A-A+

نامراتلار بىر ئىشتا دەماللىققا بىر قارارغا كېلەلمەيدۇ، بايلار كىسىپ قارار چىقىرىدۇ

2015-يىل 4-ئاپرېل تەرجىمە كىتابلىرىمىز باھا يوقكەن زىيارەت: 257 قېتىم

نامراتلار قوي تەبىئەتلىك،بايلار بۆرە تەبىئەتلىك بولىدۇ

( بىرىنچى كىتاپ )

29781515515736

5-باپ 4-پارىگىراپ

نامراتلار بىر ئىشتا دەماللىققا بىر قارارغا كېلەلمەيدۇ،

بايلار كىسىپ قارار چىقىرىدۇ

  يەھۇدىيلار«دۇنيادىكى ئەڭ كۆپ پۇل تاپالايدىغان مىللەت» دەپ قارىلىدۇ، ئۇلارنىڭ مۇنداق بىرھېكىمەتلىك سۆزى بار: «ئادەمنىڭ ھاياتىدىكى ئۈچ نەرسىنى ھەددىدىن زىيادە ئىشلىتىشكە بولمايدۇ، ئۇلار بولكا پىشۇرۇشتا ئىشلىتىلدىغان ئېچىتقۇ، تۇز ۋە ئىككىلىنىش.» تىجارەتتە ناھايىتى پىشقان يەھۇدىيلارغا نىسبەتەن، ئېچىتقۇ كۆپ قويۇلۇپ كەتسە بولكا ئېچىپ قالىدۇ؛ تۇز كۆپ قويۇلۇپ كەتسە قورۇما تۇزلۇق بولۇپ قالىدۇ؛ ئىش قىلغاندا ھەمىشە ئىككىلىنىپ بىر قارارغا كىلەلمىگەندە، پۇل تېپىشنىڭ نۇرغۇنلىغان پۇرسىتى كېتىپ قالىدۇ.

   ھەقىقەتەن،قەدىمدىن – ھازىرغىچە ئۆتكەن نەتىجە قازانغان بايلارنىڭ ھەممىسىنىڭ مۇنداق بىرئورتاق ئالاھىدىلىكى بار: پۇل تېپىشنىڭ پۇرسىتى كەلگەندە ھوشىيار تۇرۇش، دەرھال قول سېلىپ پۇرسەتنى ئالدىن ئىگەللەش. سېلىشتۇرۇپ قارايدىغان بولساق، دائىم ئىككىلىنىپ ئارسالدى بولىدىغان كىشىلەر پۇل تېپىشنىڭ پۇرسىتىدىن مەھرۇم بولۇپ، بايلىققا ئېرىشەلمەيدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلار بايلىقنى قوغلىشىش يولىدا ھەمىشە غەلبىدىن قۇرۇق قالىدۇ.

   بۇ دەل نامراتلار بىلەن بايلارنىڭ پەرقىدۇر.يەنى، نامراتلار بىر ئىشلاردا دەماللىققا بىر قارارغا كىلەلمەيدۇ، بايلار كېسىپ قارار چىقىرىدۇ.

    بىز بىرلىكتە بىر ھېكىمەتلىك ھېكايىنى كۆرۈپ باقايلى:

   ئىككى نامرات ئادەم دېڭىز بۇيىغا ئوينىغىلى بېرىپتۇ، ئويناپ ھارغاندىن كىيىن ئۇلارقۇملۇقتا ئۇخلاپ قاپتۇ. بۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىرى بىر چۈش كۆرۈپتۇ: دېڭىزنىڭ قارشىسىدىكى ئارالدا بىر باي بولۇپ، بۇ باينىڭ گۈللۈكى نۇرغۇنلىغان ئەتىرگۈللەربىلەن بېزەلگەن ئىكەن، ھەمدە بىر ئاق ئەتىرگۈلنىڭ غولىنىڭ ئاستىدىكى تۇپراققا نۇرغۇنلىغان سېرىق ئالتۇنلار كۆمۈلگەن ئىكەن.

  ئويغانغاندىن كىيىن، چۈش كۆرگەن نامرات ئۆزىنىڭ چۈشىنى يەنە بىرسىگە ئېيتىپ بېرىپتۇ ۋە  دەپ بولغاندىن كىيىن،  ئارسالدى بولۇپ ئۆز – ئۆزىگە: «بارايمۇ ياكى بارمايمۇ؟ مەن بۇ چۈشنىڭ راست – يالغانلىقىنى بىلمەيمەن، ئەگەر يالغان بولسا، مەن بېكاردىن – بېكار ئاۋارە بولىمەن؛ ئەگەر راست بولسا، مەن بارمىسام ناھايىتى ئەپسۇسلىنارلىق ئىش بولىدۇ. ھەي! ئاۋارىچىلىق! بارايمۇ ياكى بارمايمۇ؟» دەپتۇ.

   ئۇئارىسالدى بولۇپ ئولتۇرۇپ قارار چىقىرالمىغان ۋاقىتتا، يەنە بىر نامرات ئادەممۇ بۇنىڭدىن ھاياجانلىنىپتۇ، ھەمدە كەسكىنلىك بىلەن: «بولمىسا سەن چۈشۈڭنى ماڭا ستىپ بەرگىن!» دەپتۇ. چۈش كۆرگەن ئادەم ئارسالدىلىق ئىچىدە تۇرغاچقا، قارشى تەرەپنىڭ چۈشنى سېتىۋالدىغانلىقىنى ئاڭلاپ قوشۇلۇپتۇ. شۇنداق قىلىپ، ئىككىنچى نامرات ناھايىتى ئەرزان باھادا چۈشنى سېتىۋاپتۇ.

   چۈشنى سېتىۋالغاندىن كىيىن، ئىككىنچى نامرات دېڭىزنىڭ قارشىسىدىكى ئارالغا قاراپ يول ئاپتۇ. ئۇ نۇرغۇن يوللارنى يۈرۈپ بۇ ئارالغا يىتىپ كەپتۇ، ھەمدە بۇ ئارالدا ھەقىقەتەن بىر باينىڭ تۇرۋاتقانلىقىنى بايقاپتۇ. بۇ بايغا يېقىنلىشىش ئۈچۈن، ئۇ تەۋەككۈلچىلىك بىلەن باينىڭ ئۆيىگە بېرىپ باغۋەن بوپتۇ.

   باينىڭ گۈللۈكى ناھايىتى چوڭ بولۇپ، ئىچىدە خىلمۇ – خىل گۈللەر ئېچىلىپ كەتكەن ئىدى. چۈشنى سېتىۋالغان بۇ ئادەم خىزمەتتىن سىرتقى ۋاقىتلاردا ھېلىقى ئالتۇنلارنى تېپىش ئۈچۈن گۈللەرنىڭ تۈۋىنى بىر تۈپ، بىر تۈپتىن ئىزدەپتۇ.كۈنلەر ئۆتۈپ، يىللار ئۆتۈپ، ئۇ ئاخىرى بىر تۈپ ئەتىرگۈلنىڭ ئاستىدىن بىر چوڭ كۈپتىكى سېرىق ئالتۇنلارنى تېپىپتۇ.

   چۈشنى سېتىۋالغان ئادەم ناھايىتى خۇشال بولۇپ، كولىۋالغان بىر كۈپ ئالتۇننى ئېلىپ يۇرتىغا قايتىپ كەپتۇ، ھەمدە شۇ جايدىكى ئەڭ باي ئادەمگە ئايلىنىپتۇ. ئەينى يىللاردىكى چۈش ساتقان ئادەم ئاللىقاچان ھېچنىمىسى يوق سالپى-ساياققا ئايلىنىپ قالغان بولۇپ، بۇ خەۋەرنى ئاڭلىغاندىن كىيىن ئۆزىنىڭ ئىككىلەنگەنلىكىگە ناھايىتى پۇشايمان قىپتۇ.

   يۇقىردىكى ھېكايىدىن بىز شۇنى كۆرۈۋالالايمىزكى، ئىككىلىنىپ بىر قارارغا كېلەلمەسلىك بايلىق يولىدىكى بىر توسالغۇ تاش. ئىككىلىنىپ بىر قارارغا كىلەلمىگەچكە، چۈش ساتقان ئادەم ئۆزىگە تەۋە بولغان بايلىق پۇرسىتىنى باشقىلارغا قوش قوللاپ ئۆتۈنۈپ بەرگەن، ھەمدە بايلىقتىن ئەبەدىي خوشلاشقان. ئەكسىچە، ئىككىلەنمەستىن كەسكىنلىك بىلەن قارارچىقىرىپ چۈش سېتىۋالغان ئادەم پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، ئاخىرىدا بايلىق بوسۇغىسىغا قەدەم قويىدىغان پۇرسەتكە ئىگە بولغان.

   بۇنىڭدىن كۆرۈۋالغىلى بولىدۇكى، كەسكىنلىك بىلەن قارار چىقىرىش بايلارغا ئايلىنىشتىكى زۆزۈربولغان ئىقتىدار. بولۇپمۇ ھازىرقى توختىماستىن ئۆزگىرىپ تۇرۋاتقان ئۇچۇرجەمئىيىتىدە پۇرسەت تىز پەيدا بولۇپ، تىز يوقايدۇ، پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇۋالالمىغاندا ئۇ قايتىپ كەلمەيدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، كەسكىنلىك بىلەن قارار چىقىرىش ئىقتىدارى ناھايىتى مۇھىم، نامراتلىق يولىغا قاراپ مېڭىش ياكى بايلىق يولىغا قاراپ مېڭىشنىڭ قارار چىقارغان شۇ دەقىقىگە باغلىق بولۇش مۇمكىنچىلىكى چوڭ.

   ئامېرىكا تۈرلۈك ماللار كەسپىنىڭ سەركىسى جون.گېنۇش بۇ قائىدىنى چوڭقۇر چۈشىنىدىغان ئادەم.

   ئىلگىرىكى بىر مەزگىلدە، جون.گەنبۇش ئولتۇراقلاشقان بولۋېر رايونى ئىقتىسادىي كىرىزىسنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ، نۇرغۇنلىغان زاۋۇت ۋە سودا دۇكانلىرى ئارقا – ئارقىدىن تاقىلىپ قالغان، ھەمدە ئۆزلىرىنىڭ ماللىرىنى ناھايىتى تۆۋەن باھادا سېتىپ چىقارغان (ئەينى ۋاقىتتا بىر ئامېرىكا دوللىرىغا 100 جۈپ پايپاق سېتىۋالغىلى بولاتتى).

   ئەينى ۋاقىتتا، بىر توقۇمىچىلىق زاۋۇتىنىڭ تېخنىكى بولغان جون بۇ ئەھۋالنى كۆرگەندىن كىيىن، ئىككىلەنمەستىنلا ئۆزىنىڭ يىغقان پۇللىرىنى ئېلىپ ئەرزان باھالىق بۇماللارنى سېتىۋالغان، كىشىلەر ئۇنىڭ بۇ ھەركىتىنى كۆرگەندىن كىيىن ئۇنىڭ مېڭىسىدە مەسىلە بار دەپ قاراپ،  جامائەتنىڭ ئالدىدا ئۇنى ئەخمەق دەپ مەسخىرە قىلغان.بىراق جون باشقىلارنىڭ مەسخىرىسى سەۋەبلىك ئۆزىنىڭ قارارىنى ئۆزگەرتمىگەن، ئۇ يەنىلا ئۆزىنىڭ قارارىدا چىڭ تۇرۇپ، ھەر قايسى زاۋۇت ۋە سودا دۇكانلىرىنىڭ ئەرزان باھادىكى ماللىرىنى سېتىۋالغان، ھەمدە ناھايىتى چوڭ بىر ئامبارنى ئىجارىگە ئېلىپ يىغىۋالغان  ماللارنى ساقلىغان.

   بۇنىڭدىن جون.گەنبۇشنىڭ ئايالى ناھايىتى ئاچچىقلىنىپ، ئۇنىڭغا باشقىلارنىڭ تۆۋەن باھادىكى ماللىرىنى سېتىۋالماسلىقنى ئاگاھلاندۇرغان. چۈنكى ئۇلارنىڭ پۇلى كۆپ ئەمەس بولۇپ، بىر قىسىم پۇللىرىنى بالىلارنىڭ خراجىتىگە ئىشلىتىشى لازىم ئىدى. ئەگەرجوننىڭ بۇ قېتىمقى مەبلەغ سېلىش ھەركىتى ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچراپ مەغلۇبىيەت بىلەن ئاخىرلاشسا، ئاقىۋىتىنى تەسەۋۋۇر قىلىش تەس بولاتتى.

   جون.گەنبۇش ئايالىنىڭ ئاگاھلاندۇرۇشى ۋە ئەندىشىسىنى ئاڭلىغاندىن كىيىن، ئۆزىگە ئىشەنگەن ھالدا ئايالىغا تەسەللىي بېرىپ: «سىز خاتىرجەم بولۇڭ، ئۈچ ئايدىن كىيىن بىز بۇماللارغا تايىنىپ چوڭ بايلاردىن بولۇپ قالىمىز.» دەپتۇ.

  10نەچچە كۈن ئۆتكەندىن كىيىن، بۇ زاۋۇت ۋە سودا دۇكانلىرىنىڭ باھاسى چۈشۈرۈلگەن ماللىرى سېتىلمايدىغان بولغان. بازاردىكى مال باھاسىنى تۇراقلاشتۇرۇش ئۈچۈن، سېتىپ چىقىرىلمىغان ماللار ماشىنا بىلەن توشۇلۇپ كۆيدۈرۋېتىلگەن. جون.گەنبۇشنىڭ ئايالى بۇنى بىلگەندىن كىيىن بىئارام بولۇپ، ئېرىدىن ئاغرىنىشقا باشلىغان. جون،گەنبۇش ئايالىنىڭ ئاغرىنىشلىرىغا پەرۋا قىلمىغان.

   ئاخىرىدا،ئامېرىكا ھۆكۈمىتى جىددى تەدبىر قوللىنىپ بولۋېر رايونىنىڭ مال باھاسىنى تۇراقلاشتۇرۇشقا باشلىغان، ھەمدە بۇ يەردىكى زاۋۇت – سودا دۇكانلىرىنىڭ قايتا ئىشقا كىرىشىشىنى زور كۈچ بىلەن قوللىغان. بىراق كۆيدۈرۋېتىلگەن ماللار زىيادە كۆپ بولۇپ مال قىس بولغاچقا، مەزكۇر جاينىڭ ماك باھاسى داۋاملىق ئۆرلىگەن. بۇ ۋاقىتتا،جون.گەنبۇش ئۆزىنىڭ ئامباردا ساقلاۋاتقان كۆپ مىقداردىكى ماللىرىنى سېتىپ چىقىرىشنى قارار قىلغان، بۇنداق بولغاندا نۇرغۇن پۇل تاپقىلى بولۇپلا قالماستىن، يەنە بازاردىكى مال باھاسىنى مۇقىملاشتۇرۇش ئۈچۈن تۆھپە قوشقىلى بولاتتى.

   جون.گەنبۇش ئامباردىكى ماللارنى سېتىۋېتىشنى قارار قىلغان ۋاقىتتا، ئايالى ئۇنى يەنە جىددىيلەشمەسلىككە ئاگاھلاندۇرۇپ، مال باھاسىنىڭ كۈنسىرى يۇقىرىلاۋاتقانلىقىنى ئېيىتقان. بىراق جون بۇنىڭغا پەرۋا قىلماستىن كەسكىنلىك بىلەن: «مال ساتىدىغان ۋاقىت كەلدى، يەنە ئارقىغا سۆرىسەك چوقۇم ‹پۇشايماننى ئالىدىغان قاچا›تاپالماي قالىمىز.» دەپتۇ.

  جون.گەنبۇشنىڭ ئېيىتقىنىدەك، ئۇ ماللىرىنى سېتىپ بولۇشىغىلا باھا يەنە چۈشۈپ كېتىپتۇ. ئۇنىڭ ئايالى بۇنىڭدىن ناھايىتى خۇشال بولۇپ، ئۇنىڭ يىراقنى كۆرەرلىكى ۋە كەسكىنلىكىگە قايىل بوپتۇ.

   ئۇنىڭدىن كىيىن، جون.گەنبۇش بۇ پۇللىرىغا تايىنىپ بەش جايدا تۈرلۈك ماللار دۇكىنى ئاچقان،سودىسىمۇ ناھايىتى ياخشى بولغان. بۈگۈنكى كۈندە، جون.گەنبۇش ئاللىقاچان پۈتكۈل ئامېرىكىدىكى قولىنى نەگە سۇنسا يىتىدىغان سودا سەركىسىگە ئايلانغان.

   ئېنىقكى،جون.گەنبۇشنىڭ بۇنچىلىك كۆپ بايلىققا ئېرىشىشىدىكى سەۋەب، ئۇنىڭ كەسكىنلىك بىلەن قارار چىقىرىش ئىقتىدارىنىڭ بولغانلىقىدا. ئۇ ھالقىلىق ۋاقىتلاردا كەسكىنلىك بىلەن قارار چىقىرىپ، ئۆزىنىڭ مەيدانىدا چىڭ تۇرغاچقا، ھەمدە قارارىنى تەۋرەنمەستىن ئىجرا قىلغاچقا، ئۇ بىر كىچىك تېخنىكتىن تۈرلۈك ماللار كەسپىدىكى سەركىلىك ئورۇنغا چىققان.

   ئويلاپ باقايلى، ئەگەر جون.گەنبۇش پۇل تېپىش پۇرسىتى كەلگەندە ھەمىشە ئىككىلىنىپ قارارچىقىرالمىسا، باشقىلارنىڭ سۆز – چۆچىكى ۋە مەسخىرىسى سەۋەبلىك ئۆزىنىڭ قارارىدىن گۇمانلانسا، ھەتتا مال سېتىۋېلىشتىن ۋاز كەچسە، خوتۇنىنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ مالنىڭ سېتىش ۋاقتىنى ئارقىغا سۆرىسە، ئۇنداقتا ئۇ يەنە بۇ  ئىقتىسادىي كىرىزىستا پۇل تېپىپ ئۆزىنىڭ كىيىنكى بايلىق چۈشىنى ئەمەلگە ئاشۇرالامتى؟

   جاۋاب ئەلۋەتتە «ياق.» چۈنكى پۇل تېپىشنىڭ پۇرسىتى كۆزنى يۇمۇپ – ئاچقۇچە يوقىلىپ كېتىدۇ، ئەگەر كەسكىنلىك بىلەن قارار چىقىرىش ئىقتىدارى كەمچىل بولغاندا، بايلىققا ئېرىشىشنىڭ ئەڭ ياخشى پۇرسىتىدىن مەھرۇم قالىمىز.

   شۇنىڭ ئۈچۈن، باي بولۇشنى ئويلايدىغان دوستلارغا نىسبەتەن ئېيىتقاندا، بايلىق قوغلىشىش يولىدا ئاڭلىقلىق بىلەن ئۆزىنىڭ قارار چىقىرىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش، ھەر ۋاقىت ئارىسالدى بولۇش، ئىككىلىنىشتىن ئىبارەت بۇ دۈشمەندىن ساقلىنىش كېرەك.

بايلىقنىڭ بايانى:

   دۇنيادىكى ئەڭ بىچارىلەر دەل ئىش قىلغاندا ئىككىلىنىپ، ئارسالدى بولىدىغان، ئۆزىنىڭ مۇستەقىل كۆز –قارشى يوق، قارار چىقىرالمايدىغان كىشىلەردۇر. بۇ خىلدىكى مۇستەقىل كۆز – قارشى يوق،ئىرادىسى ئاجىز كىشىلەرنىڭ باشقىلارنىڭ ئىشەنچىسىگە ئېرىشىشى ناھايىتى تەس بولۇپ،ئۆزىنىڭ ئىشلىرىدا مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشىمۇ تەس. ئەگەر بايلاردىن بولۇشنى ئويلىساق، ئۇنداقتا بايلارنىڭ كەسكىنلىك بىلەن قارار چىقىرىش ئىقتىدارىنى ئۆگىنىشىمىز كېرەك، پەقەت شۇنداق بولغاندىلا، ئاندىن ئۆزىمىزنىڭ بايلىق چۈشىنى ئەمەلگە ئاشۇرالايمىز.

*****************************

مەنبە:خاربىن نەشىرياتى 2011-يىلى نەشىر قىلغان

<<نامراتلار قوي تەبىئەتلىك، بايلار بۆرە تەبىئەتلىك>> ناملىق كىتاب

تەرجىمە قىلغۇچى:ئەقىدە قاشگەرلىكى شىركىتى -ئويغۇر قاشتېشى تورى

WWW.UYHQT.CN

تەرجىمان:ئابدۇللا ئۆمەر

تەرجىمە تەھرىرى: رەيھانگۈل نىزام

2014-يىلى .جىياڭسۇ ئۆلكىسى ۋۇشى شەھىرى

كۆڭۈل سۆزلىرى

error: يۆتكىمەكچى بولسىڭىز بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ