A-A+

روزىغار باشقۇرۇشتا سوغۇققان بولغان تۈزۈك

2017-يىل 9-مارت كاپىتال ئىگىلىكى باھا يوقكەن زىيارەت: 101 قېتىم

ھازىر بىر قىسىم كىشىلەر بانكىنىڭ ئۆسۈمىنى ئاز كۆرۈپ، ئېشىنچا پۇلى بولسا روزىغارچىلىق مەھسۇلاتلىرى

理财产品  li cai chan pin  غا مەبلەغ سېلىۋاتىدۇ، ھەتتا بىر قىسىم كىشىلەر ئېشىنچا پۇلى بولمىسا، قەرز ئېلىپ روزىغارچىلىق مەھسۇلاتلىرىنى سېتىۋېلىۋاتىدۇ.
timg

بەزىلەر تور بانكىسى ئارقىلىق مەلۇم پۇل مۇئامىلە كارخانىلىرىنىڭ روزىغارچىلىق مەھسۇلاتلىرىنى سېتىۋېلىپ، ناۋادا چاتاق چىقسا، تور بانكىسى قاراشلىق بانكا مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالىدۇ، دەپ ئويلايدۇ. ئەمەلىيەتتە بۇ بىر خىل خاتا قاراش. تور بانكىسى پەقەت تۆلەش سۇپىسى بولۇپ، ھەرگىز روزىغارچىلىق مەھسۇلاتلىرىنى ساتقان كارخانا ئەمەس، شۇنداق بولغانىكەن، ئۇ مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالمايدۇ.

يۇقىرى تاپاۋەتنىڭ ئۆزىگە چۇشلۇق خەتىرى بولىدۇ، شۇڭا، يۇقىرى ئۆسۈمگە قىزىقىپ قالغاندا چوقۇم سوغۇققانلىق بىلەن ئەستايىدىل ئويلىنىشىمىز، قارىغۇلارچە ئىشىنىپ ھەممىدىن قۇرۇق قېلىشتىن ساقلىنىشىمىز كېرەك.

مىسال 1: شەھەر ئاھالىسى جاڭ خەي 2014–يىلى 10–ئايدا مەلۇم بانكىدىن قەرز كارتىسى بېجىرىپ، 300 مىڭ يۈەن ئامانەت قويغان. بىر كۈنى ئۇ دوستلىرى بىلەن مەبلەغ سېلىش توغرىسىدا پاراڭلىشىۋاتقاندا، دوستىنىڭ «ھازىر نۇرغۇن پۇل مۇئامىلە كارخانىلىرى تور بانكىسى ئارقىلىق روزىغارچىلىق مەھسۇلاتلىرىنى سېتىۋاتىدۇ، كىرىمى يۇقىرى ھەم مۇقىم، ئۆسۈمى %10تىن ئاشىدۇ» دېگەن سۆزى «پۇل ئارقىلىق پۇل تېپىش»نى ئويلاۋاتقان جاڭ خەينىڭ دىققىتىنى تارتقان.

دوستلىرىنىڭ ئاللىقاچان ئىش باشلاپ كەتكىنىنى كۆرگەن جاڭ خەي كۆڭلىدە: بۇ پۇل تېپىشنىڭ ياخشى ئۇسۇلىكەن، بەرىبىر كارتىدىكى پۇلنى ھازىر ئىشلەتمىگەندىكىن، ئالدى بىلەن 200 مىڭ يۈەنلىك سېتىۋالاي، يېرىم يىلدىلا 15 مىڭ يۈەن ئۆسۈمگە ئېرىشكىلى بولىدىكەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە، سودىنى بانكىنىڭ تور بانكا سىستېمىسى ئارقىلىق ئېلىپ بارغاندىن كېيىن چاتاق چىقمايدۇ، دەپ ئويلىغان.

شۇنىڭ بىلەن جاڭ خەي 2014–يىلىنىڭ ئاخىرىدا تور بانكىسى ئارقىلىق مەلۇم شىركەتنىڭ 200 مىڭ يۈەن قىممىتىدىكى روزىغارچىلىق مەھسۇلاتىنى سېتىۋالغان. جاڭ خەي دەسلەپكى ئۈچ ئايدا ھەر ئايلىق ئۆسۈم ۋە پايدا ئەھۋالى توغرىسىدىكى قىسقا ئۇچۇرنى تاپشۇرۇۋالغان، بۇ ئۇنى تولىمۇ خاتىرجەم قىلغان. 2015–يىلى 6–ئايدا يېرىم يىللىق مۆھلەت توشۇپ، جاڭ خەي بانكىغا كېلىپ پۇلىنى ئېلىۋالماقچى بولغاندا، خىزمەتچى خادىملار ئۇنىڭغا كارتىسىدا پەقەت 100 مىڭ يۈەن بارلىقىنى ئېيتقان. «ئۇنداقتا 200 مىڭ يۈەن دىر ھەم 15 مىڭ يۈەن ئۆسۈم نەگە كەتتى؟» بۇ ئىش جاڭ خەينى گاڭگىرىتىپ قويغان.

جاڭ خەي مۇنداق دەپ قارىغان: مەن سېتىۋالغان روزىغارچىلىق مەھسۇلاتلىرىغا مەزكۇر بانكىنىڭ تور بانكىسى ئارقىلىق پۇل تۆلەش بېكىتىلگەنىكەن، ئۇنداقتا بۇ بانكىنىڭ چوقۇم روزىغارچىلىق مەھسۇلاتلىرى شىركىتى بىلەن ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى بار، مەبلەغ بىخەتەرلىكىدە مەسىلە كۆرۈلگەنىكەن، بانكا تۆلەپ بېرىشى كېرەك. جاڭ خەي شۇنىڭدىن كېيىن كۆپ قېتىم مەزكۇر بانكىغا بېرىپ، ئۆزىنىڭ 200 مىڭ يۈەن دىرى ھەم 15 مىڭ يۈەن ئۆسۈم پۇلىنى قايتۇرۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان بولسىمۇ بانكا رەت قىلغان.

شۇنىڭ بىلەن جاڭ خەي مەزكۇر بانكا ئۈستىدىن سوت مەھكىمىسىگە ئەرز سۇنغان. سوت مەھكىمىسى قاراپ چىققاندىن كېيىن جاڭ خەي سېتىۋالغان روزىغارچىلىق مەھسۇلاتلىرىنى باشقا تور سۇپىسىدا سودىلىشىپ، پەقەت مەزكۇر بانكىنىڭ تور بانكىسى ئارقىلىق ھېسابات ئاغدۇرغانلىقى، ئۇنىڭ سېتىۋالغىنى بانكىنىڭ روزىغارچىلىق مەھسۇلاتى ئەمەسلىكى، بانكىنىڭ روزىغارچىلىق مەھسۇلاتلىرى شىركىتى بىلەن ۋاكالىتەن سېتىش ھەمكارلىقىنىڭ يوقلۇقىنى ئېنىقلىغان. ج خ تارماقلىرى مەزكۇر روزىغارچىلىق مەھسۇلاتلىرى شىركىتىنى جامائەت ئامانەت پۇلىنى قانۇنسىز يىغىش گۇمانى بىلەن دېلو تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈۋاتقان بولۇپ، جاڭ خەي ج خ ئورگانلىرىغا دېلو مەلۇم قىلىشى كېرەك ئىكەن.

سوت مەھكىمىسى: جاڭ خەي تور بانكىسى ئارقىلىق روزىغارچىلىق مەھسۇلاتلىرىنى سېتىۋالغاندا، سېتىۋالغىنىنىڭ مەزكۇر بانكىنىڭ مەھسۇلاتلىرى ئەمەسلىكىنى بىلىدۇ، بۇ، ئۆز ئىختىيارى بىلەن مەبلەغ سېلىشقا كىرىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن مەبلەغ سېلىشتىن كېلىپ چىققان ئىقتىسادىي زىياننى ئۆزى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك، بانكىنىڭ بىۋاسىتە مۇناسىۋىتى يوق، دەپ قاراپ، جاڭ خەينىڭ ئەرزىنى رەت قىلغان.

مىسال 2: شىن خۇەن بىلەن ياۋ ۋىي 2014–يىلى 8–ئايدا ھاۋالىلىك روزىغارچىلىق توختامى ئىمزالاپ، شىن خۇەن قاتناش بانكىسىنىڭ ئىناۋەتلىك كارتىسىنى ياۋ ۋىينىڭ روزىغارچىلىق قىلىشىپ بېرىشىگە بېرىدىغانغا، ياۋ ۋىي ھەر ئايدا روزىغارچىلىق پايدىسى ئۈچۈن شىن خۇەنگە 2200 يۈەن بېرىدىغانغا كېلىشكەن. كېيىن ياۋ ۋىي ئىناۋەتلىك كارتىدىن ئىلگىرى–كېيىن بولۇپ 27 مىڭ 300 يۈەن ئېلىپ روزىغارچىلىق قىلغان. ياۋ ۋىي 2014–يىلى 9–ئايدىن 12–ئايغىچە روزىغارچىلىق پايدىسى نامى بىلەن شىن خۇەنگە 4550 يۈەن بەرگەن، كېيىن ئۇلارنىڭ ئالاقىسى ئۈزۈلۈپ قالغان، بانكا شىن خۇەننى پۇلنى قايتۇرۇشقا سۈيلىگەن ھەم ئاخىر ئىناۋەتلىك كارتىنى توڭلىتىۋەتكەن، ئامالسىز قالغان شىن خۇەن باشقىلاردىن قەرز سوراپ بانكىنىڭ پۇلىنى قايتۇرغان.

شىن خۇەن ياۋ ۋىي توختامغا خىلاپلىق قىلىپ، مەنپەئىتىمنى زىيانغا ئۇچراتتى، دەپ قاراپ، ياۋ ۋىيدىن 27 مىڭ 300 يۈەن روزىغارچىلىق دىرى ۋە مەنپەئىتىنى زىيانغا ئۇچراتقانلىقى ئۈچۈن 10 مىڭ يۈەن تۆلەم ئېلىپ بېرىش توغرىسىدا سوتقا ئەرز سۇنغان.

سوت مەھكىمىسى قاراپ چىققاندىن كېيىن مۇنداق دەپ قارىغان: تەرەپلەر تۈزگەن ھاۋالىلىك روزىغارچىلىق توختامى گەرچە تەرەپلەرنىڭ ئەينى مۇددىئاسىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، تەرەپلەر قانۇنلۇق شەكىل بىلەن قانۇنسىز مەقسىتىنى يوشۇرغان، توختامنىڭ مەزمۇنى قانۇن ۋە مەمۇرىي نىزاملاردىكى مەجبۇرلاش خاراكتېرىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپ، مەزكۇر توختام ئىناۋەتسىز توختامغا كىرىدۇ. ياۋ ۋىي شىن خۇەنگە روزىغارچىلىق دىرىنى قايتۇرۇشى كېرەك، 10 مىڭ يۈەن تۆلەم تەلىپىنى مەھكىمىمىز قوللىمايدۇ.

جۇڭگو ‹‹قانۇنچىلىق گېزىتى››دىن

مەنبە : نۇر تورى

خەتكۈش :

كۆڭۈل سۆزلىرى

error: يۆتكىمەكچى بولسىڭىز بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ