A-A+
دۇنيادا كەم ئۇچرايدىغان زۇمرەت ئۈزۈك
ئەقىدە شىركىتى مەرۋايىت زىننەتلىرى بۆلىمىدىن ئادالەت ئابلىكىم تەرجىمىسى
دۇنياغا داڭلىق چولپان ، مودا ئېقىم لاھىيلىگۈچىسى ، ئەنگىلىيەدىكى 100 داڭلىق كارخانىنىڭ بىرى بولغان DVB نىڭ قۇرغۇچىسى ۋىكتورىيەنىڭ 40 ياشقا كىرگەن تۇغۇلغان كۈنىدە ئېرى بېكھام ( دۇنياغا داڭلىق پۇتبول چولپىنى ) دۇنيادا كەم ئۇچرايدىغان ، 40 كراتلىق زۇمرەت كۆز ئۈزۈك سوۋغا قىلىپ دۇنيا جامائەتچىلىكىنىڭ دىققىتىنى تارتتى .
بېكھام ئۈزۈكنىڭ باھاسىنى ئاشكارلىمىغان بولۇپ ئۈنچە-مەرۋايىت ساھەسىدىكىلەر << بۇ ئۈزۈكنىڭ قىممىتى ئاز بولسا ئون مىليون>> دەپ قارىماقتا .
مەنبە : تور دۇنياسى
2016-يىلى 5-ئاينىڭ 29-كۈنى