كىشىلىك مۇناسىۋەت پۇلدىن مۇھىمدۇر
جېجىياڭ سودىگەرلىرىنى غەلبىگە باشلىغان 22 تۈرلۈك سودا قائىدىسى
يەتتىنچى باب
كىشىلىك مۇناسىۋەت پۇلدىن مۇھىمدۇر، ھەمكارلاشقاندىلا چوڭ
ئىشلارنى تەۋرەتكىلى بولىدۇ
*ئاۋۋال مۇناسىۋەتنى ياخشىلاش، ئاندىن سودا قىلىش لازىم
كىشىلىك مۇناسىۋەت بولسا جېجىياڭلىقلارنىڭ سودىدا مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشىدىكى يەنە بىرمۇھىم ئامىل. سىرتلاردا خىزمەت قىلىۋاتقان جېجىياڭلىقلىقلار كىشىلىك مۇناسىۋىتىگە تايىنىپ ئۆزىنىڭ ئىشلىرىنى قانات يايدۇرالايدۇ. «ئۇلارنىڭ بېيجىڭ، تىيەنجىن، گۇاڭجۇ،ھەتتا چەتئەل بازارلىرىدىكى ئۇچۇرلارنى بىلەلىشىدىكى سەۋەب، كىشىلىك مۇناسىۋەت تورىغا تايىنىپ ئۇچۇرلارنى چۇغلىغانلىقىدا.» دېدى جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەرئاكادىمىيىسى جەمئىيەتشۇناسلىق تەتقىقات مەركىزىدىكى تەتقىقاتچى ۋاڭ چۈنگۇاڭ.
«سەن مەندىن كارخانا قۇرۇشتا نېمە ئەڭ مۇھىم دەپ سورىساڭ، مەن ئادەم دەپ جاۋاب بېرىمەن. سەن مەندىن ئەڭ باش ئاغرىقى بولىدىغىنى نېمە دەپ سورىساڭ، يەنىلا ئادەم دەپ جاۋاب بېرىمەن. سەن مەندىن كارخانىدىكى ئەڭ كەمچىل نەرسە نېمە دەپ سورىساڭ، مەن يەنىلا ئادەم دەپ جاۋاب بېرىمەن.» دېدى شېڭخۇا گورۇھى پاينى كونترول قىلىش چەكلىك شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى شىيا شىلىن. بىز مال – مۈلۈكلىرىمىدىن ئايرىلىپ قالساق،يەنە قايتا باشلايدىغان پۇرسەتكە ئېرىشەلەيمىز. بىراق دوستىمىزنى يوقىتىپ قويساقلا، ئىككىنچى قېتىملىق پۇرسەتكە ئېرىشەلمەيمىز. ئەقىللىق جېجىياڭلىقلاركىشىلىك مۇناسىۋەتكە ناھايىتى ئەھمىيەت بېرىدۇ، ئۇلار ھەمىشە ئۆزىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن كىشىلىك مۇناسىۋەت تورى قۇرۇپ چىقىدۇ.
كۆپ ساندىكى جېجىياڭلىقلار دوستلىرىنى بىرىنچى ئورۇنغا قويىدۇ، چۈنكى دوست كۆپ بولغاندا، پۇرسەتمۇ كۆپ بولىدۇ. ئىسلاھات ئېچىۋېتىشتىن كىيىن، نەچچە ئون مىڭلىغان ۋېنجۇلۇقلار مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا سودا قىلىۋاتقان چاغلاردا ئەڭ مودا بولغان ئىككى جۈملە سۆز: «ئاۋۋال مۇناسىۋەتنى ياخشىلاش، ئاندىن سودا قىلىش.»، «پەقەت مۇناسىۋەت بولغاندىلا، ئاندىن سودا ئۈزۈلۈپ قالمايدۇ.» ئىدى. بۇ خىل مۇناسىۋەت تورىغا ناھايىتى كۆڭۈل بۆلىدىغان پىسخىكىلىق ھالەت بولغاچقا، ۋېنجۇلۇق بۇ سودىگەرلەر چەكسىز سودا دېڭىزىدا زور غەلبىگە ئېرىشتى.
ۋېنجۇلۇق بىر كارخانىچى مۇنداق دېگەن: «ئەزىمەتكە يۆلەك جىق بولىدۇ، دوستىڭىز كۆپ بولسا يولىڭىز كۆپ بولىدۇ، كىشىلىك مۇناسىۋەت تورى قۇرۇش ئۆزىنىڭ كىيىنلىكى ئۈچۈن تەرەققىيات يولى قالدۇرۇشتۇر. بۈگۈنكى رىقابەتچىمىز ئەتە بەلكى بىزنىڭ شېرىكىمىزگە ئايلىنىشى مۇمكىن، سودا مەيدانلىرىدا دوستلار بىلەن تونۇشۇشقا بولىدۇ، ھەرگىزمۇ ئۇلاردىن يۈز ئۆرۈشكە بولمايدۇ.» دېگەن.
بىرئادەمنىڭ كۈچى چەكلىك بولىدۇ، گەرچە ئازراق كۈچى بولسىمۇ، ئەمما چوڭ ئىشلارنى قىلىپ بولالمايدۇ. چوڭ ئىشلارنى قىلىشتا چوقۇم كۆپچىلىككە تايىنىش لازىم. دوستنىڭ ئىشىنى ئۆزىنىڭ ئىشىدەك كۆرگەن چاغدا كۆپچىلىك سىزنىڭ ئىشىڭىزنى ئۆزىنىڭكىدەك كۆرىدۇ،دوست بولمىغاندا، ناھايىتى كۈچلۈك ئىقتىدارى بولسىمۇ يەنىلا ئامال يوق. مۇنداق دوستلۇققا بەدەل تۆلىگەندە ئاندىن ئېرىشكىلى بولىدۇ، ئالەمدە بېكارلىق ئىش يوق، باشقىلارنىڭ سىزگەياردەم قىلىشىنى كۈتكەندىن كۆرە، ئۆزىڭىز ئاكتىپلىق بىلەن باشقىلارغا ياردەم قىلىغىنىڭىز تۈزۈك. ئېھتىمال، سىز ياردەمگە مۇھتاج ۋاقىتتا، سىزگە ياردەم قىلىدىغان ئادەم چىقىشىمۇ مۇمكىن.
**سودىنى توپلىشىپ قىلىش كېرەك
بىر ئادەم سودا قىلسا پۇل تاپقىلى بولمايدۇ، كۆپچىلىك بىرلىكتە قىلسا ئاندىن پۇل تاپقىلى بولىدۇ
جېجىياڭ تىڭيۈ گورۇھىنىڭ باش مۇدىرى فەن تىڭيۈ ئىلگىرى مۇنداق دېگەن: «بىر ئادەم ئىش قىلسا پۇل تاپقىلى بولمايدۇ. بىز جېجىياڭلىقلار ئەلمىساقتىن سودىنى توپلىشىپ قىلىمىز، بۇخىل توپلىشىش تىجارەتنىڭ تارقىلىش زىچلىقىدا ئىپادىلىنىپلا قالماستىن، جەمەت خاراكتېرلىك كارخانىلاردا تۇغقانلارنىڭ مەسئۇل بولۇشىدا ئىپادىلىنىدۇ.»
ھەر بىرشەھەرنىڭ سودا چەمبىرىكىدە، دائىم ئۆز – ئارا يەرلىك دىئالىكىتتا سۆزلىشىۋاتقان كىشىلەرنى كۆرگىلى بولىدۇ، ئەتراپتىكى كىشىلەر ھېچنىمىنى بىلمەيلا قالىدۇ. بۇ خىل كىشىلەرنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ جېجىياڭلىق ئىكەنلىكىنى دېيىشنىڭ ھاجىتى يوق. بىراق بۇخىلدىكى قويۇق يۇرت تەلەپپۇزى ئۇلارنى تېخىمۇ يۇقىرى ئۆرلىتىپ، ياقا – يۇرتلاردىكى جېجىياڭلىق سودىگەرلەرنىڭ ئارلىقىنى قىسقارتتى.
باشقاجايلاردىكى سودىگەرلەرنىڭ قارشىچە، جېجىياڭ سودىگەرلىرىنىڭ بۇنداق شۆھرەت قازىنىشىنى ئۇلارنىڭ ئىتىپاق، ئۆز – ئارا ياردەم بېرىدىغان ئۆم – ئىناق روھىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ. بۇ خىلدىكى ھەمكارلىق روھى دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى جېجىياڭلىق سودىگەرلەرنىڭ ئارسىدا بىر خىل مەدەنىيەتكە ئايلانغان.
جېجىياڭلىق سودىگەرلەر پۈتۈن مەملىكەت، پۈتۈن دۇنياغا تارقالغان، ئۇلار بارغانلىكى جايلاردا يۇرتداشلىرىنى يىغىپ، سودا ئۇيۇشمىلىرىنى تەشكىللەپ، ئۆز تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. «جېجىياڭ كارخانىچىلار بىرلەشمىسى»، «ۋېنجۇ سودا ئۇيۇشمىسى» قاتارلىقلارپۈتۈن دۇنيا ۋە دۆلىتىمىزنىڭ ھەرقايسى ئاساسلىق شەھەرلىرىگە تارقالغان.
دۈن چاڭشېڭنىڭ قارىشىچە، بۇ خىل يۇرتداشلار ئۇيۇشملىرى جېجىياڭ سودىگەرلىرىنىڭ ئىناق -ئىتتىپاقلىقىنىڭ مەھسۇلى، جېجىياڭلىق سودىگەرلەر توپىنىڭ ئۇيۇشۇشتىكى يادروسى، يەنەكېلىپ سىرتتىكى سودىگەرلەرنىڭ مەنپەئەتىگە ۋەكىللىك قىلىدىغان قۇرۇلما.
جېجىياڭلىقلار تاماقنى كۆپۈنچە ۋاقىتلاردا يالغۇز يىمەيدۇ، ھەر قېتىم ئۇلار بىريەرگە بارغاندا ئۆز – ئارا توپلىشىشنى ياختۇرىدۇ. بىر كەسىپتە پايدا تاپالىسا،دوستلىرى بىلەن بىرلىكتە قىلىدۇ. بۇ بولسا پۈتۈن مەملىكەتتىكى چوڭ – ئوتتۇرا شەھەرلەردىكى تىجارەتچىلەرنىڭ كۆپ قىسىمىنىڭ جېجىياڭلىق سودىگەرلەر ئىكەنلىكىنىڭ سەۋەبى.
ئەمەلىيەت مۇھاكىمىدىن ئۈستۈن تۇرىدۇ. نەنجىڭ نىڭبو ئىقتىسادىي قۇرۇلۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش جەمئىيىتىنىڭ نزامنامىسىدىكى بىر ماددىدا مۇنداق دېيىلگەن: «نىڭبونىڭ نەنجىڭدىكى سودا كارخانىلىرى ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىمىز، سىلەر ئۈچۈن باش قېتىنچىلىقىڭلارنى ھەل قىلىمىز.» نەنجىڭ كاڭلى تاش ماتېرىياللىرى شىركىتىنىڭ ھازىرقى باش لېدىرى ۋاڭ گاڭ بۇ پىرىنسىپنى قوللىنىپ پايدا ئالغان. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ ناھايىتى ياخشى بولغان گورۇپپا، تىجارەت جەھەتتىكى قىيىنچىلىقىڭىز بولسۇن ياكى تۇرمۇشتىكى قىيىنچىلىقىڭىز بولسۇن ئۇيۇشمىدىكى ئاكا – ئاچىلار سىزگە ياردەملىشىپ ھەل قىلىدۇ. بىر تۈمەندىن ئارتۇق ئەزا ئىچىدە، كىمنىڭ سىزگە ياردەملىشىپ مەسىلىنى ھەل قىلىدىغان ئىقتىدارى بولسا ئىلگىرى سۈرۈش جەمئىيىتى ئارقىلىق سىزگە ياردەم قىلىدۇ.
«توپلىشىپ ئىتتىپاقلىشىش بىزنى گىگانت ئادەملەرگە ئايلاندۇرىدۇ.» بۇ جېجىياڭلىقلارنىڭ ھەممىسى چۈشىنىدىغان قائىدە. جېجىياڭ سودىگەرلەر ئۇيۇشمىسىنى قۇرۇش بولسا جېجىياڭ سودىگەرلىرىنىڭ نەنجىڭ بازارلىرىنى تېخىمۇ چوڭ ئېچىش ئۈچۈن تەمنىلەنگەن بىرھەمكارلىق سەھنىسى.
نىڭبو شىياڭياڭ بېلىقچىلىق پورتى يېمەك – ئىچمەك شىركىتىنىڭ مەسئۇلى: «بۇنى يۇرتداشلارئۇيۇشمىسىنىڭ رولىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ، يۇرتداشلار ئۇيۇشمىسىنىڭ ياردىمى بولمىغاندا، شىياڭياڭ بېلىقچىلىق پورتىنىڭ نەنجىڭدىكى تەرەققىياتى بۈگۈنكىدەك تىزبولمىغان بولاتتى.» دېگەن.
نەنجىڭنىڭ بو ئىقتىسادىي قۇرۇلۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش جەمئىيىتىنىڭ كارخانا ئەزاسى: «تىجارەت داۋامىدا ئىلگىرى سۈرۈش جەمئىيىتىنىڭ رولى ناھايىتى چوڭ بولدى، %80 كارخانا ئىلگىرى سۈرۈش جەمئىيىتى ئارقىلىق تىجارەت تۈرىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك يولغا قويدى،%90 كارخانا ئىلگىرى سۈرۈش جەمئىيىتىنىڭ ياردىمىگە ئېرىشىپ باققان.» دېگەن.
«جېجىياڭ سودىگەرلىرى دەسلەپكى مەبلەغ توپلاش باسقۇچىدا چوقۇم دوستلىرىدىن قەرز ئالىدۇ ياكى سودا ئۇيۇشمىسىغا كىرىدۇ.» دېدى دۈن چاڭشېڭ. جېجىياڭلىق سودىگەرلەرنىڭ مەبلەغ چۇغلىشى باشقا سودىگەرلەرنىڭكىدىن كۆپ ئاسان، ئىلگىرى نوپۇزلۇق ئورگانلار سىتاتسىتىكا قىلىپ باققان بولۇپ، جېجىياڭ سودىگەرلىرى توپلىغان %80 مەبلەغ خەلق ئىچىدىكى قەرزپۇلدىن كەلگەن، بۇمۇ جېجىياڭ سودىگەرلىرىنىڭ «ئۇيۇشۇش روھى» نى ئىپادىلەپ بېرىدۇ.
«ئەزىمەتكە ئۈچ يۆلەك، چىتلاققا ئۈچ تىرەك.» جېجىياڭ سودىگەرلىرى دەل مۇشۇنداق «ئۇيۇشۇش روھى»غا تايىنىپ توسالغۇسىز ھالدا چوڭ ئىشلارنى قىلالايدۇ. بۇنىڭدىن كۆرۈۋالغىلى بولىدۇكى، پەقەت سىز ئۆزىڭىزنىڭ كىشىلىك مۇناسىۋىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا ماھىربولسىڭىزلا، سىزنىڭ ئىشلىرىڭىزنىڭ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش نىسبىتى %50 گە يېتىدۇ.چۈنكى، كىشىلىك مۇناسىۋەت تورى سىزگە پۇل، تېخنىكا ۋە يول ئېلىپ كىلەلەيدۇ. پۇل ۋە تەجىرىبە بولمىغان شارائىت ئاستىدا، سودىنى سىز ئىشىنىدىغان دوستلىرىڭىز بىلەن بىللە قىلىسىڭىز، ھەربىر ئادەمنىڭ مەبلىغى ۋە تەجىرىبىسىدىن پايدىلىنىپ تېخىمۇ چوڭ ئۈنۈمگە ئىرىشەلەيسىز.
***مىڭلاپ تەبرىك كارتىسى خاتا تارقىتىلسىمۇ، بىر ھەقىقىي خېرىدار قولدىن
چىقىپ كەتمىسۇن
سودامەيدانى جەڭ مەيدانىغا ئوخشايدۇ، بۇ گەپ سودا رىقابىتى نوقتىسىدىن ئېيتىلغان.ئەگەر بازارنى كېڭەيتىش نوقتىسىدىن ئېيىتقاندا، سودا مەيدانى دەل «ئادامگەرچىلىك مەيدانى» دۇر. ئەگەر سىز خېرىدارلار بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى ياخشى بىر تەرەپ قىلالمىسىڭىز، ئۆزىڭىزنىڭ مەھسۇلاتلىرىنى قانداق ساتالايسىز؟ شۇنىڭ ئۈچۈن،خېرىدارغا قانداق مۇئامىلە قىلىش، قانداق قىلىپ خېرىدارلار قانائەتلىنىدىغان مۇھىت ۋە مۇلازىمەت پوزىتسىيىسىنى يارىتىش بولسا ناھايىتى مۇھىم.
ۋېنجۇلۇق بىر سودىگەر: «تىجارەت مۇناسىۋەتلىشىشكە ئوخشايدۇ.» دېگەن. خېرىدار بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى قانداق بىر تەرەپ قىلىش كېرەك؟ بىر قائىدىنى ئېسىڭىزدە تۇتۇشىڭىزكېرەك، سىز باشقىلارغا قانداق مۇئامىلە قىلسىڭىز، باشقىلارمۇ سىزگە شۇنداق مۇئامىلە قىلىدۇ. مەسىلەن: باشقىلار سىزگە دوستانە بولسا، سىزمۇ ئۇنىڭغا خۇشاللىق بىلەن مۇئامىلە قىلىسىز. سىزمۇ باشقىلارغا دوستانە بولۇپ ئۇلارنى خۇش قىلسىڭىز،ئۇلارمۇ رازىمەنلىك بىلەن سىزگە يۈزلىنىدۇ. شۇڭا سىز ھەقىقەتەن خېرىدارنى تەڭرى ئورنىدا كۆرۈپ مۇئامىلە قىلالىسىڭىز، ئۇنىڭغا كۆپرەك ئىش قىلىپ بېرەلىسىڭىز،سىزنىڭ تىجارىتىڭىزمۇ بارغانسىرى چوڭىيىدۇ.
لېڭ لەنفاڭ بولسا «يىپەك يولى» پاينى كونترول قىلىش گورۇھىنىڭ باش مۇدىرى، تىجارەتتە ناھايىتى ئېپى بار. ئۇ تىجارەت قىلىش جەريانىدا، ھەربىر خېرىدارنى ناھايىتى مۇھىم بىلىپ مۇئامىلە قىلىدۇ. ئۇ مىڭلىغان تەبرىك كارتىسىنى خاتا تارقاتسىمۇ، بىر خېرىدارنى قولدىن چىقارماسلىق كۆز قارشى بۇيىچە شىركەت تىجارىتىنى روناق تاپقۇزىدۇ.
لېڭ لەنفاڭ:«كارخانىنى ياخشى يۈرۈشلەشتۈرۈش ناھايىتى تەس، بىراق مەن قېرىنداشلىرىم بىلەن بىرلىكتە داۋاملىق ئالغا قاراپ ئىلگىرىلەيمىز، ھەم بىر – بىرىمىزگە ياردەم قىلىشىمىز.» دېگەن.
بۇسۆزلەردىن ئادەمگەرچىلىك ئۇرغۇپ تۇرىدۇ، چۈنكى لېڭ لەنفاڭنىڭ دېگىنى بىلەن قىلغىنى بىردەك. ئۇ تىجارەت داۋامىدا نۇرغۇنلىغان ئادەملەرنىڭ تىرىشچانلىقى ئاستىدا، سۈپەتنى بىرىنچى ئورۇنغا قويىدۇ، ئاندىن خېرىدارلار بىلەن ياخشى مۇناسىۋەت ئورنىتىشقا تىرىشىدۇ. ئۇنىڭ خىزمەتچىلىرىنىڭ ئېيتىشىچە، شىركەت بىلەن ھەمكارلاشقان ھەربىر خېرىدار باش مۇدىرنىڭ ئىللىق ئىش بېجىرىش ئۇسۇلى ۋە كىشىلەرگە مۇئامىلە قىلىش پوزىتسىيىسىدىن تەسىرلىنىدىكەن.
جېجىياڭلىق سودىگەرلەر قىزغىن، سەمىمىيلىك بىلەن خېرىدارلارغا مۇئامىلە قىلىدۇ، كۆپىنچە سودىگەرلەر خېرىدارلارنى سادىق سېتىۋالغۇچىغا ئايلاندۇرالايدۇ، بۇ دەل جېجىياڭلىق سودىگەرلەرنىڭ تىجارەت قىلىشىدىكى قىبىلىنامىسى.
ئەگەر سودىگەرلەردائىم قانداق قىلىپ خېرىدارنىڭ يانچۇقىدىكى پۇلنى ئېلىشنى كۆزلەپ، خېرىدارلاربىلەن قانداق مۇناسىۋەت قىلىشقا قىزىقمىسا، ئۇنداقتا خېرىدارمۇ ئۆزىنىڭ پۇل قاپچۇقىنى چىڭ سىقىملاپ تۇتىۋالىدۇ – دە، ھېساباتنى ناھايىتى چىڭلىق بىلەن قىلىدۇ.ئەكسىچە بولغاندا، سودىگەر خېرىدار ئۈچۈن ئانچە – مۇنچە بەدەل تۆلەپ كۆپرەك ئىشقىلىپ بەرسە، خېرىدارمۇ بۇنىڭدىن تەسىرلىنىپ سودا قىلىدۇ،مۇنداق بولغاندا خېرىدارنىڭ تەشۋىقاتى ئارقىلىق تېخىمۇ كۆپ خېرىدارلار جەلپ قىلىنىشى مۇمكىن.
فېي چىڭخەي جېجىياڭنىڭ جىنخۇادا تۇغۇلغان. ئۇ ئوقۇش پۈتتۈرگەندە، ئىگىلىك يارىتىش خىيالى ئۇنىڭ مېڭىسىنى چىرمىۋالىدۇ، بىراق ئەمەلىي تەجىرىبىسىنىڭ تېخى يىتەرلىك ئەمەسلىكىنى كۆزدە تۇتۇپ، بىر چۆگۈن زاۋۇتىدا مال سېتىش خىزمىتىنى قىلىدۇ.توختىماستىن ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش ئارقىلىق، ئۇ بىر يۈرۈش ئۈنۈملۈك، تىزدىن خېرىدارلارغا تەسىر قىلالايدىغان سېتىش ئۇسۇللىرىنى يەكۈنلەپ چىقىدۇ. يەنى ئۇ ھەركۈنى سەھەردە باشقىلارنىڭ شىركىتىگە باراتتى، بۇ چاغدا تېخى ئىشقا چۈشىدىغان ۋاقىت بولمىغان بولۇپ، تازىلىقچىلا ئۇ يەردە خىزمەت قىلاتتى. فېي چىڭخەي تازىلىق ئىشچىسىغا: «مەن سىزگە ياردەملىشىپ سۇ سېپىشىپ بېرەي، سۇ چېچىپ بولۇپ سۈپۈرسە چاڭ –توزان چىقمايدۇ.» دەيىتتى. تازىلىق ئىشچىسى بىر تەرەپتىن سۇ سېپىش چۆگۈنىنى ناھايىتى سۈپەتلىك ئىكەن دەپ ئويلىسا، يەنە بىر تەرەپتىن فېي چىڭخەينىڭ ياردىمىدىن مىننەتدار بولۇپ، پۈتۈن كۈچى بىلەن خوجايىنغا ئۇنىڭ چۆگۈنلىرىنى تونۇشتۇراتتى،بەزىدە بىر قېتىمدىلا نەچچىنى سېتىۋالاتتى.
باشقىلار ئىشقا چۈشكەندە، فېي چىڭخەينىڭمۇ ئۆزىگە چۇشلۇق ئامالى بار ئىدى. ئۇ مال سېتىۋېلىشقا مەسئۇل خادىمغا: «مەن سىزگە بۇ مەھسۇلاتنىڭ ئالاھىدىلىكىنى كۆرسىتىپ، سىزگە يەر تازىلاپ بېرەي.» دەيىتتى.
فېيچىڭخەينىڭ بۇ خىل ئامالىدا مەھسۇلاتنىڭ ئالاھىدىلىكى نامايان بولۇپلا قالماستىن،يەنە ئۇنىڭ سەمىمىيلكى ئىپادىلىنىپ ناھايىتى ئۈنۈملۈك بولاتتى.
تىرىشىش ئارقىلىق، ئۇ ئۆزىنىڭ كارخانىسىغا ئىگە بولدى. خىزمەت جەريانىدا ئۇ دائىم خىزمەتچىلەرگە: «خېرىداردىمەك-بايلىق دىمەكتۇر دېمەكتۇر، خېرىدار دەل بىزگە مائاش تارقىتىدىغان ئادەم، شۇنىڭ ئۈچۈن، خېرىدار بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى چوقۇم ياخشى قىلىش كېرەك.»دەيدۇ.
كەسپىي خىزمەت جەريانىدا جېجىياڭ سودىگەرلىرىمۇ ئۆزلىرى ئالاقە قىلغان ھەربىر خېرىدارنىڭ ئۇلارنىڭ ھەقىقىي خېرىدارى بولۇشى ناتايىنلىقىنى تونۇپ يەتكەن، شۇنداقتىمۇ ئۇلار يەنىلاخېرىدارلار ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىدۇ. چۈنكى ئەكسىچە بولغاندا خېرىدارغا ئېرىشىشقا ئامال بولماي قالىدۇ. جېجىياڭلىق سودىگەرلەرنىڭ غەلبە قىلىشىدىكى سەۋەب، ئۇلار «مىڭلاپ تەبرىك كارتىلىرى خاتا تارقىتىلسىمۇ، بىر ھەقىقىي خېرىدارنى قويۇپ بەرمەسلىك»دېگەن پىرىنسىپ بۇيىچە سودا قىلغانلىقىدا.
سودا مەيدانلىرىدا، تىجارەتچىلەر چوقۇم جېجىياڭ سودىگەرلىرىگە ئوخشاش ئادەمگەرچىلىك مەبلىغى سېلىشى كېرەك، پەقەت شۇنداق قىلالىسىڭىزلا سىز چوقۇم مەڭگۈ تىك تۇرالايسىز.
***ياخشى بولغان ساۋاقداشلىق مۇناسىۋىتى ئورنىتىش، دىپلوم ئالغانغا قارىغاندا تېخىمۇ مۇھىم
جېجىياڭ مائارىپ كىتابلىرىنى توپ تارقىتىش چەكلىك شىركىتىنىڭ باش لېدىرى لى شاۋيۈەن:«ساۋاقداشلىق مۇناسىۋىتى جۇڭگو مەدەنىيىتىدە ئۆزگىچە ئورۇنغا ئىگە، بۈگۈنكى ساۋاقداشلىق مۇناسىۋىتى قەدىمكى ساۋاقداشلىق مۇناسىۋىتىدىكى نۇرغۇنلىغان ئىلمېنتلارنى ساقلاپ كەلمەكتە. بۈگۈنكى جەمئىيەت تارىخي ئېكولوگىيە ئىلمىنىڭ قارشى بۇيىچە بولغاندا، ساۋاقداشلىق مۇناسىۋىتى ئاللىقاچان بىر خىل ئىجتىمائىي مۇناسىۋەت شەكلىگە ئايلىنىپ كەتتى.» دېگەن.
ئەڭ ئېقىۋاتقان گەپ بۇيىچە ئېيىتقاندا، ساۋاقداشلىق مۇناسىۋىتى دەل ئادەم كۈچىدۇر.مۇستەھكەم ساۋاقداشلىق مۇناسىۋىتى ئادەم كۈچى بايلىقىنىڭ ياخشى تەڭشىلىشىدۇر.ئۆمۈرلۈك ئۆگىنىش قارشىنىڭ كىشىلەر قەلبىگە سىڭىپ كىرىشىگە ئەگىشىپ، بارغانسىرى كۆپلىگەن خىزمەتچىلەر بىر ياكى بىر نەچچە تەربىيلەش سىنىپلىرىدا داۋاملىق تەربىيلىنىشنى تاللايدىغان بولدى، شۇنداق قىلىپ بىر خىل يېڭىچە «ساۋاقداشلىق مۇناسىۋىتى» مۇ ئورنىتىلدى. بۇ خىل يېڭى تىپتىكى «ساۋاقداشلىق مۇناسىۋىتى» بىلەن ئەنئەنىۋىي مائارىپتىكى «ساۋاقداشلىق مۇناسىۋىتى» دە چوڭ ئوخشىماسلىقلار باربولۇپ، ئۇ تېخىمۇ مۇھىم بولغان ئىجتىمائىي بايلىق، غايەت زور قىممەتكە ئىگە.
سىتاستىكىغا ئاساسلانغاندا، جېجىياڭ ئىقتىساد ئىنىستىتۇتى ئۈزلۈكسىز مائاىپ مەركىزى يۇقىرى دەرىجىلىك تەربىيلەش دەرسلىكى تەسىس قىلغاندىن بۇيان، ئوقۇغان كارخانىچىلار ۋە باش لېدىرلار 2000 غا يەتكەن، بۇ ئۆگەنگۈچىلەرنىڭ كارخانىسىنىڭ يىللىق سودا سوممىسى1.87 مىليارىد بولۇپ، يىللىق سودا سوممىسى بەش مىليارىدتىن ئاشىدىغان كارخانىلار%12.71 نى ئىگەللىگەن.
بەزىلەرنىڭ قارىشىچە، ماسسا چۇستىس سانائەت پەنلىرى ئىنىستىتۇتىدىكى مەكتەپداشلار ۋە ئوقۇتقۇچىلار قۇرغان كارخانىلاردا بىر مۇستەقىل دۆلەت تەشكىل قىلىنسا، بۇ دۆلەتنىڭ ئىقتىسادىي ئەمەلىي كۈچى دۇنيادا 24 – ئورۇندا تۇرىدىكەن. گەرچە جېجىياڭ ئۇنىۋېرسىتىتىدىكى مەكتەپداشلار ئىگىدارچىلىق قىلىۋاتقان بايلىقلارنى سىتاستىكىلاپ چىقىش ناھايىتى تەس بولسىمۇ، بىراق ئۇلارنىڭ كارخانىلىرى غايەت زور بولغان ئىقتىسادىي گەۋدىنى تەشكىل قىلىدۇ.
خارۋارد سودا ئىنىستىتۇتىدىن بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتىتى گۇاڭخۇا باشقۇرۇش ئىنىستىتۇتىغىچە بولغان جايلاردىكى ئوقۇغۇچىلار ھەر يىلى نەچچە تۈمەنلەپ ئوقۇش پۇلى تاپشۇرىدۇ، ئەلۋەتتە ئەڭ مۇھىمى بىر نەچچە خىل دەرسلىك، ئون نەچچە ئوقۇش نومۇرى، ھەتتا ئەڭ ئاخىرىدا قولغا كەلگەن بىر پارچە دىپلوم ئەمەس. ئەمەلىيەتتە، بۇ ئوقۇغۇچىلار ئۆز مېڭىسىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ ئېرىشەلەيدىغىنى بولسا ناھايىتى كۈچلۈك بولغان كىشىلىك مۇناسىۋەت تورى، بۇ ئوقۇغۇچىلارغا نىسبەتەن ئېيىتقاندا، ساۋاقداشلىق مۇناسىۋىتى دىپلومغا ئوخشاشلا مۇھىم.
بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتىتى ئىقتىساد ئىنىستىتۇتىنىڭ مۇئاۋىن ئىنىستىتۇت باشلىقى ساۋ خېپىڭنىڭ قارىشىچە، «ساۋاقداشلىق ئىقتىسادىي» ھازىرقى كارخانا گەۋدىسىنىڭ يېڭىچە تەشكىللىنىش شەكلى، يەنە كېلىپ دۆلىتىمىز ئوتتۇرا – كىچىك كارخانىلىرىنىڭ خەلقئارا رىقابەتكە تاقابىل تۇرۇشتىكى چىقىش يوللىرىنىڭ بىرى. بۇ بىر تەرەپتىن كارخانا تەرەققىياتىدىكى ئادەم كۈچى كەمچىل بولۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلالايدۇ، يەنە بىرتەرەپتىن نەچچە ئون كارخانىنىڭ بىرلىشىشىدىن ھاسىل بولغان كۆلەم ئۈنۈمى رايون ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، رايون ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىياتىغا نىسبەتەن ناھايىتى زور ئەھمىيەتكە ئىگە بولىدۇ.
ساۋاقداشلىق مۇناسىۋىتىگە تايىنىپ تىكلەنگەن كىشىلىك مۇناسىۋەت تورى بولسا تېخىمۇ ئۈنۈملۈك بولغان ئىجتىمائىي مەبلەغ. بۇ ھەرگىزمۇ ھاراق سورۇنىدا تونۇشقان دوستلاردەك چاكىنا بولمايدۇ، ئۇ بىر خىل ئۆز – ئارا مەبلەغ سالىدىغان ئالاقە شەكلى، ھەرقايسى تەربىيىلەش سىنىپلىرىنى پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلار ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كىيىن ئۆزلىرىنىڭ ئوقۇغۇچىلار ئۇيۇشمىلىرىنى قۇرۇپ بېرىش – كېلىشنى قويۇقلاشتۇرىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، ساۋاقداشلىق مۇناسىۋىتى بىر خىل «ئىشلەپچىقىرىش كۈچى» شەكلىدە تېخىمۇ ئاكتىپ رولىنى جارى قىلدۇرىدۇ، سىنىپتىكى ساۋاقداشلىق مۇناسىۋىتىدىن پايدىلىنىپ سودا قىلىدىغانلارمۇ نۇرغۇن.
ساۋاقداشمۇ بىر خىل بايلىق مەنبەسى، ساۋاقداشلىق مۇناسىۋىتىنىڭ قىممىتى بارغانسىرى قېزىپ چىقىرىلماقتا، ھەمدە زور دەرىجىدە جارى قىلدۇرۇلماقتا. ئۆگىنىشتىن سىرتقى بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيەتلىرى ئوقۇغۇچىلارنى ھەر خىل مۇناسىۋەت تورى ئورنىتىدىغان پۇرسەت بىلەن تەمىنلەيدۇ، سىز پارتىدېشىڭىزنىمۇ، يەنە سىز ئۈچۈن پايدىسى بار باشقا كىشىلەرنىمۇ تاللىيالايسىز.
ساۋاقداشلىق مۇناسىۋىت ئىلگىرى باشقىلار تەرىپىدىن ئاددىيلا ھەقىقىي دوستلۇق دەپ سۈپەتلەنگەن.بۈگۈنكى كۈندە، بۇ خىل قاراش ۋەزىيەتكە ماس كەلمەيدىغاندەك تۇرىدۇ. ھەرقانداق بىرساۋاقداش سىزگە ياردەم قىلالايدۇ، ساۋاقداشتىن پايدىلىنىپ تىجارەتتىكى سودا تورىنى قۇرۇپ چىقىش سىزنىڭ يۇقىرى ئوقۇش تارىخىڭىزغا قارىغاندا تېخىمۇ قىممەتلىك.
****ھۆكۈمەت بىلەن ياخشى ماسلىشىش – ئەڭ چوڭ ئۆتكەل
سودا ساھەسىدىكى ھەر بىر كىشى شۇنداق بىر سۆزگە قوشۇلىدۇ: «ھۆكۈمەت بىلەن ياخشى ماسلىشىش – ئەڭ چوڭ ئۆتكەل.» تىجارەت داۋامىدا، ئەگەر ھۆكۈمەت بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى ياخشى بىر تەرەپ قىلالىسىڭىز، ئۇنداقتا سىز ئەركىن ھالدا سودا ساھەسىدە ئۈچۈپ يۈرەلەيسىز، ئەلۋەتتە قانۇنغا خىلاپلىق قىلمىسىڭىزلا.
جېڭتەي گورۇھىنىڭ باش مۇدىرى نەن سۈنخۇي كارخانا ۋە سىياسىي ساھەدىكى مۇناسىۋەتنى ئوبرازلىق ھالدا تەسۋىرلەپ: «بىر كارخانا بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، سىياسى -ھاۋارايىغا ئوخشايدۇ، ھاۋا ئوچۇق ۋاقىتلاردا قۇياش چىقىدۇ – دە، يوتقاننىمۇ ئاپتاپقا سېلىشقا بولىدۇ! سىرتتا شامال چىقىپ يامغۇر يېغىۋاتقاندا سىزيوتقىنىڭىزنى ئېلىپ سىرتقا چىقسىڭىز، بۇ ئەلۋەتتە قاملاشمىغان ئىش. كارخانىنى كۈچلۈك، چوڭ قىلىشتا چوقۇم بىر ياخشى بولغان سىياسىي مۇھىت بولۇشى كېرەك.» دېگەن.
ۋېنجۇ پىداگوگىكا ئىنىستىتۇتى تارىخشۇناسلىق فاكولتىتىنىڭ مەسئۇلى سا كېجىياۋ‹‹ ۋېنجۇ سودىگەرلىرىنىڭ كوللىكتىپ ئەقىل – پاراسىتى پۇقرالار ئىقتىسادىنىڭ خەلق ئىچىدىكى كۈچىگە ئايلىنىپ، بازار ئىگىلىكىدىكى ‹ھەرىكەتچان ھۇجۇمچى› لىق ئوبرازىنى ياراتقان، بىراق سىياسىي ئورۇن جەھەتتىكى بېسىم ۋە «ئۆزىنى كەمسىتىش ھېسىياتى»ۋېنجۇلۇقلاردا كۈچلۈك سىياسىي تەلپۈنۈش پەيدا قىلغان›› دەپ قارايدۇ.
ۋېنجۇدىكى بىر كىيىم – كېچەك كارخانىسىنىڭ ھۆكۈمەت تەكشۈرۈشىدىن ئۆتۈشكە مەسئۇل لېدىرى:«ھۆكۈمەت ۋە مەمۇرلارنىڭ تەكشۈرۈش توساقلىرىغا نىسبەتەن، پۇل خەجلەپ يول مېڭىشىمىزناتايىن. تېخىمۇ مۇھىمى بولسا جۇڭگونىڭ ‹ئادەمنى تونۇيدىغان جەمئىيەت›لىك دۆلەت ئەھۋالىغا ماس كېلىشىمىز كېرەك.» دېگەن.
جېجىياڭ ۋېنجۇدىكى بىر قىسىم كارخانىلاردا، مەخسۇس كىشىلەر ھۆكۈمەتنىڭ ھەرقايسى تارماقلىرى بىلەن بېرىش – كېلىش قىلىشقا مەسئۇل. بۇ خىل كىشىلەرنىڭ خىزمەت ۋەزىپىسى بولسا قەرەللىك ھالدا مۇناسىۋەتلىك ئورگانلارغا بېرىپ ئىش بېجىرىدىغانلار بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇش،ھۆكۈمەتنىڭ پاراۋانلىق ئىشلىرىغا پۇل ئىئانە قىلىش، مەمۇرلارغا ياردەملىشىپ ھۆكۈمەتنىڭ ئوبرازىنى تىكلەش.
«مەن ھۆكۈمەتنىڭ پىرىنسپقا خىلاپلىق قىلىپ مەن ئۈچۈن ئىش قىلىپ بېرىشىنى ئۈمىد قىلمايمەن.» دېدى ۋېنجۇدىكى بىر كارخانىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك رەھبىرى: «بىراق بەزىدە ئۇلار مېنى دوستى ئورنىدا كۆرسە، مېنى نۇرغۇن پۇرسەت بىلەن تەمىنلەيدۇ.»
ئەلۋەتتە،تۇرمۇشتا سىياسىي شەخسلەر بىلەن بېرىش – كېلىش مۇۋاپىق دەرىجىدە بولۇش لازىم، بەك يىراقلىشىپ كېتىپ، ئۇلارنى كۆزگە ئىلمىغاندەك تەسىر بېرىشكە بولمايدۇ؛يەنە بەك يېقىنلىشىپ، ئۇلارغا خۇشامەتچىدەك تەسىر بېرىشكە، سىزنى كۆزگە ئىلمايدىغان قاتمال ھالەتنى پەيدا قىلىشقا بولمايدۇ. جېجىياڭلىق سودىگەرلەر سىياسىي ساھەدىكى شەخسلەر بىلەن بېرىش –كېلىش قىلغاندا بۇ خىل ئارلىقنى ناھايىتى ياخشى ساقلايدۇ، ئۇلار پوزىتسىيەنىڭ ئەستايىدىل بولۇشىنى، كەمتەرلىك قىلىشنى، چەكتىن ئاشۇرۋەتمەسلىكنى چۈشىنىدۇ. ئومۇمنىڭ ئىشىنى دەپ ئۆزىنى قۇربان قىلىشقا رازىكى، ئاتۇقچە جىددىلىيلىشىپ ئولتۇرمايدۇ،ھەتتا سودا ساھەسىدىكى ئۆرنەك بولۇشقا تىرىشىدۇ.
***********************
تەرجىمە قىلغۇچى:ئەقىدە قاشگەرلىكى شىركىتى
تەرجىمان:ئابدۇللا ئۆمەر
تەرجىمە تەھرىرى:رەيھانگۈل نىزام
مەنبە:بېيجىڭ سانائەت پەنلىرى ئۇنىۋىرستىتى2013-يىلى 6-ئايدا نەشىر قىلغان خەنچە ‹‹ جېجاڭ سودىگەرلىرىنى غەلبىگە باشلىغان 22 تۈرلۈك سودا قائىدىسى››ناملىق كىتاب
2015-يىلى 4-ئاي