مەرۋايىتنىڭ ئۇيغۇر تىبابىتىدە ئىشلىتىلىشى
مەرۋايىت ھەققىدە دەسلەپكى چۈشەنچىلەر ( 7 )
ئەقىدە شىركىتى مەرۋايىت زىننەتلىرى بۆلىمىدىن ئادالەت ئابلىكىم يازمىسى
مەۋايىت ________ زىننەت بۇيۇملىرى ، سوۋغات بۇيۇملىرى ، مەدەنىيەت بۇيۇملىرى، گىرىم بۇيۇملىرى ..... قاتارلىق كۆپ خىل ئورۇنلارغا ئىشلىتىلگەندىن باشقا يەنە قەدىمدىن ھازىرغىچە ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ سەركىسى بولغان ئۇيغۇر تىبابىتىدىمۇ دورا ماتىريالى ئورنىدا كەڭ كۆلەمدە ئىشلىتىلىپ كىلىنمەكتە ( دورا ماتىريالىغا تېشىلمىگەن ، تاتلىق سۇ مەرۋايىتى ئىشلىتىلىدۇ ) .
مەرۋايىت قوشۇلۇپ ئىشلەنگەن دورىلارنىڭ تۈرى ناھايىتى كۆپ بولغاچقا ھەممىسىنى بىرمۇ - بىر يېزىش مۇمكىنچىلىكىمىز يوق . سۆزىمىزنىڭ دەلىلى سۈپىتىدە مەرۋايىت قۇشۇلۇپ ئىشلەنگەن تۆۋەندىكىدەك بىر قانچە تۈرلۈك ئۇيغۇر تىبابەت دورا
رېتسىپلىرىنى دىققىتىڭلارغا سۇنىمىز :
خەمىرى مەرۋايىت (1)
تەركىبى : مەرۋايىت 60 گرام ، بىخ مارجان ، كەھرىۋا ، سەندەل 30 گرامدىن ، ئەنبەر 2 گرام ، كۈمۈش ۋەرەق 5 دانە ، گۇلاب ، ئەرەقى بىدمىشكى 5 گرامدىن ، قەنت 300 گرام ، ھەسەل 150 گرام .
تەسىرى : يۈرەكنى كۈچلەندۈرۈش ، ئاغرىق پەسەيتىش ، تېرىلەرنى ياخشىلاش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە .ھەر خىل سەۋەپتىن بولغان يۈرەك كېسەللىكى ،يۈرەك ئاجىزلىقى،نېرۋا ئاجىزلىقى،پۇت-قول ئاغرىش، ماغدۇرسىزلىق ،ئىشتىھاسىزلىق قاتارلىق كېسەللىكلەرگە،سەمرىتىشكە،ئىسسىق مىجەز كىشىلەرگە بېرىلىدۇ.
خەمىرى مەرۋايىت (2)
تەركىبى : تىشىلمىگەن مەرۋايىت ، ئەرەقى گۇلاپ ، ئەرەقى گاۋزىبان 10 گرامدىن ، ئاق بەھمەن ، قىزىل بەھمەن ، يۇمغاقسۈت ئۇرۇقى ، كاسىنە گۈلى ، پەرەنجىمىشكى ، گاۋزىبان ، بادرەنجىبۇيا ئۇرۇقى ، كاسىنە ئۇرۇقى 6 گرامدىن ، قىرقىلغان پىلە 10 گرام ، ئىپار ، ئەنبەر 1 گرامدىن ، ئالما شەربىتى 100 مىللىمىتىر ، ئامىلە مۇرابباسى ، ناۋات 200 گرامدىن .
تەسىرى : رەئىس ئەزالارنىڭ خىزمىتىنى ياخشىلايدۇ ، يۈرەك ۋە نېرۋىلارنى تىنچلاندۇرىدۇ.
مۇپەررىھى ئەۋرىشىم (1)
تەركىبى : سېرىق ئوت ، قېلىن دارچىن ، ئۇستىقۇددۇس ، ھەببى بىلسان ، ئاسۇرۇن ، قەلەمپۇر 12 گرامدىن ، زۆرەنباد ، دۇرۇنەج ئەقرەبى ، تىشىلمىگەن مەرۋايىت ، كەھرىۋا ، مارجان ، ئاق بەھمەن ، قىزىل بەھمەن ، سازەج ھىندى ، قاقىلە ، قۇندۇز قەھرى 9 گرامدىن ، كۆيدۈرۈلگەن پىلە 6 گرام ، پىلپىل ، زەنجىۋىل 3 گرامدىن .
تەسىرى : سەۋدا خىلىتلىنى نورماللاشتۇرىدۇ ، شىلىمشىق بەلغەملەرنى ئازايتىدۇ ، توسالغۇلارنى ئېچىپ مېڭىنى تازلايدۇ . كۆڭۈلگە خۇشلۇق پەيدا قىلىدۇ ، قۇيۇق يەللەرنى تارقىتىدۇ ، تاماق سىڭدۈرىدۇ .
مۇپەررىھى ئەۋرىشىم (2)
تەركىبى : قىرقىلغان پىلە 120 گرام ، ئالتۇن ، كۈمۈش تاۋلانغان سۇ 6 مېللىلىتىردىن ، گاۋزىبان ، پەرەنجىمشكى ، قىزىلگۈل ، سۇمبۇل ، ئاق شېكەر ، مەۋرايىت ، كەھرىۋا ،ياقۇت 6 گرامدىن ، ئاق سەندەل 8 گرام ، تاباشىر 9 گرام ، ئەنبەر 3 گرام، ئىپار 2 گرام .
تەسىرى : نېرۋىنى تىنىچلاندۇرىدۇ ، كۆڭۈلنى خۇش قىلىدۇ .
كۆھلى رۇشنائى
تەركىبى:سۈرمە مېتالى 360 گىرام،سەبرە 12 گىرام،مەرۋايىت 24 گىرام،مامۇرانچىنى 6 گىرام ،بىخ مارجان 15 گىرام،ئالتۇن ۋەرەق 4 گىرام
تەسىرى:كۆزنىڭ كۈرۈش كۈچىنى ئاشۇرىدۇ،ئاغرىق توختىدۇ.
يۇقارقى دورىلاردىن باشقا يەنەن مۇپەررىھى سەندەل ، مۇپەررىھى دىلكۇشايى مۆتىدىل ، مۇپەررىھى مەسھا ، مۇپەررىھى ياقۇتى ھار ، مۇپەررىھى ياقۇتى مۆتىدىل ، مۇپەررىھى ياقۇتى بارىد ، كۆھلى جاۋاھىر ....... قاتارلىق ئۇيغۇر تىبابەت دورىلىرىنىڭ نۇرغۇنلىرىغا مەرۋايىت ئىشلىتىلىدىغان بولۇپ،ئاساسلىقى يۈرەك، مېڭە،جىگەر قاتارلىق رەئىس ئەزالارنى كۈچلەندۈرۈش ۋە بۇ خىل كېسەللىكىنى داۋالاشتا كەم بولسا بولمايدىغان دورا ماتىريالى ھىساپلىنىدۇ.
رېتسىپلارنىڭ مەنبەسى : قەشقەر ئۇيغۇر نەشىرياتى 1999 -يىلى نەشىر قىلغان
<< ئۇيغۇر تىبابىتىدە سىناقتىن ئۆتكەن رېتسىپلار >>
ناملىق كىتاب 487-بەتتىن 557-بەتكىچە كىرگۈزۈلگەن رېتسىپلاردىن تاللاندى.