A-A+

2014-يىلى ئىلاھى ئويما مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن قاشتېشى ئويمىلار

2015-يىل 31-مارت ئەقىدە قاش ئىنىستىتۇتى باھا يوقكەن زىيارەت: 262 قېتىم

ئەقىدە قاشگەرلىكى شىركىتىدىن ئابلىكىم ئاۋۇت يازمىسى

خوتەن قاش ئويمىللىرى ۋە  ئىلاھى ئويما مۇكاپاتى 天工奖

چىۋەر ئۇستىلارنىڭ قۇلىدا خوتەن قاشلىرىدىن ئۇيۇلۇپ پۈتۈپ چىققان قاشتېشى ئويما ئەسەرلىرى گويا بۇلۇت يېرىپ چىققان تۇلۇن ئايدەك  ئۆز گۈزەللىكىنى قايتىدىن نامايەن قىلىدۇ. خوتەن قاشئويما ئەسەرلىرىدىكى نەپىسلىك-ۋايىغا يەتكەن ھۈنەر-تېخنىكىنىڭ مەھسۇلى بولسا،بۇ ئويمىلاردىكى ئادەمنىڭ ئەقلىنى لال قىلىدىغان  گۈزەللىك ۋە ئۇنىڭ شۆھرىتى يەنىلا بىباھا خوتەن قاشلىرىنىڭ مەھسۇلىدۇر.

دۆلىتىمىزدە خوتەن قاش ئويمىچىلىقىنى ئاساس قىلغان ھالدا ئويمىچىلىق ساھەسىدىكى ئىقتىساسلىقلارنى بايقاش،يىغىپ ساقلىغۇچىلارنى جەلىپ قىلىش ۋە ئىستىمالنى ئىلگىرى سۈرۈش مەقسىدىدە بىر يۈرۈش مۇكاپاتلار تەسىس قىلىنغان بۇلۇپ  ئىلاھى  ئويما مۇكاپاتى ئەنە شۇ مۇكاپاتلارنىڭ ئىچىدىكى تەسىرى ئەڭ چوڭ،نوپۇزى ئەڭ كۈچلۈك  بولغان مۇكاپاتلارنىڭ بىرىدۇر.

 ئىلاھى ئويما  مۇكاپاتى  2002-يىلى جۇڭگۇ جاۋاھىراتلار جەمىئيىتى  中国珠宝玉石首饰行业协会 تەرىپىدىن تەسىس قىلىنغان بۇلۇپ يىلدا بىر قېتىم باھالىنىدۇ. ھازىرغا قەدەر نۇرغۇنلىغان

داڭلىق ئويمىچى ئۇستاملار ۋە كۆپلىگەن  نادىر ئويما ئەسەرلەرنى باھالاپ بېكىتىپ خوتەن

قاش ئويمىچىلىق ساھەسىنىڭ  تەرەققىياتى ئۈچۈن زور تۆھپىلەرنى قوشتى.ھازىرغىچە نەچچە مىڭ پارچە ئەتىۋارلىق قاش ئويمىلىرى ۋۇجۇدقا كەلتۈرۈلۈپ،قاش مەدەنىيىتى يۈكسەك دەرىجىدە بېيىتىلدى ھەم بەش يۈز ئۆپچۆرىسىدە دۆلەت دەرىجىلىك قاشتېشى ئويمىچىلىق ئۇستىلىرى ۋە دۆلەت دەرىجىلىك ھۈنەر-تېخنىكا ئۇستىلىرى باھالاپ چىقىلدى.بۇ مۇكاپاتقا ئېرىشكەن بۇيۇملارنىڭ باھاسى ھەسسىلەپ ئۆستى ۋە نۇرغۇن يىغىپ ساقلىغۇچى،مەبلەغ سالغۇچىلارنى قاش ساھاسىگە باشلاپ كىردى.بۇ ئارقىلىق خوتەن قاشلىرىنىڭ شانۇ-شەۋكىتى دۇنياغا تارىلىپ خوتەن قاشلىرىنىڭ  دۇنياۋى ماركا بولىشىغا يول ھازىرلاندى.

بۇ مۇكاپاتنىڭ ئىلاھى ئويما ئالتۇن مۇكاپاتى، ئىلاھى ئويما كۈمۈش مۇكاپاتى، ئىلاھى ئويما مىس مۇكاپاتى،  ئىلاھى ئويما  ئەڭ ياخشى لاھىيە مۇكاپاتى، ئىلاھى ئويما  ئەڭ نەپىس ئويما مۇكاپاتى، ئىلاھى ئويما  مىنەۋۋەر ئويما ئەسەرلەر مۇكاپاتى قاتارلىق تۈرلىرى بۇلۇپ،تۆۋەندە بۇ تۈرلەر بۇيىچە  2014-يىلى  مۇكاپاتقا ئىرىشكەن بىر قىسىم ئەسەرلەرنى ھوزۇرۇڭلارغا سۇندۇق.دىيارىمىزدىنمۇ قېرىنداشلىرىمىزدىن  مۇشۇنداق مۇكاپاتقا ئىرىشكەن ھەتتا ئۇنىڭدىنمۇ ئېسىلرەك بولغان قاش ئويما ئەسەرلىرى ۋۇجۇدقا چىقسىكەن دىگەن ئۈمۈدتىمىز!46 53 63 73 91 132 141 151 161 171 181 191 201 222 231 241 251 261 271 281 291 301 313 321 331 341 351 361 371 381 391 401 411 421 1011 1111 1211 1311 2111 2211 3111

ئاخىرىدا كۆپچىلىكنى خوتەن  قاشلىرى ۋە ھەر خىل تاشلاردىن تەييارلانغان  مول داستىخانغا

 تەكلىپ قىلىمىز

431

خەتكۈش :

كۆڭۈل سۆزلىرى

error: يۆتكىمەكچى بولسىڭىز بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ