جىننىڭ قەستى شاپتۇلدا
ۋېنجو سودىگەرلىرىنىڭ ئۆزگىچە تەپەككۈرى
4 - باب 8 - پارگىراف
بېيىش تەپەككۇرى:
نامراتلار: تەشۋىقات خىراجەت يۈكىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، ھەممە جايدا ئېلان-تەشۋىقات قىلىشنى ئادەتتىكى شىركەتلەر كۆتۈرۈپ بولالمايدۇ.
ۋېنجۇلۇقلار: ئېلان-تەشۋىقات ئىشلىرىدا غايەت زور چىقىم تارتىشنىڭ ھاجىتى يوق، تەشۋىقات بىر خىل ئىدىيەدۇر، پەقەت بۇ ئىدىيەنى تەپەككۇر ۋە ھەرىكىتىمىزگە مۇجەسسەملىسەكلا ھەر خىل ئامىللاردىن پايدىلىنىپ ئېلان-تەشۋىقات قىلغىلى بولىدۇ.
2000-يىلى 7-ئايدا، «سىنا»، «سوخو» ۋە «ۋاڭيى» قاتارلىق تور بېكەتلەرنىڭ باش بېتىدە پارتىلاش خاراكتېرلىك بىر پارچە خەۋەر قويۇلغان: ۋېنجۇنىڭ خەلق ئىگىلىكىدىكى بىر كارخانىسى ئامېرىكىنىڭ ئاقسارايغا بىر پارچە ئېلخەت يوللاپ، پرېزدېنت كېلىنتوننى ۋەزىپىسىدىن ئايرىلغاندىن كېيىن 2 مىليون دوللارلىق باھا بىلەن مەزكۇر شىركەتنىڭ ئوبراز ئەلچىلىكىگە تەكلىپ قىلغان.
بۇ خەۋەر ھەرگىزمۇ ئويدۇرۇپ چىقىلغان ئەمەس، ھەقىقەتەن ۋېنجۇدىكى بىر كارخانا كېلىنتونغا مۇشۇنداق تەكلىپنامە ئەۋەتكەن، بۇ كارخانا دەل ۋېنجۇ فاپەي كىيىم-كېچەك چەكلىك شىركىتى.
فاپەي كىيىم-كېچەك چەكلىك شىركىتىنىڭ كېلىنتونغا ئەۋەتىلگەن تەكلىپنامىسى مۇنداق يېزىلغان:
ھۆرمەتلىك پرېزدېنت كېلىنتون:
بىز سەمىمىيلىك ۋە ھۆرمەت بىلەن ئۇشبۇ خەتنى يازماقتىمىز. بۇ خەتكە فاپەي شىركىتدىكى نەچچە مىڭلىغان خادىمنىڭ ئارزۇسى ۋە غايىسى مۇجەسسەملەنگەن.
بىزنىڭ سىزگە بۇ خەتنى يېزىشىمىزدىكى مەقسەت-سىزنى ۋەزىپىڭىزدىن ئايرىلغاندىن كېيىن شىركىتىمىزنىڭ ئوبراز ئەلچىسى بولۇشقا تەكلىپ قىلىشتىن ئىبارەت. شىركىتىمىزنىڭ ئەھۋالىنى خەتتە تەپسىلىي تونۇشتۇرمىدۇق. ئومۇمەن، فاپەي ھاياتىي كۈچى ئۇرغۇپ تۇرغان، پۈتۈن دۇنياغا يۈزلىنىش ئۈچۈن ئىزچىل تىرىشىۋاتقان كىيىم-كېچەك كارخانىسى.
سىز جۇڭگودىن ئىبارەت شەرق مەدەنىيىتى دۆلىتىگە چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتتىڭىز. نەچچە يىل ئىلگىرى سىز شىئەن، گۈيلىن قاتارلىق جايلارغا كەلگەن، بىزنىڭ بىر خىزمەتچىمىز شۇ چاغدا سىزنى كۆرۈشكە مۇيەسسەر بوپتىكەن. تېخىمۇ كۆپ ۋاقىتلاردا، بىز سىزگە تاراتقۇلار ئارقىلىق دېققەت قىلىپ كەلدۇق.
بىز «فاپەي» شىركىتدىكىلەر ئەڭ ئۇز كىيىملەرنى تۇرمۇشنى سۆيىدىغان ۋە توختىماي ئىلگىرىلەيدىغان كىشىلەرگە تەغدىم ئېتىمىز. سىزنىڭ خاراكتېرىڭىز، ئىستىلىڭىز ۋە مول كىشىلىك تۇرمۇش سەرگۈزەشتىلىرىڭىز دەل بىز ئىزدەۋاتقان نىشاندۇر.
بىز يۇقىرى تەمىنات بىلەن سىزنىڭ شىركىتىمىزنىڭ ئوبراز ئەلچىسى بولۇشىڭىزنى خالايمىز، شۇڭا سەمىمىيلىك بىلەن سىزگە بۇ تەكلىپنامىنى يازدۇق. تىلەكلىرىمىزنىڭ ئەمەلگە ئېشىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.
سىزگە يەنە بىر قېتىم ئېھتىرام بىلدۈرىمىز.
فاپەي كىيىم-كېچەك چەكلىك شىركىتى
2000-يىلى 5-ئاينىڭ 25-كۈنى
فاپەي كىيىم-كېچەك چەكلىك شىركىتىنىڭ كېلىنتوننى ئوبراز ئەلچىلىكىگە تەكلىپ قىلماقچى بولغان ئىشى تېزلا دۇنيادىكى نەچچە مىڭلىغان تاراتقۇلارنىڭ باش بېتىدىن ئورۇن ئالغان، يەنە «ۋاشىنگىتون پوچتا گېزىتى»، «نيويورك ۋاقىت گېزىتى»، «جۇڭگو ئاخبارات نەشرىياتى»، ئەنگىليە «كۆزەينەك گېزىتى»، فرانسىيە «ياۋروپا ۋاقىت گېزىتى»، ياپونىيە «ئاساسى خەۋەرلەر گېزىتى»، گېرمانىيە «بىرلەشمە گېزىتى» ۋە
كورىيە «شەرقىي ئاسىيا گېزىتى» قاتارلىقلار ئادەم ئەۋەتىپ ۋە تېلېفون قىلىپ سۈرۈشتۈرگەن.
روكفېللېر ئىلگىرى خەۋەرنىڭ پارتىلاش خاراكتېرلىك تەسىرىنى ھەر قانداق ئاممىۋى تاراتقۇلارغا سېلىشتۇرغىلى بولمايدىغانلىقىنى قەيت قىلغان.
ھادىسە تەشۋىقاتى-كارخانىنىڭ ئەڭ ياخشى پايدىلىق پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ مۇھىم ئىجتىمائىي پائالىيەتلەر، تارىخىي ۋەقە ۋە تەنتەربىيە ئىشلىرى قاتارلىقلارغا قاتنىشىپ ماركىسىنى تەشۋىق قىلىشىنى كۆرسىتىدۇ.
ئېنىقلىمىسىدىن قارىغاندا، ئادەتتە ھادىسە تەشۋىقاتنىڭ «ۋەزىيەتتىن پايدىلىنىش» ۋە «ۋەزىيەت يارىتىش» تىن ئىبارەت ئىككى خىل ئۇسۇلى بار. ۋەزىيەتتىن پايدىلىنىش-كۆپچىلىك كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان مەسىلىلەردىن پايدىلىنىپ كارخانىنى مەزكۇر مەسىلىنىڭ مەركىزىگە ئېلىپ
كىرىش، بۇ ئارقىلىق تاراتقۇ ۋە ئاممىنىڭ دېققىتىنى تارتىشنى كۆرسىتىدۇ؛ ۋەزىيەت يارىتىش-كارخانا ئۆز ئالدىغا ئۆزگىچە پائالىيەتلەرنى پىلانلاش ئارقىلىق، تاراتقۇ ۋە ئاممىنىڭ دېققىتىنى قوزغاشنى كۆرسىتىدۇ. بۇ ئىككىسىنىڭ ئۇسۇلى ئوخشاش بولمىسىمۇ، ئەمما مەقسەت كارخانا ئوبرازىنى تىكلەش ۋە مەھسۇلات سېتىپ چىقىرىشتىن ئىبارەت.
ئەقىللىق ۋېنجۇلۇقلار بۇ قائىدىنى ئېنىق چۈشىنىدۇ. بۇ قېتىمقى ھادىسە نۇرغۇنلىغان كىشىلەرنىڭ دېققىتىنى ئۆزىگە تارتىپ، «فاپەي» نىڭ داڭقىنى يىراقلارغا تاراتقان.
بىر مۇخبىر فاپەي شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى پېڭ شىڭدىن مۇنداق سۇئال سورىغان: «نۇرغۇنلىغان كىشىلەر بۇ ھادىسە كىشىلەرنىڭ دېققىتىنى ئۆزىگە تارتتى، فاپەي ئېلان-تەشۋىقات مەقسىتىگە يەتتى دېيىشىۋاتىدۇ، سىز بۇنىڭغا قانداق قارايسىز؟» پېڭ شىڭ ئېتىراپ قىلىپ مۇنداق دېگەن: «ھازىر نۇرغۇنلىغان تاراتقۇلار بۇ ئىشنى خەۋەر قىلىۋاتىدۇ، شەكىللىك قىممەت بويىچە ھېسابلىساق، مەن ئىقرار قىلىمەنكى، 50 مىليون يۈەن بىلەن مەركىزى تېلېۋېزىيە ئىستانىسسىغا بېرىپ ئېلان بەرسەممۇ بۇنداق ئۈنۈمگە ئېرىشەلمەيمەن. مەن ھەر يىلى مەركىزى تېلېۋېزىيە ئىستانىسىدا ئېلان بېرىش ئۈچۈن 20-10 مىليون يۈەن خەجلەيمەن، بىراق ئۈنۈمى بۇ قېتىمقىدەك بولمىغان. ھازىر نۇرغۇنلىغان پىلانلاش شىركەتلىرى بۇ ئىش ئۈچۈن مەخسۇس مۇھاكىمە يىغىنى ئېچىپ مۇھاكىمە قىلىۋاتىدۇ .ئۇلار: ‹ بىر كارخانا مۇشۇنداق ئامالنى تېپىپ چىقىپتۇ، بىز كارخانىلارغا مۇلازىمەت قىلىدىغان شىركەت تۇرۇپ نېمىشقا مۇنداق ئاماللارنى ئويلاپ چىقالمىدۇق؟ شۇڭا كۆپچىلىك يېڭىلىق يارىتىشقا، كونا ئەندىزىلەردىن قۇتۇلۇپ چىقىشقا كۈچىشى كېرەك.›.مەن بۇ مىسالنىڭ قانداقلىقىنى مۇھاكىمە قىلمايمەن، ئەمما بىر كارخانىنىڭ يادرولۇق رىقابەت كۈچىنىڭ يېڭىلىق يارىتىش ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلىمەن.»
ئەلۋەتتە، نۇرغۇنلىغان كىشىلەرنىڭ نەزىرىدە كېلىنتوننى ئوبراز ئەلچىسى بولۇشقا تەكلىپ قىلىش ئېنىقلا ساختىلىق. بىراق فاپەي شىركىتىدىكىلەر بۇنداق قارىمايدۇ، فاپەي شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى پېڭ شىڭ بۇنىڭغا مۇنداق جاۋاب بەرگەن: «خەلقئارالاشقان ماركىلار چوقۇم خەلقئارالىق ئوبراز ۋەكىللىرىنى تەكلىپ قىلىشى كېرەك، كېلىنتوندەك خەلقئارا تەسىرگە ئىگە ئادەم ئەلۋەتتە بۇ ئۆلچەمگە چۈشىدۇ. بۇ ئىش باشلانغاندىن تارتىپ ھازىرغىچە بىزنىڭ پوزىتسىيەمىز ناھايىتى سەمىمىي بولۇپ كەلدى، ئازراقمۇ ساختىلىق ئىشلەتمىدۇق. ئەگەر بىز ساختىلىق ئىشلەتكەن بولساق، ئەينى ۋاقىتتىلا ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىغا ئوخشاش پائالىيەتلەرنى قىلاتتۇق. ئەمەلىيەتتە بىز پەقەت يەرلىك تاراتقۇلار بىزنى زىيارەت قىلغان ۋاقىتتا، كېلىنتوننى ئوبراز ئەلچىسى بولۇشقا تەكلىپ قىلغانلىقىمىزنى تىلغا ئالدۇق.»
2001-يىلى 3-ئايدا، فاپەي شىركىتى ئويلىمىغان يەردىن كېلىنتوننىڭ ئايالى ھىلارى خانىمدىن كەلگەن ئېلېكترونلۇق يوللانمىنى تاپشۇرىۋالغان، ئامېرىكىنىڭ ئالدىنقى نۆۋەتلىك بۇ بىرىنچى خانىمى ناھايىتى ئېنىق قىلىپ كېلىنتوننىڭ فاپەي شىركىتىنىڭ تەكلىپىنى ئويلىشىۋاتقانلىقىنى، ھەمدە فاپەي تەرەپ بىلەن بۇ ئىش ئۈچۈن يەنە بىر قەدەم ئىلگىرىلىگەن ئاساستا كېڭىشىشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
بەزىلەر بۇ فاپەينىڭ ساختىلىقى، كېلىنتون قانداقمۇ ۋېنجۇدىكى كىيىم-كېچەك كارخانىسى ئۈچۈن ئوبراز ئەلچىسى بولۇپ بەرسۇن دېيىشكەن.
بۇنىڭغا نىسبەتەن فاپەي شىركىتىنىڭ ئالاقىدار خادىمى مۇنداق دېگەن: «نېمىشقا بولمىغۇدەك؟ كېلىنتوندا ھازىر پۇل كەم، ئۇ لېۋنىسكى بىلەن بولغان سەتچىلىكى ئۈچۈن قەرز بولغان 11 مىليون دوللارنىڭ 5 مىليونىنى ھازىرغىچە قايتۇرۇپ بولالمىغان. ئەينى ۋاقىتتا ۋېگرا شىركىتى پېيىنى بازارغا سالغان ۋاقىتتا، كېلىنتون چاقچاق قىلغان تەرزدە ۋېگرا ئۈچۈن ئېلان ئىشلەپ بېرىدىغانلىقىنى ئېيىتقان.فاپەي ۋېگرادەك پۇلدار ئەمەس، ئەمما ئۇلارنىڭ كۆك رەڭلىك كوملىچى( ۋېگرا شىركىتى بازارغا سالغان جىنسىي ھېسىياتنى قوزغايدىغان دورا، تەرجىماندىن) غا قارىغاندا بىزنىڭ مەھسۇلاتلىرىمىز ياخشى.»
گەرچە كېلىنتون فاپەت شىركىتىگە ئوبراز ئەلچىسى بولۇپ بەرمىگەن بولسىمۇ، بىراق خەلقئارالىشىش يولىدا داۋاملىق تىرىشىۋاتقان، خەلقئارادا داڭلىق ماركا يارىتىش ئۈچۈن كۆرەش قىلىۋاتقان فاپەي شىركىتى بىلەن كېلىنتوننىڭ مۇناسىۋىتى ناھايىتى قويۇقلاشقان.
2003-يىلى 11-ئاينىڭ 11-كۈنى، كېلىنتون بىلەن فاپەي شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى، قوشۇمچە باش لېدىرى پېڭ شىڭ بېيجىڭدا تۇن
جى قېتىم كۆرۈشكەن ۋە چۈشلۈك تاماقتا بىرگە بولغان. كېلىنتون يەنە ئۇنىڭ ئوبرازىغا ماس كېلىدىغان فاپەي كىلاسسىك كاستۇم، كۆڭلەك، خۇرۇم ئاياغ ۋە گالىستۇك قاتارلىق بىر قاتار سوۋغاتلارنى خۇشاللىق بىلەن قوبۇل قىلغان.
2005-يىلى 9-ئاينىڭ 9-كۈنى، كېلىنتون ئۈرۈمچىگە يېتىپ كېلىپ «2005-يىللىق جۇڭگونىڭ غەربىي رايونى (شىنجاڭ) خەلقئارا ئىقتىسادىي باشلىقلار ئۇچرىشىشى» غا قاتناشقان ۋە «قەدىمكى يىپەك يولى بىلەن دۇنيا ئىقتىسادىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش» تېمىسىدىكى نۇتۇقىنى سۆزلىگەن. فاپەي گۇرۇھىنىڭ باش دىرېكتورى، قوشۇمچە باش لېدىرى پېڭ شىن مەخسۇس شىنجاڭغا كېلىپ كېلىنتون بىلەن كۆرۈشكەن، ۋە رەسىمگە چۈشكەن. پېڭ شىن فاپەينىڭ يېڭىدىن بازارغا چىققان ئالىي دەرىجىلىك خۇرۇم چاپان ۋە پوپايكىسىنى كېلىنتونغا سوۋغا قىلغان ۋە ئۇنى ۋېنجۇغا بېرىپ مېھمان بولۇشقا تەكلىپ قىلغان.
كېلىنتون فاپەي شىركىتىنىڭ خەلقئارالىشىشقا قاراپ ماڭغان دادىللىقىغا قايىل بولغان، ھەمدە فاپەينىڭ خەلقئارا بازارغا كىرىشىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ ياخشى تىلەك تىلىگەن.
پېڭ شىن ئىلگىرى مۇخبىرنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا كېلىنتوننى تەكلىپ قىلغاندىن كېيىنكى تەدبىرلىرى ھەققىدە توختالغان. ئۇ مۇنداق دېگەن: «كېلىنتوننى تەكلىپ قىلىپ ئەكەلگەندىن كېيىن، بىز ياۋروپا-ئامېرىكا بازىرىغا ئومۇميۈزلۈك كىرىشنى باشلايمىز. نۆۋەتتە بىز ئاللىقاچان ياپونىيە، ياۋروپا-ئامېرىكا بازىرىغا كىردۇق، گەرچە ئاچقان بازىرىمىز كىچىك بولسىمۇ، ۋاقتى كەلگەندە ماركا تەشۋىقاتىنى كۈچەيتىپ
خەلقئارالىشىش يولىدا ئالدىدا مېڭىشقا كۈچەيمىز. ياروپا-ئامېرىكا بازىرىغا كىرىش شىركىتىمىز ۋە مەھسۇلاتىمىزغا نىسبەتەن ناھايىتى ياخشى پۇرسەتتۇر.»
فاپەينىڭ باش لېدىرى ئەينى ۋاقىتتا فاپەينى قۇرغاندا ئارانلا 32 ياش بولۇپ، بۇ ئادەمنىڭ قىرانلىق ۋاقىتلىرى ئىدى، پېڭ شىن «فاپەي» ماركىسىغا ئۆزىنىڭ «قىرانلىق» ىنى سىڭدۈرگەن.
فاپەينىڭ قىبىلنامىسى: شەرق-غەرب مەدەنىيىتىنى بىرلەشتۈرۈپ، كىلاسسىك ماركا بەرپا قىلىش.
فاپەي روھى: مەڭگۈ بىرىنچىلىكنى تالىشىش.
فاپەينىڭ پىرىنسىپى: ئادەم ماركىغا، ماركا ئادەمگە ئوخشايدۇ.
فاپەينىڭ نىشانى: دۇنياغا داڭلىق كىيىم-كېچەك ماركىسى يارىتىش.
فاپەينىڭ نىشانلىق ئىستېمالچىلار توپى: يۇقىرى دەرىجىلىك مەمۇرىي خادىملار، سودا ساھەسىدىكى زاتلار، مودا ئەرلەر توپى.
نۆۋەتتە، فاپەينىڭ يىللىق سېتىش سوممىسى ئەمدىلا قۇرۇلغان ۋاقىتتىكى 30 مىليون يۈەندىن ئېشىپ ھازىرقى 600 مىليون يۈەنگە يەتتى، بۇنى پېڭ شىننىڭ ئەينى ۋاقىتتا كېلىنتوننى فاپەي ئۈچۈن ئوبراز ئەلچىسى بولۇشقا تەكلىپ قىلماقچى بولغانلىقى بىلەن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ.
پېڭ شىننىڭ قارىشىچە، نەتىجە مۇھىم ئەمەس، مۇھىمى بۇ ئىش فاپەينىڭ يېڭىلىق يارىتىش روھىنى تەرەپ-تەرەپكە تارقاتقان، بۇ ئەڭ ئاچقۇچلۇق مەسىلە. «مەن پەقەت كارخانىنىڭ ئوبراز ئەلچىسىنى تاللاش جەھەتتە ئازراق يېڭىلىق يارىتىشنى قارار قىلدىم، 2000-يىلىنىڭ بېشىدا مەن ياۋروپادا تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىۋاتقاندا كېلىنتون پىرېزدېنتلىقتىن بوشىغاندىن كېيىن كىنوچىلىق ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلىقى ھەققىدىكى خەۋەرنى ئاڭلىغان، ئەينى ۋاقىتتا مەن بۇنىڭ ئۇنىڭ بىلەن سودا ھەمكارلىقى ئۈستىدە پاراڭلىشىدىغان پۇرسەت ئىكەنلىكىنى ھېس قىلغان ئىدىم.» ئۇ يەنە مۇنداق دېگەن: «يېڭىلىق يارىتىش-ئىشلەپچىقىرىش كۈچىدۇر. ھازىرقى كارخانىلار ئوبراز ۋەكىلى تەكلىپ قىلىدىغاندا ھەمىشە چولپانلارنى تەكلىپ قىلىشنى ئويلايدۇ. بىز كېلىنتوننى تەكلىپ قىلىشنى ئويلاشتۇق، بىز نەچچە ئون مىليون يۈەن خەجلەپ لياۋ جياخۇي ۋە جاڭ بويىنى تەكلىپ قىلالايمىز، ئۇنداقتا نېمىشقا كېلىنتوننى تەكلىپ قىلساق بولمىغۇدەك؟ ئۇ ھازىر ئامېرىكىنىڭ ئاددى پۇقراسى ئەمەسمۇ؟ كۆپچىلىك ھەممىسى بىلىدۇكى، ھازىرقى ماركىلارنىڭ تەرەققىياتىدا ئەگەر يېڭىلىق يارىتىش بولمىسا، كونا قائىدىلەرگە ئېسىلىۋېلىپ قۇرۇق چەمبىرەكنىڭ ئىچىدىن چىقالمىسا، ئۇنداقتا ماركىنىڭ تەرەققىياتىدىكى ھاياتىي كۈچنىڭ بولۇشى مۇمكىن ئەمەس. ھازىر ھېچقانداق جايدا بىر ئىزىدا توختاپ قالدىغان ياخشى كارخانا بولمايدۇ. ئەمما بۇ ھەرگىزمۇ مۇتلەق ئەمەس، مېنىڭچە كارخانا چوقۇم ئالغا ئىلگىرىلەيدىغان ۋاقىتتا ئالغا ئىلگىرىلەيدىغان، توختايدىغان ۋاقىتتا توختايدىغان بولۇشى كېرەك. بۇ كارخانىچىلىقنىڭ قائىدىسى، يەنە كېلىپ ئادەم بولۇشنىڭمۇ قائىدىسى.»
ھادىسە تەشۋىقاتىدا تاراتقۇلاردىن پايدىلىنىمىز، ھەرگىزمۇ تاراتقۇلارنى كونترول قىلمايمىز، شۇڭا ھادىسە تەشۋىقاتىدا چوقۇم خەۋەرنىڭ خەتىرى بار-يوقلۇقىغا قاراش كېرەك. چۈنكى تاراتقۇلارنىڭ كونترولۇققا ئۇچرىماسلىقى ۋە ئاممىنىڭ خەۋەرلەرگە بولغان چۈشىنىش دەرىجىسى ھادىسە تەشۋىقاتىنىڭ خىيىم-خەتىرىنى بەلگىلەيدۇ.
ئېسىمىزدە بولۇشى كېرەككى، ھەر قانداق ئىشتا ساختىلىق ئىشلىتىلسە، ئامما بۇنى بىلىپ قالسا ياكى تاراتقۇلار بۇنى تەتۈر تەشۋىق قىلىپ سالسىلا، ئاممىدا مەزكۇر كارخانىغا نىسبەتەن مۇئەييەن قارشىلىشىش ھېسىياتى پەيدا بولىدۇ-دە، مەزكۇر شىركەتنىڭ ئىناۋىتى تەسىرگە ئۇچرايدۇ. كۆرۈالغىلى بولىدۇكى، كارخانا ھادىسە تەشۋىقاتىدىن پايدىلىنىپ كارخانىنى تەشۋىق قىلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، چوقۇم كارخانىنىڭ ئوبرازىغا قارىتا قوغداش ۋە يۈكسەلدۈرۈش تەدبىرى قوللىنىشى، ئىستېمالچىلارنىڭ مەزكۇر ماركىغا بولغان سادىقلىقىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشى كېرەك، بۇ ئارقىلىق غايەت زور غەلبىگە ئېرىشكىلى بولىدۇ.
ۋېنجۇلۇقلارنىڭ بايانى:
ئىشلەپچىقىرىش بىر خىل جۇغلىنىش جەريانى، ئەمما تەشۋىقات ئىشلەپچىقىرىشقا ئوخشىمايدۇ، ئېلان-تەشۋىقاتتابۈگۈنكى غەلبە ھەرگىزمۇ ئەتىدىكى غەلبىدىن دېرەك بەرمەيدۇ.
-ۋېنجۇ كىيىم-كېچەك باش سودا ئۇيۇشمىسىنىڭ رەئىسى چېن مىن
مەنبە: 时事出版社 نەشىر قىلغان
<< 温州人想的和你不一样 >>ناملىق كىتاب
2014-يىلى 24-قېتىملىق نەشىرى
ئەقىدە قاشگەرلىكى شىركىتى تەرجىمىسى
تەرجىمان : ئابدۇللا ئۆمەر
تەرجىمە تەھرىرى : رەيھانگۈل نىزام
2015-يىلى 7-ئاينىڭ 9-كۈنى