ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئىگىلىك تىكلىشىنى قوللىماسلىق
مايۈننىڭ ئىگىلىك تىكلەش دەرسخانىسى
بىرىنچى دەرس
ئىگىلىك تىكلىگۈچىدە 20 يىللىق جاپا – مۇشەققەتكە
چىدايدىغان پىسخىكىلىق تەييارلىق بولۇشى كېرەك
1-دەرس 1-پارگىراپ
ھازىر ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئىگىلىك تىكلىشىگە قارىتا، دۆلەت ۋە يەرلىك نۇرغۇنلىغان ئېتىبار ۋە ئىلھاملاندۇرۇش سىياسەتلىرىنى يولغا قويدى. بىراق ئەپسۇسلىنارلىقى، شۇنداق بولغان تەغدىردىمۇ، كۆپلىگەن ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى قۇرغان كارخانىلار مەغلۇبىيەت بىلەن تۈگەللەندى، قالغانلىرىمۇ ئەپلەپ – سەپلەپ جان بېقىۋاتماقتا.
بۇنداق ئەھۋالغا نىسبەتەن، مايۈن ئىلگىرى بىر سۆھبەت پروگراممىسىدا مۇنداق ئىپادە بىلدۈرگەن: ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئىگىلىك يارىتىشى قىيىن بولۇپلا قالماستىن، يەنە باشقىلارنىڭ ئىگىلىك يارىتىشىمۇ قىيىن. ئىگىلىك تىكلەش دىگەن نېمە؟ ئىگىلىك تىكلەش دىگىنىمىز -100 ئىگىلىك تىكلىگۈچىنىڭ ئىچىدە 95 نەپىرىنىڭ قانداق ۋەيران بولغانلىقىنى سىز بىلەلمەيلا قالىسىز، سىز ھەتتا بۇ 95 نەپىرىنىڭ ئىگىلىك تىكلەپ باققانلىقىنىمۇ بىلەلمەيسىز، ئېشىپ قالغان تۆت نەپىرىنىڭ ۋەيران بولغانلىقىغا سىز شاھىت بولىسىز، ئەڭ ئاخىرقى بىرىنىڭ ئۇنىڭ ئىقتىدارلىق، تىرىشچان بولغانلىقىدىن ئەمەس بەلكى باشقا سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن پۇت تىرەپ تۇرالايدىغانلىقىنى كۆرىسىز، دىگەنلىكتۇر.
شۇنىڭ ئۈچۈن، جۇڭگونىڭ ئىگىلىك تىكلەش سەركەردىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، مايۈن ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنى ئىگىلىك تىكلەشكە ئىلھاملاندۇرمايدۇ. ئۇ مۇنداق دىگەن: «مەن ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئىگىلىك تىكلىشىنى ئۈمىد قىلمايمەن. نۇرغۇنلىغان كىشىلەر بېل. گەيتىس، مارك. جېكباك قاتارلىقلارنىڭ ئىگىلىك تىكلەپ مۇۋەپپەقىيەت قازانغانلىقىنى تىلغا ئېلىشىدۇ، بىراق پۈتۈن دۇنيادا شۇنداق مۇۋەپپەقىيەت قازانغانلاردىن پەقەت شۇ ئىككىلا ئادەم بولۇپ، ئىگىلىك يارىتىپ يىقىلغان سانسىزلىغان كىشىلەرنى سىلەر كۆرۈپمۇ باقمىغان.»
ھەقىقەتەن شۇنداق، ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىدا پەقەت ئىگىلىك يارىتىش قىزغىنلىقىلا بولۇپ، تەجرىبىسى كەمچىل، ئىقتىدارى يىتەرسىز ۋە تونۇشى قاتمال بولۇش سەۋەبلىك ئىگىلىك يارىتىپ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش نىسبىتى تۆۋەن بولىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئىگىلىك يارىتىشتا ئەگرى – توقاي يولنى ئاز مېڭىشى ئۈچۈن، چوقۇم تۆۋەندىكى زۆرۈر شەرتلەرنى ھازىرلىشى كېرەك:
بىرىنچى، ئىگىلىك يارىتىشتىكى بىلىم زاپىسى. نۇرغۇنلىغان ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئاسانلا «ئارمانغا چۇشلۇق دەرمانى بولماسلىق، ئېغىزىدا شەھەر ئېلىش» تەك خاتالىقلارغا پېتىپ قالىدۇ، ئۇلار مەكتەپتە ئوزۇن مەزگىل تۇرغاچقا، جەمئىيەتكە بولغان تونۇشى كەمچىل. بولۇپمۇ بازارنى كېڭەيتىش، كارخانا تىجارىتىنى يۈرگۈزۈش قاتارلىق جەھەتلەردە تەجرىبىسى يوق دىيەرلىك. شۇنىڭ ئۈچۈن، ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئىگىلىك يارىتىشتا چوقۇم يىتەرلىك تەييارلىقى بولۇشى كېرەك، بىر تەرەپتىن، ئۇلار كارخانىدا خىزمەت قىلىش ياكى پراكتىكا قىلىش ئارقىلىق مۇناسىۋەتلىك باشقۇرۇش ۋە سېتىقچىلىق تەجرىبىسىنى توپلىشى كېرەك؛ يەنە بىر تەرەپتىن، ئىگىلىك تىكلەش دەرسىگە قاتنىشىپ كارخانا بىلىملىرىنى ئاشۇرىشى، كەسپىي يىتەكلىنىشكە ئېرىشىشى، ئۆزىنىڭ ئاساسىنى پۇختىلىشى كېرەك، بۇ ئارقىلىق ئىگىلىك تىكلەشتىكى مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش نىسبىتىنى يۇقىرى كۆتۈرگىلى بولىدۇ.
ئىككىنچى، مەبلەغ تەييارلىقى. بىزدە: «قۇشناچىمنىڭ ئېشىنى ئوخشاتقان موللامنىڭ ئوتيېشى.» دەيدىغان تەمسىل بار. ئىگىلىك تىكلەشتىكى تۈر تاللىنىپ بولغان، ئىگىلىك تىكلەشكە بولغان قىزغىنلىقمۇ بولغان، ھەتتا ئىگىلىك تىكلەشنىڭ دەسلەپكى پىلانى تۈزۈلۈپ بولغان تەغدىردىمۇ، مەبلەغ بولمىسا، ئەڭ ياخشى بولغان ئىگىلىك تىكلەش قارىشىمۇ رېئاللىقتىكى ئىشلەپچىقىرىش كۈچىگە ئايلىنالمايدۇ.
ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ يېرىمى دىگۈدەك «مەبلەغ – ئىگىلىك تىكلەشتىكى توسالغۇ.» دەپ قارايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، مەبلەغ مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئىگىلىك تىكلىشىدىكى ئالدىنقى مەسىلە. ئەلۋەتتە، مەبلەغقە ئېرىشىشتىن بۇرۇن چوقۇم ئۆزىنىڭ قانچىلىك مەبلەغقە مۇھتاج ئىكەنلىكىنى، مەبلەغقە قانداق ئېرىشىدىغانلىقى ۋە مەبلەغنىڭ كېلىش مەنبەسىنىڭ قايسىلار ئىكەنلىكىنى ئېنىق چۈشىنىش كېرەك.
ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەردە چوقۇم بەلگىلىك سودا قارىشى بولۇشى كېرەك، قەرز ھوقۇقىنى مەبلەغنىڭ كېلىش مەنبەسى قىلىش كېرەكمۇ، ياكى پاي ھوقۇقىنى مەبلەغنىڭ كېلىش مەنبەسى قىلىش كېرەكمۇ، يەنى سىزگە مەبلەغ تەمىنلىگەن ئادەمگە نېمە ئارقىلىق كاپالەت بېرىسىز قاتارلىقلار، بۇ ئاساسى مەسىلىلەر ئىگىلىك يارىتىشنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش – قازىنالماسلىقنى بەلگىلەيدۇ.
ئۈچىنچى، تېخنىكا ۋە قىزىقىش. ئەقلىي كۈچ ئارقىلىق مەبلەغكە ئېرىشىش – بۇ ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئىگىلىك يارىتىشىدىكى ئۆزگىچىلىك. بىر قىسىم خەتەرگە تەۋەككۈل قىلىشنى خالايدىغان مەبلەغ سالغۇچىلار دەل ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئىگىلىگەن ئىلغار تېخنىكىنى كۆرگەندىن كىيىن، ئاندىن ئۇنىڭ ئىگىلىك يارىتىش پىلانىغا مەبلەغ جەھەتتىن ياردەم قىلىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، يۇقىرى تېخنىكىلىق ساھەلەردە ئىگىلىك تىكلەش مەخسىدىدىكى ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى چوقۇم تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشقا ئەھمىيەت بېرىشى، ئۆزگىچە بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىغا ئىگە مەھسۇلاتلارنى يارىتىشى كېرەك، شۇندىلا ئاندىن مەبلەغ سالغۇچىلارنى جەلپ قىلالايدۇ.
تۆتىنچى، شەخسنىڭ ئىقتىدارى. ئىگىلىك يارىتىش ئاددىيلىقتىن مۇرەككەپلىككە ئۆتىدىغان جەريان، مەسىلەن: ئىگىلىك يارىتىشنىڭ دەسلىپىدە بازارغا بولغان ھۆكۈم قىلىش ئىقتىدارى كەمچىل بولغاندا، چوقۇم ئاددى بولغان بازارلاردىن قول سېلىپ تەجرىبە توپلىشى كېرەك. ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى تېخنىكا جەھەتتە ئەۋزەللىككە ئىگە بولسىمۇ، بىراق مالىيە، سېتىقچىلىق، ئالاقە ۋە باشقۇرۇش جەھەتلەردىكى ئىقتىدارى ئومۇمىيۈزلۈك تۆۋەن، تىجارەتتىكى «ئويۇن قائىدىسى» بىلەن تونۇشلۇق ئەمەس. ئىگىلىك تىكلەپ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشتا، ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەردە ناھايىتى كۈچلۈك بولغان پىلاننى يۈرگۈزۈش ئىقتىدارى بولۇشتىن سىرت، يەنە ئاساسى تىجارەت ئىقتىدارى بولۇشى كېرەك.
بەشىنچى، كىشىلىك مۇناسىۋەتنىڭ كېڭىيىشى. ئىگىلىك تىكلەپ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشتا، سىزدە ئىقتىدار ۋە تەجرىبە بولسىلا كۇپايە قىلمايدۇ. ئىقتىدار ۋە تەجرىبە سىزنىڭ ئىگىلىك تىكلەپ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشىڭىزدىكى زۆرۈر شەرت، بىراق تېخىمۇ مۇھىمى سىزدە مۇناسىۋەت تورى بولۇشى كېرەك! ئومۇمەن ئېيىتقاندا، مەكتەپ پەقەت بىر ئۆگىنىش سەھنىسى، ناھايىتى ئاز ساندىكى ئوقۇغۇچىلارلا ئۆگىنىش مەزگىلىدە ئۆزىنىڭ مۇناسىۋەت تورىنى كېڭەيتىشكە كۈچەيدۇ. بىراق سىز مەكتەپتىن ئايرىلىپ جەمئىيەتكە چىققاندا بولسا، كىشىلىك مۇناسىۋەت تورىنى كېڭەيتىش بىر مۇھىم مەسىلىگە ئايلىنىدۇ.
ئالتىنچى، مەغلۇبىيەتنى قوبۇل قىلالايدىغان پىسخىكىلىق ساپاغا ئىگە بولۇش كېرەك. شۇنداق بىر سۆزلەر بار: «ئەڭ كۈچلۈك ئۈمىد بىلەن ئەڭ يۇقىرى چەكتە تىرىشىش ھەمدە ئەڭ خەتەرلىك ئىشنى قىلىش كېرەك.» تىجارەت قىلىش بىر خىل خەتەرگە تەۋەككۈل قىلدىغان مەبلەغ سېلىش ھەركىتى، بىز ئاللىقاچان «ئەڭ كۈچلۈك ئۈمىد بىلەن ئەڭ يۇقىرى چەكتە تىرىشىش» تىن ئىبارەت پوزىتسىيەگە ئىگە بولغاندا، ھەرگىزمۇ «ئەڭ خەتەرلىك ئىشنى قىلىش» نى ئۇنتۇپ قالماسلىقىمىز كېرەك. مەسىلەن: بىز ھەرقانداق ئىشنى قىلىشتىن بۇرۇن چوقۇم ئەگەر بۇ ئىشنى پۈتۈنلەي ياخشى قىلالمىسام، ئۇنداقتا ماڭا قانداق تەسىرى بولىدۇ؟ بىز ئەڭ خەتەرلىك نەتىجىگە بەرداشلىق بېرەلەمدۇق – يوق؟ دىگەن مەسىلىلەرنى ياخشىراق ئويلىشىش كېرەك.
گەرچە بۈگۈنكى ئىگىلىك تىكلەش بازىرىدا سودا پۇرسىتى چەكسىز بولسىمۇ، بىراق مەبلەغ، ئىقتىدارى ۋە تەجرىبىسى چەكلىك بولغان ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا نىسبەتەن ئېيىتقاندا، بۇ ھەرگىز «ئېڭىشسىلا مول – ھوسۇل ئالالايدىغانلىقىدىن دېرەك بەرمەيدۇ.» شۇنىڭ ئۈچۈن، بىز ئاۋال مەغلۇبىيەت ۋە زەربىگە بەرداشلىق بېرەلەيدىغان پىسخىكىلىق ساپانى ھازىرلىشىمىز، ھەرگىزمۇ باشلىنىشتىلا ئىگىلىك تىكلەپ مۇۋەپپەقىيەت قازانغاندىن كىيىنكى شېرىن چۈشلەرنى كۆرمەسلىكىمىز لازىم.
مايۈن ئۆزىنىڭ كەچۈرمىشلىرىنى ئەسلەپ مۇنداق دەيدۇ: «مەن خىزمەت تېپىشتىن بۇرۇن 30 نەچچە قېتىم رەت قىلىنغان، ئەسكەر بولۇشۇم، ساقچى بولۇشۇم رەت قىلىنغان، كېندېجىغا بارساممۇ رەت قىلىنغان، مېھمانخانىلاردا كۈتكۈچى بولۇشۇممۇ رەت قىلىنغان، بۇ سانسىزلىغان رەت قىلىنىشلار ئاخىرىدا ماڭا نۇرغۇنلىغان قائىدىلەرنى ئۆگەتتى. ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ھەرگىزمۇ ئىگىلىك تىكلەپ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشنى ئەمەس، بەلكى ئىگىلىك تىكلەشتىكى روھنى قوغلىشىشى، ئىگىلىك تىكلەش جەريانىدىكى مۇشەققەتلەرنى چۈشىنىشى، ھەرخىل مۇناسىۋەتلەرنى جۇغلىشى كېرەك.» شۇنىڭ ئۈچۈن، ئىگىلىك تىكلەپ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشنى ئويلايدىغان ئاشۇ ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى يۇقىرىدىكى تەييارلىقلارنى تولۇقلاپ بولۇپ ئاندىن ئىگىلىك تىكلەشنى باشلىسا، مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش نىسبىتىمۇ كۆرۈنەرلىك يۇقىرى بولىدۇ.
مايۈننىڭ ئىگىلىك تىكلەش دەرسخانىسى
چىڭدۇ دەۋر نەشىرياتى
2014-يىلى 7-ئايلىق تۇنجى نەشىرى
ئەقىدە قاشگەرلىكى شىركىتى تەرجىمىسى
تەرجىمان : ئابدۇللا ئۆمەر
تەرجىمە تەھرىرى : رەيھانگۈل نىزام
2015-يىلى