پۇل تېپىپ بېيىش-بىر خىل تەپەككۇر ئادىتىدۇر
ۋىنجۇ سودىگەرلىرىنىڭ ئۆزگىچە تەپەككۇرى
温州人想的和你不一样
سۆز بېشى
پۇل تېپىپ بېيىش-بىر خىل تەپەككۇر ئادىتىدۇر
ھەممىمىزگە مەلۇم بولغىنىدەك، يەھۇدىلار دۇنيادىكى پۇل تېپىشقا ئەڭ ماھىر كىشلەر، بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە جۇڭگودىمۇ مۇشۇنىڭغا ئوخشاش پۇل تېپىشقا ماھىر بىر توپ« يەھۇدىلار» مەيدانغا كەلدى، مانا بۇلار ۋىنجۇ سودىگەرلىرىدۇر.
بىر تورداش:« ۋىنجۇلۇقلار كۈن ئۆتكۈزۈش ئۈچۈنلا پۇل تېپىشنى ئويلىمايدۇ، ئەكسىچە بارلىق ئاماللارنى ئىشلىتىپ بېيىشقا ئۇرۇنىدۇ، چۈنكى بۇمۇ ۋىنجۇ جەمىيئىتىدە شەخىسنىڭ مۇۋەپپەقىيىتىنى ئۆلچەيدىغان ئۆلچەم!» دېگەنىدى.
ھەقىقەتەنمۇ، ۋېنجولۇقلاردىكى باي بولۇشقا بولغان ئوتتەك ھەۋەس ۋە ئىنتىلىش ئۇلارنىڭ مەڭگۈلۈك ھاياتلىق نىشانى بولۇپ قالغان. شۇ ۋەجىدىن ئۇلار ئۆز قولى بىلەن ھەرخىل ئىشلارنى قىلىپ بۇ مەقسەت ئۈچۈن تىرىشقان، نەتىجىدە ئۇلار غەلبە قىلغان.
بۈگۈنكى كۈندە ۋىنجۇلىقلار دۇنياۋى ئەڭ ئىلغار سودا كۆز-قارىشىغا ئېگە، سودىدا ئەڭ ئېپى بار، كەسىپكە پىششىق، مىللەتنىڭ خاراكتىرىنى ئىپادىلەيدىغان، كاپىتالنى ئەڭ تېز ئايلاندۇرالايدىغانلار دەپ قارالماقتا. ۋىنجۇلىقلارنىڭ بايلىقى كۈندىن-كۈنگە كۆپەيمەكتە، شۇڭا ئۇلار يېڭى دەۋىرنىڭ سودا باشلامچىلىرىغا ئايلاندى.
2005-يىلى 12-ئاينىڭ 28-كۈنى ۋىنجۇنىڭ لېچىڭ ئۇچۇش مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلگەن شەخسى ئايروپىلان تونۇشتۇرۇش يىغىنىدا 22نەپەر ۋىنجۇلۇق سودىگەر دۆلەت ئىچى-سىرتىدىكى يەتتە داڭلىق ئايروپىلان ياساش زاۋۇتى بىلەن بىرلا ۋاقىتتا 22شەخسى ئايروپىلان زاكاس قىلغان بولۇپ ،ئومۇمى قىممىتى 133مىليون200مىڭ يۈەنگە يەتكەن.
يىكەي شېركىتىنىڭ لىدىرى تۇچاڭجۇڭ ئىپادە بىلدۈرۈپ:« بۇ ئايروپىلانلار ئاساسلىقى سودىدا ئىشلىتىلىدۇ،بۇنداق بولغاندا شىركەتنىڭ ئوبرازىنى يۇقىرى كۆتۈرگىلى بولىدۇ.» دەيدۇ.
«بۇ قېتىملىق چوڭ كۆلەملىك زاكاستىن كېيىن ۋىنجۇ جۇڭگودىكى شەىسى ئايروپىلان ئەڭ كۆپ جايغا ئايلاندى.» دېدى جۇڭگو ئاممىۋى ئاۋىئاتسىيە تورىCEO دىن ياڭ شىياۋنوڭ.
2006-يىلى 9-ئاينىڭ 4-كۈنى ۋىنجۇلۇق سودىگەر لى ئەپەندى شىيامىندا 5مىليونغا ئۈچ دانە «بەخىت»، «ياخشىلىق»، «ئۇزۇن ئۆمۈر» نامىدىكى كۆكتارغاق قاش ئويمىنى سېتىۋېلىپ فۇجىيەن بويىچە قاشتېشى كىمئارتۇق سودىسىدا يەككىلەر بويىچە ئەڭ يۇقىرى باھا رىكورتىنى ياراتتى.
كىمئارتۇق سودىسى ئاياغلاشقاندىن كېيىن لى ئەپەندى ئۆزىنىڭ «بەخىت،ياخشىلىق، ئۇزۇن ئۆمۈر» دېگەن مۇشۇ ئۈچ قاش ئويمىغا كۆزى چۈشكەنلىكىنى سۆزلەپ ئۆتتى. ئۇنىڭ ئىچىدە «بەخىت» دېگەن كۆكتارغاق قاش ئويمىدا ئۆمۈر چولپىنى بوۋاينىڭ بىر بالىنى يۈدىۋالغان ئوبرازى يارىتىلغان. «ياخشىلىق» دېگەن قاش ئويمىدا ئۆمۈر چولپىنى بوۋاينىڭ قولىدا بايلىق ئەڭگۈشتەرى تۇتقان ئوبرازى يارىتىلغان. «ئۇزۇن ئۆمۈر» دېگەن قاش ئويمىدا بولسا ئۆمۈر چولپىنى بوۋاينىڭ ئەجدىھا باشلىق ھاسىنى تۇتقان ئوبرازى يارىتىلغان.
لى ئەپەندى كىمئارتۇق كەسپىدىكى خىزمەتچىلەرگە ئۆزىنىڭ يېقىندا يېڭى ئۆي سېتىۋالغانلىقى بۇ ئۈچ قاش ئويما بۇيۇمنىڭ يېڭى ئۆيىگە «ھۆسۈن قوشىدىغانلىقى >>نى سۆزلەپ بەرگەن.
بۇنىڭدەك مىساللارنى سۆزلەپ كەلسەك تۈگىمەيدۇ. شۇنىڭدىن كۆرىۋېلىشقا بولىدۇكى، ۋىنجۇلىقلارنىڭ بايلىقى كىشىنى تولىمۇ ھەيران قالدۇرىدۇ.
ۋىنجۇ بانكا نازارىتى تارماق ئىدارىسىنىڭ تەكشۈرىشىگە ئاساسلانغاندا، ھازىرغا قەدەر ۋىنجۇ خەلقىنىڭ ئايلانما كاپىتالى تەخمىنەن 150مىليارت ئەتراپىدا بولۇپ ، نوپۇزلۇق بىر كىشىنىڭ ئېيتىشىچە بۇ مەلۇمات توغرا ئەمەس ئىكەن. چۈنكى، ۋىنجۇلىقلار ئادەتتە بايلىقىنى ئاشكارلاشنى خالىمايدۇ. نۇرغۇنلىغان مىليونىر،مىليادىرلار تۇرمۇشىنى شۇنداق ئاددى-ساددا ئۆتكۈزىدۇ،كىشلەر ئۇلارنىڭ زادى قانچىلىك پۇلى بارلىقىنى بىلمەيدۇ. شۇڭلاشقا سىتاستىكا قىلىپ ئېنىقلىغىلى بولمايدۇ. خۇددى ئىقتىسادشۇناس ۋۇ جىڭلىيەن ئېيىتقىنىدەك ۋىنجۇلىقلار پۇل جەھەتتە ئىنتايىن كەمتەر . ئەمەلىي بايلىقى ئاشكارلىغان بايلىقىدىن كۆپ.
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان بېيىغان ۋىنجۇلىقلار ھەممىلا يەردە ئۆي-مۈلۈك، كۆمۈر...قاتارلىقلارغا مەبلەغ سالدى. قەيەردە پۇل تاپقىلى بولسا شۇ يەردە پەيدا بولدى.شۇنداقلا ئۇلار مەبلەغنى دائىم چوڭ تۈرلەرگە سېلىپ كىشىنى ھەيرانلىقتا قالدۇردى.شۇڭا ۋىنجۇلۇقلار بىردىنلا ھەممەيلەننىڭ نەزىرىدىكى قىزىق نۇقتىغا ئايلاندى.
ۋىنجۇلىقلارنىڭ سودا مەنبەسىنى سۆزلەشكە توغرا كەلسە خېلى بۇرۇندىن سۆزلەشكە توغرا كېلىدۇ.
ۋىنجۇ دۇڭخەي دېڭىز ياقىسىغا جايلاشقان ئۈچ تەرىپىنى تاغ ئوراپ تۇرغان، شەرق تەرىپى دېڭىزغا تۇتاشقان «تاغ-دەريالىرى تۇتاش،يېرى مۇنبەت» ئورۇنغا جايلاشقان.«ۋېنجۇ تەزكىرىسىدە» :«يەر ئاز، ئادىمى كۆپ، يەر قاتلىمى نىپىز بولغاچقا تېرىقچىلىققا ماس كەلمەيدۇ، شۇڭا بۇ يەردە قول ھۈنەرۋەنچىلىك تەرەققى قىلغان» دەپ خاتىرىلەنگەن. ئادەم كۆپ بولغانلىقتىن سۇڭ سۇلالىسىدىن باشلاپ ۋىنجۇلىقلار ئامالسىز سىرتقا چىقىپ تىرىكچىلىك قىلىشقا مەجبۇر بولغان، بەزىلىرى ھەتتا چەت ئەللەرگە چىقىپ سودا قىلىشنى باشلىغان. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار «سەييارە تىجارەتچى» دەپ ئاتالغان.
جەنۇبى سۇڭ سۇلالىسى دەۋرىدە شاۋشىڭنىڭ بىرىنچى يىلى ۋىنجۇدا شەھەرلىك دېڭىز ئىشلىرى مەھكىمىسى قۇرۇلۇپ تاشقى سودا باشقۇرۇلغان ۋە ۋىنجۇنىڭ تاشقى سودىسى بىردىنلا گۈللىنىشكە باشلىغان. جەنۇبى سۇڭ سۇلالىسىدىن خوڭمەي «يىجىيەن تەزكىرىسى» دە « ۋىنجۇلۇق داڭلىق سودىگەر جاڭيۈەن جاھاندا نامى بار دېڭىز سودىگىرى، بىر قېتىم بېرىپ كېلىشى ئۈچۈن نەچچە ئون يىل كېتىدۇ، ئەزەلدىن زىيان تارتىپ باقمىغان.» دەپ خاتىرىلىگەن. بۇنىڭدىن ئەينى ۋاقىتتىكى ۋىنجۇ سودىگەرلىرىنىڭ سودىسىنىڭ ئىنتايىن راۋاجلانغانلىقىنى كۆرىۋالغىلى بولىدۇ.
ۋىنجۇلىقلارنىڭ نەزىرىدە سىرتقا چىقىپ ئىشلەش، تىجارەت بىلەن شۇغىللىنىش ئىنتايىن شەرەپلىك ئىش ،شۇنداقلا ئۇلارنىڭ ھاياتلىقتىكى كۆرەش نىشانى ھېسابلىنىدۇ. ئۇلارنىڭ ئەزەلدىن سىرتقا چىقىپ لاغايلاپ يۈرۈش خىيالى يوق.
« باھارنىڭ كەنگىنىنى قۇشلار بالدۇر سېزەر » دېگىنىدەك، ئىسلاھات ئېچىۋىتىشنىڭ تۇنجى باھار شامىلى كەلگەندە ۋىنجۇلىقلار تۇنجى بولۇپ ھەركەتكە كەلدى ھەمدە ئارقا-ئارقىدىن جوڭگۇنىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا ۋە چەت ئەللەرگە چىقىپ سودا بىلەن شۇغۇللاندى. بۇ جەرياندا ۋېنجولۇقلارنىڭ بىلىمى كەمچىل بولغاچقا ،ئۇلارنىڭ تېخنىكىلىق ،چوڭ ئىشلارنى قىلىشقا قۇربى يەتمەيتى.شۇڭا ئۇلار ئىشنى ئەڭ جاپالىق ،باشقىلار قىلىشنى خالىمايدىغان ئىشلاردىن باشلىدى. يەنى ئۇلار پاختا ئېتىش، موزدوزلۇق، ساتىراشلىق، يايمىچىلىق ...قاتارلىق باشقىلار قىلىشنى خالىمايدىغان ئىشلارنى قىلىدى.
ۋىنجۇلىقلار ئۆزى قىلالايدىغانلىكى سودىلارنىڭ ھەممىسىنى قىلىدۇ! «ۋىنجۇ سودىگەرلىرىنىڭ ھېكايىسى يېڭىلا باشلاندى ،ۋاقتى پەقەت 20يىل، ۋىنجۇ سودىسى تېخى ياش بىر سودا توپىغا تەۋە. ۋىنجۇ شەھەرلىك ھۆكۈمەت كاتىباتلار باشلىقى جاڭ جىيابو مۇخبىرغا مۇنداق دېدى:« ۋىنجۇلۇقلار ‹كاپىتالىزىمنىڭ قالدۇق كۈچلىرىنى يوقىتىش› شوئارى توۋلانغان ۋاقىتتىمۇ ئوغۇرلۇقچە بىر قىسىم تېخنىكا تەلەپ قىلمايدىغان سودا بىلەن شۇغۇللانغان. مەسىلەن ھەسەل ھەرىسى بېقىش، پاختا ئېتىش، موزدوزلۇق ۋە كېيىن قۇشۇلغان بەش خىل مىتالچىلىق قاتارلىقلار ».
دەل مۇشۇنداق سودىدىكى زۆرۈر بولغان چېنىقىشلار ئۇلارغا ھاياتنىڭ جاپا-مۇشەقەتلىرىنى ھېس قىلدۇرغان، شۇنداقلا سودىنىڭ زۆرۈر سەرمايىسىگە ۋە مۇھىم تەجىربىلىرىگە ئېرىشتۈرگەن.
20-ئەسىرنىڭ 80-يىللىرىنىڭ باشلىرىدا بازار ئىقتىسادىنىڭ جانلىنىشىغا ئەگىشىپ، ۋىنجۇلىقلار ئۆز ئەۋزەللىكىدىن پايدىلىنىپ ئائىلە قول ھۈنەرۋەنچىلىكىنى تەرەققى قىلدۇرۇشقا باشلىدى. تاغار توقۇش، چاقماق،پىتەك، تۈگمە،كىيم-كېچەك قاتارلىق پەقەت پۇل تاپقىلى بولىدىغان ئىش بولسىلا ۋىنجۇلىقلار كىچىك كۆرمەي قىلدى. گەرچە بۇنداق ئۇششاق بويۇملاردىن كەلگەن پۇلنىڭ تىلغا ئالغۇچىلىكى بولمىسىمۇ، بىراق «بىچارە» ۋىنجۇلىقلار ھايات كەچۈرۈش ئۈچۈن تىرىشىپ-تىرمىشىپ ئىشلىدى. نەتىجىدە مەملىكەتنى تىترەتكەن ئۆزگىچە «ئائىلە ئىگىلىكى» نى ياراتتى.
1985-يىلى 5-ئاينىڭ 12-كۈنى شاڭخەي ئازادلىق گېزىتىنىڭ باش خەۋەرلەر بېتىگە :« يېزا ئىگىلىكىدە جىياڭسۇنىڭ جەنۇبى ، ئائىلە ئىگىلىكىدە جېجىياڭنىڭ جەنۇبى يەنى ـ ۋىنجۇدا 330مىڭ ئادەم ئائىلە ئىگىلىكى بىلەن شۇغۇللىنىدۇ» دېگەن تېمىدىكى مەخسۇس ماقالە ۋە شۇنىڭ بىلەن بىللە ئوبزورچىلارنىڭ «ۋىنجۇ ئىلھامى» دېگەن ماقالىسىمۇ بىرلىكتە بېسىلدى.
بۇ مەخسۇس ماقالىدە :« ۋىنجۇ ئائىلە ئىگىلىكى گۈللەپ ياشنىدى، قىسقىغىنا نەچچە يىلدا كىشىنى ھەيران قالدۇرغۇدەك ئىقتىساد مۆجىزىسىنى ياراتتى. بۈگۈنكى كۈندە ‹يېزا بازار ئىگىلىكىدە جىياڭسۇنىڭ جەنۇبىغا ، ئائىلە ئىگىلىكىدە جېجاڭنىڭ جەنۇبىغا قاراڭ › دەيدىغان قاراشنى ھەممە ئادەم ئىتراپ قىلدى» دېيىلگەنىدى.
ئوبزوردا يەنە بىر قەدەم ئىلگىرلەپ :«جېجىياڭغا جايلاشقان ۋىنجۇنىڭ كەڭ يېزا-بازارلىرى بۇ بىر نەچچە يىلدىن بۇيان نامراتلىقنى تۈگۈتىپ بېيىشقا قاراپ ماڭىدىغان بىر يېڭى ئىقتىسادى تەرەققىيات يولىغا ماڭدى. بۇ يولنىڭ ئۆزگىچىلىكى دەل ئائىلە ئىگىلىكى ۋە ھەرخىل كەسىپلەشكەن بازارنىڭ تەرەققى قىلغانلىقىدا بولۇپ، ئۇ يېزا-بازار ئىگىلىكى تەرەققى قىلغان چاڭجىياڭ دېلتىسىدىكى رايونلار بىلەن سېلىشتۇرغاندا روشەن ئالاھىدىلىككە ئىگە بولۇپ بىر قىسىم ئىقتىسادشۇناسلار تەرىپىدىن «ۋىنجۇ ئەندىزىسى» دەپ ئاتالدى.» دېگەندەك مەزمۇنلار ئوتتۇرغا قويۇلغانىدى.
20-ئەسىرنىڭ 90-يىللىرىنڭ بېشىغا كەلگەندە ۋىنجۇ خەلق كاپىتالى 300مىلياردتىن ئېشىپ كەتكەن. ئىقتىسادشۇناسلار ۋىنجۇ ئىگىلىكىنى «يىلتىز» ئىقتىسادى دەپ تەمسىل قىلغان. كىشلەر ۋىنجۇلىقلارنى «قورقۇنۇچلۇق ۋىنجۇلىقلار» دەيدىغان بولغان. چۈنكى ئۇلار « تۇپراق بولسىلا بىخ چىقىرىدىغان، كىچىككىنە كۈن نۇرى بولسىلا خۇشپۇراق چاچىدىغانلار» ئىدى.
1996-يىلىدىن باشلاپ، تېخىمۇ يۇقىرى ئۈنۈمگە ئېرىشىش ئۈچۈن ۋىنجۇ خەلق كاپىتالى سىرتقا قاراپ ئېقىشقا باشلىدى. ئۆي-مۈلۈكتىن تارتىپ كۆمۈركانچىلىققىچە ۋىنجۇلىقلارنىڭ سىرتقا ئاققان كاپىتالى ئىقتىسادشۇناسلار دىققەت قىلىدىغان نۇقتىغا ئايلاندى.
<<21-ئەسىر دۇنيا ئىقتىساد خەۋىرى» گېزىتىنىڭ 2004-يىلى 11-ئاينىڭ 24-كۈنىدىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، 2004-يىلىنىڭ ئاخىرى شەنشى چىگرىسى ئىچىدىكى %60 ئوتتۇرا كىچىك تىپتىكى كۆمۈر كانلار (دۆلەت ئىگىلىكىدىكى ۋە يەرلىك كانلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) ۋىنجۇ سودىگەرلىرى تەرىپىدىن كۆتۈرە ئېلىنغان، مەبلەغ سېلىنغان سومما 4 مىليارد يۈەندىن ئېشىپ كەتكەن ۋە بۇ سان كۈندىن-كۈنگە ئاشماقتا. ئۇلارنىڭ كونتروللىقىدىكى كاننىڭ يىللىق ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى 80مىليون توننىدىن ئېشىپ كەتكەن بولۇپ پۈتۈن مەملىكەتنىڭ 20/1نى ئىگەللەيدۇ. بۇنىڭدىن سىرت ئىچكى مۇڭغۇل، شەنشى، ئەنخۈي، خۇنەن، گۈيجۇدىكى كۆمۈر كانلار، نېفىت ۋە ئىلىكتىر ئىنىرگىيىسى ساھەلىرىگىمۇ ئاللا بۇرۇن تۈركۈملەپ ۋىنجۇلىقلار قول تىققان.
شەنشى ياكى ئىچكى مۇڭغۇلدىكى كۆمۈركان بولسۇن، سىچۈەن، گۈيجۇ قاتارلىق غەربى قىسىمدىكى سۇ-ئىلىكتىرچىلىقى بولسۇن، ۋەياكى شاڭخەي، جىياڭسۇ قاتارلىق ئورۇنلاردىكى مائارىپ، ھەتتا شىنجاڭدىكى پاختا ئېتىزلىرىدىمۇ ۋىنجۇلىق مەبلەغ سالغۇچىلارنى ئۇچراتقىلى بولىدۇ.
ئەمەلىيەتتە ۋىنجۇلۇق سودىگەرلەرنىڭ بۇ كۈنگە كەلمىكى ئاسانغا توختىمىدى. جۇڭگو دۆلەت ئەھۋالى تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇدىرى ليۇجى دېگىنىدەك :« ئىسلاھات ئېچىۋېتىلگەن دەسلەپكى يىللاردا ۋىنجۇ ئىنتايىن نامرات ئىدى. تىرىكچىلىك قىلىپ ياشاۋاتقان ۋىنجۇلىقلار ئەينى ۋاقىتتا ‹بىچارە ۋىنجۇلىقلار› دەپ ئاتالغان. 20-ئەسىرنىڭ 80-يىلىنىڭ ئوتتۇرا ۋە ئاخىرقى مەزگىلىدە ۋىنجۇنىڭ ساختا مېلى تەكشۈرۈپ چىقىلىپ يامان نامغا ئىگە بولۇپ قالغان ۋىنجۇلىقلار ‹رەزىل ۋىنجۇلىقلار› دېگەن نامغا قالغان. 20-ئەسىرنىڭ 90-يىللىرى ۋىنجۇلىقلار بازار ئىگىلىكى تەرەققىياتىدا چوڭ قەدەم تاشلاپ پۈتۈن مەملىكەتتە ۋىنجۇلىقلارنىڭ بازار ئېچىشى، پۈتۈن مەملىكەتتىكى بازارلاردا ۋىنجۇلىقلارنىڭ مەھسۇلاتلىرى بولۇشتەك ۋەزىيەتنى يارىتىپ كىشلەر تەرىپىدىن ‹قورقۇنۇچلۇق ۋىنجۇلىقلار› دەپ ئاتالدى. بۈگۈنكى كۈندىكى ۋىنجۇ مەھسۇلاتلىرى چوڭ قەدەم تاشلاپ خەلقئارا بازارغا يۈزلەندى، ئوقەتچىلەر خەلقىئارالىق تۆكمە سېتىشقا قارشى تۇرۇش ئورگانلىرى ئۈستىدىن غەلبە قىلىپ ، << ھۆرمەتكە سازاۋەر ۋىنجۇلىقلار >> دەپ ئاتالدى .
گەرچە ۋىنجۇلىقلار جۇڭگودىكى تۇنجى بىيىغان سودىگەرلەرگە ئايلانغان بولسىمۇ ، لېكىن ئۇلار تېخىچە بىيىش قەدىمىنى توختاتقىنى يوق . ئۇلارنىڭ نەزىرىدە ، بايلىق يارىتىش توختىماستىن تىجارەت قىلىش ۋە مەبلەغ سىلىشنى تەلەپ قىلىدىغان جەريان بولۇپ ، بايلىق جۇغلاشقا ئىنتىلىش ئۇلارنىڭ ھاياتلىق نىشانى، شۇنداقلا جەمىيئەتكە تۆھپە قوشۇشنىڭ بىر خىل ئۇسۇلى بولۇپ كەلگەن ، شۇڭلاشقا ، ۋىنجۇلىقلارنىڭ كىشىلەرگە بىرىدىغان تەسىرى بولسا ھەمىشە ئالدىراشلا يۈرىدىغان ، قولىدىن ئىش كېلىدىغان ھەم روھىي ئۇرغۇپ تۇرىدىغان كىشىلەر توپى .
2002-يىلى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى سانائەت تەرەققىيات ئۇيۇشمىسى ئىلگىرى پۈتۈن دۇنيادىكى ئەڭ جانلىق 20 شەھەرنى باھالاپ چىققاندا ، جۇڭگودىن پەقەت ۋىنجۇ شەھىرىلا بۇ شەرەپلىك نامغا ئىگە بولالىغان .
2004 –يىلى 11-ئاينىڭ 4-كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن «2004يىللىق CCTV جۇڭگودىكى ئون چوڭ ئىتىسادىي جانلانغان شەھەر » لەرنى مۇكاپاتلاش مۇراسىمىدا ، جېجياڭ ئۆلكىسىنىڭ ۋىنجۇ شەھىرى يەنە بىر قېتىم « ھاياتى كۈچكە تولغان شەھەر» مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.
«2004يىللىق CCTV جۇڭگودىكى ئون چوڭ ئىتىسادىي جانلانغان شەھەر » تەشكىلى ھەيئەت گورۇپپىسىنىڭ ۋىنجۇ شەھرىگە مۇكاپات تارقىتىش سۆزىدە مۇنداق دېيىلگەن:« بۇ بىر ئىش تەقسىماتىغا ماھىر شەھەر، ھەم ھەمكارلىشىپ ئىش قىلىشقا ئامراق شەھەر، يوقنى بار قىلالايدىغان شەھەر، ئۇ ئىقتىسادىي قىممەت يارىتىش بىلەن بىللە يەنە ھاياتى كۈچكە تولغان ئىقتىساد ئەندىزىسى ياراتتى. جۇڭگو خەلق ئىگىلىكىنىڭ باشلامچىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۇنىڭ مەزمۇت قەدىمى كىشلەرگە خەلق كۈچىنىڭ چەكسىزلىكىنى ۋە بازار كۈچىنى تونۇتتى.»
جۇڭگو كارخانىچىلار ئويۇشمىسى، جۇڭگو كارخانىچىلار جەمىئيىتى تىزىپ چىققان «2006-يىللىق جۇڭگودىكى 500كۈچلۈك كارخانا» ئىچىدە <<جىڭتەي>>، <<خەلق>>، << دېلىشى >>، << تيەنجىڭ >> ۋە << چاڭچىڭ >> قاتارلىق ۋىنجۇدىكى خۇسۇسىلار ئىگىلىكىدىكى شىركەتلەرمۇ بار بولۇپ ئۇلار ئايرىم-ئايرىم 208،216،257،292ۋە 346-ئورۇندا تۇرغان. بۈگۈنكى كۈندە ۋىنجۇدا مۇنداق بىر يېڭى سۆز بار:« قۇياش ھەر كۈنى بۇرۇنقىدەكلا شەرىقتىن چىقىپ غەرىپكە پاتىدۇ، بىراق ۋىنجۇنىڭ ھېكايىلىرى كۈندە يېڭىلىنىپ تۇرىدۇ» .بۇ سۆز دەل ۋىنجۇلىقلارنىڭ ئۆزگىچە تەپەككۇرىنى ئەكىس ئەتتۈرىدۇ.
«گىرىف ساياھەت خاتىرىسى» نىڭ يازغۇچىسى سىۋايفىت : « بايلىق بىزنىڭ كاللىمىزدا ۋە قەلبىمىزدە بولۇشى كېرەك» دېگەنىدى. ئەگەر بىز تەپسىلى كۆزىتىدىغان بولساق بايلار بىلەن نامراتلارنىڭ تەپەككۇرى ئوخشاش بولمايدۇ. جۇڭگودىكى تۇنجى بايلىق ياراتقان سودا باشلامچىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن ۋىنجۇلىقلارنىڭ تەپەككۇرى ئەلۋەتتە باشقىلارنىڭكىگە ئوخشىمايدۇ.
ئالدى بىلەن ۋىنجۇلۇقلار نامراتلىقنى –ئىقتىدارسىزلىقنىڭ ئىپادىسى ، پۇل تېپىشنى -ھاياتلىقنىڭ نىشانى دەپ قارايدۇ.
نۇرغۇن كىشلەر ياخشى بىر خىزمەتنى تاپقان ۋاقتىدا ۋىنجۇلىقلار ئاللىبۇرۇن سودىگەرلىكنى ئۆزىنىڭ كەسپىگە ئايلاندۇرۇپ بولغان بولىدۇ.
ئىككىنچىدىن ۋىنجۇلىقلار بازارنىڭ ئايلىنىش قانۇنىيىتىنى، ئىستىمالچىلارنىڭ ئىھتىياجىنى ئىگىلەشكە، رىقابەتچىسىنىڭ ھالىتىنى چۈشىنىشكە،ئۆزىنىمۇ ئۆزگىنىمۇ بىلىشكە ماھىر بولۇپ بازاردىكى ئۆزگۈرۈشنى بىرىنچى بولۇپ بايقىيالايدۇ. ھازىرقى بازارلىرىمىزدا باشقا نۇرغۇن كىشلەر بازارغا كىرىشىشكە ئامالسىزلىقتىن ئۇھسىنغىنىدا بازارنىڭ ئاللىبۇرۇن ۋىنجۇلىقلارنىڭ ئالقىنىغا ئۆتۈپ بولغىنىنى بايقايمىز.
ئۈچىنچىدىن ۋىنجۇلىقلار ئارتۇقچىلىقىنى جارى قىلدۇرۇپ كەمچىلىكىدىن ساقلىنىشقا، ئەۋزەللىكىدىن پايدىلىنىپ غەلبىنى قولغا كەلتۈرۈشكە ماھىر. كىشلەر ئۇششاق تاۋارلارنى كۆزگە ئىلمىغىنىدا ۋىنجۇلىقلار ئاللىبۇرۇن ئۇششاق تاۋارلار بازىرىنى مونوپۇل قىلىپ بولغان بولۇپ ،ۋىنجۇ ھازىر مەملىكەت ئىچىدىكى ئۇششاق تاۋار بازىسىغا ئايلاندى.
تۆتىنچىدىن ۋىنجۇلىقلار ۋەزىيەتنى مۆلچەرلەشكە، پۇرسەت يارىتىشقا ۋە چىڭ تۇتۇشقا ماھىر. نۇرغۇنلىغان كىشلەرنىڭ سودا پۇرسىتى ئۈچۈن باش قاتۇرىۋاتقان ۋاقتى دەل ۋىنجۇلىقلارنىڭ يانچۇقلىرىنى توملاپ بولغان ۋاقتى بولىدۇ.
بەشىنچىدىن ۋىنجۇلىقلارنىڭ سودا جەھەتتە مۇقىم قائىدىسى بولمايدۇ.ئوخشىمىغان ئەھۋالدا ئوخشىمىغان ئۇسۇل قوللىنىدۇ. نۇرغۇن ۋىنجۇلىقلارنىڭ تىجارەت ئۇسۇلى كىشىنىڭ خىيالىغا كىرمەيدۇ، ھالبۇكى ئۇلار دائىم پۇل تاپقىلى بولىدىغان يولنى تاپالايدۇ.
شۇڭا « چېچەن ۋىنجۇلىقلار»، « قورقۇنۇچلۇق ۋىنجۇلىقلار» دېگەندەك ناملار ۋىنجۇ دېگەن سۆزنىڭ ئورنىغا ئىشلىتىلىدۇ. ۋىنجۇلىقلارنىڭ نەزىرىدە بولسا بۇ پەقەت « ۋىنجۇ روھى» خالاس.
ئۇنداقتا ۋىنجۇ روھى زادى نېمىلەردىن ئىبارەت؟
«ۋىنجۇ روھى» :« قۇرۇق قول ئىگىلىك تىكلەش، جاپادىن قورقماسلىق، بوشاشماي ئىلگىرلەش، توختىماي ئالغا بېسىش، توختىماي تەرەققى قىلش، توختىماي يۈكسىلىش، ئوڭۇشسىز شارائىتتىمۇ تىرىشىپ ياخشى ئۆگىنىدىغان، چىدامچان، ناچار شارائىت ۋە ھېرىپ-چارچاشتىن قورقمايدىغان، مەقسىتىگە يەتمىگۈچە تەن بەرمەيدىغان، قورقماس، يولۋاس ئۇۋىسىغا كىرىشتىنمۇ يانمايدىغان، كالىنىڭ قۇيرۇقى بولغۇچە قۇشنىڭ بېشى بولىدىغان، ئۆزگىرىشكە ماھىر، چېچەن،قولىدىن ئېش كېلىدىغان، ئىگىلىك تىكلەشكە ماھىر، مۇھىتقا ماسلىشىش ئىقتىدارى كۈچلۈك، ئۆز ئالدىغا خوجايىن بولۇش ئىستىكى كۈچلۈك، مەڭگۈ بوشاشمايدىغان روھنى كۆرسىتىدۇ.>>
ۋىنجۇ شەھەرلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى لىچياڭ :« ‹ۋىنجۇلىقلار روھى› ۋىنجۇنىڭ ئەڭ بىباھا بايلىقى ھەم ۋىنجۇنىڭ ئەڭ چوڭ ئۆزگىچىلىكى » دېدى. شۇنىڭدىن كۆرىۋېلىشقا بولىدۇكى ۋىنجۇلىقلارنىڭ روھى ھەقىقەتەن ئۇلارنىڭ پەخىرلىنىشىگە ئەرزىيدۇ.بۇ يەردىكى ۋىنجۇ روھى ئەمەلىيەتتە ۋىنجۇلىقلارنىڭ ئىدىيىۋى قارىشى ۋە ھەركەت مىزانى . ۋىنجۇلىقلار تۇغما سودىگەر ،بۇ نۇقتىغا ھېچقانداق گۇمان يوق. بىر ۋىنجۇلۇق تورداش تەشەككۈر بىلدۈرۈپ :« بۇنداق قىلىشىمىز بىزگە ھېچقانداق ئالاھىدە تۇيۇلمايدۇ، لېكىن باشقىلارنىڭ نەزىرىدە بۇ ئۆزگىچىلىك دەپ قارىلىدۇ. ئەمەلىيەتتە ۋىنجۇدىكى ئىگىلىك تىكلەپ باي بولۇش پەقەت بىر غەلبە قىلىشنىڭ ئىپادىلىنىشى» دېگەنىدى.
تەيجۇ يالتىراق شاھى ۋاڭ يوڭچىڭ :« بىر ئىش قىلشتا ئىدىيە ھەممىدىن مۇھىم. ئىدىيە توغرا بولغاندا ئىزچىللاشتۇرۇش بىر قەدەر ئاسانلىشىپ ئىشلار تېز بېجىرىلىدۇ. ئىدىيەدە ىاتالىق كۆرۈلگەندە كاللا ئىشلىمەي قېلىپ ھەرقانداق ئىشتا خاتالىق كۆرۈلىدۇ. ئەمەلىيەتمۇ دەل مۇشۇنداق بېيىش بىر خىل تەپەككۇر ئادىتى، سەندە پەقەت بايلارغا خاس تەپەككۇر ئادىتى بولغاندىلا ئاندىن باي بولالايسەن. ئەگەر سەندە بايلارغا خاس تەپەككۇر ئادىتى بولمايدىكەن سەن مەڭگۈ نامرات خالاس، پەقەت بېيىدىغان تەپەككۇر ئۇسۇلى ۋە ھەركەت مىزانىغا ئىگە بولغاندىلا سەن ئاندىن ھەقىقى بېيىش يولىغا قەدەم ئالالايسەن.» دېگەنىدى.
مەنبە: 时事出版社 نەشىر قىلغان
温州人想的和你不一样 ناملىق كىتاب
2014-يىلى 24-قېتىملىق نەشىرى
ئەقىدە قاشگەرلىكى شىركىتى تەرجىمىسى
تەرجىمان : ئابدۇللا ئۆمەر
تەرجىمە تەھرىرى : رەيھانگۈل نىزام
2015-يىلى 5-ئاينىڭ 17-كۈنى