئەتلىك ، بايلار بۆرە تەبىئەتلىك >> ناملىق كىتابنىڭ 1-قىىمىدىن ئېلىندى