A-A+

دۇنيادىكى ئەڭ مۇكەممەل كۆك ئالماس

2016-يىل 29-يانۋار جاۋاھىراتلار دۇنياسى باھا يوقكەن زىيارەت: 237 قېتىم

«كۆك ئاي» ناملىق بۇ ئالماسنىڭ ساپ ئېغىرلىقى 12.03 كارات بولۇپ، پۈتكۈل يەر شارى بويىچە ئەڭ چوڭ، ئەڭ مۇكەممەل كۆك ئالماسنىڭ بىرى

20140914070635584جۇڭگو ئاخبارات تورى 14 – سېنتەبىر تېلېگراممىسى، نۇر تورى تەرجىمىسى: چەتئەل تاراتقۇلىرى خەۋىرىگە قارىغاندا، پۈتكۈل يەر شارى بويىچە ئەڭ چوڭ، ئەڭ مۇكەممەل كۆك ئالماسنىڭ بىرى بولغان «كۆك ئاي» ناملىق ئالماس يېقىندا ئامېرىكا لوسئانجىلىس ناھىيەسىدىكى تەبىئەت تارىخ مۇزېيىدا كۆرگەزمە قىلىندى. چوڭقۇر دېڭىزدەك كۆك رەڭلىك بۇ «كۆك ئاي» نىڭ ساپ ئېغىرلىقى 12.03 كارات، ئەڭ ئۇزۇ دېئامېترى 1.55 سانتىمېتر.
«كۆك ئاي» نىڭ ئىچكى قىسمى ھېچقانداق نوقسانسىز بولۇپ، ھېچقانداق ئارىلاشما ماددا يوق. ئۇ ئېغىرلىقى 29.6 كارات كېلىدىغان بىر ئىپتىدائىي ئالماستىن كەلگەن بولۇپ، يېرىم سائەت ۋاقىت سەرپ قىلىنىپ، كېسىش ئارقىلىق ياساپ چىقىلغان. «كۆك ئالماس» ياسالغان ھېلىقى ئىپتىدائىي ئالماس جەنۇبىي ئافرىقىدىكى ئەڭ داڭلىق كالىنان ئالماس كېنىدىن چىققان. بۇ كاندىن 1905 – يىلى ئېغىرلىقى 3106 كارات كېلىدىغان، تارىختىكى ئەڭ چوڭ ئالماس چىققان ئېدى.
ئالماس سودىگىرى كورا 25.6 مىليون دوللارغا «كۆك ئاي» ناملىق بۇ ئالماس چىققان ئەسلى ئىپتىدائىي ئالماسنى سېتىۋالغان، ھەمدە «كۆك ئاي» كۆرگەزمىسى قىلغان، بۇ كۆرگەزمە كېلەر يىل 1 – ئاينىڭ 6 – كۈنىگىچە داۋاملىشىدۇ.

خەتكۈش :

كۆڭۈل سۆزلىرى

error: يۆتكىمەكچى بولسىڭىز بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ