A-A+

بايلار نىمىشقا خوتەن قاشلىرىغا ئامراق؟(خوتەن قاش مەدەنىيىتى جەمگاھى 60)

2015-يىل 22-ئاۋغۇست ئەقىدە قاش ئىنىستىتۇتى باھا يوقكەن زىيارەت: 1,509 قېتىم

ئەقىدە قاشگەرلىكى شىركىتىدىن ئابلىكىم ئاۋۇت يازمىسى

خوتەن قاشلىرىنى ئىنسانلار نېمە ئۈچۈن نەچچە مىڭ يىللاردىن بىرى ئارزۇلاپ ،ئەتىۋالاپ ئىشلىتىپ كەلدى؟ئۇنىڭدىكى قانداق سېھرى كۈچ ئۇنى تارىم ۋادىسىدىن دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا تارقاتتى؟نېمە ئۈچۈن خوتەن قاشلىرىنىڭ باھاسى يىلدىن يىلغا ئۆرلەپ ،ئىستىمالچىلار توپى توختاۋسىز كۆپۈيۈپ مېڭىۋاتىدۇ؟كىشىلەر خوتەن قاشلىرىنى نېمە مەخسەت-مۇدىئالار بىلەن سېتىۋالىدۇ؟ئۇنىڭ ئىنسان ماددىيىتى ۋە مەنىۋىيىتىگە ئېلىپ كېلىدىغان تەسىرى نېمە؟؟؟...

يۇقارقىدەك نۇرغۇن سۇئاللارغا خوتەن قاشتېشىنىڭ ئۆزىدىن قانائەتلىنەرلىك جاۋاپ تېپىش مۈمكىنچىلىكى يوق.چۈنكى ئۇ گۈھەر تاشلارغا خاس ئاددىي بىر قېزىلما بايلىق،خالاس...

يۇقارقى سۇئاللارغا توغرا جاۋاپ بېرىش ئۈچۈن چۇقۇم ئۇزاق تارىخ جەريانىدا شەكىللەنگەن كۆپ قاتلاملىق ،كۆپ مەنبەلىك خوتەن قاش مەدەنىيىتىنى ئەتراپلىق چۈشۈنۈشكە توغرا كېلىدۇ.

ئەقىدە قاشگەرلىكىمىز <<خوتەن قاش مەدەنىيىتى جەمگاھى >>سەھىپىمىز ئارقىلىق خوتەن قاش مەدەنىيىتىنى رەتلەپ ،توپلاپ ،تەرجىمە قىلىپ ھوزۇرۇڭلارغا سۇندۇق.

بايلار نىمىشقا خوتەن قاشلىرىغا ئامراق ؟

ئەقىدە شىركىتى مەرۋايىت زىننەتلىرى بۆلىمىدىن ئادالەت ئابلىكىم تەرجىمىسى

ئەتراپىمىزغا قارايدىغان بولساق نۇرغۇن بايلار نەچچە يۈز مىڭ ھەتتا مىليون خەجلەپ خوتەن قاشلىرىنى سېتىۋالىدۇ . بۇ  ھال نۇرغۇن كىشىلەرنى ئويغا سېلىپ << بۇ بايلار ساراڭ بولۇپ قالغانمىدۇ ، نىمىشقا ئەسكى تاشقا مىليونلاپ پۇل خەجلەيدىغاندۇ >>  دىگۈزىۋاتىدۇ . بۇ بايلار راستىنلا ساراڭمىدۇ؟ئەگەر ئۇلار ھەقىقەتەن ساراڭ بولسا شۇنچە كۆپ پۇلنى قانداق تاپىدىغاندۇ؟...

خوش ، ئۇنداقتا بىز  بىرلىكتە بايلارنىڭ نىمە ئۈچۈن شۇنچە كۆپ پۇل خەجلەپ خوتەن قاشلىرىنى سېتىۋالىدىغانلىقىغا نەزەر سېلىپ باقايلى :

602

1 . يارام قاشلار كۈندىن - كۈندىن ئازلاۋاتىدۇ

خوتەن قاشلىرى قايتا پەيدا بولمايدىغان ، پۈتۈن دۇنيادا پەقەت خوتەندىنلا چىقىدىغان بىباھا گۆھەر .

( دۇنيانىڭ باشقا جايلىرىدىنمۇ قاشتېشى چىقىدۇ ، بىراق سۈپىتى دىيارىمىزدىن چىقىدىغان قاشلارغا يەتمەيدۇ .مەزكۇر ماقالىدا پەقەت دىيارىمىزدىنلا  چىقىدىغان خوتەن قاشلىرى  كۆزدە تۇتۇلغان.-تەرجىماندىن )

ئون نەچچە مىڭ يىلدىن بۇيان خوتەن زىرە قاشلىرى قېزىلىپ ، ئويۇلۇپ ، سېتىلىپ تۈگەش باسقۇچىغا كېلىپ قالدى .

2 . خوتەن قاشلىرى مەڭگۈ مودىدىن قالمايدۇ

خوتەن قاشلىرىنى قەدىمدىن ھازىرغىچە ، پادىشاھتىن گادايغىچە ھەممە ياقتۇرۇپ كېلىۋاتىدۇ  ھەم  بۇندىن كېيىنمۇ ئەبەدىي كىشىلەرنىڭ ياخشى كۆرىشى ، ئەتىۋارلىشىغا ئېرىشىدۇ .

3 . خوتەن قاشلىرىدىن ئۇيۇلغان زىننەت بۇيۇملىرى ھەر قانداق كىشىگە ماس كىلىدۇ

خوتەن قاش زىننەتلەر مەيلى ئۇ كەمەرلىك ، بىلەيزۈك ، ئۈزۈك ۋە ياكى بولاپكا - مارجان بولسۇن ، چوڭ - كىچىك ، قېرى - ياش ھەر قانداق كىشىنىڭ تاقىشىغا ماس كېلىدۇ .

4 . پاي چېكىنىڭ باھاسى چۈشىدۇ ، خوتەن قاشلىرىنىڭ باھاسى توختىماي ئۆسىدۇ ھەم ئۈسىۋاتىدۇ

خوتەن قاشلىرىغا مەبلەغ سېلىش بىر ئاقىلانە تاللاش . بۇرۇنقى نۇرغۇن  بايلار خوتەن قاشلىرىغا مەبلەغ سالغان . ھازىرمۇ نۇرغۇن بايلار خوتەن قاشلىرىغا مەبلەغ سېلىۋاتىدۇ ۋە سالماقچى بولىۋاتىدۇ . چۈنكى خوتەن قاشلىرىنىڭ باھاسى تارىختىن بۇيان توختىماي ئۆسكەن ۋە ھازىرمۇ ئۆسىۋاتىدۇ ، باھاسى چۈشكەنلىك تارىخى يوق . بىز پاي چېكى چۈشۈپ كەتكەنلىك سەۋەبىدىن بىنادىن سەكرىۋالغان بايلارنى كۆردۇق ئەمما خوتەن قاشلىرىنى سېتىۋالغانلىق سەۋەبلىك بىنادىن سەكرىۋالغان بايلارنى كۆرۈپ باقمىدۇق .

9

5 . خوتەن قاشلىرى ئەۋلاتلارغا مىراس قالدۇرۇشتىكى ئەڭ ياخشى تاللاش

خوتەن قاشلىرى يىغىپ ساقلاش بۇيۇمى ، مەرتىۋە ، سالاھىيەت ، نام - ئابروينىڭ نامايەندىسى . ھەر بىر تال زىرە قاش دۇنيادا پەقەت بىرلا . جاھاندا شەكلى ، رەڭگى ، چاپىنى ، چوڭ - كىچىكلىكى ئوخشاش بىر جۈپ زىرە قاشنىڭ بولۇش مۇمكىنچىلىكى يوق . شۇڭا خوتەن قاشلىرى ئەۋلاتلارغا مىراس قالدۇرۇشتىكى ئەڭ ياخشى تاللاش بولۇپ ، كىيىنكى ئەۋلاتلار ئەجدادلىرى ئۆزىگە مىراس قالدۇرغان خوتەن قاشلىرى سەۋەبلىك ئۆزىدىن ۋە ئەجدادلىرىدىن پەخىرلىنىدۇ .

6 . يېنىڭىزدا تۇرغان خوتەن قاشلىرىنىڭ باھاسى ئۈسۈپلا قالماستىن، بەلكى ئۆزىمۇ  كۈندىن - كۈنگە ئېسىللىشىدۇ

خوتەن قاشلىرىنى سېتىۋالغان كېيىن سىز ئۇنى پەرۋىش قىلىسىز ، تاقايسىز . بۇ جەرياندا خوتەن قاشلىرى تېخىمۇ پارقىراپ ، سىلىقلىشىپ كېتىدۇ ھەم ئۇزۇن مۇددەت سىز بىلەن بىۋاستە ئۇچرىشىش جەريانىدا تەن  ۋە روھ ساقلىقىڭىزغا زور پايدىلارنى ئېلىپ كېلىدۇ .

7 . خوتەن قاشلىرى كۆز تېگىشتىن ساقلايدۇ

خەلق ئارىسىدا خوتەن قاشلىرىدا روھ بار ،خوتەن قاشلىرى كىشىنى بالايى - قازا ، خىيىم - خەتەردىن ساقلايدۇ . يىنىدا قاش بار كىشىنى چاقماق سوقمايدۇ دەيدىغان قاراش بار .

سۆزلەشكە توغرا كەلسە يەنە نۇرغۇن  سەۋەپ-نەتىجە مۇناسىۋىتىنى كۆرسىتىش تامامەن مۈمكىن.ئەمما بايلارنىڭ خوتەن قاشلىرىنى ياخشى كۈرىشىنىڭ سەۋەبى مۇشۇ دائىرىدىن چەتنىمىسە كېرەك.

مەنبە :  تور دۇنياسى

2015-يىلى 8-ئاينىڭ 22-كۈنى

خەتكۈش :

كۆڭۈل سۆزلىرى

error: يۆتكىمەكچى بولسىڭىز بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ