A-A+

12-نۆۋەتلىك خوتەن قاش بايرىمى

2015-يىل 25-ئاۋغۇست ئەقىدە قاش ئىنىستىتۇتى باھا يوقكەن زىيارەت: 459 قېتىم

ئەقىدە شىركىتى مەرۋايىت زىننەتلىرى بۆلىمىدىن ئادالەت ئابلىكىم تەرجىمىسى

2014 - يىلىدىكى خوتەن قاش مەدەنىيەت - ساياھەت بايرىمى كۆپچىلىكنىڭ  ئېسىدە بولۇشى مۇمكىن. بۇ يىلمۇ مېھماندوست خوتەن خەلقى يۈرۈڭقاش دەرياسى بويىغا كەڭ خوتەن قاش ھەۋەسكارلىرى ئۈچۈن داستخان ھازىرلىدى .

 2014 - يىللىق خوتەن قاش مەدەنىيەت - ساياھەت بايرىمىدىكى << خوتەن قاش شاھى >>

1438253181830

يېقىندا ئۈرۈمچى خۇالىڭ مېھمانسارىيىدا ، 12 - نۆۋەتلىك خوتەن قاش مەدەنىيەت - ساياھەت بايرىمىنىڭ ئاخپارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى . شىنجاڭ خوتەن قاشلىرى بازار ئۇچۇرى بىرلەشمىسىنىڭ باشلىقى ماگوچىن بۇ قېتىمقى بايرامنىڭ يۇرۇق نۇقتىسىنى بايان قىلدى .

 خوتەن قاشلىرى بازار ئۇچۇرى بىرلەشمىسىنىڭ باشلىقى ماگوچىن

1438252780798

1 . يارام قاشلار ۋە نەپىس ئويمىلار كۆرگەزمە قىلىنىدۇ 

بۇ قېتىمقى بايرام شەكىل جەھەتتىن تەبىئىي بازار ھالىتىدە ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ ، ئالارمەن بىلەن ساتارمەن باھادا كېلىشىپ  نەق مەيداندا بىۋاستە سودا قىلىدۇ . ئالاھىدە تەكلىپ قىلىنغان   خوتەن قاش مۇتەخەسىسلىرى  خېرىدارلارغا ياردەملىشىپ قاشنىڭ سۈپىتى ۋە باھاسىنى جەزىملەشتۈرۈپ  ئىككى تەرەپنى ماسلاشتۇرىدۇ.

ئەلۋەتتە بۇ يىلمۇ دىيارىمىز ۋە ئىچكىرىدىكى ئويمىچىلار ئويغان نەپىس قاش ئويمىلار كۆرگەزمىگە  قاتناشتۇرىلىدۇ ۋە 2015 - يىللىق << خوتەن قاش شاھى >> باھالاپ چىقىلىدۇ .

2 . خوتەن قاشلىرى مەدەنىيەت - تەرەققىيات مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزىلىدۇ

ئاپتۇنۇم رايۇنىمىز ۋە ئىچكىرىدىكى داڭلىق خوتەن قاش سودىگەرلىرى ، قاش مۇتەخەسىسىلىرى ۋە بىر قىسىم كارخانىچىلار بىرلىكتە خوتەن قاشلىرىنى قېزىش ، سېتىش ۋە مەدەنىيىتى ، كەلگۈسى ئىستىقبالى ھەققىدە مۇھاكىمە ئېلىپ بارىدۇ.

3 .خوتەن قاش مەدەنىيىتى ئوبراز ۋەكىلى تاللاپ چىقىلىدۇ 

خوتەن قاش مەدەنىيىتىنى تەشۋىق قىلىش ، ئويمىچىلىقنى كېڭەيتىش ، داڭلىق ماركا يارىتىش ، بازارنى گۈللەندۈرۈش ئۈچۈن بۇ قېتىمقى بايرامدا  بېيجىڭ ، شاڭخەي ، سۇجۇ ، ياڭجۇ ، ئەنخۇي ۋە دىيارىمىز قوشۇلۇپ ھەر بىر ئۆلكىدىن بىردىن << خوتەن قاش مەدەنىيىتى ئوبراز ۋەكىلى  >> تاللاپ چىقىلىدۇ .

4 . نۆل يۈئەندىن باشلىنىدىغان << كىم ئاشىدۇ >> قىلىپ سېتىش  پائالىيىتى ئۆتكۈزىلىدۇ 

بۇ بايرامغا شىنجاڭ خوتەن قاشلىرى بازار ئۇچۇرى بىرلەشمىسى 60 دانە خوتەن قاش ئويمىنى ئالاھىدە تەييارلىغان بولۇپ ، بىر قىسىملىرى يېتىلىۋاتقان ياش ئويمىچىلار ئويغان ئويما ئىكەن . ئەگەر بايرام جەريانىدا سىز  نۆل يۈەندىن باشلانغان << كىم ئاشىدۇ >> قىلىپ سېتىش  پائالىيىتىگە قاتنىشىپ قالسىڭىز كەلگۈسىدىكى داڭلىق ئويمىچىلىرىمىزنىڭ ئويمىسىنى ئەرزان باھادىلا سېتىۋالالىشىڭىز مۇمكىن .

بايرامدا يەنە ئۇيغۇر تىبابەت دورىلىرى ، ئۇيغۇر مەدەنىيەت ھۈنەر - سەنئەت بۇيۇملىرى كۆرگەزمە قىلىنىدۇ .

مەنبە: تور دۇنياسى

2015-يىلى 8-ئاينىڭ 25-كۈنى

خەتكۈش :

كۆڭۈل سۆزلىرى

error: يۆتكىمەكچى بولسىڭىز بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ