نامراتلار پۇرسەتكە زىيادە ئىشنىدۇ، بايلار پۇرسەتنى تۇتۇشنىلا ئويلايدۇ
نامراتلار قوي تەبىئەتلىك،بايلار بۆرە تەبىئەتلىك بولىدۇ
( ئىككىنچى كىتاپ )
7-باپ 4-پاراگىراپ
نامراتلار پۇرسەتكە ھەدىدىن زىيادە ئىشنىدۇ، بايلار پەقەت پۇرسەتنى تۇتۇشنىلا ئويلايدۇ
نامراتلارنىڭ كۆپىنچىسى پۇرسەتكە ھەدىدىن زىيادە ئىشنىپ كىتىدۇ. بۇنداق ئىشىنىش مەغلۇپ بۇلۇشنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ۋاقىتتا دائىم بۇ مەغلۇبىيەتنى تەلەيگە ئارتىپ قويىدۇ. پەقەت بىر ئاز تەلىيى بولسىلا بۇنداق يامان نەتىنجە كىلىپ چىقمايتى ،دەپ قارايدۇ. نامراتلار تەلەيگە ھەدىدىن زىيادە ئىشىنىدۇ. ئىشتىن چاتاق چىقسىلا < تەلىيىم كاجكەن، مېنى نەس باستى > دەپ ئويلايدۇ. بارلىق خاتالىقنى تەلەيگە ئىتتىرىپ قويىدۇ. لىكىن ئەزەلدىن ئۆزىدىن سەۋەب ئىزدىمەيدۇ. نامراتلار مۇشۇنداق قارغۇلارچە تەلەيگە قانچە ئىشەنگەنسېرى شۇنچە ئاسان مەغلۇپ بولىدۇ.
لىكىن ھەقىقى بايلار ھەرگىزمۇ بۇنداق قىلمايدۇ. بايلار گەرچە پۇرسەتكە ئىشەنسىمۇ، قارغۇلارچە ئىشەنمەيدۇ.بايلار ئىشتا غەلبە قىلالمىسا، ئاكتىپ تەشەببۇسكار ھالدا، سەۋەبىنى ئىزدەيدۇ. نامراتلارغا ئوخشاش غەلبە قىلالماسلىقىنىڭ سەۋەبىنى تەلىيىنىڭ كاجلىقىدىن كۈرۈپ ئاغرىنمايدۇ. بايلار پۇرسەتكە يۇلۇقسا، ئۇنىڭ ياردىمىدە تېخىمۇ ئالغا ئىلگىرلەيدۇ. كىيىنكى غەلبە ئۈچۈن ئاساس سالىدۇ.
دېھقان مېللۇ ئۇدا نەچچە كۈن ئېتىز قىرىدا يىراققا ھاڭۋاققىنىچە ئولتۇردى. تۇرۇپ-تۇرۇپ بېشىنى كۆتۈرۈپ ئاسمانغا قاراپ قوياتتى. قارىماققا خۇددى بىر نەرسىنى ساقلاۋاتقاندەك قىلاتتى .ئېتىزدىكى تۇرۇپلارنى يىغىۋالىدىغان ۋاقىت بولغان بۇلسىمۇ، لىكىن ئۇ پەرۋا قىلمىدى. خوشنىسى كاڭمې مېللونىڭ بۇ ھالتىدىن ھەيران بولۇپ،تۇرۇپلارنى نىمىشقا يىغمايۋاتقانلىقىنى سورىدى.
-مەن ئىنتايىن تەلەيلىك تۇرسام، نىمىشقا بۇنداق جاپا تارتىمەن؟ ئىسىڭدە بارمىكىن ،مەن نەچچە تۈپ يوغان دەرەخلەرنى كەسمەكچى بولغاندا، تۇيۇقسىز شامال چىقىپ دەرەخنى يىلتىزىدىن قومۇرۋەتتى. يەنە بىر قېتىم ئېتىزدىكى ئوتلارنى كۆيدۈرمەكچى بولغاندا، چاقماق چېقىپ، بۇلارنى كۆيدۈرۋەتتى. سەن دەپ باقە مەن تەلەيلىكمۇ- ئەمەسمۇ؟
-توغرا، سەنغۇ ھەقىقەتەن تەلەيلىك ئىكەنسەن! لىكىن سەن نىمىشقا بۇ يەردە ئولتۈرىۋېرىسەن؟- كاڭ مېي چۈشەنمەي سوراپتۇ.
-مەن يەر تەۋرەشنى ساقلاۋاتىمەن. يەر تەۋرىسە مېنىڭ تۇرۇپلىرىم يەر ئاستىدىن ئۆزىلا قومۇرلۇپ چىقىدۇ،ئۇ چاغدا مېنىڭ كۈچ سەرىپ قىلىشىمنىڭ ھاجىتى قالمايدۇ.
خوشنىسى ئۇنىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ داڭقېتىپ تۇرۇپ قاپتۇ. يەر تەۋرەشنى ساقلاۋېرىپ كۆزى تالغان مىللومۇ نەچچە كۈن ئولتۇرۇپ بېقىپ، بېشىنى چايقاپ كىتىپ قاپتۇ.
بۇ مەسەل «دەرەخ تۈۋىدە توشقان كۈتۈش»دىگەن ھىكايە بىلەن ئوخشاپ قالىدۇ. دېھقان مىللو تۇرۇپ سېسىپ كەتكىچە ساقلىسىمۇ، يەر تەۋرىشى ناتايىن.چۈنكى بىر ئىككى قېتىملىق دەل كىلىپ قېلىش < تەلەيگە قارغۇلارچە ئىشەنسە بولدىغانلىقى، ئەمگەك قىلمىسىمۇ ياخشى نەتىنجىگە ئېرىشكىلى بولدىغانلىقى > نى بىلىدۈرمەيدۇ. مىللونىڭ ھاماقەتلىكى ئۇنىڭ تەلىيىگە ھەدىدىن زىيادە ئىشنىپ كەتكەنلىكىدىن بولغان.
ھىكايىدىكىگە ئوخشاش تەلەيگە ئىشنىپ ساخلاپ ئولتۇرۇش نامراتلارنىڭ تىرشىپ ئارزۇسىنى قوغلاشماسلىق پىسخىكىسىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئۇلار تىرىشمايدۇ، تىرىشسىمۇ پايدىسى يوقتەك ،غەلبە قىلالمايدىغاندەك ھىس قىلىدۇ. ئەمىليەتتە دۇنيادا مەڭگۇ بىكارلىق، ئاسان ئىش يوق. ئاسماندىن سىزگە بىكاردىن-بىكارغا قاتلىما چۈشمەيدۇ. تەلەيگە ئارتۇقچە ئىشەنسە مەڭگۇ ھەقىقى بايلىققا ۋە غەلبىگە ئېرىشكلى بولمايدۇ.
ئادەتتىكى كىشلەرگە نىسبەتەن بايلارنىڭ ئىگىلىك تىكلەپ باي بۇلۇشى ۋە غەلبە قىلىشنىڭ ئەلۋەتتە تەلەي بىلەن بىرئاز مۇناسىۋىتى بار. لىكىن تەلەي بايلىق يارتىشنىڭ تۈپ شەرتى ئەمەس. تەلىيى ئوڭ بولغان تەغدىردىمۇ، بىر ئادەمنىڭ بايلىقى ئۇنىڭ تىرىشچانلىقى ۋە مېھنىتىدىن كەلگەن.
بايلار تەقدىرگە ئىشەنمەيدۇ. تەلەيگىمۇ ئىشەنمەيدۇ. چۈنكى ئۇلار ئاغزىنى ئېچىپ ئولتۇرسا ئاسماندىن قاتلىما چۈشۈدىغانلىقىغا ئىشەنمەيدۇ. ھەم باشقىلارنىڭ بىكارلىق تاماق ئەكىلىپ بېرىشىنىمۇ ئۈمۈد قىلمايدۇ. ئۇلار پەقەت ھەممە نەرسىنىڭ تىرىشچانلىق ئارقىلىق ئاندىن ئەمەلگە ئاشىدىغانلىقىنى بىلىدۇ.
بايلار ئەزەلدىن ئاغرىنمايدۇ. پۇرسەت بولمىغان تەغدىردىمۇ ھىچكىمدىن ،ھىچنىمىدىن ئاغىرىنغان ئەمەس. ئۇلار پەقەت تىرىشىپ كۆز ئالدىدىكى ئەھۋالنى ئۆزگەرتەلەيدىغانلىقىنىلا بىلىدۇ. پۇرسەت يېقىنلاشسا تۇتۇشنى ھەم ئۇنىڭدىن پايدىلىنىپ غەلبىگە قاراپ مېڭىشنى بىلىدۇ.
بايلىقنىڭ بايانى:
نامراتلار بايلارغا ئوخشىمايدۇ. چۈنكى تەقدىرنىڭ قۇلۇپى ئۇلارنىڭ تەپەككۇرىنى مەھكەم قاماپ قويغان .ئۇلار بۇ خىل تەپەككۇر ئامىلىدىن چىقىپ كىتىشكە ئامالسىز. ئىدىيەسى قاماپ قۇيۇلغان نامراتلار مەڭگۇ يۇرۇقلۇقنى كۆرەلمەيدۇ. نامراتلار تەلىيىگە ئارتۇقچە ئىشىنىپ كەتمەسلىكى ،ئۆزىنىڭ تىرىشچانلىقى ۋە جان تىكىپ ئېلىشىشى ئارقىلىق غەلبە قىلىشى كېرەك.
*****************
مەنبە:خاربىن نەشىرياتى 2011-يىلى نەشىر قىلغان
<<نامراتلار قوي تەبىئەتلىك، بايلار بۆرە تەبىئەتلىك>> ناملىق كىتاب
تەرجىمە قىلغۇچى:ئەقىدە قاشگەرلىكى شىركىتى -ئويغۇر قاشتېشى تورى
WWW.UYHQT.CN
تەرجىمان:ئابدۇللا ئۆمەر
تەرجىمە تەھرىرى: رەيھانگۈل نىزام
2014-يىلى