جۇڭگۇ توي كۆينەك بازىرى(جۇڭگۇدىكى چوڭ بازارلار 12)
ئەقىدە شىركىتى مەرۋايىت زىننەتلىرى بۆلىمىدىن ئادالەت ئابلىكىم يازمىسى
جۇڭگۇ توي كۆينەك بازىرى __________ سۇجۇ خاۋ بەي نىيەن توي كۆينەك شەھەرچىسى
جىياڭسۇ ئۆلكىسى سۇجۇ شەھىرى پويىز ئىستانىسىنىڭ يېنىغا جايلاشقان << سۇجۇ خاۋ بەي نىيەن توي كۆينەك شەھەرچىسى >>جۇڭگۇدىكى ئەڭ چوڭ توي كۆينەك شەھەرچىسى بولۇپ ، كىشىلەر تەرىپىدىن << دۇنيادىكى توي كۆينەكنىڭ 80 % جۇڭگۇدىن چىقىدۇ ، جۇڭگۇدىكى توي كۆينەكنىڭ 80 % سۇجۇدىن چىقىدۇ ، سۇجۇدىكى توي كۆينەكنىڭ 80 % خاۋ بەي نىيەندە سېتىلىدۇ >>دەپ تەرىپىنىدىغان بازار .
بۇ بازارنىڭ ئىگەللىگەن ئومۇمىي كۆلىمى 72000 كۋادىرات مېتىردىن كۆپرەك بولۇپ ، نۆۋەتتە جۇڭگۇدىكىلا ئەمەس ئاسىيادىمۇ ئەڭ چوڭ توي كۆينەك توپ - پارچە تارقىتىش بازىرى ھىساپلىنىدۇ .
بۇ بازاردا توي كۆينىكىدىن باشقا قولداش كىيىملىرى ، كاستۇيۇم - بۇرۇلكا ، تويلۇق سۈرەتكە تارتىشتا مەخسۇس ئىشلىتىلىدىغان ئاپرات ، تويلۇق گىرىم ، تويلۇق زىبۇ-زىننەت ....... قاتارلىق توي لازىمەتلىكلىرىنىڭ ھەر قاندىقى تېپىلىدۇ.
بازاردىكى كۆزنى قاماشتۇرىدىغان سەرخىل كىيىم ۋە باشقا لازىمەتلىكلەر،كۆڭۈلنى سۈيۈندۈرىدىغان ئەتراپلىق مۇلازىمەت، ئادەمنىڭ ئىشەنگۈسى كەلمىگۈدەك دەرىجىدىكى ئەرزان باھا ( مۇراسىم كىيىملىرىنى بىر كۈن كىيىش ئۈچۈن ئىجارە ئالغان پۇلغا شۇ كىيىمنى سېتىۋالغىلى بولىدىغان ئەھۋالمۇ بار) ئادەمنى ئىختىيارىسىز ئۆزىگە جەلىپ قىلىدۇ.بۇ بازاردىن دىيارىمىز بازارلىرىغا تارقىلىدىغان كىيىملەرنىڭ سانىمۇ ئاز ئەمەس.ئەگەر سېتىۋالىدىغان كىيىملەرنىڭ سانى كۆپرەك بولسا ئەنئەنىمىزگە لايىق ھالەتتە بۇيرۇتۇپ تىككۈزگىلى بولىدۇ.(لاھىيەنى بىز چىقارساقمۇ،تەلىپىمىز بويىچە شۇلارغا لاھىيەلەتسەكمۇ بولىدۇ،ئەمما رەختنى شۇلارنىڭ كۆرسەتكەن ماتىريالىدىن تاللايمىز.)
دىيارىمىزدىن بۇ بازارغا كىلىش ئۈچۈن ئۈرۈمچى بىلەن شاڭخەي ئارلىقىدا قاتنايدىغان پويىزغا ئولتۇرۇپ سۇجۇ بېكىتىدە (سۇجۇ زەن )چۈشۈپ قالسىڭىز بولىدۇ.پويىز ئىستانسىسىدىن چىقسىڭىزلا مۇشۇ بازارنى كۈرىسىز.
2015-يىلى 6-ئاينىڭ 7-كۈنى