A-A+

نامراتلارغا باشقىلار رەھبەرلىك قىلىدۇ، بايلار باشقىلارغا رەھبەرلىك قىلىدۇ

2015-يىل 4-ئاپرېل تەرجىمە كىتابلىرىمىز باھا يوقكەن زىيارەت: 262 قېتىم

نامراتلار قوي تەبىئەتلىك،بايلار بۆرە تەبىئەتلىك بولىدۇ

( ئىككىنچى كىتاپ )

s27185139

4-باپ 2-پاراگىراپ

نامراتلارغا باشقىلار رەھبەرلىك قىلىدۇ، بايلار باشقىلارغا

رەھبەرلىك قىلىدۇ

رەھبەرلىك قىلغۇچى ۋە رەھبەرلىك قىلىنغۇچى: نامراتلار بىلەن بايلارنىڭ ئەڭ روشەن «سالاھىيەت بەلگىسى»

نامراتلار باشقىلار تەرپىدىن رەھبەرلىك قىلىنىدۇ. بايلار باشقىلارغا رەھبەرلىك قىلىدۇ. باشقىچە قىلىپ ئېيتقاندا، نامراتلاردا بايلارغا ئوخشاش باشقىلارغا رەھبەرلىك قىلىش نىشانى بولمايدۇ. ئەمەليەتتىكى بىر قىسىم ئادەملەر ھەمىشە ئۆزىنىڭ ئىسىل ئائىلە ئارقا كۆرۈنىشى بولمىغانلىقتىن، تەرەققى قىلىشنىڭ ياخشى پۇرسىتىگە ئۈلگۈرەلمىگەنلىكىدىن ئەپسۇسلىنىدۇ. شۇڭلاشقا باشقىلارغا ئىشلەشنى خالىمايدۇ، پۇرسەت كۈتىدۇ،نەتىنجىدە پۇرسەت ھەمىشە ئۇلارغا قاراپمۇ قويمايدۇ. ئۇلار نۇرغۇن ۋاقىتنى ئىسراپ قىلىۋېتىدۇ.

نامراتلار بىلەن بايلارنىڭ نىشانى ئوخشاش بولمىغانلىقتىن، نامراتلار خوجايىنلارغا ياللىنىپ ئىشلەشنى تاللايدۇ.  ئۆزى ئۈچۈن ئىشلەشنى ئويلىمايدۇ. بۇ بەلگىلىك دەرىجىدە نامراتلارنىڭ نىشان بەلگىلىمىگەنلىكىدىن، ئۆزىگە ئىشلەشكە جۈرئەت قىلالمىغانلىقىدىن، تېخىمۇ مۇھىمى باشقىلارنى ئۆزى ئۈچۈن ئىشلەتكۈزۈشنى ئويلىمىغانلىقتىن، شۇڭا ئۇلار پاسسىپ ھالدا باشقىلار ئۈچۈن ئىشلەيدۇ. رەھبەرلىكنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىنى قۇبۇل قىلىدۇ.

گەرچە نامراتلار بايلارنىڭ بېيىش قورالى بولۇشنى خالىمىسىمۇ، لىكىن ئامالسىز، چۈنكى ئۇلارنىڭ كاللىسىدا تەرەققىيات نىشانى يوق. تىگى تەكتىدىن ئېيتقاندا نامراتلار بىلەن بايلار ئارىسىدىكى نىشان پەرقى نامراتلارنى ئۆزىنىڭ يوشۇرۇن ئىقتىدارىنى جارى قىلدۇرۇشنى بىلمەيدىغان ھەم مەغلۇب بولۇشتىن قورقىدىغان قىلىپ قويغان. شۇڭا بايلارنىڭ رەھبەرلىك قىلىش نىشانىغا، ھەتتا بايلار نىڭ بېيىش شاھمات تاختىسىدىكى بىر تال ئۇرۇققا ئايلىنىپ قالغان، بايلار دەل بۇنىڭ ئەكسىچە.

بايلارنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ ئېنىق نىشانى بار. باشقۇرۇشقا ماھىر، ئۇلارنىڭ تېخىمۇ كۆڭۈل بۆلىدىغىنى باشقىلارغا قانداق رەھبەرلىك قىلىش ، سودا پۇرسىتىنى قانداق تۇتۇش . ئەمىليەتتە بېيىشنى ئويلىسا پەقەت تىرىشىپ خىزمەت قىلىش يېتەرلىك ئەمەس . ئۆزىنى قانداق باشقۇرۇشنى، باشقىلارغا قانداق رەھبەرلىك قىلىشنى ئۆگىنىش، ھەرخىل باشقۇرۇش ۋە رەھبەرلىك قىلىش ئۇسۇلى ۋە ماھارەتلىرىنى ئىگەللەش كېرەك . باشقۇرۇشنى چۈشىنىدىغان، رەھبەرلىك قىلىشنى بىلىدىغان بىرئادەمنىڭ بايلىق بىلەن بولغان ئارلىقى يىراق بولمايدۇ.

لى فېيتاڭ ۋە ۋاڭ شۆشەن ئالىي مەكتەپتىكى ساۋاقداش . ئىككىسى ئۇقۇش پۈتتۈرگەندىن كىيىن شېنجىندىكى بىر كىتاپ شىركىتىگە ئورۇنلىشىدۇ. گەرچە ئىككىلىسىنىڭ خىزمەتتىكى نەتىنجىسى كۆرۈنەرلىك بولسىمۇ، لىكن ئۇلارنىڭ نىشانىدا پەرق زور. لى فېيتاڭنىڭ نىشانى ناھايىتى چوڭ. ئۇ ئۆزىدىكى تىرىشچانلىققا تايىنىپ كىچىك تىپتىكى كىتاپخانا قۇرۇپ ئۆزى خوجايىن بولۇپ باشقىلارغا رەھبەرلىك قىلىشنى ئويلايدۇ؛ ئەمما ۋاڭ شۆشەننىڭ نىشانى بىر ياخشى خىزمەتچى بولۇشتا توختاپ قالغان.

ئىككى ئادەمنىڭ نىشانىدىكى پەرىق ئۇلارنىڭ خىزمەتتىكى ئىپادىسىنى بەلگىلەيدۇ . ئېنىق نىشانى بولغان لى فېيتاڭ ئۆزۈلۈكسىز كىتابخانا كەسپى جەھەتتىكى بىلىملەرنى ئۆگىنىدۇ . يەنە ئىشتىن سىرىتقى ۋاقىتلىرىدىن پايدىلىنىپ ھەرخىل مال زاكاس ئىشلىرغا قاتنىشىدۇ . نۇرغۇن نەشىريات خادىملىرى ۋە يازغۇچىلار بىلەن تونۇشىدۇ . چۈنكى ئۇنىڭغا نىسبەتەن بۇلار ئۇنىڭ كەلگۈسى ئىشلىرى ئۈچۈن زۆرۈر تەييارلىق ئىدى.

ئۇزۇن ئۆتمەي لى فېيتاۋ خىزمەتتىن ۋاز كېچىدۇ. ئۆزى كىچىك تىپتىكى كىتابخانا ئاچىدۇ . ئىككى يىلدىن كىيىن بىر تاسادپى پۇرسەتتە ئۇلار ئوخشىمىغان ئىككى خىل سالاھىيەتتە مەيدانغا چىقىدۇ.

لى فېيتاۋ ۋە ۋاڭ شۆشەننىڭ نىشانىنىڭ ئوخشىماسلىقى ئىككىسىنىڭ ھاياتىدا ناھايىتى چوڭ بولغان ئۆزگىرىشنى كەلتۈرۈپ چىقارغان : لى فېيتاۋ مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا رەھبەرلىك قىلىنىش ئورنىدىن قۇتۇلغان ھەمدە باشقىلارغا رەھبەر بولغان . كىشىنى رازى قىلغۇدەك بايلىققا ئېرىشكەن ؛ لىكىن ۋاڭ شۆشەن ئاۋالقىدەك ئۆلۈك مائاشنى ئالىدىغان ئاددى خىزمەتچى بولغاچقا ، تەبىئىيلا باشقىلار تەرپىدىن باشقۇرۇلىدۇ .

شۇڭا باي ۋە نامراتلارنىڭ پەرقى ناھايتى چوڭ دەرىجىدە ئۇلار بىكىتكەن نىشان−رەھبەرلىك قىلىش ۋە رەھبەرلىك قىلىنىش سالاھىيىتىگە مۇناسىۋەتلىك . ئەمىلىيەتتە پەقەت باشقىلارنىڭ رەھبەرلىك قىلىشىنى خالىمايدىغان ئادەم چوڭ نەتىنجە قازىنالىشى مۈمكىن، ئۇزۇن مۇددەت باشقىلارنىڭ رەھبەرلىكىدىكى ئادەم  بارغانسىرى شەخسى كۆز قارىشى يوق ئەگەشكۈچى بولۇپ ئۆزگىرىدۇ . ئەلۋەتتە بۇ خىل ئۆزگۈرۈش ئادەمنى بايلىققا ئېرىشىشتىن بارغانسىرى يىراقتا قۇيىدۇ .

بايلىقنىڭ بايانى:

نامراتلار بىلەن بايلارنىڭ پەرقى نىشان بەلگىلىشىنىڭ ئوخشاش بولمىغانلىقىدا . نامراتلار باشقىلارنىڭ رەھبەرلىك قىلىشىغا كۆنۈپ قالغان . لىكىن بايلار باشقىلارغا رەھبەر بولۇشنى نىشان قىلىپ بىكىتىدۇ . نىشان تاللاشنىڭ ئوخشىماسلىقى ئىككىسىنىڭ ئوخشاش بولمىغان تەقدىرىنى بەلگىلەيدۇ . شۇڭا بايلارغا ئوخشاش باشقىلار تەرپىدىن رەھبەرلىك قىلىنىشنى خالىمايدىغان ھەمدە شەخسى كۆز قارىشى مول، پىلانى بار بولغاندا، بەلكىم بېيىش ئارزۇسى بالدۇرراق

ئەمەلگە ئېشىشى مۇمكىن.

*************

مەنبە:خاربىن نەشىرياتى 2011-يىلى نەشىر قىلغان

<<نامراتلار قوي تەبىئەتلىك، بايلار بۆرە تەبىئەتلىك>> ناملىق كىتاب

تەرجىمە قىلغۇچى:ئەقىدە قاشگەرلىكى شىركىتى-ئويغۇر قاشتېشى تورى

WWW.UYHQT.CN

تەرجىمان:ئابدۇللا ئۆمەر

تەرجىمە تەھرىرى: رەيھانگۈل نىزام

2014-يىلى

كۆڭۈل سۆزلىرى

error: يۆتكىمەكچى بولسىڭىز بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ