پەرق بولغاندىلا ئاندىن تەرەققىيات بولىدۇ
ۋېنجو سودىگەرلىرىنىڭ ئۆزگىچە تەپەككۈرى
4 - باب 10 - پارگىراف
بېيىش تەپەككۇرى:
نامراتلار: تىجارەت قىلغاندا مەن ھەمىشە قانداق قىلسام چوڭ شىركەتلەر بىلەن ئوخشاش قىلالايمەن دەپ ئويلايمەن.
ۋېنجۇلۇقلار: بازار پەقەتلا ئۆزگىچىلىكى بار كارخانىلارغا مەنسۇب، كارخانىنى چوقۇم باشقىلار بىلەن ئوخشىمايدىغان ئۇسۇلدا قىلىش كېرەك، بىر تاغدا ئىككى يولۋاس بىرلىكتە تۇرالمايدۇ، ئىككى كارخانا ئوپمۇ-ئوخشاش بولسا چوقۇم بازار تەرىپىدىن شاللىنىپ كېتىدۇ.
پەرق بولغاندىلا ئاندىن بازاردا پۇت دەسسەپ تۇرغىلى بولىدۇ، پەرق بولغاندىلا ئاندىن ئوخشاش كەسپتىكى رىقابەتچىلەر ئىچىدە يېڭىلمەس ئورۇندا تۇرغىلى بولىدۇ. پەرقلەشكەن تەشۋىقاتتىكى «پەرق» نىڭ كۆرسىتىدىغىنى مەھسۇلاتنىڭ «تەقلىد قىلغىلى بولماسلىقى» دۇر، يەنى مۇنداق دىگەنلىك -مەھسۇلاتنىڭ ئىقتىدارى، سۈپىتى، مۇلازىمىتى، تەشۋىقات قاتارلىق جەھەتلەردە خېرىدارلارنى ئۆزگىچە ئامىللار بىلەن تەمىنلەشنى كۆرسىتىدۇ.
كۆپچىلىك ھەممىسى ياغدا پىشۇرۇلغان توخۇنى ھەممىدىن ياخشى قىلىدىغانلار كېنتاكى بىلەن مەكدونالد دەپ قارايدۇ، تەقلىد قىلىشقا ماھىر ۋېنجۇلۇقلار كېنتاكىدىن ئۆرنەك ئالماقچى بولغان. 2000-يىلى، ۋېنجۇلۇق سودىگەر شۈەن جيې ۋېنجۇدا كېنتاكى ۋە مەكدونالدقا تەقلىد قىلىنغان تېز تاماقخانا ئاچقان. بىراق بۇ ئاشخانا بەختكە قارىشى ئۈچ-تۆت ئايغا يەتمىگەن ۋاقت ئىچىدە تاقىلىپ قالغان.
مەغلۇبىيەت ئالدىدا شۈەن جيې يەنىلا بوشىشىپ قالمىغان. ئۇ ئەستايىدىل ئويلىنىش ئارقىلىق، 2 مىليون يۈەنلىك باھا بىلەن سىنگاپورنىڭ «دومېيلى» ماركىسىنىڭ ۋېنجۇ ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى رايونلارنىڭ ۋاكالەتچىلىك ھوقۇقىنى ئالغان.
نۇرغۇنلىغان كىشىلەرنىڭ قارىشىچە، شۈەن جيېنىڭ بۇ قېتىمقى مەبلەغ سېلىشى چوقۇم مەغلۇب بولاتتى. چۈنكى «دومېيلى» دەك ماركىلار دۇنيادىكى 500 كۈچلۈك كارخانىغا تەۋە بولغان كېنتاكى ۋە مەكدونالدقا يولۇقسا چوقۇم مەغلۇب بولاتتى.
ئادەمنى ھەيران قالدۇرغىنى، «دومېيلى» نىڭ ۋېنجۇدىكى تىجارىتى ناھايىتى روناق تېپىپ نۇرغۇنلىغان كىشىلەرنى جەلپ قىلغان.
ئۈچ ئايدىن كېيىن، شۈەن جيې نىڭبودا «دومېيلى» نى ئېچىشنى قارار قىلغان.
تۆت ئايدىن كېيىن، «دومېيلى» خۇجۇغا كىرگەن.
ئارقىدىن رۈيئەن، لۇڭگاڭ، ۋېنلىڭ ۋە بېييۈ قاتارلىق ئىقتىسادىي تەرەققىي قىلغان جايلار شۈەن جيېنىڭ كېڭىيىش نىشانىغا ئايلانغان. بۈگۈنكى كۈندە، «دومېيلى» نىڭ ۋېنجۇ ئەتراپىدىكى مەخسۇس تاماقخانىلىرى 30 دىن ئاشتى .بۇنىڭ بىلەن شۈەن جيې ئۆز تەۋەلىكىدىكى كېنتاكى ۋە مەكدونالدتەك كارخانىلارنى سىقىپ چىقىرىپلا قالماستىن، يەنە «دومېيلى» نىڭ جۇڭگو بازىرىدىكى ئۈلۈشىنىڭ ئۈچتىن بىر قىسىمىنى ئىگىلىگەن، ھەتتا سىنگاپوردىكى «دومېيلى» نىڭ باش شىتابىمۇ دائىم ۋېنجۇغا ئادەم ئەۋەتىپ تەجرىبە ئالماشتۇرىدىغان بولغان.
«دومېيلى» نىڭ غەلبىسى كىشىلەرنى ھەيران قالدۇرغان، ئۇنداقتا شۈەن جيېنىڭ تىجارەتتىكى مەخپىيەتلىكى زادى نەدە؟
شۈەن جيېنىڭ قارىشىچە، ئۇنىڭ تىجارەتتتىكى مەخپىيەتلىكى ئاساسلىقى بازاردا ئىستىمالچىلار توپىنى توغرا بەلگىلەش جەھەتتە ئىپادىلىنىدۇ.
تۇنجى قېتىملىق مەغلۇبىيەتنىڭ سەۋەبى -ئۇنىڭ ئىستىمالچىلار توپىنى نىشانلىشى توغرا بولمىغان، ئاددى ھالەتتىكى تەقلىد قىلىش كارخانىنىڭ بازاردىكى ئورنىنى يوقىتىپ قويغان. «دومېيلى» غا مەبلەغ سالغاندىن كېيىن، شۈەن جيې بازاردا غەلبە قىلىش ئۈچۈن چوقۇم كېنتاكى ۋە مەكدونالد بىلەن ئىستىمالچىلار توپىنى ئايرىش كېرەكلىكىنى چۈشىنىپ يەتكەن. شۇنىڭ بىلەن كېنتاكى ۋە مەكدونالد نەزىرىنى ياشلارغا تىككەن بولسا ،«دومېيلى» بولسا نەزىرىنى بالىلارغا تىككەن.
پەرقلەشكەن تەشۋىقات «دومېيلى» نى كېنتاكى ۋە مەكدونالد بىلەن يۈزمۇ-يۈز رىقابەتلىشىپ قېلىشتىن ساقلىغان، ئۇلار بالىلارنى ئاساس قىلىپ بازاردىكى بوش ئورۇننى تاپقان. ئەمەلىيەتتە، بالىلارنى ئېلىپ «دومېيلى» غا كېلىدىغان كىشىلەر توپى ياشلار بىلەنلا چەكلىنىپ قالماستىن، يەنە ئاتا-ئانىلار، ياشانغانلار قاتارلىق كىشىلەر توپىغىمۇ مەركەزلەشكەن، شۇنداق قىلىپ «دومېيلى» نىڭ ئىستېمالچىلار توپى بارلىق ئىستېمال توپلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان، بۇ دەل «دومېيلى» نىڭ باشقىلاردىن پەرقلىنىدىغان جايى.
ئۇنىڭدىن باشقا، تىجارەت شەكلى جەھەتتە «دومېيلى» يېڭى مەھسۇلاتلارغا بولغان سېلىنمىنى كۆپەيتكەن، ھەمدە ماتېرىياللارنى باش شىتاب بىۋاستە تەمىنلەش ئارقىلىق سۈپەتكە كاپالەتلىك قىلغان، بۇنىڭدىن «دومېيلى» نىڭ دۇنيادىكى 500 كۈچلۈك كارخانا بىلەن بولغان رىقابەتتىمۇ تەرەققىي قىلالىغانلىقىدىن ئەجەبلەنمىسەكمۇ بولىدۇ.
كاناساكى ماتسۇشىتا ئىلگىرى مۇنداق دېگەن: «ھەر قانداق ۋاقتتا كارخانا كەسكىن رىقابەتتە پۇت تىرەپ تۇرماقچى بولىدىكەن، چوقۇم رىقابەتچىلىرىنىڭ تىجارەت ئەندىزىسىنى ئېنىق بىلىشى كېرەك. ئەگەر قارىشى تەرەپ ھەرىكەت قوللانغاندىن كېيىن ئاندىن پىلانلىساق، ئۇنداقتا بۈگۈنكى رىقابەت دەۋرىدە چوقۇم سەپتىن چۈشۈپ قالىمىز. كۆرۈۋالغىلى بولىدۇكى، كارخانا چوقۇم ئۆزىنىڭ بازاردىكى ئورنىنى ئېنىق قىلىش، ئۆزىنىڭ نىشانىنى ئېنىق بىلىش، كەسكىن رىقابەت شارائىتىدا بازاردىكى بوشلۇقنى بايقاشقا ماھىر بولۇش، ئۆزىنىڭ بازار ئۈلۈشىنى مۇقىملاشتۇرۇش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇش، ئۆز مەھسۇلاتىنى بازاردا يېتەكچى ئورۇنغا ئېلىپ چىقىش ئۈچۈن تىرىشىشى كېرەك.>>
ۋېنجۇلۇقلارنىڭ بايانى:
ھازىرقى بازاردا خېرىدارنىڭ دېگىنى ھېساب، شۇڭا ساختا، چوڭ گەپ قىلىدىغان تەشۋىقات ئۇسۇللىرىنىڭ ھەممىسى بازار تەرىپىدىن شاللىنىپ كېتىدۇ، سەمىمىيەت تەشۋىقاتىلا كەلگۈسى بازاردىكى ئاساسلىق ئېقىم، كارخانىنى تەرەققىيات يولىغا ئېلىپ ماڭىدىغان ئاچقۇچ.
-كۈنشەن جياخۇا دەرەخ يېلىمى چەكلىك شىركىتىنىڭ قانۇنىي ۋەكىلى خۇاڭ جىنلۇڭ
مەنبە: 时事出版社 نەشىر قىلغان
<< 温州人想的和你不一样 >>ناملىق كىتاب
2014-يىلى 24-قېتىملىق نەشىرى
ئەقىدە قاشگەرلىكى شىركىتى تەرجىمىسى
تەرجىمان : ئابدۇللا ئۆمەر
تەرجىمە تەھرىرى : رەيھانگۈل نىزام
2015-يىلى 7-ئاينىڭ 13-كۈنى