خوتەن قاشتېشى نېمە ئۈچۈن بۇنچىۋالا قىممەت؟
تېڭشۈن تورى مالىيە باشقۇرۇش قانىلى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:
قەدىمكى پادىشاھلار قاشتاش بۇيۇملارنى ناھايىتى ياخشى كۆرگەن، مەسىلەن: چىڭ خاندانلىقىدىكى چيەنلۇڭ خاننى بىر ئەۋلاد قاشتېشى مەستانىسى دېيىشكە بولىدۇ! چيەنلۇڭ دەۋرىدە، قاشتاش بۇيۇملارنى ئىشلەپچىقىرىش ۋە ئۇلارغا ئائىت ھۈنەر-سەنئەت ئىنتايىن تەرەققىي قىلغان، چيەنلۇڭنىڭ 24-يىلى (1759-يىلى)دىن جياچىڭنىڭ 18-يىلى (1803-يىلى)غىچە بولغان ۋاقىت قاشتېشى بۇيۇملىرىنى ياساشنىڭ گۈللەنگەن دەۋرى ھېسابلىنىدۇ. چيەنلۇڭ قاشتېشىغا زىيادە ئامراقلىقى، بولۇپمۇ خوتەن قاشتېشىغا مەجنۇنلارچە مەپتۇن بولغانلىقى سەۋەبىدىن، ئۇ قاشتېشى بۇيۇملىرىنى ئىشلەپچىقىرىش ۋە يىغىپ ساقلاشقا كۆپ مىقداردىكى ئادەم كۈچى ۋە مالىيە كۈچى سەرپ قىلغان. پادىشاھ چيەنلۇڭنىڭ خوتەن قاشتېشىنى يىغىپ ساقلاش ئامبىرى كېيىنكى دەۋرلەردىكى سانسىزلىغان يىغىپ ساقلىغۇچىلارنى ناھايىتى چۆچۈتكەن ۋە ھەيران قالدۇرغان. «بايلىق يوشۇرۇش خەرىتىسى»نىڭ بۇ سانىدا، كۆپچىلىككە چيەنلۇڭ خان مەجنۇنلارچە مەپتۇن بولغان ئاجايىپ سىرلىق تاش-خوتەن قاشتېشىنى تونۇشتۇرىمىز.
خوتەن قاشتېشى دېگەن نېمە؟
خوتەن قاشتېشى قەدىمدە «قۇرۇم قاشتېشى» دەپ ئاتالغان بولۇپ، ئادەتتە «ھەقىقىي قاشتېشى» دېيىلىدۇ، ئۇ ناھايىتى داڭلىق يۇمشاق قاشتېشى سورتى بولۇپ، ئۇنىڭ ئەسلى ماكانى غەربىي يۇرتتىكى ساكارائۇل بەگلىكى، ئۇدۇن بەگلىكى (ھازىرقى شىنجاڭدىكى خوتەن)دۇر. جۇڭگودا ترېمولىت تەركىبى %98تىن ئاشىدىغان تاشلارنىڭ ھەممىسى خوتەن قاشتېشى دەپ ئاتىلىدۇ، يەنە يۇمشاق قاشتېشى، ترېمولىت، ترېمولىتلىق نېفىرىت (ترېمولىتلىق يۇمشاق قاشتېشى) ۋە ترېمولىتلىق خوتەن قاشتېشى دەپمۇ ئاتىلىدۇ.
خوتەن قاشتېشىنىڭ تۈرلىرى:
خوتەن قاشتېشى ئاساسلىقى ئاق قاشتاش، كۆك قاشتاش، يېشىل قاشتاش، زۇمرەت قاشتېشى، قارا قاشتېشى ۋە سېرىق قاشتېشى دەپ ئايرىلىدۇ.
ئاق قاشتاش ۋە كۆك قاشتاش:
ئاق قاشتېشى: رەڭگى ئاق رەڭنى ئاساس قىلىدۇ، بىراق سەل-پەل كۈل رەڭ، سېرىق، يېشىل قاتارلىق رەڭ تۈسلىرى بولسىمۇ بولىدۇ، ئۇ سۈپەت جەھەتتە ناھايىتى سىلىق ۋە سىپتا بولۇپ، مايلىقلىق خۇسۇسىيىتى مۇۋاپىق، ئىنچىكە سىزىقچىلىرىنىمۇ كۆز بىلەنلا كۆرۈشكە بولىدۇ. كارامېلنىڭ قانچىلىك ئىكەنلىكىگە ئاساسەن، يەنىمۇ تەپسىلىي ھالدا ئاق قاشتاش ۋە ئاق ناۋاترەڭ قاشتاش دەپ ئايرىشقا بولىدۇ. ئاق ناۋاترەڭ قاشتاشنىڭ كارامېل قىسىمى %30-%85 كىچە بولىدۇ. كۆك قاشتاش: بۇنداق قاشتاشنىڭ قېنىق كۆك رەڭلىك، كۈلرەڭ، مايسا رەڭلىك قاتارلىق ئوتتۇرا ھال ياكى قېنىق رەڭدىكىلىرى بار بولۇپ، كارامېلنىڭ قانچىلىك ئىكەنلىكىگە ئاساسەن، يەنىمۇ تەپسىلىي ھالدا كۆك قاشتاش ۋە كارامېللىق كۆك قاشتاش دەپ ئايرىشقا بولىدۇ.
يېشىل قاشتاش ۋە زۇمرەت قاشتېشى:
يېشىل قاشتاش: ئاق قاشتاش ۋە كۆك قاشتاشنىڭ ئارىلىقىدىكى سورت بولۇپ، ئۇنىڭ ئاق رەڭ ئاساسىدىكى سۇر يېشىل، سارغۇچ يېشىل، قېنىق مايسا رەڭ، قوڭۇر رەڭ ۋە كۆكۈچ كۈل رەڭ قاتارلىق سۇس رەڭلىكتىن ئوتتۇرا ھال رەڭلىككىچە بولغان رەڭ تۈسى بار، ئۇ يېرىم سۈزۈك ياكى سەل سۈزۈك بولۇپ، ۇ سۈپەت جەھەتتە ناھايىتى سىلىق ۋە سىپتا، مايلىقلىق خۇسۇسىيىتى ئادەتتىكىچە بولىدۇ، سەل سۈزۈك دۇغىسىمان ھالەتتە بولۇپ، ئىنچىكە سىزىقچىلىرىنىمۇ كۆز بىلەنلا كۆرۈشكە بولىدۇ. كارامېلنىڭ قانچىلىك ئىكەنلىكىگە ئاساسەن، يەنىمۇ تەپسىلىي ھالدا يېشىل قاشتاش ۋە كارامېللىق يېشىل قاشتاش دەپ ئايرىشقا بولىدۇ. زۇمرەت قاشتېشى: ئۇنىڭ يېشىل رەڭ ئاساسىدىكى مايسا رەڭ، سۇر يېشىل، قارامتۇل يېشىل قاتارلىق رەڭ تۈسلىرى بار.
قارا قاشتېشى ۋە سېرىق قاشتېشى:
قارا قاشتېشى: قارا قاشتېشى يەنە قارا تاش دەپمۇ ئاتىلىدۇ، ئۇنىڭ رەڭگى قارامتۇل كۈلرەڭدە بولىدۇ ياكى قارا رەڭ تەركىبى %30 تىن يۇقىرى بولىدۇ. قارا قاشتېشىنىڭ رەڭگى كۆپىنچە يوقۇپ قالغاندەك كۆرۈنىدىغان، ياپراقسىمان، تاسمىسىمان، نۇقتىغا يىغىلغاندەك كۆرۈنىدىغان قاتارلىق تۈرلەردە بولۇپ، ئازراق ئاق ياكى كۈل رەڭ ئارىلاشقان بولسىمۇ بولىدۇ، كۆپىنچە تەپتەكشى بولمايدۇ. سېرىق قاشتېشى: سۇس رەڭلىكتىن ئوتتۇرا ھال رەڭلىككىچە بولغان ئوخشاش بولمىغان سېرىق رەڭ تۈسىگە ئىگە بولۇپ، ئادەتتە سارغۇچ مايسا رەڭلىك، قوڭۇر سېرىق رەڭلىك ۋە ئازراق كۈلرەڭ ياكى يېشىلرەڭ ئارىلاشقان ھالەتتە بولىدۇ، كارامېلنىڭ قانچىلىك ئىكەنلىكىگە ئاساسەن، يەنىمۇ تەپسىلىي ھالدا سېرىق قاشتېشى ۋە كارامېللىق سېرىق قاشتېشى دەپ ئايرىشقا بولىدۇ.
تەقدىرنى ئۆزگەرتكەن ئاجايىپ خىسلەتلىك تاش:
بۇنچىۋالا قىممەتلىك قاشتېشى يەنە نېمە ئۈچۈن ئاجايىپ خىسلەتلىك تاش دەپمۇ ئاتىلىدىغاندۇ؟ بۇنى 10 يۈەن بىلەن خوتەن قاشتېشى ماگناتىغا ئايلانغان بىرىنىڭ ھېكايىسىدىن باشلاپ سۆزلەشكە توغرا كېلىدۇ. 1986-يىلى، لوپ ناھىيەسىنىڭ سامپۇل يېزىسىدىكى بىرى ھېيت مەزگىلىدە دادىسى بەرگەن 10 يۈەن ھېيتلىق پۇلغا ئېرىشكەن، ئۇ بۇ تېپىلغۇسىز 10 يۈەنگە ئۇنى–بۇنى ئېلىپ يەۋەتمىگەن، بەلكى بىر پارچە قاشتېشى سېتىۋالغان، بۇ قاشتېشى دەل خوتەن قاشتېشى بولۇپ، ئۇ بىر نەچچە قېتىملىق قولدىن-قولغا ئۆتكۈزۈلۈشتىن كېيىن نەچچە ئون يۈەن ساپ پايدا تاپقان، شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭدا خوتەن قاشتېشى سودىسى بىلەن شۇغۇللىنىش ئارزۇسى بىخ سۈرۈپ چىققان، شۇنداق قىلىپ ئەڭ ئاخىرىدا خوتەن قاشتېشى ماگناتىغا ئايلانغان. بۇ ماگناتنىڭ كېلىپ چىقىشى گەرچە كەمبەغەل ئائىلىدىن بولسىمۇ، لېكىن بىر پارچە قاشتېشى بىر ئادەمنىڭ ھاياتىنى باشقىچە ئۆزگەرتىۋەتكەن.
كىشىلىك ھاياتنى باشقىچە ياخشى تەرەپكە ئۆزگەرتىش بىلەن بىرگە، ئۇنىڭغا ئەلۋەتتە يەنە قاشتېشىغا ئەگىشىپ زاۋاللىققا يۈز تۇتقان تەقدىرمۇ ھەمراھ بولىدۇ. خوتەن قاشتېشىنىڭ باھاسى ئىزچىل يۇقىرى بولغاچقا، كۆپلىگەن كىشىلەر نۇرغۇن پۇل تۆلەشتىن باش تارتماي تاشقا دو تىككەن. بەختكە يارىشا ئامىتى كەلگەنلەر قالتىس بېيىپ كەتكەن، ئامىتى قاچقانلار بىر تال پۇچۇق تاشقا دو تىككەن بولۇپ چىققان. لېكىن نېمە ئۈچۈن خەۋپ- خەتەرنىڭ شۇنچە چوڭ ئىكەنلىكىنى بىلىپ تۇرۇقلۇق، يەنە نېمە ئۈچۈن شۇنچىۋالا كۆپ ئادەم خۇددى پەرۋانە ئۆزىنى ئوتقا ئۇرغاندەك قاشتېشى ئۈچۈن خەتەرگە تەۋەككۈل قىلىدۇ؟ قەدىمكى پادىشاھلارغا نەزەر سالغاندا، ئۇلارنىڭ ئىچىدە قاشتاش بۇيۇملارنى ناھايىتى ياخشى كۆرگەنلەرنىڭ خېلىلا كۆپ ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. ھەممىدىن بەكرەكى چىڭ خاندانلىقىدىكى چيەنلۇڭ خان بولۇپ، ئۇنىڭ خوتەن قاشتېشىغا ئالاھىدە مۇھەببىتى بولغاچقا، «قاشتېشىغا مەجنۇنلارچە مەپتۇن بولغۇچى» دەپ نام ئالغان. بۇنىڭدىن ئاجايىپ خىسلەتلىك قاشتېشىنىڭ قىممىتىنىڭ ئادەتتىكىچە ئەمەسلىكىنى بىلىۋالغىلى بولىدۇ.
قاشتېشىغا زىيادە مەپتۇن بولغان پادىشاھ:
«قاشتېشىغا مەجنۇنلارچە مەپتۇن بولغۇچى» دەپ نام ئالغان چيەنلۇڭ خان شۇ دەۋردىكى كىشىلەرگە شىنجاڭنىڭ تاغلىرىدا قاشتېشى قېزىش مەنزىلىرىنى ئوبرازلىق چۈشەندۈرۈپ بېرىش ئۈچۈن، ئالاھىتەن قاشتېشى ئويمىكارلىرىغا بۇيرۇق قىلىپ، قاشتېشىدىن پىششىقلاپ ئىشلەنگەن «ئۇدۇندا قاشتېشى قېزىش رەسىمى» (شەنزى، 1765-يىلى) نى ئويما نەقىش قىلىپ ياساتقان ھەمدە ئۇنىڭ ئارقىسىغا ئۇدۇنلۇق قاشتېشى ئىزدىگۈچىلەرنىڭ قاش دەرياسىدىن تاش ئىزدەۋاتقانلىقى، قاشتېشى ئىزدىگۈچىلەرنىڭ ھەر بىر قەدەمدە تەزىم قىلغاندەك باش ئېگىپ ماڭىدىغانلىقى، قەدەمدە بىر توختاپ بېلىنى ئېگىپ ئاختۇرۇپ باقىدىغانلىقى، قاش تېشى ئىزدىگۈچىلەرنىڭ سوغوقتا سۇ كەچسە چىن دىلىدىن رازى بولىدىغانلىقى، ئۇلارنىڭ كۈز كېلىپ دەريا سۈيى قۇرۇشقا باشلىغاندا نۇرغۇنلىغان ئېسىل قاشتېشىغا ئېرىشىدىغانلىقى، ئاشۇنداق سۆزلىمەس، جانسىز قاشتېشىنىڭ داڭقى جاھانغا تارالغانلىقىنى تەسۋىرلەپ، جۇڭگونىڭ قەدىمكى دەۋرىدە تەڭداشسىز قاشتېشىنى بايقىغان بيەن خې دېگەن كىشىنىڭ ئۈچ قېتىم قاشتېشى تەقدىم قىلىپ ئىككى پۇتى چانىلىپ كەتكەنلىكى ۋە قاشتېشىنىڭ ئالدىغا ئۆتىدىغان گۆھەر يوق ئىكەنلىكى سۆزلەنگەن بېغىشلىما شېئىر يېزىپ بەرگەن.
چيەنلۇڭ خاننىڭ يىغىپ ساقلىغانلىرى:
چىڭ سۇلالىسى ئوردىسىدا قېلىپ قالغان قەدىمىي قاشتاشلارنىڭ كۆپىنچىسى چيەنلۇڭ دەۋرىدە يىغىپ توپلانغان بولۇپ، ئۇلارنى چيەنلۇڭ خان شەخسەن ئۆزى بىر-بىرلەپ راست-يالغانلىقىنى ئايرىغان ۋە دەرىجىسىنى بېكىتكەن، چىڭ سۇلالىسى ئوردىسىدا قېلىپ قالغان قەدىمىي قاشتاشلارنىڭ كۆپىنچىسىگە ياغاچ تەگلىك، ياغاچ ئورۇندۇق ۋە ياغاچ ساندۇقچە قاتارلىقلار سەپلەنگەن بولۇپ، بۇلارنىڭ ھەممىسى چيەنلۇڭ دەۋرىدە ياسالغان، يەنە تېخى ھەر بىرىدە چيەنلۇڭ خان ئۆز قەلىمى بىلەن يازغان «بىرىنچى، ئىككىنچى، ئۈچىنچى» دېگەن خەتلەر بار. چيەنلۇڭ خاننىڭ خوتەن قاشتېشىنى يىغىپ ساقلاش ئامبىرىدا ئاق قاشتاشنىڭ سانى ئەڭ كۆپ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەر بىرى گۈزەللىكتە ھەممىنى ھەيران قالدۇرالايدۇ!
چيەنلۇڭ خاننىڭ «مەجنۇنلارچە مەپتۇنلۇقى»:
چيەنلۇڭ خان ھەر بىر پارچە قىممەتلىك قاشتاش بۇيۇمغا ئېرىشسە، ئۆزىنىڭ خۇشال كەيپىياتىنى ئىپادىلەش ئۈچۈن ئۇنىڭغا ئاتاپ قەدىمكىلەرنىڭ ھۈنەر-سەنئەتلىرىگە قايىل بولغانلىقى ياكى بولمىسا ئۇنىڭ ئىشلىتىلىش ئورنىنى تېخىمۇ ئىسپاتلاپ بېرىش مەزمۇنىدا ېغىشلىما يازغان ياكى نەزمە ئوقۇغان.
500 مىليون يۈەنلىك قىممەت باھالىق خوتەن قاشتېشى ئويما:
خوتەن قاشتېشى پەقەت قەدىمكى زاماندا ناھايىتى يۇقىرى ئىززەت- ھۆرمەتكە سازاۋەر بولۇپلا قالماستىن، ھازىرقى جەمئىيەتتىمۇ يەنىلا ئارقا- ئارقىدىن كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان يۇقىرى باھالارنى مەيدانغا كەلتۈرگەن. بىر پارچە خوتەن قاشتېشى ئويمىسى 1985-يىلىدىن 2011-يىلىغىچە بولغان 20 نەچچە يىل ئىچىدە باھاسى 280 مىڭ يۈەندىن تاكى 500 مىليون يۈەنگىچە ئۆرلىگەن. ئۈستىدىكى رەسىم دەل قىممىتى 500 مىليون يۈەنلىك قاشتېشىنىڭ رەسىمى بولۇپ، بۇ قاشتېشى ئويمىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 61.5 سانتىمېتىر، قېلىنلىقى 16.2 سانتىمېتىر، ئېغىرلىقى 25.5 كىلوگرام كېلىدۇ. بۇ قاشتېشى ئويمىنىڭ ئىگىسى بولغان ۋۇخەن جىنشەن تىللا، ئۈنچە-مەرۋايىت چەكلىك شىركىتىنىڭ دىرېكتورى خې جيەنگونىڭ تونۇشتۇرۇشىغا ئاساسلانغاندا، «بۈيۈك مېھىر-مۇھەببەت ناخشىسى» ناملىق بۇ ئويمىنى جۇڭگو ھۈنەر- سەنئەت ئۇستىسى، دۆلەتلىك 1-دەرىجىلىك گۈزەل سەنئەت ئۇستىسى يۈەن جياچى ئۈچ يىل ۋاقىت سەرپ قىلىپ شەپقەتكار بۇدساتۋانى مەدەنىيەت ئارقا كۆرۈنۈش قىلغان ئاساستا ئويۇپ چىققان. بۇ ئەسەر 2011-يىللىق «ئالەمدىكى ھۈنەر-سەنئەتلەر باغچىسى: بارچە گۈللەر لوڭقىسى»نىڭ جۇڭگو ھۈنەر- سەنئەت ئېسىل مەھسۇلات مۇكاپاتىنىڭ ئالتۇن مۇكاپاتىغا ئېرىشىپ، جۇڭگو قاشتېشى ئويمىچىلىقى كەسپىدىكى ئەڭ ئالىي مۇكاپاتقا ئېرىشكەن.
ھەر گرامى 30 مىڭ يۈەنگە يارايدىغان خوتەن قاشتېشى نېمە ئۈچۈن بۇنچىۋالا قىممەت؟
ئىگىلىنىشىچە، 2012-يىلى 1-ئايدا، ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان پىششىقلانمىغان شىنجاڭ خوتەن قاشتېشىنىڭ ھەر گرامىنىڭ باھاسى 30 مىڭ يۈەن ئەتراپىدا بولغان. نېمە ئۈچۈن خوتەن قاشتېشىدىن ئىبارەت بۇ ئاجايىپ خىسلەتلىك تاش بۇنچىۋالا قىممەت بولىدىغاندۇ؟ سەۋەبى شۇكى، بىرىنچىدىن خوتەن قاشتېشى ئۇزۇن تارىخىي مەدەنىيەتكە ئىگە، ئۇ جۇڭگونىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋە مەدەنىيەت ساھەسىگە چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتكەن، شۇنداقلا ئۇنىڭ داڭقىمۇ پۈتۈن دۇنياغا پۇر كەتكەن. ئۇنىڭدىن قالسا، خوتەن قاشتېشى يىلسېرى كەم ئۇچرايدىغان بۇيۇم بولۇپ قالدى، يېرىقچىلىرى يوق، مۇكەممەل، رەڭگى ساپ بولغان خوتەن قاشتېشىنى تېپىش ئاسان ئەمەس، يەنە كېلىپ خوتەن قاشتېشىنىڭ رەڭگى ساپ، سۈپىتى ياخشى بولۇپ، قىممەتلىك بۇيۇملار دەرىجىسىگە يەتكەن؛ يەنە تېخى خوتەن قاشتېشى مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاپ ئىشلەشتە نازۇك نەقىش ئىشلەشكە توغرا كېلىدۇ، لېكىن خوتەن قاشتېشىنىڭ خۇسۇسىيىتى قاتتىق بولغاچقا، پىششىقلاپ ئىشلەشنىڭ قىيىنلىق دەرىجىسى ناھايىتى چوڭ. پىششىقلاپ ئىشلەشكە تايىنىپ بىر تەييار مەھسۇلاتقا ئايلاندۇرۇش ئۈچۈن نەچچە ئاي، ھەتتا ئۇنىڭدىنمۇ ئۇزۇنراق ۋاقىت سەرپ قىلىنىدۇ، شۇڭا بۇ ئامىللار قاشتاش بۇيۇملىرىنىڭ تەننەرخىنى زور دەرىجىدە ئاشۇرۇۋەتكەن.
خوتەن قاشتېشىنىڭ بىلدۈرىدىغان مەنىسى:
خوتەن قاشتېشى ئالىيجانابلارنىڭ گۈزەل ئەخلاق-پەزىلەتلىرىگە تەمسىل قىلىنىدۇ. قەدىمدىن ھازىرغىچە، خوتەن قاشتېشى يەنە دائىم ئاشىق-مەشۇقلار ئوتتۇرىسىدىكى مۇھەببەتنى ئىزھار قىلىدىغان گۇۋاھلىق نەرسە بولۇپ كەلگەن. قەدىمكى زاماندا يەنە نۇرغۇن شېئىر ۋە نەزمىلەردە گۈزەللەر قاشتېشىغا ئوخشىتىلغان بولۇپ، بۇ ئارقىىلىق ساھىپجاماللارنىڭ چىراي گۈزەللىكى ۋە مىجەز-خۇلقىنىڭ گۈزەللىكى گەۋدىلەندۈرۈلگەن.
خوتەن قاشتېشىنى يىغىپ ساقلاش:
ئېلىمىزنىڭ دۆلەت گۆھىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن، خوتەن قاشتېشىنى قانداق يىغىپ ساقلاش كېرەك؟ بۇنىڭدا سىز بۇنداق «تۆتكە ئەھمىيەت بېرىش، تۆتكە زىيادە ئېسىلىۋالماسلىقتەك تۆتتە تۆتلۈك يىغىپ ساقلاش مەخپىيىتى»نى ئېسىڭىزدە چىڭ تۇتۇۋېلىڭ، ئۇلار: «سىپتىلىقىغا ئەھمىيەت بېرىش، رەڭگىگە زىيادە ئېسىلىۋالماسلىق؛ سۈپىتىگە ئەھمىيەت بېرىش، قەيەردىن چىققانلىقىغا زىيادە ئېسىلىۋالماسلىق؛ تۈزۈلۈشىگە ئەھمىيەت بېرىش، شەكلىگە زىيادە ئېسىلىۋالماسلىق؛ سەنئەتلىكلىكىگە ئەھمىيەت بېرىش، ئېلىنغان يەرگە زىيادە ئېسىلىۋالماسلىق» قاتارلىقلاردۇر.