A-A+

ئوقۇش پۈتتۈرۈش ئالدىدا تۇرىۋاتقان ئوقۇغۇچىلارغا پۇرسەت بېرىش كېرەك

2015-يىل 8-ئاپرېل تەرجىمە كىتابلىرىمىز باھا يوقكەن زىيارەت: 183 قېتىم

مايۈننىڭ ئىگىلىك تىكلەش دەرسخانىسى

48cb3cfd-6653-4408-ab50-887c34a234ec

9-دەرس 5-پارىگىراپ 

ئوقۇش پۈتتۈرۈش ئالدىدا تۇرىۋاتقان ئوقۇغۇچىلارغا

پۇرسەت بېرىش كېرەك

ئادەتتىكى ئەھۋال ئاستىدا، كارخانىلار شۇ يىلى يېڭىدىن ئوقۇش پۈتتۈرىدىغان ئوقۇغۇچىلارغا ئانچە قىزىقىپ كەتمەيدۇ. يېڭىدىن ئوقۇش پۈتتۈرىدىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ خىزمەت تەجرىبىسى كەمچىل، جەمئىيەتنى كۆرمىگەن، «ئوقۇغۇچىلىق ھالىتى» دىن تېخى تولۇق ئايرىلالمىغان بولغاچقا، نۇرغۇنلىغان ساھەلەردە مۇستەقىل ئىش قىلالايدىغان ئىقتىدارغا ئىگە ئەمەس.

ئىگىلىك تىكلەشنىڭ دەسلىپىدە، ئالى بابا بۇ خىلدىكى ئوقۇغۇچىلارغا ئانچە قىزىقىپ كەتمىگەن. دەسلەپتە، مايۈنمۇ شۇ يىلى  ئوقۇش پۈتتۈرىدىغان ئوقۇغۇچىلارنى ئۆزىگە قوشۇۋېلىشىنى ئەزەلدىن ئويلىشىپ باقمىغان. چۈنكى مايۈننىڭ قارىشىچە، ئۇلار ھايات يولىدا ھېچقانچە ئەگرى-توقايلىقلارغا ئۇچراپ باقمىغاچقا، بىر ئىشنى زېھىن قويۇپ قىلالمايىتتى، دائىم خىزمەت ئالماشتۇراتتى. بۇ خىل ئوينىڭ تۈرتكىسىدە، مايۈن يېڭى ئوقۇش پۈتتۈرىدىغان ئوقۇغۇچىلارغا بېرىلگەن ئەڭ ياخشى پۇرسەت «پۇرسەت بەرمەسلىك» دەپ قارايىتتى. مايۈن ھەتتا مۇنداق دېگەن: «جۇڭگو ئالىي مەكتەپلىرى ئوقۇغۇچىلارغا بىلىم ئۆگىتەلەيدۇ، ئەمما ئوقۇغۇچىلاردا ماھارەت يېتىلدۈرەلمەيدۇ، بۇ ھەرگىزمۇ ياخشى مائارىپ ھېسابلانمايدۇ. جۇڭگو ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ كۆپ قىسىمى ئەقىل-پاراسەت ۋە ئىجتىمائىي ئىقتىدار جەھەتلەردە بىر-بىرىدىن پەرقلىنىپ كەتمەيدۇ.»

بىر قېتىملىق تاسادىپىي پۇرسەتتە، ئەمدىلا ئوقۇش پۈتتۈرگەن چېن بىجىيې ئالى باباغا كېلىپ خىزمەت قىلغان. ئۇنىڭ توختىماستىن كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقى ۋە ئالى بابانىڭ كۆڭۈل قويۇپ تەربىيەلىشى ئارقىلىق، چېن بىجىيې قىسقىغىنە يەتتە يىل ئىچىدە بىر ئادەتتىكى سېتىقچىدىن مۇئاۋىن باش لىدىرلىق ئورنىغا چىققان. بۇ مايۈنگە شۇنداق ئەسكەرتىش بەرگەن: يېڭىدىن ئوقۇش پۈتۈرىدىغان بىر ئوقۇغۇچىدا پەقەت ئەقلىي قابىلىيەتلا بولىدىكەن، ئۇنى تەربىيەلەپ يېتىلدۈرۈش جەمئىيەت تەجرىبىسى مول بولغان باشقا كىشىلەرگە قارىغاندا ناھايىتى ئاسان ئىدى.

شۇ يىلى ئوقۇش پۈتتۈرىدىغان ئوقۇغۇچىلار تېخى پىشىپ يېتىلمىگەن ۋاقىتتا، سىز ئاستا-ئاستا ئۇنى يېتەكلىسىڭىز بولىدۇ، بۇنداقتا ئۇنىڭ تەپەككۇر ئۇسۇلى ۋە ئىش قىلىش ئۇسۇلى سىزنىڭ تەلپىڭىزگە يېقىنلىشىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە لايىھەلەش ئىدىيەسىمۇ بارغانسېرى شىركەتنىڭ تېخنىكا تەلپىگە ئۇيغۇنلىشىدۇ.

ئەمما تەجرىبىلىك خىزمەتچى ئوخشىمايدۇ، ئۇنىڭ ئەسلىدىكى خىزمەت ئادىتى ھازىر ئىشلەۋاتقان شىركىتىگە ئۇيغۇن كەلمەسلىكى، ھەتتا ئىدىيەنىڭ ئوخشىماسلىقى سەۋەبلىك خىزمەتچىلەر ۋە باشقا رەھبەرلەر بىلەن سۈركىلىش يۈز بېرىشى مۇمكىن. بۇ خىل ئەھۋال كۆرۈلمەيدۇ دەپ قارىساقمۇ، ئۇنىڭغا ھازىرقى شىركەتنىڭ ئىدىيەسى ۋە قىممەت قارىشىنى قوبۇل قىلدۇرۇش ئاسان ئەمەس. بۇ خۇددى باشقىلار ئاللىقاچان سىزىپ بولغان رەسىمنىڭ ئۈستىگە خەت يازماقچى بولساق، چوقۇم ئەسلىدىكى خەتنى ئۆچۈرىۋېتىپ قايتىدىن يازغانغا ئوخشايدۇ، بۇ خىل ئۇسۇل باشقا ئاق قەغەزگە يېڭىدىن يازغانغا يەتمەيدۇ.

ئەلۋەتتە، مايۈن بۇ قائىدىنى باشقىلارغا قارىغاندا تېخىمۇ چۈشىنىدۇ. ئۇ چېن بىجىيې باش لىدىرلىق ئورنىغا چىقىشتىن بۇرۇنلا، ئۆزىنىڭ يېڭىدىن ئوقۇش پۈتتۈرىدىغان ئوقۇغۇچىلارغا بولغان ئەسلىدىكى قارىشىنى ئۆزگەرتىپ مۇندا دېگەن: «ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئاق قەغەز، يېڭى شەيئىلەرنى ئاسانلا قوبۇل قىلالايدۇ، ئىختىساسلىق خادىملارغا ئايلىنىش نىسبىتىمۇ باشقىلارغا سېلىشتۇرغاندا يۇقىرى.» مايۈننىڭ قارىشىچە، ياشلاردا پەقەت ئەستايىدىللىق بولسىلا، كارخانا ئۇلارنى تايغان تىپىدىكى ئىختىساسلىق خادىم قاتارىدا تەربىلىيەلەيىتتى، شۇڭا مايۈن مۇنداق دېگەن: «ئەگەر بىر ياش مەن بۈگۈن بۇ خىزمەتنى قىلىمەن دەپ، ئۈچ يىلدىن كېيىنمۇ بۇ خىزمەتنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرالىسا، ئۇنداقتا سىز ئۇنىڭغا چوقۇم پۇرسەت بېرىشىڭىز كېرەك.»

شۇنىڭدىن باشلاپ، ئالى بابا ئالىي مەكتەپلەردىن كەڭ كۆلەمدە خىزمەتچى قوبۇل قىلىشنى باشلىغان. مۇنەۋۋەر ئىختىساس ئىگىلىرىنى بايقاش ئۈچۈن، ئالى بابا نۇرغۇن پەم ئىشلەتكەن: ئالى بابانىڭ خىزمەتچى قوبۇل قىلىش خادىمى مەكتەپ ئىچىدە خۇددى كىچىك سودىگەر ياكى سېتىقچىغا ئوخشاش توۋلاپ: «كۆپچىلىك ئالى بابانىڭ سىلەرگە ماس كېلىدىغان-كەلمەيدىغانلىقىغا قاراپ بېقىڭلار!» دېگەن، بۇ خىل «يېقىنلىق ھېسىياتى» تەبئىيلا ئوقۇغۇچىلارنىڭ ياختۇرۇشىغا ئېرىشكەن. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئالى بابا ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن كاتتا مۇكاپاتلارنى تەييارلىغان: يېزىقچە ئىمتىھاندا بىرىنچى بولغانلارغا 20 مىڭ يۈەن مۇكاپات بەرگەن، قوبۇل قىلىنغان ھەر بىر خىزمەتچى ئالى بابانىڭ قەرەللىك پاي ھوقۇقىغا ئېرىشەلەيدىغان بولغان، بۇنىڭلىق بىلەن قالماستىن، ئالى بابا يېڭى قوبۇل قىلىنغان خىزمەتچىلەرنىڭ تەرەققىياتى ۋە تەربىيەلىنىشى ئۈچۈن كۆپ مىقداردا پىلان تۈزگەن.

مايۈن ھەتتا مۇنداق دېگەن: «ئادەتتىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھەممىسىنى گۇگل ۋە مىكروسوفىت ئېلىپ كەتتى، ئەمما بىزنىڭ قوبۇل قىلغىنىمىز ئادەتتىكى ئوقۇغۇچىلار ئەمەس.»

يېڭىدىن ئوقۇش پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارنى قوبۇل قىلغان بولغاچقا، شىركەتتىمۇ بۇ جەھەتتىكى ئىدىيىۋى تەييارلىق بولۇشى كېرەك: ئۇلارغا خاتالىق ئۆتكۈزىدىغان ۋە خاراكتېرىنى نامايان قىلىدىغان پۇرسەت بېرىشى كېرەك، شۇنداق قىلغاندىلا كوھكەنلەر بۇ خام قاش (قاشتېشى) لارنى بۈيۈك سەنئەت بۇيۇمىغا ئايلاندۇرالايدۇ. ھەر بىر ئادەمدە تۇغۇلۇشىدىن تەجرىبە بولغان ئەمەس، ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىدىمۇ شۇنداق. ئۇلارنىڭ ۋەزىپىسى بىلىم جۇغلاش، ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن خىزمەت ئورنىغا بېرىپ ئۆگەنگەنلىرىنى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش، بۇ ئارقىلىق ھەقىقىي تەجرىبىگە ئېرىشىشتىن ئىبارەت. شۇنىڭ ئۈچۈن، يېڭىدىن ئوقۇش پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارنى قوبۇل قىلغاندا تۆۋەندىكى بىر نەچچە نوقتىغا كۆپرەك دېققەت قىلىش لازىم:

ئاۋال، كەسپى بىلىملىرى ۋە ئەمەلىي ئىقتىدارىنىڭ قانچىلىك ئىكەنلىكىگە قاراش كېرەك. شۇ قاراردا ئوقۇش پۈتتۈرىدىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەمەلىي تەجرىبىسى ئومۇميۈزلۈك كەمچىل بولغاچقا، ئۇلارنىڭ كەسپى ئىقتىدارى ۋە ساپاسىنىڭ ئىپادىلىنىشى تەس، شۇڭا ئۇلارنىڭ كەپى ساپاسىغا قويۇلىدىغان تەلەپ بىر قەدەر يۇقىرى بولۇشى كېرەك. ئوقۇغۇچىلارنىڭ كەسپى نەتىجىسىنىڭ قانداق بولۇشى ئۇلارنىڭ ئەستايىدىللىقى ۋە ئەمەلىيەتچانلىقىغا باغلىق، شۇڭا بۇ ئاۋال ئويلىشىلدىغان ئامىل بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

ئاندىن، ئوقۇغۇچىلاردا ئۆزىگە نىسبەتەن مۇۋاپىق ئېنىقلىما بولۇش، كارخانا مەدەنىيىتىگە تېز سۈرئەتتە سىڭىپ كىرەلەيدىغان بولۇشى كېرەك. كارخانا ئاۋال جاسارەتلىك، قىزغىنلىقى يۇقىرى، ئالغا ئىنتىلىش روھى ۋە يېڭىلىق يارىتىش ئېڭى كۈچلۈك، كارخانىدا ئۇزۇن مەزگىل تەرەققىي قىلىشنى خالايدىغان ئوقۇغۇچىلارنى ئويلىشىش، ھەمدە زامانىمىزدىكى ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىدا ناھايىتى ئاسانلا مەغلۇبىيەتچىلىك ھېسىياتى پەيدا بولۇپ قالىدىغانلىقىنى چۈشىنىش كېرەك. شۇ سەۋەبتىن، كارخانا ئاۋال ئۇلارنىڭ ئۆز كەسپىگە بولغان ئېنىقلىمىسىنى چۈشىنىش، ئەڭ ياخشىسى ئۆزىنىڭ كەسپى ھاياتىغا نىسبەتەن ئېنىق پىلانى بار ئوقۇغۇچىلارنى قوبۇل قىلىش كېرەك.

ئەڭ ئاخىرىدا، ئوقۇغۇچىلاردا ماسلىشىش ئىقتىدارى ۋە كوللىكتىپ ھەمكارلىق روھىنىڭ بار-يوقلۇقىغا قاراش كېرەك. ئادەتتە ئەمدىلا ئالىي مەكتەپ دەرۋازىسىدىن چىققان ئوقۇغۇچىلاردا ماسلىشىش ئىقتىدارى ۋە ھەمكارلىق ئېڭى ئومۇميۈزلۈك تۆۋەن بولۇپ، خىزمەتداشلىرى ۋە رەھبەرلىرى بىلەن بولغان پىكىرلىشىش جەھەتتە مۇئەييەن يېتەرسىزلىكلەر ساقلىنىدۇ. شۇ سەۋەبتىن، خىزمەتكە ئىلتىماس قىلغۇچىدا كوللىكتىپچانلىق روھنىڭ بار-يوقلۇقى ئۇنىڭ قوبۇل قىلىنىش-قىلالماسلىقىدىكى مۇھىم ئۆلچەم بولۇشى كېرەك.

***************

مەنبە : چىڭدۇ دەۋر نەشىرياتى 2014-يىلى 7-ئايلىق تۇنجى نەشىرى

<< مايۈننىڭ ئىگىلىك تىكلەش دەرسخانىسى >> ناملىق كىتاب

تەرجىمە قىلغۇچى : ئەقىدە قاشگەرلىكى  شىركىتى – ئۇيغۇر قاشتېشى تورى

WWW.UYHQT.CN

تەرجىمان : ئابدۇللا ئۆمەر

تەرجىمە تەھرىرى : رەيھانگۈل نىزام

2015-يىلى

كۆڭۈل سۆزلىرى

error: يۆتكىمەكچى بولسىڭىز بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ