دۆلەتلىك خوتەن قاش ئويمىچىلىق ئۇستازى ماشۆۋۇ
ئەقىدە شىركىتى مەرۋايىت زىننەتلىرى بۆلىمىدىن ئادالەت ئابلىكىم يازمىسى
ماشۆۋۇ-تۇڭگان
1957-يىلى 12-ئايدا شىنجاڭدا تۇغۇلغان.
شىنجاڭ سانائەت ئىنىستۇتىنى پۈتتۈرگەن.ئىسلام دىنىغا ئېتقاد قىلىدۇ.
دۆلەت دەرىجىلىك قاشتېشى ئويمىچىلىق ئۇستازى
دۆلەت دەرىجىلىك ھۈنەر-تېخنىكا ئۇستازى
شىنجاڭ خوتەن قاشلىرى مەدەنىيىتى تەتقىقات يۇرتىنىڭ باشلىقى
قاشتېشى ئويمىچىلىق تەربىيلەش مەكتىبىنىڭ مۇدىرى
شىنجاڭ ئۈنچە-مەرۋايىت قاشتېشى جەمىئىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى
شىنجاڭ ئاق قاشتېشى شەھەرچىسى مىللىي قاشتېشى ئويمىچىلىق ھۈنەر-سەنئىتى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ باش دېرىكتۇرى.
ماشۆۋۇنىڭ خوتەن قاشلىرى ھەققىدە بايانى
خوتەن قاش ئويمىچىلىقىدا ئىمكان قەدەر ئەسلى ھالىتى بويىچە ئۆزىدە بار بولغان گۈزەللىكنى جۇلالاندۇرۇشقا تىرىشىش كېرەك.بۇ تەبىئەت بىلەن ئىنسانلارنىڭ بېرىكىش جەريانى ،ئادەم بۇلۇش جەريانى ھەم خوتەن قاشلىرىنىڭ گۈزەللىكنى ئىپادىلەش جەريانىدۇر.خوتەن قاشلىرىنىڭ گۈزەللىكىنى بايقاشتا ئۇنىڭ ئۆزىدە بار بولغان تەبىئىي ئالاھىدىلىكلەرنى ئەستايىدىل كۆزىتىش كېرەك.ئاندىن بىزدىكى سەنئەت بىلەن بىرلەشتۈرۈپ خوتەن قاشلىرىنى تېخىمۇ جۇلالاندۇرۇش كېرەك.بۇ جەرياننى بىز گۈزەللىكنى يۈكسەكلىككە كۆتۈرۈش دەيمىز.ئەگەر ئۆزىمىزدە بار بولغان سەنئەت تەسەۋۇرىنى خوتەن قاشلىرىغا تاڭساق ھەم ئۇنى ئۆزىمىزنىڭ تەپەككۇرى بويىچە سەنئەت ئەسىرى قىلىپ ئۇيۇپ چىقساق،بۇ خوتەن قاشلىرىغا نىسپەتەن ئادىل بولمايدۇ.مېنىڭچە بولغاندا بىز خوتەن قاشلىرىنىڭ ئۆزىدە بار بولغان گۈزەللىكنى تېپىپ چىقىپ ئۇنىڭدىن ھۇزۇرلىنىشنى ئاساس،ئۇيۇشنى قۇشۇمچە قىلساق توغرا بولىدۇ.ئويمىچىلىق خوتەن قاشلىرى ئۈچۈن خىزمەت قىلىدۇ.خوتەن قاشلىرى ئويمىچىلىق ئۈچۈن خىزمەت قىلمايدۇ.ئويمچىلىق بىر جەريان،خوتەن قاشلىرىدىكى ھەقىقىي گۈزەللىكنى ئىپادىلەشلا تۈپ مەقسەت.
ماشۆۋۇ ئويغان خوتەن قاش ئويمىلار
سۈرەتلەرنىڭ مەنبەسى : تور دۇنياسى