A-A+

خوتەن قاشلىرىنىڭ قىممىتى(باھاسى)نى بەلگۈلەيدىغان يەتتە ئامىل(5)

2016-يىل 4-ئىيۇل ئەقىدە قاش ئىنىستىتۇتى باھا يوقكەن زىيارەت: 332 قېتىم

5 . خوتەن قاشلىرىنىڭ قىممىتى ( باھاسى )نى ئۇنىڭ چوڭ - كىچىكلىكى  بەلگىلەيدۇ

和田玉的块重

ئەقىدە قاشگەرلىكى شىركىتىدىن ئابلىكىم ئاۋۇت قىسقارتىپ تەرجىمە قىلدى

5b962b03b7af5848738da5c7

u=3228848352,1104365197&fm=21&gp=0

1 . خوتەن قاشلىرىنىڭ چوڭ-كىچىكلىكى ۋە قىممىتى

ھازىرقى خوتەن قاش بازىرىدا كۆڭۈلدىكىدەك بىر پارچە ئويمىچىلىققا ئىشلىتىلىدىغان چوڭ زىرە قاش ياكى كان قاش تېپىش ئىنتايىن تەس بولۇپ كەتتى.كان قاشلىرى ئاساسەن دېڭىز يۈزىدىن 4000-5000 مىڭ كىلومېتىر ئېگىزلىكتىكى تاغلاردا بولۇپ ، كاننى تېپىپ قاشنى قازماقمۇ ئىنتايىن مۈشكۈل بىر ئىش.چوڭ تىپتىكى قېزىش ئۈسكۈنىلىرى بولمىغان شارائىتتا قاشلارنى پارتىلىتىپ ئالغاندا كاندىكى قاشلار ئاساسەن ئۇششاق پارچە بولۇپ كېتىدىغان بولۇپ ، بىر پۈتۈن دەز-يېرىقى يوق ، چوڭراق قاشنىڭ چىقىش نىسپىتى ئىنتايىن تۆۋەن.

خوتەن كان قاشلىرى كاندا يارىلىپ ، يېتىلىش جەريانىدا تەبىئەت ھادىسىلىرىگە ئۇچراپ تۇرغاچقا تەبىئىتىدىنمۇ دەز - يېرىقچىلىرى بولۇشى نۇرمال ئەھۋال.

زىرە قاشلار گەرچە پارتىلىتىش ، يېرىلىش ئەھۋاللىرىغا دۇچ كەلمەيدىغان بولسىمۇ ، بىراق نەچچە ئون مىڭ يىللىق تاغ يۆتكىلىش ھەرىكىتى ، دەريا-ئېقىنلارنىڭ يۆتكىلىشى ۋە قار-بورانغا ئۇچراش جەريانىدا زىرە قاشلار توختىماي ئۇرۇلۇپ سوقۇلۇپ پارچىلىنىپ كىچىكلەپ ئاخىر ھازىرقى ئۇششاق ھالەتتە شەكىللەنگەن ، چوڭ زىرە قاشلار ئاساسەن يوق دىيەرلىك.

خوتەن زىرە قاشلىرى ئاز بولغاچقىلا قىممەتلىك ، باھاسىمۇ ئېغىرلىقى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك.شۇڭا خوتەن قاش كەسىپىدىكىلەر ھەرگىزمۇ چوڭ زىرە قاشنى كىچىك پارچىلاپ ئويما ئويمايدۇ.چوڭ قاش چوڭ ھالىتىدە ، كىچىك قاش كىچىك ھالىتىدە لاھىيلەپ  ئۇيىدۇ .

دىيارىمىزدىكى بىر گىئولوگ 1994-يىلى شىنجاڭ خەلق نەشىرياتى نەشىر قىلغان << جۇڭگۇ خوتەن قاشلىرى >> ناملىق كىتابتا : << خوتەن قاشلىرىنىڭ چوڭ-كىچىكلىكى ئۇنىڭ ھۈنەر-سەنئىتىگە باھا بېرىشتىكى بىر مۇھىم ئامىل.ئوخشاش رەڭ ۋە سۈپەتتىكى ئىككى دانە قاشنىڭ قايسىسى چوڭ بولسا شۇنىڭ دەرىجىسى ھەم باھاسىمۇ يۇقىرى بولىدۇ >> دەپ يازغان.

rdn_4ed48a004d31e

2 . تارىختا چوڭ قاش ئويمىلارنىڭ ئەتىۋارلىنىشى

چوڭ خوتەن قاشلىرى ئىنتايىن قىممەتلىك گۆھەر . تارىختا ئېغىرلىقى 100 كىلودىن ، ئىگىزلىكى بىرگەزدىن ( بىر گەز 33 سانتىمىتېر ) ئاشىدىغان ئاق قاش چوڭ ، قىممەتلىك گۆھەر قاتارىدا سانىلىپ كەلگەن.قاش قازغۇچىلاردا مۇبادا بۇنداق چوڭ قاشنى ئۇچرىتىپ قالسا چۇقۇم ئوردىغا مۇلۇم قىلىشى كېرەك بولۇپ پەرمانغا بويسۇنلارغا تارتۇقلىنىپ ، خىلاپلىق قىلغانلار جازالانغان.

تارىختىكى ئەڭ چوڭ خوتەن قاش ئويما بولسا ھازىر بېيجىڭ خان سارىيى موزىيىدا ساقلىنىۋاتقان << يۈ ۋەزىنىڭ كەلكۈننى تىزگىللىشى >> ناملىق ئويما بولۇپ ، ئېغىرلىقى 5350 كىلو كېلىدىغان بۇ خوتەن كۆكۈش قاش قاراقۇرۇم باغرىدىكى مىرداي كاندىن تېپىلغان.

 ( تەپسىلاتىنى دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ خوتەن قاش ئويما ناملىق ئەسەردىن كۆرگەيسىز )

ئۇنىڭدىن باشقا بېيجىڭ خان سارىيى موزىيىدا يەنە بىر قانچە مۇشۇنداق چوڭ تىپتىكى  قاش ئويمىلار بار بۇلۇپ ھەممىسى خوتەن قاشلىرىدىن ئۇيۇلغان ، دۆلىتىمىزنىڭ ئەتىۋارلىق گۆھەرلىرى.

9643dcf4-b64f-4249-8df7-3a311ffb69a7

3 . دەۋر ئۆزگىرىشىنىڭ چوڭ قاشلارنىڭ قىممىتىگە كۆرسەتكەن تەسىرى

قەدىمدىن بۇيان ئوخشاش قاشلارنىڭ قايسى چوڭ بولسا شۇنىڭ باھاسى يۇقىرى بولۇپ كەلگەن.بىراق بىزنىڭ دەۋرىمىزگە كەلگەندە بۇ ئەھۋالدا ئۆزگىرىش بولىۋاتىدۇ.شىنجاڭ خوتەن قاش بازار ئۇچۇرى بىرلەشمسىىنىڭ ئېلان قىلغان خوتەن زىرە قاش باھا ئۇچۇرىغا قارايدىغان بولساق 1 ~ 200 

گرام ئارلىقىدىكى يارام خوتەن زىرە قاشلىرىنىڭ ھەر گرامى 20-30 مىڭ يۈەن ئەتراپىدا ؛  200 ~ 500 گرام ئارلىقىدىكى يارام زىرە قاشلارنىڭ ھەر گرامى 15-20 مىڭ يۈەن ئەتراپىدا ؛ 500 ~ 1000 گرام ئارلىقىدىكى يارام زىرە قاشلارنىڭ ھەر گرامى 9-15 مىڭ يۈەن ئارلىقىدا ؛ 1000 ~ 2000 گرام ئارلىقىدىكى يارام زىرە قاشلارنىڭ ھەر گرامى 7000-9000 يۈەن ئارلىقىدا بولىۋاتىدۇ.

ئاپتۇرنىڭ قارىشىچە زامانىمىزدا زىرە قاشلارنىڭ چوڭ قاشلاردىن بەكرەڭ ئەتىۋارلىنىشىدا كىشىلىرىنىڭ ئىستىتىك گۈزەللىك قارىشىنىڭ ئۆزگىرىشى ۋە بازار ئېھتىياجىنىڭ ئۆزگىرىشىنىڭ زىچ مۇناسىۋىتى بار.

مەيلى قانداقلا بولمىسۇن چوڭ قاشلار يەنىلا قىممەتلىك گۆھەر ھېسابلىنىدۇ . سەنئەت ئەسەرلىرىنى يىغىپ ساقلاش مودىغا ئايلانغاندا خوتەن چوڭ قاشلىرىنىڭ بازىرى تېخىمۇ جانلىنىدۇ.

ecec435bebb56b34

4 . ئويمىچىلىق ۋە يېڭى ئىدىيەلەرنىڭ خام ماتىريالنىڭ قىممىتىگە كۆرسەتكەن تەسىرى

(1) ئويمىچىلىق ئۈسكۈنىلىرىنىڭ ئىلغارلىشىشى چوڭ قاشلارنىڭ قىممىتىنى ئاشۇردى

تارىخنى ۋاراقلايدىغان بولساق كونا تاش قورال دەۋرىدە كىشىلەر تاشنى قاشقا سۈركەش ئارقىلىق قاش ئويمىلارنى ئۇياتتى . يېڭى تاش قورال دەۋرىدە بولسا قول ھۈنەر-سەنئىتى ئارقىلىق ئويىدىغان بولدى. برونزا دەۋرىگە كەلگەندە تېخنىكىلار ئىلغارلىشىپ ئويمىچىلىق ئۈسكۈنىلىرى بارلىققا كەلدى.

بۈگۈنكى كۈندە جۇڭگۇ قاش قاش ئويمىچىلىقى ئاللىبۇرۇن تېخنىكا دەۋرىگە كىرىپ بولدى.ئىلغار ئۈسكۈنىلەردە سىپتىلىق ، ئىنچىكىلىك بىلەن ئۇيۇلغان چوڭ ئويمىلار خوتەن قاشلىرىنىڭ قىممىتىنى تېخىمۇ ئاشۇردى.

(2) ئۆزگىچە لاھىيەلەر چوڭ قاشلارنىڭ جەلپ قىلىش كۈچىنى ئاشۇردى

قەدىمدىن ھازىرغىچە چوڭ قاشلارنى ئۇيۇشتا << نۇقسانىنى يېپىپ ، ئۆزگىچىلىكىدىن پايدىلىنىش >> ئىنتايىن مۇھىم ھالقا بولۇپ كەلدى.چوڭ قاشلارنىڭ يېرىق ، دەز ، دۇغ ، چېچەك ... قاتارلىق ئەيىپ - نۇقسانلىرىمۇ يەتكۈچە بولىدۇ.بۇرۇنقى زاماندا ئانچە-مۇنچە ئەيىپى نار چوڭ قاشلار ئەخلەت قاش قاتارىدا سانىلاتتى . ھازىر بولسا ئۆزگىچە لاھىيەلەرنىڭ تەسىرىدە چوڭ قاشلارنىڭ ئەيىپلىرىمۇ ئۆزگىچىلىككە ئايلىنىپ جەلپ قىلىش كۈچى ئاشتى.

**********

ئاپتۇر ھەققىدە  :

چى باۋجىيا 池宝嘉 ___________  

133050hcc8ym9pile4emih11

جوڭگۇ خوتەن قاش بازار تەھلىلچىسى

شىنجاڭ خوتەن قاشلىرى تارىخىي موزىيىنىڭ قۇرغۇچىسى، باشلىقى 

‹‹جوڭگۇ خوتەن قاشلىرى ›› ژورنىلىنىڭ باشلىقى

 شىنجاڭ مەرىپەت ئۇنۋىرسىتىتىنىڭ فراپىسسورى

 بېيجىڭ دېۋېيلەن 德威兰 مەدەنىيەت شىركىتىنىڭ قۇرغۇچىسى

2016-يىلى 7-ئاينىڭ 4-كۈنى

مەنبە : << جۇڭگۇ خوتەن قاشلىرى >> ( 中国和田玉杂志 )  ژۇرنىلى 7-سان

خەتكۈش :

كۆڭۈل سۆزلىرى

error: يۆتكىمەكچى بولسىڭىز بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ