نامراتلار قورساق ئۈچۈنلا ئۆگۈنىدۇ ،بايلار ئۆگىنىپ بايلىق يارىتىدۇ
نامراتلار قوي تەبىئەتلىك،بايلار بۆرە تەبىئەتلىك بولىدۇ
( ئىككىنچى كىتاپ )
5-باپ 3-پاراگىراپ
نامراتلار پەقەت قورساق تويغۇزۇش ئۈچۈنلا ئۆگۈنىدۇ ، ئەمما بايلار ئۆگىنىشنى داۋاملاشتۇرۇپ بايلىق يارىتىدۇ
نامراتلارنىڭ نامرات بۇلىشىدا چۇقۇم سەۋەپ بار،ئەمما بۇخىل سەۋەپنى جەمئىيەت كەلتۈرۈپ چىقارغان ئەمەس ،بەلكى ئۇلارنىڭ پوزىتسىيەسى كەلتۈرۈپ چىقارغان.ئالدىنقى ماقالىدە سۆزلەنگىنىگە ئوخشاش نامراتلارنىڭ بىلىمى كەمچىل،ئويلىنىپ ئىش قىلمايدۇ،لىكىن بايلار خوشاللىق بىلەن ئۆگىنىدۇ،تىرىشىپ ئالغا ئىلگىرلەيدۇ.مانا بۇ خىل پوزىتسىيە بايلار بىلەن نامراتلار ئارىسىدىكى پەرىقنى كەلتۈرۈپ چىقارغان،ئۇنىڭدىن باشقا ئىككىسىنىڭ ئۆگىنىش مەقسىدىمۇ باي-نامراتلار پەرقىنىڭ كېلىپ چىقىشىدىكى سەۋەپلەرنىڭ بىرىدۇر..
نامراتلار گەرچە ئۆگەنسىمۇ لىكىن ئۆگىنىش مەقسىتى پەقەتلا تۇيۇنۇش،كىيىنىش مەسلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈندۇر،ئۇلار پەقەت قورسىقى تويسىلا رازى بولىدۇ،بۇ نامراتلارنىڭ پىسخىكىسى.نامراتلارنىڭ تەپەككۇردا ئۆگىنىش قورساق تويماسلىق،كىيىم پۈتۈن بولماسلىقنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن بولۇپ،نامراتلارنىڭ دائىملىق شۇئارى:<<ئۆگىنىش تۇرمۇشنى ئۆزگەرتىدۇ،بىلىم تەقدىرنى ئۆزگەرتىدۇ!>> دىن ئىبارەت .نامراتلارمۇ ئۆگىنىشنىڭ مۇھىملىقىنى بىلىدۇ،لىكىن بايلار بىلەن سېلىشتۇرغاندا ئۇلارنىڭ نىشاندىكى پەرىقى زور بۇلۇپ ،بۇ پەرىق ئۇلارنىڭ بۈگۈنكى نامرات تۇرمۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان.
نامراتلار بىلەن ئوخشىمايدىغىنى بايلار ئۆگىنىشنىڭ مۇھىملىقىنى بىلىدۇ،لىكىن بايلارنىڭ ئۆگىنشتىكى نىشانى ئۆگىنشىنى داۋاملاشتۇرۇپ ،ئۆگىنىش ئارقىلىق ئۆزىگە تەۋە بولغان بايلىقنى يارىتىش.بايلار ھەرگىزمۇ يىمەك-ئىچمەك،كىيم-كېچىكى ئۈچۈنلا ئۆگەنمەيدۇ،بايلارنىڭ ئۆگىنىشىدە ئۆزىنىڭ ئارزۇسى بار،ئۇلاردا ئۆزىگە تەۋە بولغان بايلىقنى يارىتىشتىن ئىبارەت ھەركەتلەندۈرگۈچ كۈچ ۋە ئېنىق نىشان بار .مۇشۇ نىشان ئۈچۈن ئۇلار پۈتۈن كۈچى بىلەن ئۆگىنىدۇ،تىرىشىپ بوشاشماي كۈرەش قىلىدۇ،شۇڭا بايلارنىڭ ئۆگىنىشىدە ھەركەتلەندۈرگۈچ كۈچ،قىزغىنلىق بار.بىر ئادەم ئىش قىلغاندا ھەركەتلەندۈرگۈچ كۈچ ۋە قىزغىنلىق بولمىسا ،ئىشىدا غەلبە قىلىشى ناھايتىمۇ قىيىن.
چىۋابو ئامىركىدىكى كىچىك يېزىدا تۇغۇلغان،ئۇنىڭ ئائىلىسى ناھايتى نامرات بۇلۇپ 15ياشقا كىرىشتىن بۇرۇن پەقەت يەسلى مائارىپىنى ئازراقلا قۇبۇل قىلغان،كىيىن ئۇ تۇرمۇش ئۈچۈن باشقا كەنتكە بېرىپ ئات باقار بولغان،بۇ مەزگىلدە ئۇ ئۆزلىكىدىن ئۆگىنىشكە بەل باغلىغان بولۇپ،شۇندىن باشلاپ ئۆگىنشتىن ۋاز كەچمىگەن.
ئۈچ يىلدىن كىيىن پولات - تۆمۈر شاھى كارنىگنىڭ بىر قۇرۇلۇش ئورنىدا ئىشلىگەن ھەم قۇرۇلۇش ئورنىغا قەدەم قويغان شۇ دەقىقىدىن باشلاپلا بۇلارنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ مۇنەۋىرى بۇلۇشقا بەل باغلىغان،شۇڭا باشقىلار خىزمەتنىڭ جاپالىقىدىن ئاغرىنغاندا ،ئىش ھەققىنىڭ ئازلىقىدىن زارلانغاندا،پەقەت ئۇلا ئۈن-تىن چىقارماي تەجىربە توپلىغان ھەمدە كىتاپلاردىن قۇرۇلۇش بىلىملىرىنى ئۆگەنگەن،ھەر كۈنى كەچلىكى باشقىلار قۇرۇق پاراڭ سېلىپ ئولتۇرغاندا،پەقەتلا ئۇلا بىر بۇلۇڭدا كىتاپ ئۇقۇپ ئولتۇرغان.بىر كۈنى باش دىرىكتور تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىۋاتقاندا ئۇنىڭ ئىجتىھات بىلەن كىتاپ ئوقۇۋاتقانلىقىنى كۆرگەن ۋە ئۇنىڭ كىتابىنى قولىغا ئېلىپ ۋاراقلاپ كۈرۈپ كىتىپ قالغان.
ئۇزاق ئۆتمەي چىۋابۇ باش دىرىكتورنىڭ ئىشخانىسىغا چاقىرتىلغان،باش دىرىكتور بۇ ياشقا قىزىقىپ سورىغان:‹‹سەن نىمىشقا ئۇ كىتاپلارنى كۆرىسەن؟››،<< مىنىڭچە بۇ شىركەتكە ئادەتتىكى ئىشچى كەم ئەمەس،لىكىن ھەم خىزمەت تەجىربىسى كەڭ بولغان ھەم كەسپى بىلىمى مول بولغان تېخنىك خادىم ياكى باشقۇرغۇچى كەم >>. باش دىرىكتور ئۇنىڭ جاۋابىنى ئاڭلاپ ئالدىدىكى بۇ ياشقا قايتىدىن نەزەر سالغان .
بىر ئايدىن كىيىن ئۇ ئۆستۈرۈلۈپ ئىشچىلارغا تېخنىك بولغان،بۇنىڭ بىلەن بەزى ئىشچىلار ئۇنى مەسخىرە قىلغاندا،ئۇ‹‹مەن ئەزەلدىن ئۆزەمنى بىرئۆمۈر بىرى ئۈچۈن ئىشلەيمەن دەپ قارىمايمەن،مىنىڭ ئۆزەمنىڭ غايىسى بار،مەن غايەم ئۈچۈن تىرىشىپ ئۆگىنىمەن،مەن بۇنى نۇمۇس قىلىدىغان ئىش دەپ قارىمايمەن،ئەكسىچە غايىسى يوق ئادەم نۇمۇس قىلىشقا تىگىشلىك.مەن ئۈزلۈكسىز ئۆگىنىش ئارقىلىق ئۆزەمنىڭ سەۋىيەمنى ئۆستۈرەلەيدىغانلىقىمغا ئىشىنىمەن،مىنىڭ ئورنۇم تىرىشچانلىقىمدىن كەلگەن››دىگەن.تىرىشىپ ئۆگىنىش ئارقىلىق غايىسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئىرادىسى بولغاچقا چىباۋۇ تىرىشچانلىقىغا تايىنىپ قەدەممۇ- قەدەم ئۈسۈپ باش ئېنژىنىرلىق ئورنىغا چىققان.
25ياشقا كىرگەن يىلى ئۇ بۇ پولات-تۈمۈر شىركىتىنىڭ باش دىرىكتورىغا ئايلانغان ھەمدە شىركەتتىكى ئەڭ چوڭ پولات-تۈمۈر زاۋۇتىنىڭ مۇھىم ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان.ئۈزىدىكى بوشاشماي تىرىشىدىغان روھ ۋە ئىزچىل ئۆگىنىدىغان پوزىتسىيىسىگە تايىنىپ ئىككى يىلدىن كىيىن ئۇ بىر زاۋۇتنىڭ زاۋۇت باشلىقى بۇلۇپلا قالماي كارنىگ پولات-تۈمۈر شىركىتىدىكى مۇھىم شەخىسكە ئايلانغان،يەنە نەچچە يىلدىن كىيىن كارنىگ ئۇنى شىركەتنىڭ باش لىدىرلىقىغا تەيىنلىگەن.
بايلارنىڭ ئۆگىنىش مەقسىتى ئۇلۇغۋار بولىدۇ،بىر ئىشنى قىلىشنى قارار قىلىسىلا كەينىگە يانمايدۇ،ھىكايىدىكى چىۋابوغا ئوخشاش بايلار < ئادەمدە غايە ۋە نىشان بۇلۇشى كېرەكلىكى،ئۆگىنىش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ تەقدىرىنى ئۆزگەرتكىلى بولىدىغانلىقى >نى بىلىدۇ.ئۆگىنىش تەقدىرنى ئۆزگەرتىدۇ،لىكىن ئۆگىنىشمۇ نۇرغۇن تۈرلەرگە بۈلۈنىدۇ،بەزىلەر يۈزەكى ئۆگىنىپ يېرىم يولدا ۋاز كېچىدۇ،بەزىلەر داۋاملىق بوشاشماي ئۆگىنىدۇ،مەقسىتىگە يەتمىگىچە ھەرگىز بولدى قىلمايدۇ.ھەمىشە ئۆگىنىشتىكى مەقسىدى پەقەت كىيىم-كېچەك،قورساق مەسلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈنلا بولغان نامراتلار،ياخشىلىرى تاللىنىپ،ناچارلىرى شاللىنىدىغان ئەھۋالغا دۇچ كەلگەندە تېخىمۇ پاسسىپ ئۇرۇنغا چۈشۈپ قالىدۇ.
بىر كىچىك بالىنىڭ ئاتىسى بالدۇرلا ئۈلۈپ كەتكەنلىكتىن ئانىسى بىلەن ئىككىسى بىر-بىرىگە يار-يۆلەك بۇلۇپ ياشايدىكەن .بىر قېتىم تاساددىپى پۇرسەتتە بۇ بالا بىر توپ ھەمرالىرى بىلەن ئوردىغا بېرىپ شاھزادىنىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى تەبرىكلەشكە تەكلىپ قىلىنىپتۇ،بۇ بالا شاھزادىنىڭ ئېتىبارىغا ئېرىشىش ئۈچۈن ماھارىتىنى ئىشقا سېلىپ ئەستايىدىللىق بىلەن ناخشا ئېيتىپتۇ . پائالىيەت ئاخىرلاشقاندىن كىيىن كۆڭۇل قۇيۇپ نۇمۇر ئۇرۇنلىغان بۇ بالىنى ئىسىدە تۇتىۋالغان شاھزادە سەمىمىيلىك بىلەن ئۇنىڭدىن سوراپتۇ: «ساڭا ياردىمىم لازىممۇ؟» ، بالا كۈلۈمسىرىگەن ھالدا شاھزادىگە: «مەن سەھنە ئەسىرى يېزىشنى ھەم خان جەمەتى تىياتىرخانىسىدا نۇمۇر ئۇرۇنلاشنى ئويلايمەن» دەپتۇ.بۇنى ئاڭلىغان شاھزادە ھەيرانلىق بىلەن ئۇنىڭغا مۇنداق دەپتۇ:‹‹ گەرچە سەن سەھنە ئەسىرىنى يادلىيالىساڭمۇ ،لىكىن سەھنە ئەسىرى يېزىش بىلەن يادلاش ئوخشىمايدۇ،سەن يەنىلا بىرەر ھۈنەر ئۆگىنىپ تۇرمۇشۇڭنى قامدىغىن.››
شاھزادىنىڭ گىپى بالىنى ئارزۇسىدىن ۋاز كەچكۈزەلمەپتۇ،ئۆيگە قايتقاندىن كىيىن شاھزادىنىڭ تەكلىپى بويىچە ھۈنەر ئۆگەنمەي ئەكسىچە ئۆزىنىڭ پۇل يىققان قۇتىسىنى چېقىپ ،يىغقان ئازغىنە پۇللىرىنى ئېلىپ ئانىسى بىلەن خوشلىشىپتۇ ۋە يىراق كوپىنھاگىنغا بېرىپ ئارزۇسى ئۈستىدە ئىزدىنىپتۇ.بۇ مەزگىلدە ئۇ ئىزچىل نامراتلىق ئىلكىدە سەرگەردانلىق تۇرمۇشى كەچۈرۈپتۇ،شۇنداق بولسىمۇ باشتىن-ئاخىر ئۆگىنىشتىن ۋاز كەچمەپتۇ،گەرچە قىيىنچىلىققا ئۇچىرسىمۇ جاپالىق شارائىتتا ئاۋالقىدەك يېزىقچىلىقىنى داۋاملاشتۇرۇپتۇ.بۇ مەزگىلدە ئۇ ئىزچىل شىئېر،مۇھەببەت ھىكايىسى يېزىپتۇ،گەرچە يازغانلىرى كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتمىسىمۇ لىكىن بۇ سەۋەپلىك غايىدىن ۋاز كەچمەپتۇ.
1825-يىلى،ئۈزلۈكسىز بوشاشماي يېزىقچىلىقنى داۋاملاشتۇرغان بۇ بالا ئاخىرى ئۈنۈمگە ئېرىشىپتۇ،ئۇنىڭ بالىلار ھىكايىسى بالىلارنىڭ ياقتۇرىشىغا ئېرىشىپ نەشىرياتلار ئۇنىڭ ئەسەرلىرىنى نەشىر قىلىشقا تالىشىپتۇ.بۇ بالا دانىيىلىك داڭلىق ‹‹بالىلار ھىكايىسى پادىشاھى››ئاندىرسون ئىدى.ھازىرغا قەدەر ئاندىرسۇن يازغان‹‹پادىشاھنىڭ يېڭى كىيمى››،‹‹سەت ئۆردەك چۈجىسى››،‹‹پۇرچاق مەلىكە››قاتارلىق نۇرغۇن بالىلار ھىكايىلىرى دۇنيادىكى نۇرغۇن بالىلارنىڭ خوشال ئۈسۈپ يىتىلىشىگە ھەمرا بولماقتا.
‹‹ئىزچىل ئۆگىنىش >> دىگەن بۇ سۆز قارىماققا ناھايتى ئاددى ئىككى خەت بولسىمۇ ،لىكىن مۇۋاپىقىيەت قازانغان بىر بايغا نىسبەتەن ئۇنىڭ مەنىسى ئىنتايىن چوڭقۇر.بىلىم تەقدىرنى ئۆزگەرتىدۇ،ئاندىرسۇن ئىزچىل ئۆگەنگەچكە ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرغان،ئۇنىڭ ھىكايىسى ھازىرغىچە تارقىلىپ كىشىلەرنىڭ ئىزچىل ياقتۇرىشىغا ئېرىشتى.ئۇنىڭ مۇۋاپىقەيەتلىرىنى ئىزچىل تىرىشىپ ئۆگەنگەنلىكىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ.ئەگەر ئەينى چاغدا ئۇ شاھزادىنىڭ گىپى بىلەن غايىسىدىن ۋاز كەچكەن بولسا بۈگۈنكى مۇۋەپپىقىيىتى بولمايتى.نامراتلار قورساق توق،كىيىم پۈتۈن تۇرمۇش ئۈچۈن ئۆگىنىدۇ،لىكىن بايلار ئۆگىنىشنى داۋاملاشتۇرۇپ شانلىق نەتىجىلەرگە ئېرىشىدۇ،بۇنىڭدىن سىرت نامراتلاردا كىرزىس ئېڭى تۆۋەن بولىدۇ،شۇڭا نامراتلار باي بولۇشنى ئويلىسا پەقەت كىچىككىنە نىشانغا يېتىش ئۈچۈن ؛خىزمەت، قورساق تويغۇزۇش ئۈچۈنلا ئۆگەنمەسلىكى ،ئەكسىچە كۆڭلىگە يۈكسەك بىر نىشاننى پۈكىشى كېرەك.
بايلىقنىڭ بايانى:
ئۆگىنىش تەڭپۇڭلۇقنى ساقلايدىغان تارازا بولۇپ،ئۇنىڭ بىر تەرىپى بەدەل تۆلەش بولسا ،بىر تەرىپى ئېرىشىشتۇر.ئاز بەدەل تۆلىسە،ئاز ئېرىشىدۇ،كۆپ بەدەل تۆلىسە كۆپ ئېرىشىدۇ.نامراتلارنىڭ ئىرادىسى ئاجىز بولغاچقا كۆز ئالدىدىكى مۈشكۈل ئەھۋالنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈنلا ئۆگىنىدۇ،ئۇلاردا ئىلگىرلەش ئاز،ئۈزىگە تەمەننا قۇيۇپلا يۈرىدۇ،شۇڭا كىچىككىنە ئاۋارىچىلىققا يۇلۇقسا ئۈزىنى يوقىتىپ قويىدۇ.ئەمما بايلارنىڭ ئىرادىسى مۇستەھكەم بولۇپ،ئۇلار ئىجتىھات بىلەن ئۆگىنىپ ئاخىرى مول نەتىجىلەرگە ئېرىشىدۇ.شۇڭا بىز چۇقۇم بايلاردىن ئۆگىنىشىمىز كېرەك،شۇندىلا ئاندىن بايلار سىپىگە بالدۇرراق قەدەم قويغىلى بولىدۇ.
***************
مەنبە:خاربىن نەشىرياتى 2011-يىلى نەشىر قىلغان
<<نامراتلار قوي تەبىئەتلىك، بايلار بۆرە تەبىئەتلىك>> ناملىق كىتاب
تەرجىمە قىلغۇچى:ئەقىدە قاشگەرلىكى شىركىتى -ئويغۇر قاشتېشى تورى
WWW.UYHQT.CN
تەرجىمان:ئابدۇللا ئۆمەر
تەرجىمە تەھرىرى: رەيھانگۈل نىزام
2014-يىلى