2016 خوتەن قاش بازىرىغا تەسىر كۆرسىتىدىغان ئامىللار
ئەقىدە شىركىتى مەرۋايىت زىننەتلىرى بۆلىمىدىن ئادالەت ئابلىكىم تەرجىمىسى
خوتەن قاشلىرى بارا - بارا خەلق تۇرمۇشىغا سىڭىپ كىرمەكتە . خوتەن قاش بازىمۇ كۈندىن - كۈنگە كېڭەيمەكتە . شىنجاڭ ئۈنچە - مەرۋايىت جەمىئىتىدىكىلەر ئىپادە بىلدۈرۈپ : << يارام خوتەن زىرە قاشلىرى كۈندىن - كۈنگە ئازايماقتا . بازار ئەھۋالى كېيىنكى يېرىم يىلدىن باشلاپ ياخشىلىنىشى مۇمكىن >> دېدى .
ئۇنداقتا ، ئەقىدە قاشگەرلىكى شىركىتىمىز كەسىپداشلىرىمىز بىلەن بىرلىكتە 2016 - يىلى خوتەن قاشلىرىغا تەسىر كۆرسىتىدىغان ئامىللارنى كۆرۈپ چىقايلى :
1 . ئېنتىرنىت
2015 - يىلى يىل ئاخىرىدا << دۇنيا ئېنتىرنىت يىغىنى >> جېجىياڭ ئۆلكىسى ۋۇجېن بازىرىدا ئېچىلدى . ئىنتىرنىت تۇرمۇشىمىزنىڭ ھەر قايسى قاتلاملىرىغا چوڭقۇر سىڭىپ كەتكەن مۇشۇ دەقىقىلەردە شەك - شۈبسىزكى خوتەن قاش بازىرىمۇ ئىنتىرنىتنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىماي قالمايدۇ ئەلۋەتتە ! << ئىنتىرنىت + >> نىڭ تەسىرىدە خوتەن قاشلىرىنى ئىنتىرنىت مۇھىتىدا قانداق ساتىمىز ؟ بۇمۇ بىز سالماقلىق بىلەن ئويلىشىدىغان مەسىلە .
ئىنتىرنىت خوتەن قاشلىرىنى سېتىش ساتقۇچى بىلەن ئالغۇچىنىڭ ئارىسىنى تېخىمۇ يېقىنلاشتۇرۇپ ، كەسپىتە ساقلىنىۋاتقان ساختا مال سېتىش ، ئاغزىغا كەلگەنچە باھا قۇيۇش قاتارلىق قىلمىشلارنى ئۈنۈملۈك ئازايتىدۇ .
2 . ياشلار
يۇقىرىدا دەپ ئۆتكىنىمىزدەك خوتەن قاشلىرى بارا - بارا خەلق تۇرمۇشىغا سىڭىپ كىرمەكتە . بۇرۇن خوتەن قاش سودىگەرلىرى قاشنى ئاساسلىقى 50 ~ 70 - يىللاردا تۇغۇلغان ئوتتۇرا ياش ۋە ياشانغانلارغا ساتاتتى . << ئىنتىرنىت + >> دەۋرىدە بولسا خوتەن قاشلىرى بارغانسىرى 80 ~ 90 - يىللاردا تۇغۇلغان ياشلارنىڭ دىققىتىنى تارتماقتا . 2016 - يىلى ياشلارغا ماس كېلىدىغان كىچىك ، نەپىس ئويمىلارنىڭ بازىرى تېخىمۇ ياخشى بولغۇسى .
3 . خاس بۇيرۇتما
خوتەن قاش ئويمىچىلىقىدا << باش چۈكۈرۈپ لاھىيلەپ ، ئۇيۇش >> ھازىر بارا - بارا مودىدىن قالغىلى تۇردى . كەڭ خوتەن قاش مەستانىلىرى ئۆزىنىڭ گۈزەللىك قارىشى بويىچە ھەر خىل لاھىيلەرنى قاش ئويمىچىلىرىغا بېرىپ ئۆزىگە ، جەمەتىگە خاس ، سوۋغا - سالاملىق ئويمىلارنى ئويدۇرىدىغان بولدى .
4 . خەلقئارالىشىش
خوتەن قاشلىرى ________ ئۈنچە - مەرۋايىت ، ھەشەمەتلىك بۇيۇملار بىلەن بېرىكىپ خەلقئارالىشىش قەدىمى تېخىمۇ تېزلىشىدۇ . ھازىر خەلقئارادىكى نۇرغۇن ئۈنچە - مەرۋايىت لاھىيلىگۈچىلەرنىڭ دىققىتى خوتەن قاشلىرىغا مەركەزلەشكەن بولۇپ زەنجىر ، بىلەيزۈك ، بېغىشلىق ، مىدالىيۇن ، چاچ زىننەتلىرى ... قاتارلىق ئۈنچە - مەرۋايىت نەقىشلەنگەن ، پار قىلىنغان خوتەن قاشلىرىنىڭ بازىرى تېخىمۇ ياخشى بولغۇسى .
5 . يىغىپ - ساقلاش
سەرخىل خوتەن قاشلىرىنى يىغىپ - ساقلىغۇچىلار كۈندىن - كۈنگە كۆپەيمەكتە ھەم بازارنىڭ يارام ، سۈپەتلىك خوتەن قاشلىرىغا بولغان ئېھتىياجى كۈنسايىن ئاشماقتا . 2016 - يىلى يىغىپ - ساقلاش دەرىجىسىدىكى ، سۈپەتلىك يارام خوتەن زىرە قاشلىرىنىڭ بازىرى داۋاملىق ياخشى بولىدۇ . تۆۋەن دەرىجىلىك قاشلارنىڭ باھاسى تۆۋەنلەپ مېڭىشى مۇمكىن .
مەنبە : 中国和田玉鉴赏网
2016 - يىلى 1 - ئاينىڭ 22 - كۈنى