نامراتلار رەھىمسىز،باشقىلارنى مەسخىرە قىلىدۇ، بايلار مۇلايىم، دوستانە
نامراتلار قوي تەبىئەتلىك،بايلار بۆرە تەبىئەتلىك بولىدۇ
( ئىككىنچى كىتاپ )
6-باپ 5-پاراگىراپ
نامراتلار رەھىمسىز،باشقىلارنى مەسخىرە قىلىشقا ئامراق،
بايلار مۇلايىم، دوستانە بولىدۇ
نامراتلارنىڭ تۇرمۇشىدا نۇرغۇن كۆڭۈلسىزلىكلەر بار. مەسلەن: باشلىقنىڭ ئەيىپلىشى، خىزمەتدېشىنىڭ رىقابىتى، ئېشىنچە پۇلى يوق بۇلۇش، بوش ۋاقتى بولماسلىق قاتارلىقلار. نۇرغۇنلىغان كوڭۈلسىزلىك بۇ دۇنياغا بولغان رازى بولماسلىقنى پەسەيتىش ۋە توختىتىش ئۇسۇلىغا مۇھتاج.
لى يۈنتىيەن شۈنچە تىرىشىپمۇ نېمىشقا باشلىقنىڭ بايىقىشىغا ئېرىشەلمەيدۇ؟ بۇ نوقتىنى ئۇ ئىزچىل چۈشەنمىدى. خىزمەت ئورنىنىڭ ئۈسىشى ئۈچۈن ئۇ دائىم ئارتۇق ئىشلىدى. دەل ۋاقىتدا ئىشتىن چۈشىدىغانلارغا قاراپمۇ قويمىدى. ھەمدە ئۇلارنى «شىركەتنىڭ مەنپەئەتنى قەتئى مۇھىم بىلمەيسىلەر. پەقەت ئارام ئېلىشنى بىلسىلەر. ئەگەر ھەممە ئادەم سىلەردەك بولسا، شىركەت تاقىلىپ قالمامدۇ»،دەپ ئەيىپلىدى. باشقىلارنىڭ كىچىككىنە ئۇڭۈشسىزلىقنى ھىس قىلغاندا ؛كەيپىياتى ناچار، خىزمەت ئۈنۈمى تۆۋەن بولغانلىقىنى كۆرگەندە ئۇلارنى مەسخىرە قىلىپ، «كېرەكسىز ئادەم قانداقلا تىرىشسۇن پايدىسى يوق، خىزمەتنىمۇ قىلالمىسا مەغلۇپ بۇلۇشى ئەجەبلىنەرلىك ئەمەس»دەپ،ئۇلارغا تەنبىھ بەردى. ۋاقىتنىڭ ئاستا-ئاستا ئۆتىشىگە ئەگىشىپ لى يۈنتىيەن شىركەتتىكى ئەڭ تارىخى ئۇزۇن پىشقەدەم خىزمەتچىگە ئايلاندى. لىكىن ئۇنىڭ خىزمىتى يەنىلا ئۆسمىدى. نىمىشقا مۇنداق بولىدۇ؟ ئۇ شىركەتتىن رەنجىدى ،شۇنىڭ بىلەن خىزمەتتە بىپەرۋالىق قىلدى. خىزمەتداشلىرىدىن بارغانسېرى يىراقلاشتى. بىر كۈنى باشلىقى ئۇنىڭغا « ئىلگىرى خىزمەتنى ياخشى ئىشلەيتىڭىز. ھازىر كەسپى نەتىنجىللىرىڭىزمۇ تۆۋەنلەپ كەتتى. شىركەت سىزنى ئىزچىل ئۆستۈرمىدى. سەۋەبى باشقا خىزمەتچىلەرنىڭ سىزگە بولغان ئىنكاسى ياخشى ئەمەس. بىز تېخىمۇ كۆپ كىشلەرنى رازى قىلىشىمىز كېرەك. ئۇلار ئاندىن خاتىرجەم خىزمەت قىلىدۇ. سىزنىڭ چۈشىنىشىڭىزنى ئۈمۈد قىلىمەن» دىدى ۋە ئۇنى ئىش ئورنىدىن قالدۇردى..
ھەر كۈنى بىر نىشان ئۈچۈن جان تىكىپ قىلغان خىزمەت دىققەت قىلمايدىغان كىچىك ھالقىلار سەۋەبلىك ۋەيران بولىدۇ. ھىچكىممۇ بۇنداق بۇلۇشنى خالىمايدۇ. لىكىن پاكىت سىزنى رازى قىلالمايدۇ. خالىغانچە مەسخىرە قىلىش، يېنىدىكى ئادەمنى قىيناش ئۇلارنىڭ چىرىكلەشكەن كەيپىياتىنى يۇقۇملاندۈرىدۇ. خوشال تۇرمۇش كەچۈرگۈزمەيدۇ.
نۇرغۇن كىشلەر بىر پارچە ئەينەككە ئوخشايدۇ. باشقىلارنىڭ پوزىتسىيەسىنى ئەينەك قايتۇرۇپ بىرىدۇ. كىشلەرنىڭ ئاغىرنىش ياكى مەمنۇن بۇلۇش ھېسياتى، ئىدىيەسى پۈتۈنلەي ئۆزىنىڭ ئۇسۇلى تەرپىدىن بەلگىلىنىدۇ. پىسخىلوگلار < بارلىق شەيئىنىڭ سىرىتقى كۈرۈنىشى ئۇنىڭ ئىچكى دۇنياسىدا بار نەرسىنىڭ ئەكىس ئېتىشى بولۇپ ،سىز ياقتۇرغان ئادەمدە چۇقۇم سىز بار بۇلۇشنى ئۈمىد قىلىدىغان پەزىلەت بۇلىدۇ؛ سىز بىزار بولغان كىشلەردىمۇ پەقەتلا سىز ئۆچ كورىدىغان ئالاھىدىلىك بولىدۇ > دەپ قارايدۇ. باشقىلارنى دۈشمەن قىلۋالماسلىق بارلىق كىشلەرگە ئۆچمەنلىك نەزىرى بىلەن قارىماسلىق ھاياتلىقتا كىشنىڭ دىلىنى يۇرۇق قىلىدۇ. دۈشمەنلىشىش كەيپىياتى ئادەمنىڭ زۆر مىقداردىكى زېھنىنى خورىتىدۇ، ۋۇجۇدىغا يۇشۇرۇنغان ئىقتىدارىنى ئاغىرنىش پاتقاقلىقىدا ئۇخلىتىدۇ.
نامراتلار ئەزەلدىن ئۆزىنىڭ گىپىنىڭ قانچىلىك تەسىرى بارلىقىنى ئويلانمايدۇ. ئۇلارنىڭ ئويلىمايلا دىگەن سۆزى كىشلەرگە قانچىلىك تەسىر ئەكىلدىغانلىقىنى بىلمەيدۇ. بايلار ھەر بىر ئېغىز سۆزنى ئالتۇندەك قەدىرلەيدۇ. ھەر بىر جۈملىنى ئويلىنىپ قىلىدۇ. ئەمما نامراتلار ھەممە گەپنى دەۋىرىدۇ،ئۇلارنىڭ باشقىلارغا بولغان زىيانكەشلىكى مۇشۇنداق پەيدا بولغان ،ئۆزىنىڭ ئەكىس تەسىرىنىمۇ شۇنداق تىكلىگەن. رەھمسىزلىك پەقەت سۆزدە ئىپادىلىنىپ قالماستىن، ھەركەتتە تېخىمۇ گەۋدىلىك ئىپادىلىنىدۇ. كىشلەرنىڭ رەھىمسىزلىكى ھامان بىر كۈنى ئۆزىگە زىيان يەتكۈزىدۇ. نامراتلارغا خاس ئەڭ تىپىك نەزىرىيە <خەلق خاراپلاشسا دۆلەت قۇدرەت تاپىدۇ. خەلق قۇدرەت تاپسا، دۆلەت زاۋال تاپىدۇ> دىن ئىبارەت. بۇ خىل ھاماقەتلەرچە ئىدىيە بۇ خىل باشقىلارغا ئىتبار بەرمەسلىك ئىدىيەسى ئېچىنىشلىق ئاخىرلىشىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
رەھىمسىز ئادەم باشقىلارنى نەزىرىگە ئالمايدۇ. ئۆزىنى مەركەز قىلىۋالىدۇ. چۈنكى ئۇلار ئەزەلدىن ھىس قىلمىغان كىشلىك ئالاقە كىشلىك ھايات يولىدىكى ئەڭ مۇھىم ئىشقا بېرىپ تاقىلدىغانلىقىنى ھىس قىلىپ يەتمىگەن. رەھىمسىزلىك كۈرۈنمەس تامغا ئوخشاش سىزنى يالغۇز ئوتتۇرىغا ئېلىۋالدۇ. رەھىمسىز ئادەتلەر كىشىنى باشقىلار بىلەن ئورتاق تەرەققى قىلالمايدىغان قىلىپ قويىدۇ.
بىر ئايال باشقۇرغۇچى بۇلۇپ 38 ياش، ئىش بېجىرىشتە پىشقان. لىكىن باشقىلارغا شەپقەتسىز. قول ئاستىدىكىلىرىنى دائىم تىللاپ، مەسخىرە قىلىدۇ. شۇ سەۋەبلىك ئۇنىڭ قول ئاستىدىكىللىرى بەس-بەستە خىزمەتتىن ئىستىپا بەرگەن. بىر خىزمەتچى مېڭىشنىڭ ئالدىدا بىر پارچە پىسخولوگىيە كىتابىنى باشقۇرغۇچىنىڭ ئالدىغا قويغان،بىراق باشقۇرغۇچى كىتاپنى كۈرۈپ باقمايلا ئۇدۇل ئەخلەت ساندۇقىغا تاشلىۋەتكەن.
بەلكىم ئايال باشقۇرغۇچى مەن ئاللىقاچان باشقۇرغۇچى بۇلۇپ بولدىم، قول ئاستىمدىكىلەرگە تۈزىت قىلمىساممۇ بولىدۇ، دەپ ئويلىغان. شۇڭا ئۈسۈپ يىتىلىش دەۋرىدىكى ئازاپلىق كەچۈرمىشى ،ئائىلە بېسىمى، تۇرمۇشقا بولغان نارازىلىقى سەۋەبىدىن كىلىپ چىققان ناچار پىسخىكا،يامان ئادىتى ئۇدۇللا قول ئاستىدىكىللىرىگە تەسىر كۆرسەتكۈزگەن بۇلۇشى مۇمكىن. قىسقا ۋاقىت ئىچىدە گەرچە ئۇنىڭ ئورنى بەك چوڭ تەسىرگە ئۇچىراپ كەتمىسىمۇ، لىكىن ۋاقىت ئۇزارغانسىرى ئېختىساسلىقلارنى تۇتۇپ قالالماسلىقى، كىشلىك ئالاقىنى تەڭشىمەي كەسپى خىزمەتلەرنى تەرەققى قىلدۇرۇشى ئىنتايىن قىيىن بۇلۇشى مۇمكىن.
ئەگەر سىز شەپقەتسىز ئادەم بولسىڭىز ،خەۋىپتىن ئاۋال ئۇنى تۈپ يىلتىزىدىن يوقىتىۋېتىڭ ،شانلىق نەتىنجىللىرىڭىزگە يۇشۇرۇن خەۋىپ بۇلۇپ قالمىسۇن. نەچچە مىڭ چاقىرىملىق توسما چۈمۈلە ئۇۋسى سەۋەبلىك كەلكۈندە ۋەيران بولۇشتىن ئاۋال چۈمۈلە ئۇۋىسىنى يوقىتىش كېرەك. بىر نەرسە دىيىشتىن ئاۋال ئاڭلىغۇچىنىڭ كوڭلىنى ئويلاپ قۇيۇشىڭىز كېرەك. ئىش قىلىشتىن ئاۋال باشقىلارنىڭ ھېسياتىنى ئويلىشىڭىز كېرەك. شەپقەتسىز كىشلەرگە نىسبەتەن خارەكتىرىدىكى رەھمىسىزلىكنى تۈگىتىشنىڭ ئۇسۇل-سەۋەبى ئوخشاش ئەمەس،دەرىجىسىمۇ ئوخشىمايدۇ. ھازىردىن باشلاپ، پەقەت كوپرەك تىرىشچانلىق كۆرسۈتۈپ، رەھمسىزلىكتەك يامان ئادىتىمىزنى يوقاتساق، ئۆزىمىزنىڭ غەلبە بىلەن بولغان ئارلىقى تېخىمۇ يېقىن بولغان بولاتتى.
بايلىقنىڭ بايانى:
ياغاچ تۇڭنىڭ قانچىىلىك سۇ سىغدۇرالايدىغىنى ئەڭ كىچىك بولغان ئاشۇ ياغاچ پارچىسىغا باغلىق. رەھمسىزلىكنى غەلبە قىلىشىڭىزنىڭ كىچىك ياغاچ پارچىسىغا ئايلاندۇرىۋالماڭ. ئاسمانغا تاقاشقىدەك ئىگىز بىنالارنى سېلىشنى ئويلىسا، مۇستەھكەم ئۇل تاش بۇلۇشى كېرەك. ئەگەر كىشلەر پەقەت سان ئارقىلىق ياخشى يامانلىققا باھا بەرسە،ئۇ ھالدا ناچار ئادەت ۋە زىددىيەتنى ئۆزگەرتىش، ياخشى ۋەزىيەتنى يارتىش ئاسان. چۈنكى ھەر بىر كەمچىلىكنىڭ ئازلىغىنى بىر قېتىملىق ئۇنۋىرسال ئىقتىدارنىڭ ئۆسكىنى. ئۇنۋىرسال خاراكتېردىكى ئادەم بۇلۇشنى سىناپ كۈرۈڭ.
***************
مەنبە:خاربىن نەشىرياتى 2011-يىلى نەشىر قىلغان
<<نامراتلار قوي تەبىئەتلىك، بايلار بۆرە تەبىئەتلىك>> ناملىق كىتاب
تەرجىمە قىلغۇچى:ئەقىدە قاشگەرلىكى شىركىتى-ئويغۇر قاشتېشى تورى
WWW.UYHQT.CN
تەرجىمان:ئابدۇللا ئۆمەر
تەرجىمە تەھرىرى: رەيھانگۈل نىزام
2014-يىلى