سودا مەيدانىدا رىقابەتچى بولىدۇ، ئەمما دۈشمەن بولمايدۇ
جېجىياڭ سودىگەرلىرىنى غەلبىگە باشلىغان 22 تۈرلۈك سودا قائىدىسى
ئالتىنچى باب
سودا مەيدانىدا رىقابەتچى بولىدۇ، ئەمما دۈشمەن بولمايدۇ
*سەن ماڭا ياردەم قىلساڭ، مەنمۇساڭا ياردەم قىلىمەن
-«شاگىرتلار پەلسەپىسى»
تىجارەت داۋامىدا، باشقىلارغا سۇنۇلغان ياردەم قولىمىز دەل ئۆزىمىزگە قويۇلغان يول بولۇپ،ئۆزىمىزنىڭ ئىشلىرى ئۈچۈن سېلىنغان دەسمىيدۇر. ھالقىلىق ۋاقىتلاردا كىشىلەرنىڭ ھاجىتىدىن چىقىسىڭىز، سىز قىيىن ئەھۋالدا قالغاندا باشقىلار سىزگىمۇ ياردەم قىلىدۇ ياكى سىز چوقۇم تېخىمۇ كۆپ جاۋابقا ئېرىشەلەيسىز.
بۇ خىل پەزىلەت جېجىياڭلىق سودىگەرلەردە ئۆز ئىپادىسىنى ناھايىتى ياخشى تاپقان، جېجىياڭلىقلاردىكى«باشقىلارغا زەخمەت يەتكۈزمەيدىغان» ئادەمگەرچىلىك روھىنى «باشقىلارغا ۋە ئۆزىگە زىيانكەشلىك قىلماسلىق، ھەم باشقىلارغا بوزەك بولماسلىق» دىگەن ئىككى جۈملە سۆزگە يىغىنچاقلاشقا بولىدۇ.
كارخانىلارنىڭ ئۆز – ئارا رىقابىتى جەريانىدا، «شاگىرتلار پەلسەپىسى» نى مۇۋاپىق ئىشلىتىشنى ئۆگىنىۋېلىش كېرەك. باۋشىۋۇ گورۇھىنىڭ باش مۇدىرى ۋۇ جىزېڭ ئىلگىرى: «سىز ماڭا ياردەم قىلسىڭىز، مەن سىزگە ياردەم قىلىمەن. سىز ۋە سىزنىڭ رىقابەتچىڭىز ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت خۇددى تۆمۈرچى بىلەن شاگىرت ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتكە ئوخشايدۇ.» دېگەن.
ۋۇ جېزىڭ جېجىياڭنىڭ يوڭجىادا تۇغۇلغان، ھازىر باۋشىۋۇ گورۇھىنىڭ باش دىرېكتورى بولۇپ،ئىلگىرى ۋۇشى شەھەرى بويىچە تۇنجى «ئون چوڭ بايلىق قەھرىمانى» دېگەن نامغا ئېرىشكەن.
ۋۇ جىزېڭنىڭ كارخانىسى ئىزچىل «ناشى» ماركىلىق كىيىم – كىچەكلەرنى ئىشلەپچىقىرىدىغان بولۇپ،توختىماستىن تىرىشىش ئارقىلىق شىركەتنىڭ 1996 – يىلىدىكى مەبلىغى 10 مىليوندىن ئاشقان.
1996 – يىلى ناشى شىركىتى جېجىياڭ باۋشىۋۇ كىيىمچىلىك چەكلىك شىركىتى، جېجىياڭ ئاۋسېتى كىيىمچىلىك چەكلىك شىركىتى قاتارلىق ئوندىن ئارتۇق شىركەت بىلەن كەسپى ھەمكارلىق ئورناتىدۇ ھەمدە ئەسلىدىكى شىركەتنى باۋشىۋۇ گورۇھى چەكلىك شىركىتى دەپ تىزىمغا ئالدۇرىدۇ.
يېڭى شىركەتنى مۇۋەپپەقىيەتلىك قۇرغاندىن كىيىن، گەرچە ۋۇ جىزېڭ ۋە ئۇنىڭ جەمەتىنىڭ باۋشىۋۇ گورۇھىدىكى تۇتۇپ تۇرغان پېيى ئازلاپ كەتكەن بولسىمۇ، بىراق ھېچقانداق پۇشايمان قىلىش ھېسىياتىدا بولمىدى.
بۇنىڭغا نىسبەتەن كىشىلەر چۈشەنمەستىن سورىغاندا، ئۇ: «شېرىكلەر سودا قىلغاندا ئۆز – ئارائەپۇ قىلىشقا، ئۆز – ئارا ياردەملىشىپ، پايدىنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇشقا مەجبۇر بولىدۇ.ھەمكارلىقنىڭ پىرىنسىپى ئىككىلا تەرەپ يېڭىشتۇر، كۆپ پۇل تېپىشنى ئويلىغاندىمۇ باشقىلار بىلەن ئورتاق بەھرلىنىشنى، ئۆز – ئارا ياردەملىشىشنى بىلىشى كېرەك.باشقىلارغا ياردەم قىلىۋاتقان ۋاقتىڭىز دەل ئۆزىڭىزگە ياردەم قىلىۋاتقان ۋاقتىڭىزدۇر.» دېگەن.
جېجىياڭ سودا – سانائەت ئۇنىۋېرسىتىتى سودا – سانائەتنى مەمۇرىي باشقۇرۇش ئىنىستىتۇتىنىڭ جېجىياڭ سودىگەرلىرى تەتقىقات مەركىزىدىكى پروفېسسورلارنىڭ قارىشىچە: «شەرق مەدەنىيىتى روھىنىڭ يادروسى بولسا پۈتكۈل مەۋجۇداتلار بىرلىككە كېلىشتىن ئىبارەت.»
سودىگەرلەرنىڭ تىجارىتىدە، باشقىلار بىلەن ئەپ ئۆتۈش ناھايىتى مۇھىم ئورۇنغا قويۇلۇپ، باشقىلارغا ھەمدەمدە بولۇش، پۇلنى ئىنساپ بىلەن تېپىش تەكىتلىنىدۇ. رىقابەتچىلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى توغرا بىر تەرەپ قىلغاندا،«شەپقەت بىلەن رەزىللىكنى قايتۇرۇش» نى، «دۈشمەننى دوستقا ئايلاندۇرۇش» نى بىلىش كېرەك. بۇنداق قىلغاندا كىشىلىك مۇناسىۋەت تورىنى كېڭەيتىپ، سودىنى تېخىمۇ ياخشى قىلغىلى بولىدۇ.
جېجىياڭلىقلارنىڭ نەزىرى ناھايىتى يىراقلارغا چۈشىدۇ، چۈنكى ئۇلارنىڭ ئىزچىل ساقلاۋاتقىنى بولسا تېخىمۇ چوڭ بازار ۋە تەرەققىيات پۇرسىتى، ئۇلار سىز بىريۇتۇم، مەن بىر يۇتۇم ئىچىدىغان بىر ئىستاكان «مېۋە شەربىتى» گە قانائەت قىلمايدۇ.ئۇلارنىڭ قارىشىچە، پەقەت كۆپچىلىك ئۆملىشىپ ئۆز – ئارا ياردەمدە بولغاندىلا بازارنى تېخىمۇ چوڭايىتقىلى، تېخىمۇ يىراق جايلارغا بارغىلى بولىدۇ، بۇنداقتا.«مېۋە شەربىتى» نى ھەممەيلەن تەڭ ئىچەلەيدۇ.
جېجىياڭ ۋېنجۇلۇق كارخانىچى چېن پىننەن كېمىسازلىق سودىسىغا يېڭى كىرگەندە ئىشى بەك ئوڭغاتارتمىغان. ئۇ ۋاقىتتا سودىسى ياخشى بولمىغاچقا، تارتقان زىينى 100 مىڭ يۈەنگە يەتكەن. ئېغىرچىلىقنىڭ ئۈستىگە ئېغىرچىلىق قوشۇلغاندەك، ئۇنىڭ بارلىق مەبلىغى بانكىدىن ئالغان قەرز ئىدى. توختام ئۇنىڭ تىزراق قەرزنى قايتۇرۇشىدىن دالالەت بېرىپ تۇراتتى. بۇنداق ئەھۋالغا دۇچار بولغان شۇ ۋاقىتلاردا، ئۇنىڭ يېنىدا ئارانلا500 يۈەن بولۇپ، ئۇ بۇ 500 يۈەننى ئىشلىتىپ ئىككى ئۈستەللىك زىياپەت ھازىرلايدۇھەمدە بىر قانچە ئاغىنىسىنى چاقىرىدۇ.
زىياپەتتە،چېن پىننەن دوستلىرىغا ئۆزىنىڭ قىيىنچىىقلىرىنى ئېيتىپ، دوستلىرىنىڭ ئۇنىڭغاياردەم قىلىشنى ئۈمىد قىلىدۇ. ئەينى ۋاقىتتا ئۇنىڭ دوستلىرى قىلچە ئىككىلەنمەستىن قوشۇلىدۇ، ھەمدە تەرەپ – تەرەپلەرگە بېرىپ ئۇنىڭغا پۇل قەرز ئېلىپ بېرىپ، ئەڭ ئاخىرىدا ھەربىرەيلەن يىگىرمە مىڭدىن پۇل چىقىرىدۇ. ئۇ ۋاقىتلاردا، ئۇنچىلىك پۇل ناھايىتى كۆپ پۇل ھېسابلىناتتى.
ھەرقېتىم بۇئىشنى تىلغا ئالغاندا، چېن پىننەن ناھايىتى مىننەتدار بولىدۇ. «ۋېنجۇلۇقلار زىمىننىڭ ھەممىلا يىرىگە تارقالغان. ھازىر پۈتۈن مەملىكەتتە ھەتتا پۈتۈن دۇنيادا ۋېنجۇلۇقلاربار، سىرتلاردا سودا قىلۋاتقان ۋېنجۇلۇقلار تېخىمۇ ئۆم بولۇپ كېتىدۇ. بۇ خىلدىكى كوللىكتىپلىق روھ جېجىياڭلىقلارنىڭ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشىدىكى مۇھىم ئامىل.»
جېجىياڭلىقلاردا شۇنداق بىر تەمسىل بار، ئۇلارنىڭ قارىشىچە ئۆز – ئارا ياردەمدە بولىۋاتقان كوللىكتىپ خۇددى بىر ماشىنىنىڭ تۈرلۈك زاپچاسلارغا ئېھتىياجلىق بولىدىغانلىقىغا ئوخشايدۇ. بۇ زاپچاسلار دەل ئۆز – ئارا ياردەمدە بولىۋاتقان ئورۇن ۋە شەخىسلەردۇر. ئۆز – ئارا ياردەم بېرىدىغان بىر مۇنەۋۋەركوللىكتىپ، ھەمكارلاشقۇچىلارنىڭ ئۆز رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇشى ئۈچۈن ياخشى شارائىت ھازىرلاپلا قالماستىن، يەنە ئۇلاردا ئەزەلدىن بولۇپ باقمىغان يېڭى ئىنىرگىيە ھاسىل قىلىپ، ھەممە تەرەپنىڭ قۇدىرىتىنى ئاشۇرىدۇ.
بىرئادەمنىڭ كۈچى ناھايىتى چەكلىك، بىر ئادەمنىڭ ئىقتىدارىنىڭمۇ مۇكەممەل بولۇشى ناتايىن، پەقەت ئۆز – ئارا ياردەم قىلىشنى، ئۆز – ئارا تولۇقلاشنى ئۆگىنىۋالغاندىلا - «سەن ماڭا ياردەم قىلساڭ، مەن ساڭا ياردەم قىلىمەن» -دىگەن قائىدىگە ئەمەل قىلغاندىلا ئاندىن مۇستەھكەم قورغان ھاسىل قىلغىلى بولىدۇ. جېجىياڭلىق سودىگەرلەر دەل تېخىمۇ قۇدرەتلىك كۈچ، بايلىق ئىشلىتىپ ئۆز – ئارا پايدىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ، ئۆزىگە ۋەئۆزگىگە مەنپەئەت يەتكۈزۈشتەك ئاخىرقى نىشانىغا يەتتى.
**سودا مەيدانىدا رىقابەتچى بولىدۇ،ئەمما دۈشمەن بولمايدۇ
جېجىياڭ سودا دۇنياسىدا مودا بولۇۋاتقان مۇنداق بىر جۈملە سۆز بار: «ئەگەر سىز رىقابەتچىلىرىڭىزنى يېڭەلمىسىڭىز، ئۇنداقتا ئۇلارغا قوشۇلۇڭ.» سودىدىكى رىقابەتنىڭ بارغانسىرى كەسكىنلىشىپ كەتكەنلىكىگە قارىتا، سىزمۇ چوقۇم بارغانسىرى ئەقىللىق بولۇشىڭىز كېرەك. ئاچقۇچلۇق مەسىلە بولسا، ئىپتىدائىي «مەن ياشايمەن، سەن ئۆلىسەن»دېگەن رىقابەت شەكلى ئاللىقاچان يۇقىرى قاتلاملىق رىقابەت ۋە ھەمكارلىق ئىزدەشكەئورۇن بوشاتتى، سودىگەرلەرمۇ ئۆز – ئارا «بىرلا تەرەپ پايدا ئېلىش» تىن «ئىككى تەرەپ» ياكى «ھەممە تەرەپ» مەنپەتلىنىشكە يۈزلەندى.
يىۋۇ شىنگۇاڭ پاينى كونترول قىلىش گورۇھىنىڭ باش مۇدىرى جوۋ شىياۋگۇاڭ: «سودامەيدانىدا رەقىب بولىدۇ، ئەمما دۈشمەن بولمايدۇ. سىز چوقۇم سىزنىڭ رىقابەتچىڭىزنى ئويۇننىڭ بىر تەركىبىي قىسىمى دەپ ئويلاڭ، بۇنداقتا ئويۇن تېخىمۇ قىزىيدۇ.» دېگەن.
شىنگۇاڭ پاينى كونترول قىلىش گورۇھى بولسا مودا زىننەت بۇيۇملىرى سودىسىنى ئاساس قىلغان، مەركەزلەشتۈرۈپ مەبلەغ سالىدىغان، سودا ۋە ئۆي – مۈلۈك بىر گەۋدىلەشكەن خەلق باشقۇرۇشىدىكى گورۇھ.
كىشىلەرنىڭ نەزىرىدە، ئوخشاش كەسىپتىكىلەر دۈشمەن كۆرۈنىدۇ، بىراق جوۋ شىياۋگۇاڭ ئۇنداق قارىمايدۇ. بىر قېتىم ئۇ شىياڭگاڭدىكى كۆرگەزمىدىن قايتىپ كەلگەندە، كەسىپداشلارئۇيۇشمىسىدا بارلىق ئۇچۇرلارنى بىردەمدىلا ئېلان قىلىۋەتكەن. كىيىن ھەر قېتىم چەتئەلدىن قايتىپ كەلگەندە، ئۇ كەسىپداشلىرىنى يىغىپ پىكىر ئالماشتۇرىدىغان بولغان.
«رىقابەتلا كارخانىنى چوڭايتالايدۇ، يىۋۇۇنىڭ زىننەت بويۇملار سودىسىنى چوڭايتالايدۇ، ئاندىن پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنىڭ دىققەت – ئېتىبارىنى قوزغىيالايدۇ، ھەمدە پۈتۈن دۇنيانىڭ نەزىرىگە ئىرىشكىلى بولىدۇ. رىقابەت بولغاندىلا بېسىم بولىدۇ، بېسىم بولغاندىلاھەركەتلەندۈرگۈچ كۈچ بولىدۇ، رىقابەت بولغاندىلا تەرەققىيات بولىدۇ، مەن رىقابەتكەئىنتىزار!» دېگەن.
جېجىياڭ سودىگەرلىرىنىڭ قارىشىچە، رىقابەت مۇناسىۋىتى بولغان شىركەتلەر ئىستىراتگىيىلىك ھەمكارلىق ئورنىتىپ ئورتاق نىشاننى كۆزلەپ ماڭالايدۇ، ھەمدە ئۆزلىرىنىڭ ئەۋزەللىكىنى ئەڭ يۇقىرى چەكتە جارى قىلدۇرۇپ، كەمچىلىكلىرىنى تولۇقلىيالايدۇ.بىرگە بىر قوشۇلسا ئىككىدىن چوڭ بولىدۇ دېگەن تەرەققيات ئىستىراتىگىيىسى دەل ھەقىقەتتۇر.
قانداق بولىشىدىن قەتئىينەزەر، رىقابەتچى بىرلەشكەندە پايدا زىياندىن چوڭ بولىدۇ، ھالقىلىق مەسىلە بولسا بىزنىڭ قايسى نوقتىدىن قارىشىمىزدا. ئەگەر بىز رىقابەت ئېلىپ كەلگەن پاسسىپ رولغا قاراپلا تۇرساق، رىقابەتچى بىلەن ئۆزىمىز ئوتتۇرىسىدىكى ئورتاق پايدائېلىشنى كۆزلىمىسەك، ئۇنداقتا بىزنىڭ تەرەققىياتىمىز چەكلىنىپ قالىدۇ، ئەگەردۈشمەنلىك سەۋەبىدىن پايدىدىن ۋاز كەچسەك، ئۇنداقتا ھېچنىمىگە ئېرىشەلمەيمىز.
لىجىن جېجىياڭنىڭ جىنخۇادا ياغاچ – ماتېرىياللىرى تىجارىتى قىلىدىغان بولۇپ، بىر ياغاچ ماتېرىياللىرى زاۋۇتىنىڭ مۇدىرى، ئۇنىڭ سودىسى ئىزچىل ناھايىتى ياخشى ئىدى. بىراق يېقىندا يەنە بىر ياغاچ ماتېرىياللىرى سودىگىرى جاڭ خوڭتاۋمۇ بۇ رايوندا ياغاچ ماتېرىياللىرى سودىسى قىلىشقا باشلىدى. جاڭ خوڭتاۋ لىجىننىڭ سودا رايونىدا قەرەللىك زىيارەت قىلىپ قۇرۇلۇش ئىنژېنىرلىرىغا، ھۆددىگەرلەرگە: «لىجىننىڭ ياغاچ ماتېرىياللىرىنىڭ سۈپىتى ياخشى ئەمەس، شىركەتمۇ ئىشەنچلىك ئەمەس، تاقىلىپ قېلىش ئالدىدا تۇرۋاتىدۇ.» دېدى.
لىجىن چۈشەندۈرۈپ، ئۇ جاڭ خوڭتاۋنىڭ تۆت تەرەپكە قاتىراپ بۇنداق گەپ تارقىتىشىنىڭ ئۇنىڭ سودىسىغا ھېچقانداق تەسىرى بولمايدۇ دەپ قارايدىغانلىقىنى، بىراق بۇ ئىشنىڭ يەنىلا ئۇنى بىئارام قىلىۋاتقانلىقىنى، ھەرقانداق ئادەم بۇنداق ئەخلاقسىز رىقابەتچىگە يولۇقسا چوقۇم ئاچچىقى كېلىدىغانلىقىنى ئېيىتقان.
لىجىن:«ئەتىسى چۈشتىن كىيىن، مەن كىيىنكى ھەپتىلىك پائالىيەتلەرنى ئورۇنلاشتۇرۋاتقان ۋاقىتتا، مېنىڭ نىڭبودا ئولتۇرۇشلۇق بىر خېرىدارىمنىڭ يېڭى ياسالغان ئىشخانا بىناسى ئۈچۈن نۇرغۇنلىغان ياغاچ لازىملىقىنى بىلدىم، ئەمما ئۇ ئېھتىياجلىق بولغان ياغاچ ماتېرىياللىرى مېنىڭ شىركىتىمدە ئىشلەپچىقىرىلمايىتتى، جاڭ خوڭتاۋنىڭ شىركىتى ئىشلەپچىقارغان ماتېرىيال بىلەن ئوخشاش ئىدى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، مەنمۇ جاڭخوڭتاۋنىڭ بۇنداق سودا ئىشى بارلىقىنى بىلمەيدىغانلىقىنى جەزملەشتۈردۈم.» دېدى.
***مەن قىلالمىغاننى سەنمۇ قىلالما!
سودا رىقابىتىنىڭ قىيىنلىقىدىن «سەن ئۆل، مەن ياشاي»دىگەىندەك بىلگەنلىرىنى چوقۇم سىر قىلىپ ساقلاش كېرەك. بۇ بولسا تىجارەت بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلارنىڭ ئورتاق ھېسىياتى، جاڭ خوڭتاۋ تۆت تەرەپكە قاتراپ لىجىنغا زىيانكەشلىك قىلۋاتقاندىچۇ؟
بىراق لىجىننىڭ ئۇسۇلى ئادەمنىڭ ئويلىمىغان يېرىدىن چىققان.
لىجىن جاڭخوڭتاۋنىڭ ئىشخانىسىغا تېلفۇن قىلغان. بىز جاڭ خوڭتاۋ تېفۇننى ئالغان چاغدىكى ھەيرانلىقى ۋە خىجىلچىلىقىنى تەسەۋۋۇر قىلىپ باقساق بولىدۇ.
لىجىن:«شۇنداق، ئۇ بىر ئېغىزمۇ گەپ قىلالماي قالدى، مەن ناھايىتى ئەدەپ بىلەن نىڭبوغامۇناسىۋەتلىك ھېلىقى سودىنى ئۇنىڭغا ئېيتىپ بەردىم. ئۇ دۇدۇقلاپ ھېچقانداق گەپ قىلالماي قالدى، بىراق ئېنىقكى، ئۇ مېنىڭ ياردىمىمگە رەھمەت ئېيتىۋاتاتتى. مەن يەنە ئۇنىڭغاھېلىقى سودىگەر بىلەن ئالاقىلىشىپ، قارشى تەرەپنى ماتېرىيال بىلەن تەمىنلەشكە قوشۇلىدىغانلىقىمنى ئېيتتىم» دېدى.
بەزىلەر:«نەتىجىسى يەنە قانداق بولدى؟» دەپ سورايدۇ.
«مەن ئادەمنى ھەيران قالدۇرىدىغان نەتىجىگە ئېرىشتىم، ئۇ مەن توغرۇلۇق ئۆسەك سۆزتارقىتىشنى توختىتىپلا قالماستىن، ئۇ بىر تەرەپ قىلالمىغان سودىلارنى ماڭا تاپشۇردىغان بولدى، ئىككىمىز سودىدىكى ھەمكارلاشقۇچىلارغا ئايلىنىپ قالدۇق. ھازىر،جېجىياڭدىكى بارلىق ياغاچ ماتېرىياللىرى بازىرىنى ئۇ ئىككىمىز مونوپول قىلىپ بولدۇق.»
ھەرگىز قىساس ئېلىشقا بولمايدۇ، دۇنيادا مەڭگۈلۈك دۈشمەن يوق، دۈشمەننى ئۆزىنىڭ ھەمكارلاشقۇچىسىغا ئايلاندۇرۇش ھەقىقىي غالبىيەتچى سودىگەرلەر قىلىدىغان ئىش.»ئېنىقكى، بۇ لىجىننىڭ جاڭ خوڭتاۋ بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى بىر تەرەپ قىلىش جەريانىدائېرىشكەن ئەڭ قىممەتلىك تەجرىبىسى.
ئادەم جەمئىيەتتە ياشىغانىكەن، ئەڭ كۆپ يۈزلىنىدىغىنى بولسا تاللاش. بىزمۇ جېجىياڭ سودىگەرلىرىدەك قەتئىيلىك، خاسلىق ۋە ماسلىشىشچانلىق ئارقىلىق تەرەپ – تەرەپتىن كېلىۋاتقان زىددىيەتلەرنى ھەل قىلىشىمىز كېرەك، بۇ يەنە سىزنىڭ رىقابەتتىكى ھەمراھىڭىزغا بەخت تىلىشىڭىزنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ!
سودا سورۇنلىرىدا رىقابەتچىدىن ساقلىنىش تەس، ئەمما تېخنىكا، باشقۇرۇش ۋە سۈپەت ئارقىلىق رىقابەتچىدىن غالىب كېلىش كېرەك، بىراق،سودىدا رىقابەتچىلا بولىدۇ، دۈشمەن بولمايدۇ. ئېسىڭىزدە بولسۇن، سودا مەيدانىدا پەقەت رىقابەتچى بولىدۇ، دۈشمەن بولمايدۇ، سودا مەيدانىدىكى بۇ ئىككىسىنى ھەمكارلاشقۇچى قاتارىدا كۆرۈش كېرەك، ئۇلار بىرلەشسە پايداتاپىدۇ، بۆلۈنسە زىيان تارتىدۇ.
***يۈكسىلىشنىڭ سىرى: ھەمكارلىق ۋە ئورتاق گۈللىنىش
باۋشىۋۇ گورۇھىنىڭ باش مۇدىرى ۋۇ جىزېڭ ئىلگىرى: «باشقىلار بىلەن ھەمكارلىشىش، ئورتاق گۈللىنىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش بولسا بىز جېجىياڭلىق سودىگەرلەرنىڭ يۈكسىلىشىدىكى بىرقۇرال.» دېگەن.
جېجىياڭلىق سودىگەرلەرنىڭ ھەمكارلىشىش ۋە گۈللىنىش ئېڭى ناھايىتى كۈچلۈك، كۆپ قىسىم جېجىياڭ سودىگەرلىرى كوللىكتىپ مەنپەئەتىنى بىرىنچى ئورۇنغا قويىدۇ، ئۇلار ئۆزىنى كوللىكتىپنىڭ بىر تەركىبىي قىسىمى قاتارىدا كۆرىدۇ. سودا پائالىيەتلىرىدە،جېجىياڭلىق سودىگەرلەرنىڭ بۇ خىل ئورتاق گۈللىنىش روھى ئۆز – ئارا ھەمكارلىقتا ئىپادىلىنىدۇ. ئۇلارچە پەقەت ھەمكارلاشقاندىلا ئاندىن ئورتاق گۈللەنگىلى بولىدۇ،دىگەن قاراشتا چىڭ تۇرىدۇ.
نىڭبودا ئىككى نەپەر مەخسۇس ئائىلە ئېلېكتر سايمانلىرىنى ساتىدىغان سودىگەر بولغان ئىكەن،ئۆز – ئارا «بىر – بىرىنى يېگىدەك» بولۇپ، ھېچكىم – ھېچكىمگە يول قويمايدىكەن.
دەسلىپىدە بۇ ئىككىسى بىر – بىرىنى چەتكە قېقىپ، كىم قارشى تەرەپنى كەتكۈزۋىتەلىسە، بازارشۇنىڭغا ئوڭچە قالىدۇ دەپ قارايدىكەن. شۇنداق قىلىپ بۇ ئىككىسى مۇلازىمەتچىلەرنىڭ مۇلازىمەت سۈپىتىدىن باشلاپ، سېتىشتىن كىيىنكى مۇلازىمەتكىچە، ئۇنىڭدىن كىيىن تاۋار ۋە باھا سۈپىتىگىچە رىقابەتلىشىدىكەن.
ئەڭ ئاخىرىدا، بۇ ئىككىسىنىڭ سودا سوممىسى ئاشمايلا قالماستىن، ئەكسىچە ھەر ئىككىلىسى زىيان تارتىدىكەن. ئاڭ يامان بولغىنى، بۇ ئىككىسىگە يىراق بولمىغان جايغا يەنە بىرئائىلە ئېلېكتر سايمانلىرى دۇكىنى ئېچىلىدىكەن. يېڭى ئېچىلغان بۇ دۇكاننىڭ مەھسۇلاتلىرىنىڭ كىرگۈزۈلۈش باھاسى تۆۋەن بولغاچقا، باھاسى ناھايىتى ئەرزانكەن،مەيلى يۇمشاق دېتال بولسۇن ياكى قاتتىق دېتال بولسۇن ئۇ ئىككى دۇكاننىڭكىگە قارىغاندا باشقىلارنى تېخىمۇ جەلپ قىلىدىكەن، خېرىدارلارمۇ ئۆزلۈكىدىن شۇ تەرەپكەقاراپ ئاققىلى تۇرۇپتۇ.
بۇ ئىككى سودىگەر مەسلىھەتلىشىش ئارقىلىق، پەقەت ھەمكارلاشساقلا مەھسۇلالىرىمىزنى ياخشى ساتالىغىدەكمىز دېگەن تونۇشقا كەپتۇ، شۇنداق قىلىپ بۇ ئىككىسى رىقابەتچىدىن دوستلارغا ئايلىنىپ قاپتۇ. بىراق ئىككىيلەن ‹ ئەگەر ئۈچ ئادەم رىقابەتلەشسە ئۇنداقتا ئۈچىلا تەرەپ زىيان تارتمامدۇ؟›،دىگەنلەرنى ئويلاپتۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئۈچىنچى بىر تەرەپنى ئىزدەپ مەسلىھەتلىشىش ئارقىلىق ھەممەيلەن ھەمكارلىشىپ، ئورتاق گۈللىنىش قارارىغا كەپتۇ.
جېجىياڭ سودىگەرلىرىنىڭ دېگىنىگە ئوخشاش، بۈگۈنكى جەمئىيەتتە پەقەتلا جاپالىق ئىشلەش ۋە تىرىشىشقا تايىنىش يىتەرلىك ئەمەس. سىز جەزمەن باشقىلار بىلەن ھەمكارلىشىشقا،باشقىلارنىڭ كۈچىدىن پايدىلىنىپ ئۆزىڭىزنى كۈچلەندۈرۈشكە ماھىر بولۇشىڭىز كېرەك.ئەگەر سىز ئىگىلىك يارىتىپ باي بولۇشنى ئويلىسىڭىز، بىراق ئادەم كۈچى، ماددى كۈچ،ئىقتىسادىڭىز بولمىسا، ھېچقىسى يوق، سىز ئۆزىڭىزگە ياردەم قىلالايدىغان كىشىلەرنى ئىزلەپ ياردەم تەلەپ قىلسىڭىز بولىدۇ، بۇنداقتا سىز قىلالمايدىغان سودا،تاپالمايدىغان پۇل يوق.
مۇۋەپپەقىيەت قازانغان بىر ۋېنجۇلۇق كارخانىچى: «ھازىرقى ئىگىلىك يارىتىش سېپىدە يەككە كۆرەش قىلىدىغان يالغۇز قەھرىمانلىقنىڭ ۋاقتى ئۆتتى. كۆپچىلىك ئۆز –ئارا پايدا يەتكۈزۈپ، ھەمكارلىشىپ ئورتاق ئېرىشىش بولسا تۈپ قائىدە ››دىگەن .رېئالىقتا،ئۆزىنىڭ يالغۇز كۈچىگە تايىنىپ غەلبە قازىنالايدىغان بىرمۇ ئادەم يوق، بىز «يەككە قەھرىمانلىق» تىن خوشلىشىپ، ھەمكارلىشىپ غەلبىنى قولغا كەلتۈرۈش يولىغا مېڭىشىمىز لازىم.
شۈشېڭ خاڭجۇدا تۇغۇلغان .ئۇ بىر ئېلېكتر مەھسۇلاتلىرىنى سېتىش شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى قوشۇمچە باش لېدىرى، يەنە كېلىپ باشقىلارغا ياردەم بېرىشنى ياختۇرىدىغان ئەقىل ئىگىسى. ئۇ سودا قىلىش جەريانىدا، كۆپ قېتىم جەمئىيەتتىن تالانتلىقلارنى قوبۇل قىلغان.
ۋېيخې بولسا مەلۇم شىركەتنىڭ خىزمەتچىسى، بىراق نېمە سەۋەبتىنكى تاڭ، خوشلاشماستىنلا شىركەتتىن كېتىپ قالىدۇ، ھەمدە بىر مېھمانخانىنىڭ كەسپىي لېدىرىغا ئايلىنىدۇ.
شۈشېڭ شىركەتتە ۋېيخېي بىلەن بىللە خىزمەت قىلغان ۋاقىتتا، ۋېيخېنىڭ ئىشلارنى بىر تەرەپ قابىلىيىتىنىڭ ناھايىتى يۇقۇرى ئىكەنلىكىنى ھېس قىلغان. يەنە كېلىپ ئۇنىڭ كىشىلىك مۇناسىۋەتنى بىر تەرەپ قىلىش قابىلىيىتى كۈچلۈك بولۇپ، شىركەتتىكى ئىشداشلىرى بىلەن بولسۇن، ياكى رەھبەرلىرى بىلەن بولسۇن، ۋېيخې مۇناسىۋەتنى ناھايىتى ياخشى بىر تەرەپ قىلاتتى. ئەگەر ئۇ بۇنداقلا كېتىپ قالسا، ناھايىتى ئەپسۇسلىنارلىق ئىش بولاتتى.
شۇنداق قىلىپ شۈشېڭ ئۇيان – بۇيان ئويلاپ، ئۇنى قايتۇرۇپ ئەكەلمەكچى بولىدۇ.شۈشېڭنىڭ تەكرار ئىدىيىۋى خىزمەت ئىشلىشى ئارقىسىدا، ۋېيخې ئاخىرى شىركەتكە قايتىپ كېلىدۇ.ۋېيخېنىڭ ماسلىشىشى بىلەن، ئىككەيلەن بىر نىيەت بىر مەقسەتتە ھەمكارلىشىپ شىركەتنى تېخىمۇ تەرەققىي قىلدۇرۇپ، بۇ ساھەدىكى ئورنىنى تىكلىدى.
بىرپەيلاسوپ: «ئەگەر سىزدە بىر خىل ئىقتىدار بولسا، مەندىمۇ بىر خىل ئىقتىدار بولسا،ئىككى خىل ئىقتىدار بىرلەشكەندىن كىيىن مەڭگۈ بىر خىل ئىقتىدار بولمايدۇ.» دېگەن.ھەمكارلىق بولسا ئورتاق گۈللىنىشنىڭ ئالدىنقى شەرتى، باشقىلار بىلەن ھەتتا رىقابەتچىمىز بىلەن ھەمكارلىشىشقا جۈرئەت قىلساقلا، بىز ئاندىن ئورتاق گۈللىنەلەيمىز.
سوداسورۇنلىرىدا، ئەگەر بەدىنىڭىز پۈتۈنلەي تۆمۈر بولسىمۇ، نەچچە مىخ سوققىلى بولىدۇ؟باشقىلارنىڭ قابىليىتىدىن پايدىلانغاندا، ئورتاق تەرەققىي قىلغاندا، ئورتاق يۈكسەلگەندە بولسا ئەڭ ياخشى نەتىجىگە ئىرىشكىلى بولىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، سىز چوقۇم تالانتلىقلارنى بايقاشقا ۋە پۇرسەتنى تۇتۇۋېلىشقا ماھىر بولۇشىڭىز، باشقىلار بىلەن بىرلىكتە «ئەقىل ئاچقۇچى» نى ئېلىپ، بايلىق دەرۋازىسىنى ئېچىشىڭىز كېرەك.
ھەمكارلىق ئەسلىدىن نىشان ئەمەس، باشقىلارنىڭ كۈچىدىن پايدىلىنىش بولسا غەلبىنى قولغا كەلتۈرۈپ يۈكسىلىشتىكى ئاچقۇچ. بارغانسىرى كۆپ كىشىلەر يالغۇز قالغانلىقتىن مەغلۇب بولىۋاتىدۇ، تېخىمۇ كۆپ كىشىلەر بولسا «ئۈچ تېرىچى سەپەرگە چىقسا، ئارسىدىن بىرى ئۇستاز بولىدۇ» دېگەن ئەقىدە بۇيىچە تېخىمۇ بۈيۈك ئىشلارنى قىلىۋاتىدۇ.. كۆرۈۋالغىلى بولىدۇكى،بىر يەككە شەخىسنىڭ كۈچىنى كوللىكتىپ بىرلەشكەن كۈچ بىلەن سېلىشتۇرۇش مۇمكىن ئەمەس.
****سۈپەت «باھا» دىن غالىپ كېلىدۇ، سۈپەت ھەقىقىي نىجاتلىق يولى
كىشىلەرتەرىپىدىن سەرەڭگە پادىشاھى دەپ ئاتالغان نىڭبو تەۋەلىكىدىكى سودىگەر لىيۇ خوڭشېڭ مۇنداق دېگەن: «رىقابەتتە، ئادەتتە بىر تەرەپنىڭ غەلبىسى قوغلىشىلىدۇ؛ھەمكارلىقتا، جەزمەن ھەممەيلەن ياخشى كۆرىدىغان نەتىجىنى قوغلىشىش كېرەك.سودىگەرلەر بىلەن خېرىدارلار ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت بولسا ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى،پەقەت ھەمكارلىقلا لازىم، رىقابەتلىشىشنىڭ ھاجىتى يوق، ئەگەر كەسكىن رىقابەت قاينىمىغا كىرىپ، يامان غەرەزلىك رىقابەت ئېلىپ بارغاندا، نەتىجىسى ئېنىقلا يېڭىلىش بولىدۇ.»
سودا مەيدانلىرىدا، سىز سۈپەتنى چىڭ تۇتۇشىڭىز كېرەك، ھەرگىز باھانى رىقابەتكە سېلىشقا بولمايدۇ، يامان غەرەزلىك رىقابەتنىڭ ئاقىۋىتىنى تەسەۋۋۇر قىلغىلى بولمايدۇ. ھەربىر جېجىياڭلىق سودىگەر مەھسۇلاتنىڭ سۈپىتىنىڭ ئۆزىنىڭ ئىسىم كارتوچكىسى ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر چۈشىنىدۇ.پەقەت سۈپەت ياخشى بولغاندىلا، ئاندىن سودا سورۇنلىرىدا مەيدىنى كىرىپ سۆزلىگىلى بولىدۇ.
تەيجۇدىكى بىر كارخانىچى: «سۈپەت-بازار ئىقتىسادى چوقۇم ھۆرمەت قىلىشقا تىگىشلىك بولغان قائىدە. بازار ئىقتىسادى تېخى كۆلەملەشمىگەن ۋاقىتتا، بازاردا جەزمەن ناچارمەھسۇلاتلار بولىدۇ، بىراق بۈگۈنكى كۈندە، ھەربىر جېجىياڭلىق سودىگەر شۇنى چوڭقۇرتونۇپ يەتتىكى، سۈپەت كارخانا تەرەققىياتىنىڭ ئالغا ئىلگىرىلەش كۈچى، سۈپەت ناچاربولىدىكەن، يالغۇز باھاغا تايىنىپلا بازارنى ئىگەللەيدىغان كارخانىنىڭ تەرەققىيات ئىستىقبالى يوق.»
سۈپەت مەسىلىسىگە نىسبەتەن ئېيىتقاندا، جېجىياڭ سودىگىرى ۋاڭ جېنبىياۋ مۇنداق چۈشەنچە بېرىدۇ: «ئەسلىدە ئادەم ناھايىتى كۆپ، بولۇپمۇ ياپونلۇقلار بىزنىڭ ۋېنجۇنىڭ ماللىرىنى ياراتمايىتتى. دائىم بىزنىڭ ماللىرىمىزنى ساختا دەپ قارايىتتى، بىرقېتىم بىزنىڭ ھەقىقىي خۇرۇمدىن تىكىلگەن ئايغىمىز كۆرگەزمە قىلىنۋاتقاندا، بىر ياپونيىلىك كېلىپ ‹بۇ ئاياق ناھايىتى ياخشىتىكىلىپتۇ، ئەمما چوقۇم ساختا مال بولۇشى مۇمكىن› دېگەن. ئۇ ئاياغنى ئېلىپ كۈچەپ باسقاندا، ئاياغتا پۈرلەشكەن ئىزكۆرۈلمىگەن، شۇنداق قىلىپ، ئۇ ‹بۇ ئاياق جەزمەن تېرىدىن ئىشلەنمىگەن› دېگەن. ئەينى ۋاقىتتا مەن بۇنى ئاڭلاپ ناھايىتى ئاچچىقلاندىم، مەن قولۇمغا بىر پىچاقنى ئېلىپ، ئاياغنى كېسىپ ئۇنىڭغا كۆرسەتتىم. ئۇ كۆرگەندىن كىيىن، ‹ھەقىقىي خۇرۇمدىن ناھايىتى ياخشىئىشلىنىپتۇ، ھەقىقەتەن ياخشىكەن› دېدى. چۈنكى ۋېنجۇنىڭ ئۇ چاغلاردا ماللارنىڭ سۈپىتىنى بىر تەرەپ قىلىشى ھەقىقەتەن ناھايىتى ياخشى ئىدى. ئەينى ۋاقىتتا، ئۇياپونيىلىك نەق مەيداندا مال زاكاس قىلدى.»
ۋاڭ جېنبىياۋ: «يەنە بىر قېتىم، بىز شىياڭگاڭ جىنلىلەي گورۇھى بىلەن ھەمكارلاشتۇق، تۇنجى قېتىملىق ئىشلەپچىقىرىشتا 180 جۈپ ئاياغنىڭ ماركىسىنىڭ چاپلىنىشنىڭ ئۆلچەملىك ئەمەسلىكىنى بايقىدۇق. ماركا چاپلىنىش بىلەن ئاياغنى كىيىشنىڭ مۇناسىۋىتى يوق.ئەلۋەتتە بىز ئۇلارنىڭ شىركىتى بىلەن ھەمكارلاشقاندىن كىيىن، ئاياغنىڭ بەلگىسى ۋە ھەرقانداق جايغا سەل قاراشقا بولمايىتتى، باشقىلارغا بىزنىڭ خەلق باشقۇرۇشىدىكى كارخانىلىرىمىزنىڭ بۇلارغا نىسبەتەن كۆڭۈل بۆلمىگەندەك تەسىر بەرسەك بولمايىتتى.180 جۈپ ئاياغنىڭ ھەممىنى رەتلەپ چىققاندىن كىيىن، ئۈچىنچى تارماق زاۋۇتنىڭ باشلىقى: ‹ۋاڭ دىرېكتور، سىز بۇ ئاياغلارنى سۈپەتسىز دەپ قارىسىڭىز ماڭا سېتىپ بېرىڭ›دېدى. ئەينى ۋاقىتتا، بۇ خىل ئاياغنىڭ پۈتۈپ چىقىش باھاسى 170 يۈەن بولۇپ، ئۇ بۇنى ئۆزى ۋە خىزمەتچىلەرنىڭ كىيىشىگە ئالىدىغانلىقىنى ئېيىتتى. ئەگەر بىز بۇ ئاياغنى يىرتساق چوڭ زىيان تارتاتتۇق. مەن ئۇنىڭغا ‹ سېتىشقا بولمايدىغانلىقىنى، كېسىۋەتكەندىن كىيىن شىركەت زالىغا تىزىپ قويۇپ ،ھەربىر خىزمەتچىگە بۇ كىچىك بەلگىنىڭمۇ سۈپەتكە، ئوبرازغا ۋەكىللىك قىلىدىغانلىقىنى،شۇڭا مۇشۇنداق كىچىك ھالقىلارغىمۇ سەل قارىساق بولمايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ قويۇشىمىز كېرەكلىكىنى› دېدىم. ئەگەر بىز بۇ قېتىم بۇ كىچىككىنە سەۋەنلىككە يول قويساق، كىيىنكى ئىشلىرىمىز قانداق بولىدۇ؟ ئېنىقكى،ئۇنداقتا بىزنىڭ سۈپەت سىستېمىمىز يوقىلىدۇ.ھەم ئادەمنىڭ دېگىنى ھېساب بولۇپ، سۈپەتنىڭ دېگىنى ھېساب بولماي قالىدۇ.»دېگەن.
سۇبئېر ئاشخانا سايمانلىرى چەكلىك شىركىتىدىكى سۇ شىيەنزې ئىلگىرى مۇنداق دېگەن: «بازار رىقابىتى ئېچىنىشلىق بولىدۇ. رىقابەت باشلانغاندا، مەھسۇلاتنىڭ رىقابىتى دائىم ئۆزگىچىلىك جەھەتتە بولىدۇ، بىراق كىيىن كۆلەم جەھەتتىكى رىقابەتكە قاراپ تەرەققىي قىلىدۇ.» دېگەن.
سۈپەتنىڭ تەلپىگە مەڭگۈ سەل قاراشقا بولمايدۇ. مالنىڭ ھەقىقىي، باھاسىنىڭ مۇۋاپىق بولۇشى بولسا -مالنىڭ سۈپىتىنىڭ ياخشى باھاسىنىڭ ئەرزان بولۇشىنى كۆرسىتىدۇ. ئەقىللىق جېجىياڭ سودىگەرلىرى مالنىڭ سۈپىتىگە ناھايىتى كۆڭۈل بۆلىدۇ. تىجارەتتە توغرا يولدا مېڭىش،توغرىلىقنى ياقىلاش كېرەك، ئىناۋەتنى سۆزلەش كېرەك. تىجارەت داۋامىدا،جېجىياڭلىقلار رىقابەتنى توغرا تونۇدى، ئۇلار قانۇنلۇق ھالدا رىقابەتچىلەر بىلەن پايدا تالاشتى، بازارنىڭ پىشىپ – يىتىلىشىنى ئىلگىرى سۈردى، ‹سۈپەت -تەرەققىياتتىكى مۇھىم قائىدە ›دېگەن تونۇشنى بارلىققا كەلتۈردى.
جېڭتەي گورۇھى سۈپەتكە ناھايىتى ئەھمىيەت بېرىدۇ، نەن سۈنخۇي دائىم خىزمەتچىلەرگە تەكىتلەپ، بىر كارخانا ئۇزۇن مەزگىل تەرەققىي قىلىشنى ئويلىسا، مەھسۇلات سۈپىتىنى چىڭ تۇتۇشنى ئەڭ مۇھىم ئۇرۇنغا قويۇشى كېرەك ،دەيىتتى.
رېئال تۇرمۇشتا، مەھسۇلاتنىڭ سۈپىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ئۈچۈن، نەن سۈنخۇي ئىلگىرى شاڭخەيگە بېرىپ تەجىرىبىسى ۋە تېخنىكىسى مول بولغان ۋاڭ جوڭجىياڭ مۇئەللىمنى تەكلىپ قىلغان، كۆپ قېتىم پىشقەدەم خىزمەتچىلەرنى تەكلىپ قىلىپ كەلگەن. كۆپ قېتىملىق زىيارەت قىلىش، سەمىمىي پوزىتسىيە ۋە تۈزخاراكتېر ئاخىرى ۋاڭ جوڭجىياڭ مۇئەللىمنى تەسىرلەندۈرگەن.
كىيىن بۇ ئۇستاز نەن سۈنخۇيغا: «سىز بۈگۈنكى پۇلنى تاپامسىز ياكى ئەتىدىكى پۇلنى تاپامسىز؟ئەگەر سىز بۈگۈنكى پۇلنى تاپسىڭىز، سىزنىڭ مېنى ئىزدىشىڭىزنىڭ ھاجىتى يوق، سىزپەقەت باشقىلارغا ئوخشاش، ئازراق ساختا مال ساتسىڭىزلا بولدى، ئوخشاشلا باي بولايسىز. ئەگەر سىز ئەتىدىكى پۇلنى تاپماقچى بولسىڭىز، بۇندىن كىيىن تېخىمۇ كۆپ پۇل تېپىش ئۈچۈن، ئەستايىدىللىق بىلەن بىر قەدەم بىر قەدەمدىن كەلگىنىمىز ئەۋزەل!»دېگەن. كۆز ئالدىدىكى مەنپەئەت ۋە كەلگۈسى مەپەئەتكە قارىتا، نەن سۈنخۇي كىيىنكىسىنى تاللىدى.
نەن سۈنخۇينىڭ جېڭتەي گورۇھىنى باشلاپ بۈگۈنگە كىلەلىشى ئۇنىڭ سۈپەتنى باشتىن – ئاخىر مۇھىم ئورۇنغا قويغانلىقىدىن ئايرىلالمايدۇ. نەن سۈنخۇي ئېيىتقاندەك: «تىجارەتتە دۇرۇس بولۇش كېرەك، توغرىلىقنى ياقىلاش كېرەك، مەھسۇلاتمۇ ياخشى بولىشى ۋە ئىناۋەتنى يۇقىرى كۆتۈرۈشىمىز كېرەك.»
جېجىياڭ سودىگەرلىرىنىڭ قارىشىچە، باھا رىقابىتى بولسا ئەڭ تۆۋەن دەرىجىدىكى رىقابەت شەكلى. بۇ خىلدىكى ئەخمەقلەرچە رىقابەت شەكلى ھەر ئىككىلا تەرەپنى زىيانغا ئۇچرىتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۆزىنىڭ كارخانىسىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقىمۇ پايدىسىز.كىم باھا جېڭىنى تاللىسا، شۇ بازار تەرىپىدىن شاللىنىپ كېتىدۇ. سۈپەت ۋە ئىناۋەت بولسا بازارنىڭ كاپالىتى. جېجىياڭ سودىگەرلىرى بازار رىقابىتىدە مەھسۇلاتلىرىنىڭ سۈپىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشكە تايىنىپ، ئۆزىنىڭ مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئىناۋىتىنى تىكلەش ئارقىلىق غەلبە قازانغان، ھەرگىزمۇ ئۆزىنىڭ تۆۋەن باھاسىغا تايىنىپ سودا ساھەسىدە پۇت دەسسەپ تۇرمىغان.
*****ئوخشاش كەسىپتىكىلەر كەڭ قورساق بولسا، ئىش راۋان بولىدۇ
چىڭ دەۋرىدىكى ئاتاقلىق سودىگەر خۇ شۆشى مۇنداق دىگەن: «ئوخشاش كەسىپتىكىلەر كەڭ قورساق بولسا، ئىشلار راۋان بولىدۇ. ئەمەلدارلار سورۇنىمۇ، سودا سورۇنىمۇ ئوخشاش!ئومۇملاشتۇرغاندا، ئوخشاش كەسىپتىكىلەر ئۆز – ئارا ھەسەت قىلىشمىغاندا، ھەممە ئىشنى بېجىرگىلى بولىدۇ!» . سودا رىقابىتىدە، بەزىدە بىر قىسىم چوڭ سودىگەرلەرئۆزىنىڭ مەنپەئەتىنى ساقلاش ئۈچۈن، ياكى رىقابەتچىسىگە ھەسەت قىلىش يۈزىدىن يامان غەرەزلىك رىقابەت ئېلىپ بېرىشمۇ دائىملىق ئىش.
يامان غەرەزلىك رىقابەتنىڭ نەتىجىسى جەزمەن ئىككى خىل بولىدۇ: بىرى ئۆز – ئارا ئورا كولىشىپ ئاخىرىدا ئىككىلىسى ئېچىنىشلىق مەغلۇب بولۇش؛ يەنە بىرى «ئىككىسى رىقابەتلەشسە، باشقىلار توپىلاڭدىن توغاچ ئوغرىلايدۇ.» .سودا قىلغاندا چوقۇم ئادەملەر بىلەن مېھىر – مۇھەببەتلىك بولۇش كېرەك،شۇنداق قىلغاندىلا تىنچ – ئامان مال – دۇنيا توپلىغىلى بولىدۇ، جېجىياڭ سودىگەرلىرى ئۆزگەرتىشكە ناھايىتى ماھىر كېىلىدۇ، ئۇلار ئۆزىنىڭ رىقابەتچىسىنى ھەمكارلاشقۇچىسىغا ئايلاندۇرالايدۇ، ئۆز – ئارا دوستلۇق ئورنتىپلا قالماستىن، يەنە ئورتاق گۈللىنىش نىشانىغا يىتەلەيدۇ.
20 –ئەسىرنىڭ 90 – يىللىرىدا، جېجىياڭدىكى بىر قېتىملىق مەھسۇلات توغرۇلۇق پىكىر ئالماشتۇرۇش يىغىنىدا، بىر يېزا بازار كارخانىسىنىڭ زاۋۇت باشلىقى ئۆلكىدىكى بىر زاۋۇتنىڭ ئىشلەپ چىقارغان شامال پۈركۈش ماشىنىسىنىڭ ئۆزلىرى يېقىندا ئىشلەپ چىقارماقچى بولغان مەھسۇلات بىلەن ئوخشاشلىقىنى كۆرۈپ، ئۆزىنىڭ بىر قەدەم كېچىكىپ قالغانلىقىنى ھېس قىپتۇ. ئەگەر بۇ مەھسۇلاتنى يەنە ئىشلەپ چىقارسا ئەۋزەللىك يوق بولۇپلا قالماستىن، يەنە باشقىلارنى تەقلىد قىلغان ھېسابلىنىدىكەن. شۇنداق قىلىپ ئۇ زاۋۇتقا تېلفۇن بېرىپ بۇ خىل مەھسۇلاتنى ئىشلەپچىقىرىش تەييارلىقىنى توختىتىشقا بۇيرۇپتۇ. كىيىن ئۆلكىدىكى ھېلىقى زاۋۇتنىڭ باشلىقى بۇ ئەھۋالنى بىلگەندىن كىيىن ناھايىتى تەسىرلىنىپ: «ئەگەر سىز بۇ خىل مەھسۇلاتنى ئىشلەپچىقىرىشنى چېكىندۈرمىگەن بولسىڭىز، بىز چوقۇم رىقابەت قاينىمىغا چۆكۈپ، بۈگۈنكى ھەمكارلىقىمىز بولمايىتتى.»دېگەن. ھەقىقەتەن شۇنداق، ئەگەر ئەينى ۋاقىتتا، بۇ زاۋۇت باشلىقى ئۆزىنىڭ مەھسۇلاتىنى ئىشلەشتە چىڭ تۇرغان بولسا، كەسكىن رىقابەت پەيدا قىلىپلا قالماستىن،يەنە مەھسۇلاتنىڭ ئوخشاشلىقى سەۋەبلىك ئەرزمۇ قىلىپ قېلىشى مۇمكىن بولۇپ، ھازىرقى ھەمكارلىقتىن سۆز ئاچقىلى بولمايىتتى.
يىۋۇ شىنگۇاڭ پاي كونترول قىلىش گورۇھىنىڭ باش مۇدىرى جوۋ شىياۋگۇاڭ ئۆزىنىڭ مۇۋەپپەقىيەت تەجىرىبىسى توغرىسىدا توختالغاندا: «سودا مەيدانىدا رىقابەتچى بولىدۇ، ئەمما دۈشمەن بولمايدۇ. رىقابەتچىڭىزنى ئويۇننىڭ بىر تەركىبىي قىسىمى دەپقارىسىڭىز، ئۇ چاغدا تېخىمۇ مەنىلىك بولىدۇ.» دېگەن. سودا رىقابىتى بەزىدە ھايات –ماماتلىق بولىدۇ، ئەقىلسىز سودىگەرلەر ھەمىشە ئۆزىگە دۈشمەن تېپىۋالىدۇ، پەقەت رىقابەتچى بولسىلا ئۇلارنى ئۆزىنىڭ دۈشمىنى قاتارىدا كۆرىۋالىدۇ، شۇنداق قىلىپ قىلچە رەھىم قىلماستىن نۇرغۇن كىشىلەرگە زىيانكەشلىك قىلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ياردەمگەمۇھتاج ۋاقىتلاردىمۇ ياردەمگە ئېرىشەلمەيدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئەگەر سىز باي بولۇشنى ئويلىسىڭىز، جەزمەن تىنچ – ئامان پۇل تېپىشنى مۇھىم قائىدە دەپ بىلىشىڭىز كېرەك،سىز ئاندىن تېخىمۇ كۆپ بايلىققا ئېرىشەلەيسىز.
ۋېنجۇدىكى مەلۇم بىر كوچىدا، مەخسۇس ئېلېكتر سايمانلىرى سودىسى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ئىككى دۇكان بولۇپ، رىقابىتى ناھايىتى كەسكىن ئىدى. بۇ ئىككى دۇكان بىر – بىرىنى چەتكەقېقىپ، بازارنى يالغۇز ئىگەللىۋېلىشقا ئۇرۇناتتى. ئاخىرى، ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىرى رەڭلىك تېلېۋېزورنى سېتىش جەھەتتە ئەۋزەللىكنى ئىگەللىدى. ئويلىمىغان يەردىن، يەنەبىرى دەرھاللا سېتىلىش باھاسىنى تەڭشىدى، بۇنىڭ بىلەن بۇ ئىككى دۇكاننىڭ سېتىش سوممىسىدا تۆۋەنلەش كۆرۈلدى. تېخىمۇ يامىنى بولسا، ئەتراپقا يەنە بىر ئوخشاش تىپتىكى دۇكان قۇرۇلدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ دۇكاننىڭ ئەسلىھەلىرى ھەر جەھەتتىن ياخشى بولۇپ، بىر قىسىم خېرىدارلار شۇ تەرەپكە ئېقىپ كەتتى. ئەسلىدىكى ئىككى دۇكاننىڭ خوجايىنى ئەسلىدە رىقابەتچىلەردىن ئىدى، ئەمدى دوستلارغا ئايلىنىپ قالدى،ئىككىسى بىرلىشىپ يېڭى ئېچىلغان دۇكانغا تاقابىل تۇرماقچى بولدى، ئۇلار يېڭى دۇكاننىڭ ئۆزلىرىنىڭ بازىرىنى تارتىۋالغانلىقىدىن نارازى ئىدى. بىراق بۇ ئىككىيلەن ئويلىشىپ ئۈچ تەرەپ رىقابەتلەشسە تېخىمۇ ئېچىنىشلىق بولدىغانلىقىنى بىلدى. ئۇلاريەنە بىر دۇكانغىمۇ بېرىپ، ھەممەيلەن ھەمكارلىشىشقا قوشۇلدى. ئۈچ دۇكان ئوخشاش ۋاقىتتا مال كىرگۈزۈپ، باھانى بىرلىككە كەلتۈردى، ئوخشاش ۋاقىتتا تارقاتتى.شۇنداق قىلىپ تەننەرخنى تىجەپلا قالماستىن، باھا بەلگىلەش ھوقۇقىنىمۇ قولغا كىرگۈزدى،ئۇلارنىڭ تىجارەت كىرىمىمۇ ئاشقان ئىدى.
شاڭخەي ئەنشىن پول چەكلىك شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى لۇۋېي مۇنداق دېگەن: «مەن تونۇپ يەتتىمكى، ئادەم ھەرقانداق ۋاقىتتا باشقىلارنىڭ ياردىمىگە مۇھتاج بولىدۇ. ئېھتىمال بۈگۈن سىز ناھايىتى كۈچلۈك، قابىلىيەتلىك، بىراق چوقۇم ئۆزىڭىز ھەل قىلالمايدىغان باشقىلار ياردەم قىلىشى لازىم بولىدىغان مەسىلىلەرگە يولۇقۇپ قالىسىز. بەلكىم سىزگە ياردەم قىلغان ياكى سىز ياردەم قىلغان ئادەم ئادەتتە سىزنىڭ ئېتىراپ قىلىشىڭىزغا ئېرىشەلمىگەن ئادەم بولۇشى مۇمكىن، بىراق سىز ھەقىقەتەن ئۇنىڭغامۇھتاج.» دېگەن.
ھەرقانداق ۋاقىتتا، دۈشمەنلىك نەزىرىدىكى رىقابەت ياخشى نەتىجە كەلتۈرمەيدۇ. بولۇپمۇ سودا سورۇنلىرىدا سودىگەرلەرجەزمەن كەڭ قورساقلىق ۋە ئەپۇچانلىققا تولغان يۈرىكى ئارقىلىق رىقابەتچىسىنى دوستقا ئايلاندۇرۇشى، ئورتاق تەرەققىي قىلىپ، ئورتاق بايلىق يارىتىشى كېرەك، بۇنداق قىلىش ئامال تېپىپ قارشى تەرەپنى گۆرگە ئىتتىرگەنگە قارىغاندا ئاسان. شۇ سەۋەبتىن، بىر دوست كۆپەيسە بىر يول كۆپىيىدۇ، باي بولۇشنى ئويلىسىڭىز دۈشمەنلىرىڭىز ئاز بولسۇن، كۆپرەك ھەمكارلىشىڭ، بۇنداقتا چوقۇم ئەڭ كۆپ پايدىنى سىز ئالىسىز.
******باشقىلارنىڭ باي بولۇش يولىنى توسماڭ
جۇڭگولۇق زەردار لى جىياچېڭ مۇنداق دېگەن: «ئۆزى پۇل تېپىش بىلەن بىر ۋاقىتتا ھەرگىزباشقىلارنىڭ پۇل تېپىش يولىنى توسىماسلىق كېرەك.» جېجىياڭلىق سودىگەرلەردىمۇئوخشاش تونۇش بار، ئۇلار مۇشۇنداق بولغاندىلا ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىنى ئۇزۇن مەزگىل ساقلىغىلى بولىدۇ دەپ قارايدۇ. شۈبھىسىزكى، تىجارەت قىلىش يولىدا، باشقىلارغا بەرگەن پۇرسەت دەل ئۆزىگە بېرىلگەن پۇرسەتدۇر. ھەرقانچە ئەقىللىق سودىگەرمۇ ھەمكارلاشقۇچىسىنى يوقىتىپ قويۇشى مۇمكىن، يالغۇز، يەككە ئادەم قانداقمۇ سودا دېڭىزىنىڭ بوران – چاپقۇنلىرىدا تىك تۇرالىسۇن؟
2005 –يىلى، نەنجىڭ خۇادوڭ ئاياغ شەھەرچىسىدىكى 60 دىن ئارتۇق ۋەكالەتچى ئىش تاشلىدى،بۇنى كەلتۈرۈپ چىقارغىنى بولسا، خۇادوڭ ئاياغ شەھەرچىسى ئۇلارنىڭ «باي بولۇش يولى»نى توسۇپ قويغان ئىدى.
خۇادوڭ ئاياغ شەھەرچىسى 1997 – يىلى قۇرۇلغان بولۇپ، قۇرۇلۇش كۆلىمى 6000 كۋادىراتمېتىرغا يېقىنلىشىدۇ، تىجارەت ئۆيى 300 دىن كۆپرەك بولۇپ، بۇبۇگاۋ، ئاۋتېمەن،لەنماۋ، چى بوخۇي، يوڭگاۋرېن، ۋېيۋېيماۋ قاتارلىق داڭلىق ماركىلار بۇ جايغاچۇغلانغان، نەنجىڭ شەھرىدىكى ئاياغ توپ تارقىتىش شەھەرچىلىرىنىڭ ئالدى ھېسابلىنىدۇ، يىللىق سېتىش سوممىسى 4 مىليارىدقا يېتىدۇ. يېقىندا يۈچىياۋ بازىرىنىڭ ئۇدۇلىغا يۆتكىگەچكە، نامى «خۇادوڭ خەلقئارا ئاياغ شەھەرچىسى» گە ئۆزگەرتىلگەن.
بىرتىجارەتچى: «ئەسلىدىكى پىلانغا ئاساسەن، يۆتكەلگەندىن كىيىنكى خۇادوڭ ئاياغ شەھەرچىسىدىكى بارلىق تىجارەتچىلەر ھازىرقى يېڭى ئۇرۇنغا بېرىشى كېرەك ئىدى، بۇ بىر پاراللىل يۆتكىلىش بولغاچقا، ھازىرقى سودا ھالىتىدە كۆپ ئۆزگىرىش يۈز بەرمەيىتتى. بىراق بىزھازىر يېڭىئۇرۇنغا كۆچۈپ بارغاندىن كىيىن ئىككى تۈمەنلىك مەيدانغا كىرىش ھەققى تاپشۇردىغانلىقىزنى بىلدۇق، بىز بۇنى قوبۇل قىلالمايمىز.» دېگەن.
يەنە بىر ۋاكالەتچى سودىگەر: «ئەگەر يېڭىدىن ياسالغان ‹خۇادوڭ خەلقئارا ئاياغ شەھەرچىسىدە داۋاملىق سودا قىلدىغان بولساق، ياخشى ئورۇنلارغا ئۈچ تۈمەندىن بەش تۈمەنگىچە تاپشۇرىمىز؛ ناچار ئورۇنلارغىمۇ ئىككى تۈمەن تاپشۇرۇشىمىز كېرەك بولىدۇ. ‹خۇادوڭ خەلقئارا ئاياغ شەھەرچىسى›پۇرسەتتىن پايدىلنىپ پۇل تاپماقچى بولىۋاتىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە يېڭى ئاياغ شەھەرچىسىدە ماشىنا توختىتىش قولايسىز، ئىسكىلاتمۇ بىزنىڭ ئېھتىياجىمىزنى قاندۇرالمايدۇ. بىراق بۇلار خوڭچىياۋ بازىرىدا ھېچانداق مەسىلە ئەمەس ئىدى. تېخىمۇ مۇھىمى بولسا، خوڭچىياۋ بازىرى مەيدانغا كىرىش ھەققى ئالمايدۇ،باج تاپشۇرساق بىر يىللىق ماشىنا توختىتىش ھەققىنى كەچۈرۈم قىلىدۇ.» دېدى.
سودىگەرلەر ئەلۋەتتە نەدە پايدا بولسا شۇ جايغا بارىدۇ، ئەگەر بىر سودىگەر پەقەت ئۆزىلا پۇل تېپىشنى ئويلاپ، باشقىلارنىڭ يولىنى توسۇپ قويسا، ئۇنداقتا جەزمەن قالايمىقانچىلىق كېلىپ چىقىدۇ.
ئىلگىرى بەزىلەر بىر ۋېنجۇلۇق سودىگەردىن سودا قىلىشنىڭ مەخپىيەتلىكىنى سورىغان، بۇ ۋېنجۇلۇق سودىگەر: «تىجاەرت قىلغاندا ئۆزىنىڭلا پۇل تېپىشىنى ئويلىماسلىق كېرەك،ئون يۈەن تاپىدىغان سودىدا ئالتە يۈەن تاپالىسىلا بولدى، قالغان تۆت يۈەننى باشقىلارغا بېرىش كېرەك. بۇنداقتا، باشقىلارمۇ پۇل تاپقان ۋاقىتتا سىزنى ئەسكە ئالىدۇ، سىزنىڭ پۇل تېپىش پۇرسىتىڭىزمۇ كۆپىيدۇ.» دېگەن. شۇنىڭ ئۈچۈن، تىجارەتتە ئىزچىل «باشقىلارنىڭ يولىنى توسماسلىق، پايدىدىن كۆپچىلىك تەڭ بەھرىمان بولۇش»پىرىنسىپىغا ئىشىنىش كېرەك، شۇنداق قىلغاندىلا سودىنى بارغانسىرى چوڭايتىپ،پايدىنى بارغانسىرى كۆپ ئالغىلى بولىدۇ.
جېجىياڭلىق سودىگەر جىن ۋېيخەينىڭ كىچىكىدىن ئائىلە شارائىتى ياخشى ئەمەس بولۇپ، ئۇ ئۆينىڭ چوڭى ئىدى. دادىسى بالدۇر تۈگەپ كەتكەچكە، ئۇ ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرگەندىن كىيىن ئىشلەپ پۇل تېپىشقا باشلىدى. كۆپ يىللىق تىرىشىش ئارقىلىق، ئۇ ئاۋۋال ئۆزىنىڭ كىچىك شىركىتىنى، كىيىن كىچىك تاۋارلارنى توشۇشنى مەقسەت قىلغان دۆلەت ئىچىدىكى ئۇزۇن يوللۇق توشۇش شىركىتىنى قۇرۇپ چىقتى. ئۈچ يىلغا يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە، ئۇ يەنە خاڭجۇدا بىر ئۇنىۋېرسال بازارغا مەبلەغ سالدى. 2002 – يىلى، ئۇيەنە شەندوڭ ۋېيخەيگە كېلىپ يىۋۇنىڭ ئۇششاق مەھسۇلاتلىرىنى توپ تارقىتىدىغان بازارقۇردى. بۇ بازارنىڭ كۆلىمى 6000 مو بولۇپ، ئالدىنقى مەزگىللىك مەبلەغلا مىليارىدتىن ئاشقان. پەقەت ھاۋا تەڭشىگۈچ ۋە ئوتتىن مۇداپىئەلىنىش سىستېمىسىغىلا 20 مىليوندىن ئارتۇق پۇل كەتكەن. بىراق جىن ۋېيخەي يايما ئورنىنى قانداق ئىجارىگە بېرىش مەسىلىسىدە، ناھايىتى كۆپ ئويلاندى. ئەينى ۋاقىتتا، ۋېندىڭ بازىرىغا ئەڭ يېقىن بازار بولسا جىمو توپ تارقىتىش بازىرى. جىمو توپ تارقىتىش بازىرىدا 9 كۋادراتمېتىرلىق يايما ئورنىنىڭ يىللىقى 70 مىڭ يۈەن. بىراق، جىنۋېيخەي ئۆزىنىڭ توپتارقىتىش بازىرىغا سالغان 9 كىۋادرات مېتىرلىق يايما ئورنىنىڭ يىللىق ئىجارىسى5000 يۈەن، شەرتى بولسا بەش يىللىقىنى ئىجارىگە ئېلىش ئىدى. بۇ باھادا بارلىق يايما ئورۇنلىرى ئىجارىگە ئېلىنىپ بولدى، ھەمدە سودىسىمۇ ناھايىتى ياخشى بولدى.
جىن ۋېيخەي:«جەزمەن باشقىلارغا پايدا بوشلۇقى قويۇپ قويۇش كېرەك، ئۆزى تاپالىغاندا باشقىلارغىمۇ پۇل تېپىش پۇرسىتى بېرىش كېرەك. پۇلنى كۆپچىلىك بىرلىكتە تېپىش كېرەك، مۇشۇنداق بولغاندىلا سىزمۇ پۇل تاپالايسىز. » دېگەن. ئۇنىڭ قارىشىچە، تىجارەتتە جەزمەن باشقىلارغا پۇل تاپىدىغان پۇرسەت قالدۇرۇش كېرەك ئىكەن. ئۇ كۆرسەتكۈچ بارمىقىنىڭ ئۇچىنى كۆرسىتىپ: «مەن مۇشۇنچىلىك تاپسام بولدى.» دېگەن. يەنە كۆرسەتكۈچ بارمىقىنىڭ ئىككىنچى بوغۇمىنى كۆرسىتىپ: «بۇنى بازاردىن يايما ئورنى ئىجارىگە ئالغانلار تاپىدۇ.» ئەڭ ئاخىرىدا ئۇ كۆرسەتكۈچ بارمىقىنىڭ ئۈچىنچى بوغۇمىنى كۆرسىتىپ: «بۇ قىسىمىنى بازارغا مال ئېلىپ كىرگەن ھەر قايسى سودىگەرلەر تاپىدۇ.»دېگەن.
جېجىياڭلىق سودىگەرلەرنىڭ قارىشىچە، تىجارەت قىلشىتا پۇل تېپىش كېرەك، بىراق قانداق تېپىشتا ئۇسۇلنى ئويلىشىش كېرەك. جېجىياڭلىقلارنىڭ قارىشىچە، سودا مەيدانلىرىدا «كۆپچىلىككە ياخشى بولسا ھەقىقىي ياخشى بولغان بولىدۇ.» پەقەت ھەممە ئادەمگە مەنپەئەت بەرگەندە، ئاندىن ئۆزى پۇل تاپقىلى بولىدۇ. جېجىياڭلىق سودىگەرلەر «مېنىڭ پايدام بولمىسا سېنىڭمۇ بولمىسا سودىنى قىلغىلى بولمايدۇ، مەن ئاز ئېلىپ سەن كۆپ ئالساڭ سودىنى قىلغىلى بولمايدۇ، مەن چوڭ ئېلىپ سەن ئاز ئالسڭ سودىنى يەنە قىلغىلى بولمايدۇ،سەنمۇ پايدىنى چوڭ ئالساڭ مەنمۇ چوڭ ئالسام سودىدا زىيان تارتمايمىز» دېگەن ھېكىمەتلەرگە ئىشەنگەچكە، ئۇلار دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا سودا قىلالىدى.
شۇسەۋەبتىن، گەرچە سودا مەيدانى جەڭ مەيدانىغا ئوخشىسىمۇ، بىراق ئىككىسىنىڭ يەنىلا پەرقى بار. جەڭ مەيدانىدا، پەقەت قارشى تەرەپ يىقىلغان چاغدا، ئۆزىنىڭ ھايات قېلىش پۇرسىتى بولىدۇ، ئەمما سودا مەيدانىدا ئۇنداق ئەمەس.كۆپچىلىك تەڭ پايدا ئالىسا بولىدىغان تۇرۇپ ،نېمىشقا سودا مەيدانىدا بىر – بىرىمىز بىلەن قان بولۇشۇپ، «سەن ئۆل، مەن تىرىلەي» دېگەندەك ئىش قىلىمىز؟ يەنە دېسەك، «يەككە قەھرىمانلىق» ھەربىر سودىگەرگە نىسبەتەن پايدىسىز، مەيلى قايسى نوقتىدىن كۈزىتەيلى، پەقەت كوللىكتىپ تەڭ يېڭەلىگەندە، پەقەت بىر ياخشى سۈپەتلىك رىقابەت شەكلىنى قوللانغاندىلا ئۆزىنىمۇ ،ئۆزگىنىمۇ قىينىماستىن پۇل تاپقىلى بولىدۇ.
**********************
تەرجىمە قىلغۇچى:ئەقىدە قاشگەرلىكى شىركىتى
تەرجىمان:ئابدۇللا ئۆمەر
تەرجىمە تەھرىرى:رەيھانگۈل نىزام
مەنبە:بېيجىڭ سانائەت پەنلىرى ئۇنىۋىرستىتى2013-يىلى 6-ئايدا نەشىر قىلغان خەنچە ‹‹ جېجاڭ سودىگەرلىرىنى غەلبىگە باشلىغان 22 تۈرلۈك سودا قائىدىسى››ناملىق كىتاب
2015-يىلى 4-ئاي