A-A+

ئادەمگەرچىلىك ئارقىلىق ئىختىساسلىقلارنى جەلپ قىلىش كېرەك

2015-يىل 8-ئاپرېل تەرجىمە كىتابلىرىمىز باھا يوقكەن زىيارەت: 193 قېتىم

مايۈننىڭ ئىگىلىك تىكلەش دەرسخانىسى

48cb3cfd-6653-4408-ab50-887c34a234ec

8-دەرس 10-پارىگىراپ

ئادەمگەرچىلىك ئارقىلىق ئىختىساسلىقلارنى جەلپ قىلىش كېرەك

تالانت ئىگىسىنى ھەر قانداق كارخانا قولغا كىرگۈزۈشنى ئويلايدۇ، بىراق مايۈن تالانتلىقلارنى جەلپ قىلىشتا پايدا ئارقىلىق ئەمەس، بەلكى كارخانا مەدەنىيىتى ۋە كارخانا رەھبىرىنىڭ ئادەمگەرچىلىك لاتاپىتىدىن پايدىلىنىپ، ئۇلارنى شىركەتكە كېلىدىغان قىلىش كېرەك دەپ قارايدۇ.

سا چۇڭشىننى مىسالغا ئالساق، ئالى بابانى چۈشىنىدىغان ھەر قانداق ئادەم ئۇنىڭ شىركەت تەرەققىياتىدىكى مۇھىم رولىنى بىلىدۇ. بىراق ئۇنىڭ ئالى باباغا قانداق كېلىدىغانلىقىغا نەزەر سالساق، گەپنى ئالى بابانىڭ كارخانا مەدەنىيىتى ۋە مايۈننىڭ ئادەمگەرچىلىكتىكى جەلپ قىلىش كۈچىدىن باشلاشقا توغرا كېلىدۇ.

ئالى بابانىڭ تور سودىسى توغرىسىدىكى ئىدىيەسى بىر قىسىم خەلقئارالىق مەبلەغ سېلىش گۇرۇھلىرىنىڭ دېققىتىنى تارتىۋاتقان ۋاقىتتا، سا چۇڭشىن Investor AB گۇرۇھىنىڭ شياڭگاڭ رايونىغا مەسئۇل مۇئاۋىن باش لىدىرى بولۇپ، ئاسىيانىڭ جۇڭگو چوڭ قۇرۇقلۇقىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان رايونلىرىغا مەبلەغ سېلىش ئىشلىرىغا مەسئۇل ئىدى. ئۇمۇ ئالى باباغا ناھايىتى قىزىقىدىغان بولغاچقا، ئالى باباغا بېرىپ كۆرۈپ بېقىشنى قارار قىلغان.

سا چۇڭشىننىڭ ئالى باباغا كېلىشى خىزمەتچىلەرنى ناھايىتى خۇشال قىلغان. چۈنكى سا چۇڭشىننىڭ نىشانى ناھايىتى ئېنىق بولۇپ، كۆڭۈلدىكىدەك مەبلەغ سېلىش ئوبيېكتى تېپىش ئىدى. بۇ دەل ئالى بابانىڭمۇ ئۈمىدى ئىدى. سا چۇڭشىن ئالى بابادا ئادەمنى ھەيران قالدۇرىدىغان كۆرۈنۈشى كۆرگەن: بىر تۆت ئېغىزلىق ئۆيدە 20 دىن ئارتۇق ئادەم خىزمەت قىلىۋاتقان بولۇپ، يەرگە پالاس قاتارلىق نەرسىلەر قالايمىقان قويۇلغان ئىدى، خىزمەتچىلەرنىڭ چىرايىدىن ئۇلارنىڭ قىزغىنلىقى ۋە ئالى باباغا بولغان مۇھەببىتىنى كۆرگىلى بولاتتى. كۆرۈشۈشتىن كېيىن، مايۈن سا چۇڭشىنغا ئۆزىنىڭ تور سودىسىغا ئائىت كۆز-قاراشلىرى ۋە ئالى بابانى دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ B2B سودا تور بېكىتى قىلىپ قۇرۇپ چىقىشتەك «كۈنجۈت! ئىشىكنى ئاچ» غايىسىنى شەرھىلەپ بەرگەن. ئەڭ ئاخىرىدا، گەرچە سۆھبەت ئاخىرلاشقان بولسىمۇ، بىراق مايۈن ۋە خىزمەتچىلەرنىڭ قېرىنداشلارچە ئىناقلىقى، مايۈننىڭ غايىسى ۋە ئادەمگەرچىلىكى، ئالى بابانىڭ باشقا كارخانىلاردىن پەرقلىنىپ تۇرىدىغان كارخانا مەدەنىيىتى سا چۇڭشىنغا ناھايىتى چوڭقۇر تەسىر قالدۇرغان.

شۇنداق قىلىپ، ئالى بابانىڭ خۇشاللىققا تويۇنغان كارخانا مەدەنىيىتى ۋە مايۈننىڭ ئادەمگەرچىلىكى سا چۇڭشىننى جەلپ قىلىۋالغان. ئۇزۇن ئۆتمەستىن، سا چۇڭشىن خىزمىتىدىن ئىستېپا بېرىپ تېخى ئۆسۈپ-يېتىلىش باسقۇچىدا تۇرىۋاتقان ئالى باباغا كەلگەن. شۇنداق قىلىپ، سا چۇڭشىن يىللىق كىرىمى نەچچە تۈمەنگە يېتىدىغان يۇقىرى دەرىجىلىك باشقۇرغۇچىدىن ئايلىق كىرىمى 500 يۈەن بولغان خىزمەتچىگە ئايلانغان. سا چۇڭشىننىڭ بۇ ھەرىكىتى مايۈننى ناھايىتى ھەيران قالدۇرغان، بىراق سا چۇڭشىن ئىزچىل ئۆزىنىڭ تاللىشىنىڭ توغرىلىقىغا ئىشەنگەن، ئۇنىڭ خانىمىنىڭ مايۈنگە ئېيىتقان گىپى بويىچە ئېيىتقاندا: «ئەگەر سا چۇڭشىننى ئالى باباغا كېلىشتىن توسساق، ئۇ بىر ئۆمۈر پۇشايمان قىلىدۇ!»

ئەمەلىيەتتە، ئالى بابادا بۇنداق ھېكايىلەر ناھايىتى كۆپ. بىر قېتىم، مايۈن خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تەكلىپىگە ئاساسەن نۇتۇق سۆزلىگەن، ئۇنىڭ ئۆتكۈر ھەم يۇمۇرلۇق نۇتۇقى خارۋاردتىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ يۈرەك-تارىنى تىتىرەتكەن. مايۈننىڭ «مېڭە يۇيۇش» ى ئارقىلىق خارۋارد ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ مايۈنگە بولغان چوقۇنۇشى ناھايىتى چوڭقۇرلاشقان، ئوقۇغۇچىلار مايۈنگە ئىمزا قويدۇرغان، ئۇنىڭ بىلەن رەسىمگە چۈشكەن، يەنە سودا كەسپىدىكى 35 نەپەر ئاسپىرانت نەق مەيداندا مايۈننى توسۇۋېلىپ، مايۈن بىلەن بىرلىكتە «كۈنجۈت! ئىشىكنى ئاچ!» غايىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرماقچى-ئالى باباغا بېرىپ خىزمەت قىلماقچى بولغان.

«جۇڭگودىكى غەلبە» پىروگراممىسىنىڭ باش فىلىم ئىشلىگۈچىسى ۋاڭ لىفېن خانىم ئىلگىرى ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېگەن: «مايۈندە ئادەتتىكى كىشىلەردە بولمىغان بىر نوقتا بار: ئۇنىڭدا ئازراقمۇ كىبىر يوق بولۇپ، يۈزى چۈشۈشتىن قورقمايدۇ، ناھايىتى سەمىمىي ھالدا ئۆزىنىڭ ئۆتمۈشىگە يۈزلىنەلەيدۇ، ھەتتا ئۆزىنىمۇ مەسخىرە قىلالايدۇ. بۇ بىر ئادەمگە نىسبەتەن ئاسان ئەمەس، ئۇنىڭ ئۈستىگە نۇرغۇنلىغان كىشىلەر بۇ نوقتىنى قىلالمىغانلىق سەۋەبىدىن ئۆزىنى چوڭ تۇتۇۋالىدۇ ياكى بېكىنىۋالىدۇ-دە، كېيىن توختىماستىن خۇپىسەنلىك قىلىشقا باشلايدۇ. ئەمما مايۈن ئۇنداق ئەمەس، ئۇ سەھنىلەردە بولسۇن ياكى تۇرمۇشتا بولسۇن ئوخشاشلا بىر ئادەم، ئۆزىنىڭ يېتەرسىزلىكىنى ھەقىقىي تۈردە ئىپادىلەيدۇ، ئۆزىنىڭ تالانتىنى كۆرسىتىپ قويۇشتا كەمتەرلىك قىلىپ ئولتۇرمايدۇ. مەن ھەر قانداق ئادەمنىڭ ئۇنىڭ ئۆتمۈشىنى ئۇنتۇلدۇرالايدىغانلىقىدىن، يەنە ھەر قانداق ئادەمنىڭ ئۇنىڭ ئىشەنچىسىنى سۇندۇرۋېتەلەيدىغانلىقىدىن گۇمانلىنىمەن.»

مايۈننىڭ ئادەمگەرچىلىك لاتاپىتى ناھايىتى كۈچلۈك، ئەمەلىيەتتە بۇ لاياقەتلىك رەھبەرلەردە بولۇشقا تېگىشلىك سۈپەتلەرنىڭ بىرىدۇر. داشنېر ئۆزىنىڭ تەزكىرە ئەسىرى «پىل ئۇسسۇل ئوينىيالمامدۇ؟» دا رەھبەرنىڭ ئادەمگەرچىلىك لاتاپىتى توغرۇلۇق توختىلىپ مۇنداق دېگەن: «ئۇلۇغ رەھبەرلەر يېڭىنى تۈرۈپ ئۆزى بىر قوللۇق مەسىلە ھەل قىلىشقا چۈشىدۇ؛ ئۇلار ھەر قاچان ئالدىنقى سەپتە تۇرىدۇ، ھەرگىزمۇ خىزمەتچىلەرنىڭ ئارقىغا ئۆتۈۋېلىپ باشقىلارنىڭ ئىش قىلىشىغا قوماندانلىق قىلمايدۇ.» ئۇنداقتا قانداق قىلغاندا بىر لاياقەتلىك رەھبەر بولغىلى بولىدۇ؟

ئاۋال، رەھبەرنىڭ ۋۇجۇدى ئادەمگەرچىلىك لاتاپىتىگە تويۇنغان بولۇشى كېرەك. لاتاپەت بىر ئادەمگە نىسبەتەن ناھايىتى مۇھىم بولغان ئادىميلىك سۈپەت، بۇ خىل لاتاپەت پەيدا قىلغان تەسىر كۈچ ۋە جەلپ قىلىش كۈچىنى سەل بوش چاغلىغىلى بولمايدۇ. بەزىلەرنىڭ خاراكتېرى ۋە ئىقتىدارى كۆرۈنەرلىك ئەمەس بولۇشى مۇمكىن، بىراق كۆڭلى-كۆكسى كەڭ، سەمىمىي بولۇپ، بۇمۇ بىر خىل ئادىمىيلىك لاتاپەت.

ئاندىن، ئىلھاملاندۇرۇشقا ماھىر بولۇش كېرەك. رەھبەرنىڭ يەنە بىر سالاھىيىتى يېتەكچى، ئۇ خىزمەتچىلەرنىڭ ئاكتىپلىقىنى قوزغىتىشقا، ئۇلارغا تەجرىبە ئۆگىتىشكە، خىزمەتچىلەرنىڭ مەسىلىسىنى ھەل قىلىشقا ماھىر بولۇشى كېرەك، نۆۋىتى كەلسە ئۆزى ئوتتۇرىغا چۈشۈپ كۆرەش قىلىشقا ماھىر بولۇشى كېرەك. ئىقتىدارلىق، ئىرادىسى كۈچلۈك كىشىلەرنى تىرىشىشقا يېتەكلىشى ھەمدە ئىقتىدارلىق ئەمما ئىرادىسى كۈچلۈك بولمىغان كىشىلەرنى ئىرادىسىنى چىڭىتىشقا تۈرتكە بولۇشى كېرەك، بۇنداق رەھبەرلەرلا ئەڭ لاياقەتلىك رەھبەر بولالايدۇ.

ئۇنىڭدىن كېيىن، تەۋەككۈل قىلىشقا ماھىر بولۇشى كېرەك. ئەگەر رەھبەر بولغان كىشى خىزمەتچىلەرنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشمەكچى بولسا، چوڭ يۈرەكلىك بىلەن سىناشقا جۈرئەت قىلىشى، ئۇلارنىڭ تەپەككۇرىنى ئېچىشى، ئۆزى بۇنىڭغا ئۈلگە بولۇشى كېرەك. ئۆزىنى ئۈلگە قىلىپ تۇرۇپ خەتەرنى ئۈستىگە ئېلىشقا ماھىر بولۇشى ۋە كوللىكتىپتىن ھالقىغان ئىقتىدارىنى ئىپادىلەپ چىقىشى، ئەگەشكۈچىلىرىنى نىشاننىڭ مۇۋاپىق ۋە يەتكىلى بولىدىغانلىقىغا ئىشەندۈرۈش لازىم. بۇ خىل كۆپچىلىككە رەھبەرلىك قىلىپ تاغ-داۋانلاردىن ئاشىدىغان، خىزمەتچىلەرنىڭ يوشۇرۇن كۈچىنى جارى قىلدۇرىدىغان روھ جەزمەن خىزمەتچىلەر ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان ئادىميلىك لاتاپىتىگە ئايلىنىدۇ.

ئۇنىڭدىن باشقا، كۆڭلى-كۆكسى كەڭ بولۇش كېرەك. رەھبەر چوقۇم كارخانىنىڭ ئىچكى قىسىمىدىكى زىددىيەتنى كۆرسىتىپ بېرەلەيدىغان خىزمەتچى ئۈچۈن ئارقا تېرەك بولۇشى كېرەك. بۇ بىر ئادەمنىڭ ئوخشىمىغان مەدەنىيەت، ئوخشىمىغان مەزھەپ، ئوخشىمىغان شەيئىلەرگە بولغان كەڭ قورساقلىقىنى، ئوخشىمىغان خاراكتېر، ئوخشىمىغان ئارقا كۆرۈنۈشكە ئىگە كىشىلەرنى بىرلەشتۈرۈپ ئىش قىلالايىدىغانلىقىنى، قارىشى پىكىرگە بەرداشلىق بېرەلەيدىغانلىقىنى، ھەتتا ئۆزىنىڭ دۈشمىنىگىمۇ كەڭ قورساق بولالايدىغانلىقىنى ئىپادىلەپ بېرىدۇ. رەھبەر بولۇش سۈپىتىڭىز بىلەن چوقۇم بۇ خىل كەڭ قورساق روھقا ئىگە بولۇشىڭىز كېرەك.

رەھبەردە يەنە يىراقنى كۆرەرلىك بولۇشى كېرەك. رەھبەردە يىراقنى كۆرەرلىكنىڭ بولۇشى ناھايىتى مۇھىم. سىز رەھبەرلىكنىڭ يۇقىرى ئورنىدا تۇرغان ئىكەنسىز، چوقۇم باشقىلارغا قارىغاندا تېخىمۇ كەڭ بولغان نەزەر-دائىرىگە ئىگە بولۇشىڭىز، مەسىلىلەرنى ھەل قىلغاندا باشقىلاردا بولمىغان ئالدىن كۆرەرلىكنى ئىپادىلەپ چىقىشىڭىز، تېز سۈرئەتتە تەدبىر بەلگىلەپ ھەرىكەت قوللىنالىشىڭىز، مۇقىمسىزلىقنى پۇرسەتكە ئايلاندۇرۇپ ئەگەشكۈچىلىرىڭىزدىكى ئەنسىرەش تۇيغۇسىنى يوقىتىپ، ئۇلارنى غەلبىگە يېتەكلىشىڭىز كېرەك. بۇنداق رەھبەر چوقۇم كۆپچىلىكنىڭ ئىشەنچىسى ۋە مۇھەببىتىگە ئېرىشەلەيدۇ-دە، بىر توپ سادىق ئەگەشكۈچىگە ئىگە بولالايدۇ.

ئەڭ ئاخىرىدا، كۈچلۈك خىزمەت قىلىش ئىقتىدارىغا ئىگە بولۇشى كېرەك. رەھبەرنىڭ كەسپ ئىقتىدارى ۋە تەدبىر بەلگىلەش ھوقۇقى ناھايىتى كۈچلۈك بولۇپ، خىزمەتچىلەر قىلالمىغان ئىشنى قىلالىسا، بۇنداقتا تەبئىيلا خىزمەتچىلەرنىڭ قەلبىدە ھۆرمەت تۇيغۇسى پەيدا قىلالايدۇ، ھەتتا خىزمەتچىلەر رەھبىرىگە ھەۋەس قىلىدۇ.

ئومۇمەن ئېيىتقاندا، كارخانا مەدەنىيىتىنىڭ ئىختىساسلىق خادىملارنى جەلپ قىلىشىغا بولغان رولى ئەڭ كۆرۈنەرلىك، بىراق يېڭى قۇرۇلغان كارخانىلارغا نىسبەتەن، كارخانا مەدەنىيىتى تېخى شەكىللەنمىگەن ياكى تېخى پىشىپ يېتىلمىگەن ۋاقىتتا، رەھبەرنىڭ ئادىمىيلىك لاتاپىتى ناھايىتى مۇھىم رول ئوينايدۇ. ئۆزىنىڭ غايىسىدىكى چوڭ ئىشلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرماقچى بولغان ھەر بىر رەھبەر چوقۇم بۇ نوقتىغا يېتەرلىك كۆڭۈل

بۆلۈشى كېرەك.

****************

مەنبە : چىڭدۇ دەۋر نەشىرياتى 2014-يىلى 7-ئايلىق تۇنجى نەشىرى

<< مايۈننىڭ ئىگىلىك تىكلەش دەرسخانىسى >> ناملىق كىتاب

تەرجىمە قىلغۇچى : ئەقىدە قاشگەرلىكى  شىركىتى – ئۇيغۇر قاشتېشى تورى

WWW.UYHQT.CN

تەرجىمان : ئابدۇللا ئۆمەر

تەرجىمە تەھرىرى : رەيھانگۈل نىزام

2015-يىلى

كۆڭۈل سۆزلىرى

error: يۆتكىمەكچى بولسىڭىز بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ